پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 80|ئىنكاس: 2

ئاجايىپ يۇمۇرلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 17:54:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئاجايىپ يۇمۇرلار

ئېلان: بىر قول سومكىسى يۈتۈپ كەتتى،ئىچىدە ئالماس كۆزلۈك ئالتۇن ئۈزۈك، بىر كىتاپ،ئىككى لەۋ سۇرۇخى ۋە بىر خالتا سۈت بار،تېپىۋالغۇچىلارنىڭ ھىچ بولمىغاندا ئالماس كۆزلۈك ئالتۇن ئۈزۈكنى بولسىمۇ قايتۇرۇپ بېرىشىنى سورايمەن!

-دۆڭ كۆۋرۈككە قانچە ئالىسەن؟

-15سوم

-خوتۇنۇم بىلەن چىقسامچۇ؟

-ئوخشاش 15 سوم

-دىدىمغۇ مانا،سېنىڭ ھىچقانداق قىممىتىڭ يوق دەپ..

******************************************************

-جاۋاپكار،سىزنىڭ يەنە باشقا تەلەپلىرىڭىز بارمۇ؟

-بۇنىڭغا ئوبدان ئويلانسام بولغۇدەك

-تۆت يىل ۋاقىت يىتەمدۇ؟

******************************************************

-ئاھ…ئۇ قىز شۇنداق گۈزەلكى…ساڭا دىسەم،ئۇنىڭ پاسپورتىنى چاشقانلار يەۋەتسىمۇ، رەسىمىگە چىقىلماپتۇ!!
******************************************************

-مالىم..ئىشىكتە بىر تىلەمچى تۇرىدۇ،سىزنى بىرنەرسە بەرسىكەن دەيدۇ..

-تۈنۈگۈن سىلەرگە بەرگەن تاپشۇرۇقنى بېرىڭلار..

******************************************************

چۆللۈك..

كۈن نۇرى….

كارۋان كېتىۋاتىدۇ…..

بىر تۆگە يېنىدىكى تۆگىگە دەپتۇ:

-ئادەملەر بىز ئۈچۈن نىمىلا دىمىسۇن………….مەن يەنىلا ئۇسساۋاتىمەن!

******************************************************

ئىشلەپ تېرىكىپ كەتكەن ئەسكەر:

-كوماندىر..بىز نىمىشكە ئاكوپ كولايمىز؟

-دۈشمەن ھۇجۇم قىلىپ كەلسە پايدىسى بولىدۇ!

-بولدىلا بىز ھۇجۇم قىلايلى،ئۇلار ئاكوپ كولىسۇن

******************************************************

ئوغلۇم:

-دادا…دادا….گىپىم بار!

-قىسقا،چۈشىنىشلىك بولسۇن!

-100 سوم!

******************************************************

تۇرمۇشتا ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن ئىككى مەسلىگە دىققەت قىلىش كېرەك.

1-ئۆزىڭىز بىلگەن نەرسىنى باشقىلارغا دىمەڭ!

2-……………………………………………………….

******************************************************

پويىز ئىستانىسى..

-پويىز قوزغۇلۇشقا قانچىلىك بار؟

-10 مىنۇت

-مېنىڭ سائىتىمگە قارىسام 5 مىنۇت باركەنغۇ؟

-ئەمىسە سەن ئۈلگۈرەلمەيسەن!

******************************************************

جىددى يۈرەك كىسىلى قوزغالغان كىشى دوختۇرخانىغا ئەكىلىنىپتۇ.

-تاماكا چىكىۋالسام بولامدۇ؟

-بوپتۇ……ئەڭ ئاخىرقى تەلىