پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 179|ئىنكاس: 6

«ئىككى ئاساسەن»[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
65
قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 21:50:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«ئىككى ئاساسەن»


ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

ئەيلەي سېنىڭ سىرىڭنى بايان «ئىككى ئاساسەن»،
بولغىن ئەمدى ئەلگە سەن ئايان «ئىككى ئاساسەن»،
خورىتاردىڭ بولسىمۇ مىڭ جان «ئىككى ئاساسەن»،
چىدالماستىن كۆتۈردۈم چۇقان «ئىككى ئاساسەن»،
يازسام سېنى پۈتىدۇ داستان «ئىككى ئاساسەن».

توققۇز يىللىق مائارىپ ئومۇملاشتى بىزدە دەپ،
بالىلارنى ئوقۇتۇش ئۇدۇملاشتى بىزدە دەپ،
ساۋاتسىزلىق يوق، ساپا چوقۇم ئاشتى بىزدە دەپ،
مەدەنىيەت، پەن، ئىلىم ئۇقۇملاشتى بىزدە دەپ،
تۆھپىمىزنى كۆرسەتتىڭ ئاسمان «ئىككى ئاساسەن».

نەدە تېخى بىزگە ئۇ، ئۆتمەك قىيىن ئۆتكەلدىن،
يىراق تۇرساق بىز تېخى تالاي مىللەت كۆپ ئەلدىن،
يورىمىسا دىلىمىز ئىلىم نۇرى ــــــ مەشئەلدىن،
ئۆزىمىزنى قاچۇرساق ئىلىم ئۈچۈن بەدەلدىن،
گۈۋاھ بولسۇن سۆزۈمگە ۋىجدان «ئىككى ئاساسەن».

تالاي سەبىي بالىلار ئوقۇيالماي ھەسرەتتە،
ئوقۇي دېسە نە سىنىپ، نە پارتا يوق ئەلۋەتتە،
ئاشپەز، ناۋاي ئالدىدا تۇرار ئۇلار ئۆچرەتتە،
ئەۋلادلارنىڭ تەقدىرى ئېچىنىشلىق قىسمەتتە،
ھەقىقەتنى يوشۇردۇڭ ھامان «ئىككى ئاساسەن».

ئوقۇغانغا سېلىق كۆپ، يوللىرىنى تورۇدۇڭ،
ئوقۇمىسا ئوقۇ دەپ، شوئار توۋلاپ جورۇدۇڭ،
ئۆزىمىزنىڭ يېغىدا گۆشىمىزنى قورۇدۇڭ،
تەتۈر شامال چىقىرىپ كۈلىمىزنى سورۇدۇڭ،
بولدۇق سېنىڭ ئالدىڭدا پايخان «ئىككى ئاساسەن».

مەيخانىلار-قاۋاقلار قاتار-قاتار رەستىدە،
ئۆتەلمەيمىز خوجايىن، خېنىملارنىڭ دەستىدە،
مەكتەپلەرگە ئورۇن يوق پۇل تېپىشنىڭ قەستىدە،
چۈنكى بىزنىڭ ئورنىمىز ھەممىسىدىن پەستە-دە،
نېچۈن ئىلىم مۇنبىرى ۋەيران «ئىككى ئاساسەن».

نېسى قالدى مائاشمۇ ئىشلەشنى نەخ ئىشلىدۇق،
قامدىيالماي تۇرمۇشنى لېۋىمىزنى چىشلىدۇق،
يازغۇ ئۆتتى غورا يەپ، قىشنى تەستە قىشلىدۇق،
قۇتۇلالماي يۈگەندىن ئىچىمىزگە كىشنىدۇق،
يوقتۇر ئەمدى پۇت-قولدا دەرمان «ئىككى ئاساسەن».

قۇرۇق شوئار قەغەزگە بۇزدۇق، چاچتۇق پۇلنى بىز،
تىلەمچىدەك ئۇزۇتۇپ ھەر تەرەپكە قولنى بىز،
يالغان دوكلات تەييارلاپ تاپتۇق ئوبدان يولنى بىز،
يۇقىرىنى ئالدىدۇق باسماي پۇختا ئۇلنى بىز،
قىلار ساختا بايراقلار جەۋلان «ئىككى ئاساسەن».

توختاپ قالدى ئوقۇشمۇ يالغان ساناق سان يېزىپ،
ساختىلىقنىڭ كانىدىن گۆھەر ئىزدەپ، تاش قېزىپ،
نەگە كەتتى ھوش كاللا ، كەتتۇق ئاخىر بىز ئېزىپ،
بىر سىزىقنى مىڭ قېتىم، بىر جەدىۋەلنى مىڭ سىزىپ،
بولدى ئاخىر ھالىمىز نىمجان «ئىككى ئاساسەن».

ساختا ئارخىپ راسلىدۇق تولۇپ كەتتى خالتىلار،
بىزنى شۇنداق قىستىدى، نېمە ئامال كاتتىلار،
پۇتىمىزنى چاپمامدۇ تەييار تۇرسا پالتىلار؟
«بارىكاللا» دېيىشەر كۆرسە ئەقلى كالتىلار،
بىزگە شۇنداق ئوخشايدۇ پەرمان «ئىككى ئاساسەن».

ئالىم قىلدۇق ئوقۇتۇپ تۇغۇلمىغان بوۋاقنى،
ساۋاتسىزنى ئۆلتۈردۇق، يەڭگۈشلىدۇق قالپاقنى،
تاغدەك جەدىۋەل تولدۇردۇق، يالغان يوللاپ ساناقنى،
كىم ئالاركىن بىزلەردىن ئاقىۋەتتە سوراقنى؟
نېمە بولدى بىلمىدۇق جاھان «ئىككى ئاساسەن».

ئۆزىمىزدىن ئالدۇق بىز ئىمتىھاننى –سىناقنى،
ئوقۇغۇچى بولدۇق بىز تولغاپ تۇرغاچ قۇلاقنى،
نومۇر قويدۇق توقساندىن قۇرۇپ قويغاچ قىلتاقنى،
ساپا ئۆستى جاپادا ئۇنۇتماڭ بۇ ساۋاقنى،
چەشلەپ قويدۇق نومۇردىن خامان «ئىككى ئاساسەن».

بالىلاردا ئېۋەن كۆپ كەلمەس ئوقۇش ماس دېدۇق،
مىڭنى ئەما-قارىغۇ، مىڭنى گاچا-گاس دېدۇق،
قايرىپ قويۇپ ئۆلچەمنى ئۆزىمىزگە خاس دېدۇق،
قاراپ تۇرۇپ مىڭ تۇلۇم يالغاننى بىز راس دېدۇق،
ئارىمىزدا بولغاچقا شەيتان «ئىككى ئاساسەن».

قېنى بىزگە دەم ئېلىش، تەتىل دېگەن قۇرۇق گەپ،
كېچە-كۈندۈز ئىشلىدۇق ئىچىمىزدە دېدۇق خەپ،
قەغەزلەرنىڭ دۆۋىسىنى تۇتتۇق يۇمشاق دېتال دەپ،
يالغانچىلىق-ساختىلىق بېرەمدىكىن ئەلگە نەپ؟
نەدە قالدى بىز كۈتكەن نىشان «ئىككى ئاساسەن».

يېتىشمىسە مۇئەللىم تولۇقلىدۇق ئاتاقتا،
توقسان بولدى توققۇزى جەدىۋەلدىكى ساناقتا،
يوق سىنىپنى بار قىلدۇق ئىشخانىدا-پەشتاقتا،
مەكتەپلەرمۇ ئېچىلدى بىر كۈندە ھەر قىشلاقتا،
بولدۇق ساڭا ئەجەبمۇ ھەيران «ئىككى ئاساسەن».

ئىمزا قويدۇق مائاشنى ئاينىڭ بىرى ئالدۇق دەپ،
پۇلنى ساناپ بولغىچە ھېرىپ قالدۇق، تالدۇق دەپ،
ئاستىمىزغا يۈز سوملۇق پۇلدا كۆرپە سالدۇق دەپ،
يىغلىسىمۇ يۈرەكلەر خۇشال نەغمە چالدۇق دەپ،
ئالدامچىغا بوپ كەتتۇق قۇربان «ئىككى ئاساسەن».

ساختىلىققا كۆنمىسەك كۈلپەت باردۇر باشلاردا،
كۆنۈپ كەتتۇق پەردازغا ئوسمىمىز بار قاشلاردا،
كۆزنى يۇمۇپ ئىشلىسەك رىسقىمىز بار داشلاردا،
يۈرەك زەرداب، قان باردۇر كۆزدىن ئاققان ياشلاردا،
ئۆرتەر دىلنى بىر ئۇلۇق گۈلخان «ئىككى ئاساسەن».

تەكشۈرگىلى كەلگەنلەر ھالىمىزغا يېتەرمۇ؟
ھاراق ئىچىپ گۆشنى يەپ، سوۋغا ئېلىپ كېتەرمۇ؟
نەيرەڭۋازلىق-ساختىلىق ئارىمىزدىن يۈتەرمۇ؟
مۇئەللىمنىڭ كۈنلىرى يەنە شۇنداق ئۆتەرمۇ؟
كۆڭلىمىزدە بار تالاي گۇمان «ئىككى ئاساسەن»!!!


2000-يىلى، 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، يېڭىسار

.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-26 21:56  

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 00:31:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى ئاساسەندە بىر ئۇقۇتقۇچىلار بەك جاپا چەكتۇق . بىز بۇ خىزمەتتە تاتقان جاپا - مۇشەقەتلەرنى ھەرگىز ئۇنۇتمايمىز.  بىراق شۇ ئىككى ئاساسەن ئىشلەيمىز دەپ ئۇقۇ- ئۇقۇتۇش زور دەرىجىدە تۈۋەنلەپ كەتتى. شۇ جاپاكەش ئۇقۇتقۇچىلارنى بەك زىرىكتۈردى. ئىككى ئاساسەننى بەك تەرىپلەپ يېزىپ سىز . رەخمەت سىزگە . شۇ ئۇقۇتقۇچىلار كۈندىزى دەرىس ئۇقۇتسا كىچىسى ئىككى ئاساسەننى ئىشلەيمىز دەپ نۇرغۇنلىغان ئىزا- ئاھانەتنى تارتىپ  دەشنام يىگەن . ھەي جاپاكەش ئۇقۇتقۇچىلاربىز  . بىزنىڭ ھالىمىزا كىملەر  يىتەر ھە .  ياخشى يېزىپسىز  رەخمەت سىزگە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-27 00:37  

ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1522 سەر
تىللا
10208 دانە
تۆھپە
1061 سەر
شۆھرەت
1065 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 14:42:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى قوشاق قېتىۋاپسىز «ئىككى ئاساسەن»گە بەك ماسلىشىپتۇ. ھەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تارتقان جاپاسى ئاز ئەمەس بۇ خىزمەتتە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
726 سەر
تىللا
174 دانە
تۆھپە
587 سەر
شۆھرەت
644 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 00:37:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى ئاساسەن مەكتەپلەرنىڭ مۇھىتىنى تۇپتىن ئۆزگەرتتى .
بايقاش مۇنبىرىدىكى بىردىنبىر ئوردىنسىز-«ئىشەنچىلىك ئەزا»!

Rank: 1

قىزغىنلىق
79 سەر
تىللا
8 دانە
تۆھپە
39 سەر
شۆھرەت
44 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 14:29:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى ئاساسەندە مەكتەپ شارائىتى ياخشىلاندى بىراق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋيىسى تۆۋەنلەپ كەتتى.

باھا سۆز

ئالىم ئەمەلىيەتتە شۇنداق بولدى! تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 15:07:51

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1046 سەر
تىللا
302 دانە
تۆھپە
741 سەر
شۆھرەت
832 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 15:07:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايىز يوللىغان ۋاقتى  2012-8-28 14:29
ئىككى ئاساسەندە مەكتەپ شارائىتى ياخشىلاندى بىراق ئوقۇ ...

ئەمەلىيەتتە شۇنداق بولدى!
كەسىپداشلىرىمنىڭ بايرىمىنى قىزغىن قۇتلۇقلايمەن!

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
183 سەر
تىللا
12 دانە
تۆھپە
50 سەر
شۆھرەت
67 سەر

مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 21:04:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئىككى ئاساسەن» مەكتەپنىلا ئەمەس، مەكتەپ رەھبەرلىرىنىمۇ، مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىنىمۇ تۈپتىن«ئۆزگەرتتى».
مىللەتنى روناق تاپقۇزۇش- مېنىڭ بۇرچۇم.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 09:29, Processed in 0.131342 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش