ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى سۆزى
مەن كەڭ كەسىپداشلارغا بۇ ئاددىي نوتۇقنى سۇندۇم ، چۈنكى ھەممىمىزنىڭ يۈرىكى ئوخشاش . مۇۋاپىق ئورۇندا پايدىلىنارسىلەر .
بىزنىڭ يۈرەك سۆزىمىز
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ، ئۇستازلار ، ساۋاقداشلار : بىز بۈگۈن بۇ يەرگە جەم بولۇپ ئون ئىككى يىل مەرىپەت بۇلىقىدا سۇ ئىچىپ يۈكسەك ئارزۇلار چوققىسىغا چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئالدىدا تۇرغان . يۈرەك قېنىمىز بىلەن سۇغۇرۇپ ، ساپ مېھىرىمىز بىلەن پەرۋىش قىلغان ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى ئۇزىتىش ئالدىدا تۇرماقتىمىز .
ئۇستاز – شاگىرتلىق ، ساۋاقداشلىق مېھىرى مەڭگۈ ئۈزۈلمەس رىشتە . چۈنكى بۇ مېھىر – مۇھەببەت تالاي ماڭلاي تەرلىرى ، يۈرەك سۆزلىرى ، ئۈن - تىنسىز سۈكۈتلەر ئىچىدە ئورنىتىلغان .
ئىنسان ئەسلىي مەندىن چەكسىز مېھىربانلىقى بىلەن باشقا مەۋجۈداتلاردىن پەرقلەنسە كېرەك . شۇڭا بىز ئەڭ ئىنتىلدىغان ۋە ئىزدەيدىغان نەرسە يەنىلا مېھىر – مۇھەببەت . قايسىدۇر بىر شائىر : « يۈرەك ئۇ بىر پارچە گۆش مېھىر - مۇھەببەت بولمىسا ، مۇھەببەتنىڭ ئوتى ئۇنى پارە – پارە قىلمسا » دەپ ئىنسانلار ئارىسىدىكى مەڭگۈلۈك قوياش بولغان مېھىر – مۇھەببەتنى ناھايىتى ياخشى سۆرەتلەپ بەرگەن . بىز ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئازادە مەيدانلاردا ، ئاپپاق بور توزانلىرى ئىچىدە ، كىتاب ۋاراقلىرى ئۈستىدە ، تاپشۇرۇق دەپتەرلىرى ئارىسىدا ئورنىتىلغان بۇ مېھرىمىز ئەبەدىيلىك چاقنىغۇسى .
« بىر تال گۈل سورىساڭ ، بىر قۇچاق بېرەي » مانا بۇ ئوقۇتقۇچىدىكى روھ . مانا مۇشۇنداق چەكسىزلىك ئىچىدە پەرۋىش قىلىنغان سىلاردەك ئوقۇغۇچىلىرىمىزدىن بىز يەنە نۇرغۇن تەلەپلەرنى كۈتىمىز . سىلەر قەدەم بېسىش ئالدىدا تۇرغان بۇ جەمئىيەت سىلەردىن زور بەدەل تۆلەشنى ، كىشلىك رولوڭلارنى ۋە روھىڭلارنى تولوق جارى قىلدۇرشىڭلارنى ئۈمىد قىلماقتا .
ساۋاقداشلار بۈيۈك ئالىمىمىز ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن : « مىللەتنى يالغۇز توپ – زەمبىرەك ئوقىلا ئامەس ، چېكىملىك نەيزىسى ، ئىچىملىك رومكىسى بىلەن بۇزۇقچىلىقمۇ خارۇ – زەبۇن قىلالايدۇ . ئىمان – ئىتقادلىق ، غورۇر – ۋىجدانلىق ئەركەكلىرىمىز ۋە ئىپپەت – نومۇسنى جېنىدىن ئەزىز بىلىدىغان قىز – ئاياللىرىمىز ئارىسىدىن بىر تۈركۈم قەھىرمانلارنىڭ چىقىپ ، ھەممە ئۈنۈملۈك ۋاستىلەر بىلەن ( زەھەرلىك چېكىملىك ۋە جىنسىي چىرىكلىك ) بۇ ئىككى < قىيامەت بورىنى> سىياقىدىكى ئىپلاس ھادىسىنى چەكلەشكە جان پىدا قىلىشىنى تارىخىمىز تەققازا قىلماقتا » دەپ ئىيىتقان . سىلەر جەمئىيەتكە مانا مۇشۇنداق پاك مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەت بىلەن قەدەم قويغۇچىدۇرسىلەر ، شۇڭا بارلىقىڭلار ئىرادىلىك بولۇڭلار . مىللەت يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت ۋە مىللەت يولۇققان قاباھەتلەردىن ئۆزۈڭلارنى قاچۇرماڭلار . بىز بىرلىكتە تىرىشىپ بەختنىڭ ئىگىز چوققىلىرىدىن يولتۇزلارغا تەڭ قول سۇنايلى ! |