پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 8 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 146|ئىنكاس: 7

دۇنيادىكى ئون چوڭ ئەخلەت يېمەكلىك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

62

تېما

28

دوست

4729

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1019 سەر
تىللا
183 دانە
تۆھپە
910 سەر
شۆھرەت
934 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-17 00:49:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر
مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئىسسقلىقى يۇقىرى، تەركىبىدىكى ماي مىقدارى ۋە ئوكسىدلانغان ماددا مىقدارى كۆپ، داۋاملىق ئىستېمال قىلغاندا سەمىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، قاندىكى ماي يۇقىرى بولۇش تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ خەتەرلىك يېمەكلىك. مايدا پىشۇرۇش جەريانىدا، داۋاملىق زور مىقداردا راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ. تەتقىقاتتا ئاللىقاچان، داۋاملىق مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكنى يىگۈچىلەرنىڭ راك كېسىلى قوزغىلىش نىسبىتى مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكنى ئاز يەيدىغان ياكى يىمەيدىغانلاردىن يۇقىرى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.

2.كونسېرۋا تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر
مەيلى مېۋە كونسىرۋاسى بولسۇن ياكى گۆش كونسېرۋالىرى بولسۇن، بۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ئېلېمنېتلىرى زور دەرىجىدە بۇزۇلغان، بولۇپمۇ ھەر خىل ۋىتامىنلار ئاساسەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. ئۇنىڭدىن سىرت، كونسېرۋا مەھسۇلاتلىرىدىكى ئاقسىل تەركىبى داۋاملىك ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقتىن، ھەزىم قىلىنىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ، ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ تۆۋەنلەيدۇ. يەنە، نۇرغۇنلىغان مېۋە تۈرلۈك كونسېرۋالار تەركىبىدە بىر قەدەر يۇقىرى بولغان قەنت تەركىبى بار بولۇپ، سۇيۇقلۇق ۋاسىتىلىك ھالدا ئادەم بەدىنىگە سۈمۈرۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قەنت تەركىبىنىڭ سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرىلاپ قاندىكى قەنتنىڭ زور دەرىجىدە ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇيقۇلۇقنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئېنېرگىيە بىر قەدەر يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئوڭايلا سەمىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. تۇزلۇق سۇغا چىلاپ تەييارلانغان يېمەكلىكلەر
تۇزلۇق سۇغا چىلانغان يېمەكلىكەرنى تەييارلاشتا، كۆپ مىقداردا تۇز سېلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۇ خىل يېمەكلىكنىڭ تۇز تەركىبى ئارتىپ كېتىپ، داۋاملىق بۇ خىل يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ بۆرەك يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىپ، يۇقىرى قان بېسىمىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى يۇقىرىلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، يېمەكلىك تۇزغا چىلىنىش جەريانىدا زور مىقداردا راك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى نىتروزامىننى ھاسىل قىلىپ، بۇرۇن ياللۇغى راكى قاتارلىق يامان خاراكتېرلىك ئۆسمىلەرنىڭ قوزغىلىش خەتىرىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ. شۇنداقلا، يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى تۇز تەركىبى ئۈچەي يولىدىكى شىللىق پەردىگە زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، شۇڭا داۋاملىق تۇزغا چىلانغان يېمەكلىك ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى ۋە جارائىتى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى.

4. پىششىقلانغان گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر
بۇ تۈردىكى يېمەكلىك تەركىبىدە بەلگىلىك دەرىجىدە نىتروزامىن بار بولۇپ، راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بار. بۇنىڭدىن سىرت، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى، رەڭنى قېنىقلىتىش دورىسى ۋە رەڭنى ساقلاپ قالغۇچى قاتارلىق دورىلار ئىشلىتىلگەنلىكىتىن، ئىستېمال قىلغۇچىنىڭ جىگىرىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

5. سېمىز گۆش ۋە ھايۋانات ئىچكى ئەزاسى تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر

تەركىبىدە گەرچە بەلگىلىك مىقداردا ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل، ۋىتامىن ۋە مېنىرال ماددىلار بولسىمۇ، ئەمما سېمىز گۆش ۋە ھايۋانات ئىچكى ئەزالىرى تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر تەركىبىدە كۆپ مىقداردا تويۇنغان ماي ۋە خولېسترول بار بولغاچقا، يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئىككى تۈرلۈك ئامىل بار ئىكەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلگەن، ئۇزۇن مۇددەت ھايۋانات ئىچكى ئەزالىرىنى ئىستېمال قىلغاندا يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكى ۋە يامان خاراكتېرلىك ئۆسمىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى يۇقىرىلايدۇ.

6. خام قايماق يېمەكلىكلىرى
داۋاملىق خام قايماق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېگەندە بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىدۇ، ھەتتا قاندىكى شېكەر ۋە قاندىكى ماينىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تاماقتىن ئىلگىرى خام قايماقلىق تورت قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلغاندا، ئىشتىھا تۇتۇلۇپ قالىدۇ. ماي تەركىبى ۋە قەنت تەركىبى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەر دائىم ئاشقازان-ئۈچەي قۇرۇقدىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەتتا ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچنىڭ تەتۈر يۆنىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاچ قورساققا خام قايماق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا مەيدە ئېچىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

7. تەييار چۆپ
تەييار چۆپ يۇقىرى تۇز تەركىبى، يۇقىرى مايلىق، تۆۋەن ۋىتامىنلىق، تۆۋەن مېنىرال ماددىلىق يېمەكلىككە تەۋە. بىر تەرەپتىن تۇز مىقدارى بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىپ، قان بېسىمىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بەلگىلىك مىقداردىكى سۈنئىي ماي تەركىبىنىڭ يۈرەك-قان تومۇرغا نىسبەتەن خېلى زور ئەكىس تەسىرى بار. ئۇنىڭدىن سىرت چىرىشتىن ساقلىنىش دورىسى ۋە خۇشپۇراق دورا قاتارلىقلار جىگەر قاتارلىق ئەزالارغا بولغان يوشۇرۇن تەسىرى خېلى چوڭ بولۇشى مۇمكىن.

8. قاقلاپ پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر
راكنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئۆتكۈر خېمىيىلىك تەركىبكە ئىگە.

9. سوغۇق يېمەكلىكلەر
مۇز قايماق، ماروژنى قاتارلىقلار. بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەردە ئۈچ خىل مەسىلە بار: بىر قەدەر يۇقىرى خام قايمان تەركىبى بار بولۇپ، ئوڭايلا سەمىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ قەنت تەركىبى يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئىشتىھانى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ؛ تېمپيۇراتۇرىسى تۆۋەن بولغانلىقتىن ئاشقازان-ئۈچەي يولىنى غىدىقلايدۇ.

10.بالقاق، ئەينۇلا، مىۋە قېقى قاتارلىقلار

بۇ يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى نىتروزامىن، ئادەم بەدىنىدە ئامىن بىلەن بىرلىشىپ، راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يوشۇرۇن نىتروزامىن ئامىننى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن؛ تەركىبىدىكى خۇشپۇراق دورىلار جىگەرنى زىيانغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن؛ يۇقىرى تۇز تەركىبى قان بېسىمى ئۆرلەش ۋە بۆرەكنىڭ يۈكى ئارتىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

مەنبە :« تۇرمۇش مەسلەھەتچىسى» ناملىق كىتاب
بايرىمىڭلارنى تەبرىكلەيمەن
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

145

تېما

68

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5446 سەر
تىللا
732 دانە
تۆھپە
6089 سەر
شۆھرەت
3994 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-17 09:41:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايىتى ياخشى ئاگاھلاندۇرۇش بوپتۇ رەھمەت سىزگە .
بۈگۈنكى ئارام كۈنىڭلار مۇنبەردە مەنىلىك ئۆتكەي!

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-17 14:23:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر  مەكتەپ  ئەتراپىدىكى  كىچىك يايمىلاردا  بۇنداق  ئەخلەت يىمەكلىكلەر بەك كۆپ.
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-17 14:23:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنىڭ  ئامراقلىقىنى  دىمەيسىز  تېخى بۇ ئەخلەتلەرگە....
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5084 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9295 سەر
شۆھرەت
4202 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-17 14:43:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوتلۇق ئەپەندى ياخشىمۇسىز ؟
ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز . ھازىر بالىلىرىمىز بۇ ئەخلەت يىمەكلىككە ئامراق بولۇپلا قالماي بەلكى  قورامىغا يەتكەن ياشلىرىمىزمۇ بۇ يىمەكلىكلەرنىڭ  سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ  ئىستىمال قىلماقتا . بۇ تېمىڭىز ئۇلارغا ئازراق بولسىمۇ ئاگاھلاندۇرۇش بولار .
رەھمەت سىزگە
ئاشۇ ئوتلىرىڭىز بىلەن بۇ ئەخلەتلەرنى كۆيدۈرۋېتىڭا بولمىسا

باھا سۆز

ئوتلۇق شۇنداق قىلغۇم بار .بىراق بۇ سەۋەپتىن ئوقۇتقۇچىلار تەتىلدە تىرۇرلۇققا قارشى ئۇگۇنۇشكە چۇشەمىكى يەنە ...  يوللىغان ۋاقتى 2012-11-17 23:50

5

تېما

9

دوست

613

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
134 سەر
تىللا
3 دانە
تۆھپە
117 سەر
شۆھرەت
144 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-17 16:17:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسى مەن ئامراق نەرسىلەركەنغۇ..

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5660 سەر
تىللا
1765 دانە
تۆھپە
6466 سەر
شۆھرەت
4266 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-17 22:50:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخلەت يىمەكلىكنى ئۇقۇۋالدىم رەخمەت سىزگە
ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5084 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9295 سەر
شۆھرەت
4202 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 00:10:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەركەتنى مەخپى ئېلىپ بارماي ئوچۇق ئاشكارە ئېلىپ بېرىڭ .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 08:37, Processed in 0.388423 second(s), 41 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش