تۇرپان ۋىلايىتى پىچان ناھىيىلىك پىئونىرلار تەشكىلاتى «قىزىل گالىستۇك پارتىيىگە تەلپۇنىدۇ» پائالىيىتى تەشكىللىدى 2012 -يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى پىچان ناھىيىلىك پىئونىرلار تەشكىلاتى ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەرقايسى يېزا –بازارلىق پىئونىرلار تەشكىلاتى تەربىيىچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن زىيارەت ئەترىتى تەشكىللەپ لۇكچۈن مەركىزى مەكتەپ،پىچان ناھىيىلىك لەمجىن مەزكىزى مەكتەپ،يەيىنچاڭ مەكتەپ ،ناھىيىلىك ئىقتىساسلىقلار مەكتىۋىدىن ئىبارەت تۆت ئورۇندا جۇڭگو پىئونىرلار ئەترىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 63 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن « قىزىل گالىستۇكلۇقلارنىڭ قەلبى پارتىيىگە تەلپۈنىدۇ » ئاساسىي تېمىسىدىكى ئەترەت پائالىيىتى تەشكىللىدى.بۇ قىتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللەشتىكى مەقسەت ئەترەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 63يىللىقىنى خاتېرلەش شۇنداقلا ئەترەتنىڭ ئاۋانگارتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ،«4تە ياخشى» ئۆسمۈرلەردىن بۇلۇپ ،ياخشى نەتىيجە يارىتىىش ،ۋەتەننى يۇرتنى سۆيۈش تەربىيىسى ئىلىپ بىرىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ قىتىمقى پائالىيەتكە ناھىيىلىك ئىتتىپاق كۇمۇتىتىنىڭ شۈجىسى رەجەپ ئەپەندىم ،گۈلنۇر شۆھرەت قاتارلىقلار قاتناشتى. ئىتتىپاق كۇمىتىتى بۇ قىتىمقى پائالىيەتتە ھەرقايسى مەكتەپلەرگە0 1000يۈئەندىن بۇلۇپ جەمىي 40000يۈئەن قىممىتىدىكى بالىلار ئوقۇشلۇقى تەقدىم قىلدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا asrar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-16 22:10
|