خىيال شارى
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
فارابىي شۆھرىتى بارلىقتا چىن مەنانى ئەسلەتتى، يۈسۈپ، مەھمۇد سىماھى ماڭا بار دۇنيانى ئەسلەتتى.
نەۋائىي نەزمىسىدىن پۈتتى ھېكمەت دۇرلىرى چاقناپ، نە ئىنسان، ئەۋلىياغا قەترىدىن دەريانى ئەسلەتتى.
نەفىسە روھى قان بەرگەن يۈرەكلەر بىپايان ۋەتىنىم، مۇقاملار دەشتلىرىمدە جەننەتۇلمەئۋانى ئەسلەتتى.
قەلەندەر شاھى مەشرەپ قېنىدا ئۆركەشلىگەن چۇقان، زەكىيلەر قىسمىتى-باشىمدىكى سەۋدانى ئەسلەتتى.
تالايلاپ نۇزۇگۇم كەتتى، ئانا يەر تەڭرىنىڭ باغرى، قىيامەت دەھشىتى دۇلدۇل، ساداق، ئوقيانى ئەسلەتتى.
چۆكۈپ«ئۇيغۇر»كۆزىگە قالدى زۇلمەتلەر تىرەن لەيلەپ، قەلەمنىڭ شۆھرىتىگە بۇھايات ھەقدانى ئەسلەتتى.
ئۆلۈم ئۇ، ئەڭ مۇقەددەس بىر ھاياتنىڭ ئىپتىداسىدۇر، جاراھەتلىك ئېسىم لەكمىڭ ئۇلۇق دانانى ئەسلەتتى... 1999-يىلى، 5-ئاينىڭ 23-كۈنى.
بۇ غەزەل«تارىم»ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان. |