پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 8 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 119|ئىنكاس: 2

جەمىيئەت سىزدىن كۈتىدىغىنىمىز بەك كۆپ بەك كۆپ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

36

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
11 سەر
تىللا
0 دانە
تۆھپە
5 سەر
شۆھرەت
7 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 02:08:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇمقېرىنداشلىرىم:

   مەنبىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ يەردىن ئۈن -تىنسىز كېتىپ قېلىشقا ۋېجدانىميول قويمىدى....سىز زادى ئوقۇتقۇچىنى قانچىلىك چۈشىنىسىز ؟ ئۇلارنىڭ جەمئيەتتىكىئورنىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ سىز بىر ئاتا-ئانا ۋە ياكى ئوقۇغۇچى (مۇنبەردە ئوقۇغۇچىلارمۇ باركەن)بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە قانچىلىكدەرىجىدە ماسلىشالىدىڭىز؟ ئۆز پەرزەنتىڭىزنىڭ مەجبۇرى مائارىپ بويىچە تولۇقتەربىيەلىنىشىگە زادى قانچىلىك كۈچ سەرىپ قىلالىدىڭىز؟......بۇنداق سوئاللار يازسسامبەلكىم ئاخىرى چىقماسمىكىن....

  مەنبىر يىراق يېزىدا خىزمەت قىلۋاتقىنىمغا 10 يىلدىن ئاشتى ، مەن  بارلىقىمنى ئۆز مىللىتىمنىڭ مائارىپى ئۈچۈنئاتىغان بىر ئاددەتتىكى ئوقۇتقۇچى. ئامما مەن ھازىر ئۆز مىللىتىم ئۈچۈن قانچىلىكبەدەل بېرەلىدىم بۇنىسى ماڭا نامەلۇم؟؟؟؟ئەمما ئوقۇتقۇچىلارغا تەنقىدى تەربىيەبەرگەن ياكى ئۇلارغا تەسەللى بەرگەن ۋاقتىڭىزدا چوقۇم سىز ۋە بىزگە بىلىمبەرگەن(سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە لاياقەتلىك بولغان) شۇ جاپاكەش ئۇستازلارنىڭمۇ بىرئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇلۇپ قالمىغايسىز؟توغرا ھازىر ئوقۇتقۇچى كەسپى ئەخلاقىۋە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى سالاھىيىتى يوق ئوقۇتقۇچىلار بار (بۇنىڭغا كۆزيۇممايمىز)ئەمما شۇ ئوقۇتقۇچىلارنى كىم مائارىپ سېپىگە ئوقۇتقۇچى قىلىپ تەيىنلىدى ؟ ئوقۇتقۇچىمۇ؟؟

سىزنىبىرسى ئىككى - ئۈچ ئادەم ئالدىدا گېپىڭىزنى قىلسا ۋە ياكى قاتتىق تەگسە سىزچە بۇھازىرقى ياخشى بولغان ئەخلاققا كىرەمدۇ؟ سىز مەيلى خىزمەتچى ياكى دېھقان -سودىگەربولۇڭ سىزنى چوقۇم بىرخىل قائىدە - تۈزۈم ئىدارە قىلغان ۋە باشقۇرغان بولىدۇ،ئەگەرئەكىسچە بولسا جەمئيەتنى باشقۇرغۇلى بولارمۇ؟ شۇنداق ئىكەن ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇشخاتامۇ؟(زالىم ئۇستازدىن ئالىم چىقۇر).بىز ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىگە قويۋەتسەك ئۇچاغدا (ئانىسىنىڭ تىلىنى يەنە بىر قېتىم چىشلەشكە دۇچار بولمامدۇ.)بىزدەكۇرمىڭلىغان زىيالىلار يېتىشىپ چىقارمۇ؟ ھازىر ھەقسىز ئوقۇتۇش يولغا قويۇلدى ئەمماشۇ قالغان ئاز بىر قىسىم ئوقۇتۇش خىراجەت مەسىلىسى بىزنى ئوقۇتقۇچى بىلەن ئاتا-ئانىلارئارسىدا قەرىزدار بىلەن قەرىز بەرگۈچى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسۋەتنى شەكىللەندۇرۇپقويدى؟ ئۆز تىل يېزىقىدىكى مەكتەپلەرگە بېرىشكە يۈرىكى ئېچىشىدىغان شۇ ئاتا-ئانائۇ پۇللارنى بىمەنە كەيىپ-ساپا ۋە قۇرۇق نامدىكى ھەر خىل تۈردىكى چاي ۋە بەزمىلەرگەئاتىدى.شۇنىڭ بىلەن بىچارە سىنىپ تەربىيەچى بولغان ئوقۇتقۇچى ئۆز نېسىۋىسى بولغانشۇ ئازغىنە مائاشىنى ئۇلارغا (مەكتەپ غەزنىسى)گە قۇربانلىق بولدى،شۇنى ئەسكەرتىشكەكېرەككى كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرى خالىسانە ئائىلە قېيىنچىلىقى ئېغىربولغان ئوقۇغۇچىلارغا ئۈزلۈكسىز ياردەم قىلىپ كېلۋاتىدۇ،،،

   گېزىت -ژورناللاردا بولسا ئېلان قىلىنغان بەزى تەنقىدى پىكىرلەر بولسا ئوقۇغۇچلارغائوقۇتقۇچلارنى ھۆرمەت قىلىشنىڭ ئورنىغا بەكلى ئۇلارنى دۇشمەن قاتارىداكۆرسىتىۋاتىدۇ،،،تارىم غۇنچىلىرىدىكى < بىز ياخشى كۆردىغان ئوقۇتقۇچى > تېمىسىنى ئوقۇغان ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچلارنى قانداق تەربىيلەشنى بىلەلمەيقالدى ، ئوقۇغۇچلارنىڭ نەزىرىدە ئۇلارنى ئەركىنلىكىگە قويۋەتكەن ، ئەمما ئۇلارنى چىڭتۇتقان تەربىيە بەرگەن ئوقۇتقۇچى ياخشى ئوقۇتقۇچى بولسا چىڭ تۇتۇپ بىلىم بەرگەنئوقۇتقۇچى يامان ياكى ناچار ئوقۇتقۇچى بولامدۇ؟ بىز شۇنچە گۇناھكارمۇ؟ نىمە ئۈچۈنئاخپارات ۋاستىلىرى پەقەت ئەسەرنىڭ بىر تەرپىنىلا ئويلاپ نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ ھوقۇممەنپەتىمىزنى ئويلاشمايدۇ؟ توردا ئېلان قىلىنغان ماقالە ،ئوبزور ۋە شېرلادا سىلەرمۇخەۋەردارغۇ ؟ بىزنى زادى كىم چۈشەنگەن ؟يە باشلىق چۈشەنمىسە ، يە خەلق ۋەياكىئوقۇغۇچى ....بىزنىڭ ئاڭلىغان تىل ئاھانەتلەرگە پەقەت بىزلا چىداپ كەلدۇق...شۇتىللار بىزگە ئەمەس بەلكى يۇقىرى ئورۇندىكى باشلىق ئاتلىق ئاكىلىرىمىزغا تېگىپباقتىمۇ؟نىمىدىگەن باش ئاخىرى يوق تۈگىمىگەن ئۈگىنىش بېسىمى (ئەلۋەتتە ئۈگىنىشياخشى بىز قوللايمىز)ئەمما ئۇنىمۇ مۇئەييەن شارائىت يارتىش ئاساسىدا ئۈگىنىشكېرەك.شۇنداقلا مەكتەپ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنى ياكى پۇل تاپىدىغان كان ئورنىبولۇپ قالدى ،،، شۇ ئوقۇغۇچلارنى ئەمگەككە سېلىپ پۇل تېپىپ كۆرسەتكۈچكە يەتمىسەيەنە شۇ بىزنىڭ بىچارە مائاشىمىز؟؟؟؟؟باللار يارامسىز ياكى لاياقەتلىك بولالمىسا يەنەشۇ مائاش كۈرشى،(ئەسلى بىز ۋىجدان ئازابى تارتشىمىز كېرەكتى)ئوقۇغۇچلاركىتاپ پۇلىۋە ئوقۇش خىراجەت تۆلىيەلمىسە يەنە مائاش جېدىلى ، ئايدا ياكى ھەپتىلىك ئۈگىنىشكەبارالمىسا ياكى لاياقەتسىز بولسا يەنە مائاش ئۈگىنىشى، ئوقۇغۇچلار بىلەن سۆھبەتقىلىش دەيدۇ ئەمما سۆھبەت ۋاقىت ئاجىرتىپ بەرمەيدۇ، كەچتە ۋە چۈشتە بارسا تاماقئۈچۈن بارغاندەك قاپىقىنى توڭ قىلسا ، شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى بارسا سىلەرنىڭباشقا كۈنىڭلار يوقمۇ دەپ يۇرەكنى زەرداپ قىلسا ،،،مانا بىز ئوقۇتقۇچى بولغانكۈنىمىز ....بىزگىمۇ ۋاقىت كېرەك. مەن بەزىدە ئويلاپ قالىمەن ، مەندىمۇ بىر كاتىپبولسا يازىدىغان پىلارنى شۇ يازسا دەرسنى مەن بەرسەم كۆپىرەك ۋاقىت چىقىرىپئوقۇغۇچىلار بىلەن ئارىلاشسام ، ئۇلارنى چۈشەنسەم ، ئۇلارمۇ مېنى شۇنداقلا پۇتۇنمائارىپ سېپىدا خىزمەت قىلۋاتقان شۇ جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنى چۈشەنسە..............

    مائارىپئېسلاھاتىغا يۇقىرى ئورۇنلارغا مېنىڭمۇ ئەرزىم بار ، سىلەر ھەقىقي ئوقۇتقۇچىلارنىبىزگە بەرسەڭلار ، سەپتىن چۈشۈپ قالغانلارنى ۋە لايەقەتسىزلەرنى يوق قىلساڭلار،شۇلارنىڭقاتارىدا مىللەت ئۈچۈن ئۈن -تىنسىز تەر ئاققۇزغان جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنى سەپكەقوشمساڭلار، قەلىمى كۈچلۈك ئەدىپلىرىمىز سىلەرمۇ ئاز قىسىمدىكى ناچار ئىللەتلەرنىيازغاندا جاپاكەشلىرىمىزنى ئۈنتۇپ قالماي ، شۇ لايەقەتسىز (ئوقۇتقۇچى دېگۈميوق)نىمىلەرگە مۇۋاپىق نام قوللانساڭلار. بىزنىڭ ئوقۇتقۇچى دېگەن نامىمىزنى بىراقلابۇلغۇمساڭلار.

     بىلىمكانىدا ئىلىم ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار سىلەر ئوقۇتقۇچىلاردىن ئاغىرىنمساڭلار ، مەدەنىيەتلىك ، ئەخلاقلىق ۋە ئىنتىزمچان ئوقۇغۇچى بولساڭلار ، ئالتۇندەك ۋاقتىڭلارنىتورخانىدا ، بىليارتخانىدا ، تاڭسخانىدا ۋە ئاتالمىش خانىلاردا ئۆتكۈزمىسەڭلار !

     ئاتا-ئانىلارسىلەر ئۆز مەجبۇريىتڭلارنى تونۇساڭلار ، پەرزەنىت سىزنىڭ. بىز پەقەت بىلىم بەرگۈچى ، شۇنداقلا ۋاستىچى ئائىلە تەربىيەنى كۈچەيتسەڭلار ، باللار بار سورۇندا ئوقۇتقۇچىلارنىڭئوبىرازىغا زىت گەپلەنى قىلمساڭلار . ئۇلارنىڭ ئۈگىنىش ئەھۋالىغا ھەيدەكچىلىكقىلساڭلار!

جەمىيئەتسىزدىن كۈتىدىغىنىمىز بەك كۆپ بەك كۆپ...............................................

ئۆزىدەئوقۇتقۇچلۇق كەسپى ئەخلاقى يوق ئاز ساندىكى بىر قىسىم نائەھلىللەر سىلەرنىڭ دەردىڭلاردابىز يەنە تىل ئاڭلاشنى خالىمايمىز...سىلەرمۇ ئۆز يولۇڭلارنى تېپۋالساڭلار.....ياكى قايتىدىنئادەم بولساڭلار....

    مائارىپىمىز ئۈچۈن ئۆزىنىۋە بارلىقىنى بېغىشلىغان بۈيۈك نام ئاتاققا ئىگە ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلىرىم سىلەرنىڭماڭغان ئىزىڭلاردىن قىزىلگۈللەر داۋاملىق ئۈنسۇن،خەلقىمىز ۋە مائارىپىمىز سلەردىن مەڭگۈپەخىرلىنىدۇ....سلەرنى مەڭگۈ ھۆرمەتلەيدۇ ، سۆيىدۇ!!!!!



مەنبە : كۈنەس تورى (مەۋلانى) كۈندىلىك خاتېرىسىدىن ئېلىندى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

29

تېما

3

دوست

2632

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
661 سەر
تىللا
172 دانە
تۆھپە
472 سەر
شۆھرەت
449 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 19:25:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادا ھەممە ئىشنىڭ دەردى بار. ئەمما تىما ئىگىسى دىگەندەك ئوقۇتقۇچىنىڭ دەردىنى كىم چۈشۈنۈپ باققان، كىم چۈشۈنۈشنى خالايدۇ، ئوقۇغۇچىلار يامان ئىللەت يىتىلدۈرىۋالسا، جەمىيەت نىمە قىلدى؟ ئائىلە تەربىيىسى قانداق بولدى؟ دىگەننى ئويلاشمايلا، شۇ ھامان «مۇئەللىم نىمە ئىش قىلىدىغان خەق» دەيدىغان خاھىش ئىنتايىن ئېغىر بولماقتا.

5

تېما

9

دوست

613

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
134 سەر
تىللا
3 دانە
تۆھپە
117 سەر
شۆھرەت
144 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 21:36:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئېيتقاندەك بەزى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار مەسئۇلىيەتسىز بولسىمۇ( بىر تال چاشقان بىر قازان شورپىنى بۇلغاپتۇ دېگەندەك، ياخشى ئىش قىلىدىغان، ۋىجدانلىق ئ.وقۇتقۇچىلارنىڭ قىلىۋاتقىنى ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتى، مەسئۇلىيەتسىزدىن بىرىنى تېپىۋالساق«ئوقۇتقۇچىلارغا نىمە بولدى؟»)،لېكىن ئەتراپىمىزدا ھەقىقەتەن ئىسمى جسمىغا لايىق ئوقۇتقۇچىلارنۇ ئاز ئەمەس...
   ئۇستازى زالىم بولسا شاگىرتى ئالىم بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭغا ئائىلە تەربىيىسى ماسلىشىشى كېرەك. مەسىلەن مەن بىرەر ئوقۇتقۇچۇمدىن رازى بولماي قالسام، ئاپام-دادام « ئۇنىڭ سىزنىڭ ئۆگىنىشىڭىزگە ئەرزىيدىغان يېرى بولغاچقا سىزگە ئوقۇتقۇچى بولغان، ئۇ سىزگە قارىغاندا بىلىملىك،... ئۇ دىگەن ئوقۇتقۇچى، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىدا مەلۇم سەۋەپ بار...ئوقۇتقۇچىمۇ ئادەم، ئازىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ، ئۇنىڭ قىلغىنى خاتا بولسا سىلەر شۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشىڭلار كېرەك...» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەرىپىنى قىلىدۇ، بەزى ساۋاقداشلىرىمدىن ئاڭلىسام، ئاتا-ئانىلىرى « جېنىنى باقالمىغان ئوقۇتقۇچى بولىدۇ، ئۆزەم بېرىپ ئەدىپىنى بېرىمەن، ئوقۇتقۇچىغىمۇ بوزەك بولامدۇ؟» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىدىكەن، بۇنداق ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ قەلبىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئورنى قانچىلىك بولار؟؟؟
    ئەسلى گەپكە كەلسەم، ئوقۇغۇچىنى چىڭ تۇتۇش بىر خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلى،( مەن بۇنىڭغا قارسى ئەمەس ) ، لېكىن ئوقۇغۇچىلارغا قاتتىق قوللۇق قىلمايمۇ تەربىيەلىگىلى بولىدۇ. بىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدىكى سىنىپ مەسئۇلىمىز بىزنى شۇنداق تەربىيەلەيدىغان، قاتتىق گەپ قىلمايتتى، ئادەم تىللىمايتتى، سىلىق گەپ بىلەن ھەممەيلەننى قايىل قىلاتتى... مېنىڭچە ھەممىگە يارايدىغان ئادەم بولمىغىنىدەك، ھەممىگە يارايدىغان ئوقۇتقۇچىمۇ بولمايدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئېغىز يېرىپ پالانى ئوقۇتقۇچى بەك ياخشى دېمىسىمۇ ، كۆڭلىدە بىلىپ، قايىل بولىدىغانلىرىمۇ بار...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 09:03, Processed in 0.219927 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش