بۇ كېچە (غەزەل) مەمتىمىن ياسىن ئاي ئۈزەر ئاسماندا ئەگىپ ، دىلدا شاتلىق بۇ كېچە ، تەمى مىڭ دىلبەر مەسەللىك لەۋزى تاتلىق ، بۇ كېچە. . "توقۇمىچى" قىزنى ئىزدەپ "پادىچى" كەتكەن ئۇزاپ ، ھېچ كۆرۈنمەس يا پىيادە ياكى ئاتلىق، بۇ كېچە. . كۆز قىسىپ كۈلگەن لېۋەنلەر ئىچىدە "چولپان" لا يوق ، بەلكى، كەتتى بولغىلى يارىغا ياتلىق بۇ كېچە. . يۇلقۇنۇپ چىقماقنى ئىزدەر ، دەۋرىشىپ جىسمىم ئارا ، ئالجىغان تەلۋە خىيال –ئەركەكچە ياشلىق بۇ كېچە. . مەن ئىجات پەرىسى بىرلە قول تۇتۇپ كەتتىم ئۇزاپ ، قالدى ئارماندا تۈمەن سۇمبۇلە چاچلىق بۇ كېچە. . 2012-يىل 11-ئاينىڭ 4-كۈنى مەنبە : ئۆز ئىجادىيىتىم |