پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3604 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 10 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 179|ئىنكاس: 11

كەپتۇدەك

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

126

تېما

19

دوست

4530

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1225 سەر
تىللا
477 دانە
تۆھپە
767 سەر
شۆھرەت
682 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 14:04:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-5 14:09  

كەپتۇدەك

(ساتېرا)

مۇھەممەتجان راشىدىن

بىزنى يەنە بىر ئۆمەك گوللىغىلى كەپتۇدەك،
پۇل خەجلىسەك ئىلغار دەپ يوللىغىلى كەپتۇدەك.
پىچىر-پىچىر گەپ تولا: كۈتۈۋالسا كىم ياخشى،
ئەڭ ئاۋۋىلى شۇلارنى قوللىغىلى كەپتۇدەك.

مۇپەتتىشكەن ئاتىقى، مېھمانخانا ياتىقى،
قانمىغۇچە ئويۇنغا ئېچىلمايدۇ قاپىقى،
ئىچىۋالسا ئاز ئەمەس مۇلازىمغا چاتىقى،
ئۇنىمىسا ئۇلارنى زورلىغىلى كەپتۇدەك.

كىمدە بولسا ئەمەل-تاج، شۇنىڭ بىلەن گېپى بىر،
ئوينايدىغان مەشرىپى، چالىدىغان دېپى بىر،
تارتىدىغان ئوغلىقى، مىنىدىغان ئېتى بىر،
شۇلار بىلەن يەپ-ئىچىپ ئوينىغىلى كەپتۇدەك.

بىزنىڭ باشلىق چىڭ چىقتى: باشلىۋېتىپ سەيلىنى،
قوشۇپ بېرىپ قىز-چوكان، تارتىۋالدى مەيلىنى،
(ھاڭرالماسكەن ئېشەكمۇ مايلاپ قويسا كەينىنى)،
ماراپ يۈرۈپ قىز-جۇۋان ئوۋلىغىلى كەپتۇدەك.

شەنبە كۈنى يېشىل باغ ئۇلار ئۈچۈن خىزمەتتە،
قېلىشمايدۇ شەنبىدىن يەكشەنبىمۇ ئەلۋەتتە،
قاتارلىشىپ پىكاپلار تاغقا ماڭدى رەت-رەتتە،
چۈنكى، ئۇلار بۆرە بوپ قوي يېگىلى كەپتۇدەك.

تىلى بارۇ، سۆزى يوق پۇقرالارغا ياققۇدەك،
ئۆزى بارۇ، كۆزى يوق نامراتلارغا باققۇدەك،
لازىملىقنى ئۆزىگە ئەمما، پۇراپ تاپقۇدەك،
بىزگە ياقماس بىر ناخشا توۋلىغىلى كەپتۇدەك.

قۇلاقلىرى بار، ئەمما ئەرز، ئىنكاس تىڭشىماس،
ئون كەلسىمۇ نامراتنىڭ ھال-كۈنىنى ئوڭشىماس،
تاپىنىدا ئۇلارنىڭ ئەسلا خامان يۇمشىماس،
خۇيى تۇتسا پۇقرانى تىللىغىلى كەپتۇدەك.

يالغان قايسى، راست قايسى؟ بىلىپ تۇرۇپ ئۈنچىقماس،
قۇرۇپ كەتكەن ئېتىزنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۈنچىقماس.
ئەگىز سۇدا كۈندە قول يۇيۇپ تۇرۇپ ئۈنچىقماس،
ئۆزگىنىمۇ ئۆزىدەك بۇلغىغىلى كەپتۇدەك.

ساھىبخاننى قىستاركەن قىشتا قىمىز تاپقىن، دەپ،
بايتاللىرىڭ بولمىسا، ئاتلىرىڭنى ساغقىن، دەپ،
بۇيرۇيدىكەن ئورماندىن قىرغاۋۇللار ئاتقىن، دەپ،
بىزنى سېلىق ئالۋاڭغا بۇيرۇغىلى كەپتۇدەك.

ياخشىلارنى ماختىماس،  يامان بىلەن كارى يوق،
دۇتار ئىكەن گويا بىر، قۇلىقى بار، تارى يوق،
تۈگىتىدۇ تەكشۈرۈپ، تەدبىرى يوق، چارە يوق،
بىزنى كالۋا-دۆت كۆرۈپ كوملىغىلى كەپتۇدەك.

كۆپ كۆرگەنمىز بۇ يەڭلىغ تەكشۈرگۈچى ئۆمەكنى،
تەڭلەپ قويۇپ قايتىشار ئاغزىمىزغا جۈمەكنى،
بۆلەپ قويۇپ بۆشۈككە، سېلىپ قويۇپ شۈمەكنى،
چىداملىقنى بىز كەبىي خىللىغىلى كەپتۇدەك.

قايتىپ بېرىپ ئاشۇلار باشلىقىغا نېمە دەر؟
بۇ يەردىغۇ كۈندە گۆش، ئۆيلىرىدە نېمە يەر؟
مىڭ پاتمانلىق خىزمەتنى ئاران ئىشلەپ ئالتە سەر،
شەرەپشاننى دەيۈزلەر خورلىغىلى كەپتۇدەك.
ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
نونى + 4 + 4 + 4 + 4ياخشى تېما.
ئالىم + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.
ئاينۇر + 10 + 5 + 10 + 10بارىكاللار تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 19 تىللا + 14 تۆھپە + 19 شۆھرەت + 19  باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5087 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9298 سەر
شۆھرەت
4205 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 14:31:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايتىپ بېرىپ باشلىققا ،
سىزنى ماختاپ بەرگىدەك .
ئوقۇتۇشنى ، ئارخىپنى ،
ياخشى بوپتۇ دىگىدەك .

سىز بەرگەچكە كۈندە گۆش ،
سىزنى ماختاپ يۈرگىدەك .
ئامان بولساق بىر كۈنى ،
يەنە كېلەرمىز دىگىدەك .

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5663 سەر
تىللا
1765 دانە
تۆھپە
6469 سەر
شۆھرەت
4269 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 14:35:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھىدىن ئاكا ياخشىمۇ سىز . مەنمۇ شۇ مۇھەممەت راشىدىننىڭ شىئېرلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمەن . ئۇنىڭ يازغان شىئېرلىرىنىڭ تىل قۇرۇلمىسى ناھايتى يىنىك  چۈشۈنۈشلۈك تىللار ئارقىلىق يازىدۇ .رەخمەت سىزگە
ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

53

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1415 سەر
تىللا
10225 دانە
تۆھپە
1080 سەر
شۆھرەت
960 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 15:09:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز بەك ئۆتكۈر  قەلىمىڭىزگە بارىكاللا  

126

تېما

19

دوست

4530

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1225 سەر
تىللا
477 دانە
تۆھپە
767 سەر
شۆھرەت
682 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 15:46:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز بەك ئۆتكۈر  قەلىمىڭىزگە بارىكاللا  
بۇ  ئەل سۆيگەن ئۇستاز شائىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ساتېراسى.

126

تېما

35

دوست

7505

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1608 سەر
تىللا
442 دانە
تۆھپە
1519 سەر
شۆھرەت
1419 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 15:57:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھىدىن ئەپەندىم! كۆپ رەھمەت سىزگە!ھەقىقەتەن ئىسىل تىما يوللاپسىز!
ئانا تىل بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

1

تېما

0

دوست

214

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
35 سەر
تىللا
28 دانە
تۆھپە
54 سەر
شۆھرەت
34 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 16:07:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇتىمىنى يوللغۇچىغا كۆپ رەھمەت ..داۋاملىق ئاشۇنداق تەمىنلەڭ؟؟؟

44

تېما

16

دوست

4762

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1099 سەر
تىللا
219 دانە
تۆھپە
1123 سەر
شۆھرەت
793 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 17:07:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شېئىرلىرى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ . بۇ- مەن كۆرمىگەن ساتىرا ئىكەن . زوقلىنىش پۇرسىتى بەرگىنىڭگە رەھمەت !
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

0

تېما

0

دوست

9

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
1 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
5 سەر
شۆھرەت
0 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 17:40:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت   داۋاملىق ئېسىل ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرۇڭ

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 17:53:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شېئىرلىرى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ . بۇ- مەن كۆرمىگەن ساتىرا ئىكەن . زوقلىنىش پۇرسىتى بەرگىنىڭگە رەھمەت !
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 11:02, Processed in 0.384272 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش