پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 8 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 892|ئىنكاس: 15

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىدىن ئىبارەت بۇ ئىش زادى كىمنىڭ ئىشى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
XAMسالاھىيىتىنى دەلىللەش 

345

تېما

60

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
3230 سەر
تىللا
1508 دانە
تۆھپە
2683 سەر
شۆھرەت
1288 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىكومپىيۇتىر ماھىرىپوتوشوپ ئۇستىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 12:22:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىدىن ئىبارەت بۇ ئىش زادى كىمنىڭ ئىشى

    ھەر قېتىم ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغا ئاز قالغاندا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىدىن ئىبارەت بۇ ئىش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى قىزىتىپ، ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن كاتتا سوۋغا سۇنغاندەك دائىم گېزىت يۈزىدە كۆرۈلىدۇ ، بۇ، بۇ يىلمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس .
‹‹شىياۋشىياڭ سەھەر گېزىتى ›› نىڭ 8-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گوۋۇيۈەننىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىرىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىنىڭ دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى پەيدىنپەي ئۆستۈرۈش ، ئۆز ۋاقتىدا تولۇق تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش ، ئۇزۇن مەزگىل يېزا ئاساسىي قاتلامدا ۋە جاپالىق ، چەت-ياقا رايونلاردا خىزمەت قىلغان ئوقۇتقۇچىلارغا مائاش جەھەتتە مايىللىق سىياسىتىنى قوللىنىش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن .
‹‹ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىنىڭ دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش ›› دېگەن بۇ سۆز قۇلىقىمىزغا سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھارپىسىدا دائىم تەكرارلىنىپ كەلدى . ‹‹قانۇن بولغانىكەن ئاساسلىنىش ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش›› دېگەن بۇ سۆزنى ھەممىگە مەلۇم ئەقەللىي بىلىم دېيىشكە بولىدۇ ، لېكىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى ئىجرا قىلشقا كەلگەندە ئانچە باب كەلمەيۋاتىدۇ ، كونكرېت مەسىلىنى كونكرېت تەھلىل قىلىپ كۆرسەك ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بۇنى قانۇننى ئىجرا قىلىشتىكى ئىجادىيەت قىلىۋالغان . ئەگەر قانۇن بولغانىكەن ، ئاساسلىنىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئىش بولسا، ‹‹ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىنىڭ دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش ›› دېگەن بۇ ئىشتا مائارىپ مىنىستىرلىقىنى ئاۋارە قىلىپ ، ھەر يىلى تەكىتلەشنىڭ ، ھەر يىلى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ سوۋغىسى سۈپىتىدە ئوقۇتقۇچىلارغا سۇنۇشنىڭ ھاجىتى يوق !
‹‹ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىنىڭ دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش ›› ئاساسلىنىدىغان قانۇن بار ئىش بولغان ئىكەن ، ‹‹شۇ قانۇنغا ئاساسلىنىش ›› كېرەك . بۈگۈنكى كۈندە ‹‹ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىنىڭ دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش ›› تىن ئىبارەت بۇ ئىشتا زادى قانچە جاي ‹‹قانۇنغا ئاساسلاندى ›› ، نېمە ئۈچۈن مۇشۇ يىللاردا ‹‹قانۇنغا ئاساسلانمىغان ›› جايلاردا ‹‹قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلمىغان ›› لىقى ئۈچۈن ئازىراق بولسىمۇ بەدەل تۆلىگەن ئادەم يوق ؟ بۇ يەردە مېنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىدىن ئىبارەت ئۇ ئىش زادى كىمنىڭ ئىشى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ ؟ ئەگەر كىمنىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىغىلى بولمىسا ، مائارىپ مىنىستىرلىقىنى ئاۋارە قىلىپ ھەر يىلى ‹‹قالايمىقان سۆزلىمەسلىك ›› كېرەك ، ئاغزىدا دېگەن سۆزنى ئەمەلىيەتتە ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك . بۇ سەمىمىيەتلىككە ۋە قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىش بولۇپ ، ھەرگىز مۇنداقلا دەپ قويۇشقا بولمايدۇ . ئەمەلىيەتتە ، جۇڭگودىكى ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشتىن قورقىدۇ، پەقەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدارلارغا ‹‹ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىنىڭ دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش›› نى ئىشقا ئاشۇرالمىسا، ئاۋۋال مەمۇرلارنىڭ مائاشىنى تۆۋەنلىتىشنى ئېيتىش ، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. مەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىدىن ئىبارەت ئۇ ئىشنىڭ ناھايىتى ئاسان، شۇنداقلا ناھايىتى تېز ئەمەلىيلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەلۋەتتە، ‹‹ھەمدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى پەيدىنپەي ئۆستۈرۈپ، ئۆز ۋاقتىدا تولۇق تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش›› دېگەن بۇ سۆزنى كېلەر يىلى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھارپىسىدا قايتا-قايتا تەكىتلەشنىڭ ھاجىتىمۇ قالمايدۇ .
ھازىرقى مەسىلە ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىدىن ئىبارەت ئۇ ئىشنىڭ زادى كىمنىڭ ئىشى ئىكەنلىكى يەنە راستلا ئېنىق بولمىسا، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزىمى ئاللىقاچان ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۈگۈنكى كۈندە، قانداق قىلىپ يەنە ئوقۇتقۇچىلار غەم قىلىدىغان ئىشقا ئايلىنىپ قالدى؟
يەنە‹‹ ئۇزۇن مەزگىل يېزا ئاساسىي قاتلامدا ۋە جاپالىق، چەت-ياقا رايونلاردا خىزمەت قىلغان ئوقۇتقۇچىلارغا مائاش جەھەتتە مايىللىق سىياسىتىنى قوللىنىش›› دېگەن بۇ ئىشقا كەلسەك، بۇ كىچىككىنە ئىش ئەمەلىيەتتە ئاللىقاچان ئۇزۇن مەزگىل يېزا ئاساسىي قاتلامدا ۋە جاپالىق، چەت-ياقا رايونلاردا خىزمەت قىلغان ئوقۇتقۇچىلارغا ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ سوۋغىسى قىلىنىپ، سۇنۇلىشى كېرەك ئىدى. نېە ئۈچۈن پىداگوگىكا مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلام ياكى چەت-ياقا، جاپالىق رايونلارغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىدا، مۇھىتنىڭ جاپالىق بولغانلىقىدىن سىرت، مائاشنىڭ تۆۋەن بولىشىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدىغان ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ئويلاپ باقايلى، شەھەرلەردە خىزمەت مۇھىتى ياخشى، يەنە كېلىپ مائاشمۇ يۇقىرى تۇرسا، كىممۇ نامرات، شارائىتى ناچار جايلارغا بېرىپ، شەھەردىكىلەردىن تۆۋەن مائاش ئېلىشنى خالايدۇ؟ جاپالىق جايلارغا بېرىپ خىزمەت قىلغان ئوقۇتقۇچىلار شەھەردە خىزمەت قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى مائاش ئېلىشى كېرەك، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىدىن ئىبارەت ئۇ ئىشنى باشقۇرىدىغان كىشىلەر مۇشۇنچىلىك ئاددىي ئىشقىمۇ ئىشىنىشنى خالىمايدۇ. ئۇلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىغا بەكرەك ئىشىنىدۇ! ھازىر، مائارىپ مىنىستىرلىقى:‹‹ ئۇزۇن مەزگىل يېزا ئاساسىي قاتلامدا ۋە جاپالىق، چەت-ياقا رايونلاردا خىزمەت قىلغان ئوقۇتقۇچىلارغا مائاش جەھەتتە مايىللىق سىياسىتى قوللىنىش›› نى ئېيتتى، كېچىكىپ كەلگەن بۇ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى سوۋغىسىنىڭ يەنە ‹‹ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيىسىنىڭ دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيىسىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولىشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش››قا ئوخشاش، پەقەت ھەريىلى ئېغىزدىلا ئېيتىلىدىغان قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئەگەر بۇ ئىشنى كىمنىڭ باشقۇرىدىغانلىقى ئېنىق بولمىسا، مەسئۇلىيەت راستلا سۈرۈشتۈرۈلمىسە بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك قىيىن بولىدۇ.
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىدىن ئىبارەت ئۇ ئىشنى ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىغا قارىغاندا تېخىمۇ تۆۋەن دەرىجىدىكى ئىش دەپ قاراشقا بولمايدۇ، پەقەت ‹‹مۇنداق، مۇنداق قىلىش كېرەك›› دېگەننىلا تەكىتلىمەي، ئەگەر ‹‹قىلىش كېرەك››نى ئەمەلىيلەشتۈرەلمىسە، ‹‹مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك››! پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىدىن ئىبارەت ئۇ ئىش مەسىلىگە ئايلىنىپ قالمايدۇ.(شاۋ لىيۇشېڭ)
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇسا ئەخمەت
مەنبە: http://bbs.xjtsnews.com/forum.php?mod=viewthread&tid=22213
بىز ھەقىقەتنى تىل-ئەدەبىيات دەرسخانە ئوقۇتىشى نۇقتىسدا تۇرۇپ سۆزلەيلى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5084 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9295 سەر
شۆھرەت
4202 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 14:54:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلار مائاشىنىڭ ئۆسۈش توغرىسىدا بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ھەر قايسى گىزىت ۋە ژۇرناللاردا تەشۋىق قىلىنغان بولسىمۇ ئەمما ھازىرغىچە ئەمىلىلەشمەيۋاتىدۇ .  بۇ يىلمۇ شەھرىمىزدە ھەر بىر ئوقۇتقۇچىغا 500 يۈئەن مائاش قوشىلىدىكەن دىگەن گەپ بولىۋاتقىلى 2 ئاي بولدى، ئەمما ھازىرغىچە بۇ پۇلنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرەلمىدۇق .

