بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-5 20:08
دانـىـشـمـەنـلـەر قـىـزلارغـا نـىـمە دەيدۇ؟
1.ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ ئەڭ گۈزىلى ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئورانغىنىدۇر. ھەقىقەتەنمۇ قىزلار قەلەم قاش، شەھلا كۆز ، ئۇزۇن چاچ، كېلىشكەن، گۈزەل بولسىمۇ شەرم-ھايالىق بولمىسا، ئۇلارنى ھېچكىم گۈزەل دېمەيدۇ. ئىپپەتلىك قىز دېگەندە، كۆز ئالدىمىزغا تەبئىي مۇلايىم، ئەقىل-پاراسەتلىك، ھايالىق، نومۇسچان، ئاتا-ئانىغا مېھرىبان، قېرىنداشلىرىغا كۆيۈمچان، چوڭ-كىچىكلەرگە ئېتىبارلىق قىز نامايەن بولىدۇ ۋە بۇنداقلار كۆزىمىزگە چىرايلىق، يېقىملىق كۆرىنىدۇ. ھايا كىشىلەرنى يامان يولدىن قايتۇرغۇچى ۋە ياخشىلىققا ئۈندىگۈچىدۇر. كىمنىڭ ھاياسى بولمىسا، شۇنىڭ ئۇيتى بولمايدۇ ۋە بارچە قەبىھ ئىشلارنى قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ.

2. ئەي قىزىم، ئىپپەت- ۋىجدانىي پاكلىق، نۇمۇس، ھايا دېگەنلىكتۇر. قىزلارنىڭ تەبىئىتىگە خاس پاكىزلىق، ھايا، نەپسىلىك، زىيانلىق، ھوشيارلىق كەبى پەزىلەتلەر ئۇلارنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن، لاتاپىتىگە لاتاپەت قوشىدۇ. قىزنىڭ ھۆسنى-يېرىم بايلىق، ئەقلى بولسا خەزىنە. ئۇلۇغ ئالىم ئىبىن سىنا:‹‹ئىنساندا مەڭگۈ تۇرىدىغان ھۆسىن ۋە لاتاپەتلىك ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر، ھاياسىز يۈز جانسىز جەسەت كەبىيدۇر›› دېگەن ئىدى. دەر ھەقىقەت ئادەمنى ئۆزىگە تارتىدىغان، ئىسسق كۆرسىتىدىغان نەرسە-كىشنىڭ ھايا ۋە ئىپپىتىدۇر. ھايا ۋە ئىپپەتنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەنگەن قىز ھامانەم ھەققىي ئىنسانلىق خاراكتېرىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ.

3. ئەي قىزىم، تىل بىلەن يۈرەك- ياخشلىق بىلەن يامانلىقنىڭ بۇلىقى. بۇ ئىككىسى ياخشى بولسا، ئادەممۇ بەختلىك ۋە ياخشى بولىدۇ. بۇ ئىككىسى يامان بولسا، ئادەممۇ يامانلىق ۋە بەختسىزلىكتىن خالىي بولالمايدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب: تىل-يۈرەكنىڭ جارچىسى. يۈرەك نېمىنى ئويلىسا، تىل شۇنى سۆزلەيدۇ، كۆڭۈلگە كەلگەننى ئالەمگە ئايان قىلىدۇ، كىشلەر سۆزگە ئۇستىلىقى بىلەن ماختانسا، سەن سۈ كۈت قىلىش بىلەن ماختان. ھەر نەرسىنىڭ دەلىلى بار. ئەقلىنىڭ دەلىلى-پىكىر، پىكىرنىڭ دەلىلى-سۈكۈتتۇر. سەن سۈ كۈت قىلىش ئارقىلىق ئۆز مەقسىتىڭگە يېتەلەيسەن. سۈكۈتتىن يىراقلاشساڭ مەغلۇبىيەت سېنى قارشى ئالىدۇ.

4. ئەي قىزىم، كىشىنىڭ خاپا بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدا مەسىلە سورىما. ئەگەر سېنىڭ خاپا بولۇپ تۇرغان ۋاقتىڭدا بىراۋ مەسىلە سورىسا، سۆزىگە قاراپ جاۋاب بەر، ئەقلىڭ يەتمەس سۆزنى سۆزلىمە، كۈچۈ ڭ يەتمەس ئىشقا ئېسىلما. ھەر ئىشتا ئوتتۇرىھاللىقىنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك . جامائەت بار يەردە، مەجلىستە بىرگە سۆزۈڭ بولسا، ئاشكارە سۆزلە، زۆرۈر بولمىسا، پىچىرلاپ سۆزلىشىشنىڭ ھېچ پايدىسى يوق. ھەر تۈرلۈك سۆزنى ئاڭلىساڭ گوياكى ئاجىزلىقىدىن كۈچلەنگەندەك ئاڭلىغىن. بۇ سۆزلەر مەيلى كېرەككە كەلسۇن-كەلمىسۇن، جېنىڭ، تېنىڭ بىلەن ئاڭلا. چۈنكى سۆز بىر سەدەپكە ئوخشايدۇ. ئۇ كۆڭۈل دەرياسىدىن چىقىدۇ.

5. ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ نازاكىتىنى، قىزلىق قەدىر-قىممىتىنى ئاشۇرىدىغان ئەمەللەرنىڭ كاتتىسى سىلىق-سىپايە، دەل جايغا كەلتۈرۈپ، مېھرىبانلىق پۇرىقىنى سىڭدۈرۈپ تۇرۇپ ئەدەپلىك سۆزلەشتۇر. سۆزلىگەندىمۇ راست سۆزلەش، گەپنى قىسقا، مېغىزلىق قىلىشقا، مەنىلىك، ئورۇنلۇق سۆزلەشكە ئادەتلىنىش؛ ئۇزۇن، بىمەززە سۆزلەپ كىشىلەرنى بىزار قىلماسلىق كېرەك. خەلقىمىز تولا گەپ قىلىدىغان كىشىلەرنى ئەدەپسىز، كوت-كوت، لاۋزا دەپ ئاتايدۇ. كۆپ گەپ قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭلا گېپىنى يورغىلىتىدۇ، خاراكتېرىدىن مەمەدانلىق چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپ گەپ قىلىشىدىكى مەقسىتى ئۆزىنى كۆرسىتىشتۇر.
مەنبە: ‹‹بولاق›› ژورنىلى
|