29

تېما

3

دوست

2632

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
661 سەر
تىللا
172 دانە
تۆھپە
472 سەر
شۆھرەت
449 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 19:14:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىنىڭ مائاشىنىڭ ئۆسمىكى تولىمۇ تەس، داۋرىڭى چوڭ، ئەمما مالنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسمىكى بىردەملىك، بىلمەيلا قالىمىز ئۆسىۋېرىدۇ.

17

تېما

13

دوست

820

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
182 سەر
تىللا
66 دانە
تۆھپە
158 سەر
شۆھرەت
161 سەر

بايقاش شائىرىمائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 22:47:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆسىدىغان مائاشنى خەجلەپ تۈگەتتىم.تىزراق ئۆسكىدى ئىلاھىم!

31

تېما

4

دوست

1269

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
333 سەر
تىللا
104 دانە
تۆھپە
205 سەر
شۆھرەت
232 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزادادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 13:56:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇرىدىن بېرىشكە تىگىشلىك مائاش ،مەلۇم قارا نىيەت رەھبەرلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىن ئازلاپ كىتىپ بارامدىكىن دەيمەن. بۇنى يۇقۇرى رەھبەرلىك بىلمەمدۇ..ياكى؟!!

0

تېما

1

دوست

306

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
171 سەر
تىللا
0 دانە
تۆھپە
-11 سەر
شۆھرەت
-25 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 22:08:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماش قىتىلمايدىكەن ئەمما تولۇقلىمىغا قىتىلدىكەن 500-600يۇەن

68

تېما

4

دوست

2516

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
654 سەر
تىللا
54 دانە
تۆھپە
408 سەر
شۆھرەت
679 سەر

تىرىشچان ئەزادادىل ئەزا ئوردىنىمائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 13:27:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاساسىي مائاشىمىز قولىمىزغا تولۇق تەگسە مەيلىتىغۇ ،ئازراق قوشۇلۇپ بولغۇچە كۆپرەك تۇتۇلۇپ كېتىدۇ.
مەرھابا يېڭى يىل

1

تېما

0

دوست

92

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
26 سەر
تىللا
7 دانە
تۆھپە
18 سەر
شۆھرەت
10 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 20:21:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈنلۈكچىلەردەكلا بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ ئادەم!
روھ تەن ئۈچۈن ئازاپ چىكىشى كىرەكمۇ ؟

19

تېما

2

دوست

408

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
112 سەر
تىللا
4 دانە
تۆھپە
61 سەر
شۆھرەت
72 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 22:01:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائاشنىڭ ئوسىشى تەس جىمۇ؛مائاش قاشتەك ئۆسسە مال باھاسى چاشتەك ئۆسۇپ كىتبارمامدۇ. رەھبەرلەر مۇشۇ ئەھۋاللارنى بىلەمدىغاندۇ زادى

2

تېما

1

دوست

180

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
50 سەر
تىللا
0 دانە
تۆھپە
38 سەر
شۆھرەت
35 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 12:18:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماش ئۆسىدۇ دىگەن گەپنى تولا ئاڭلاپ تولىمۇ بىزار بولدۇم !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 09:06, Processed in 0.312143 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش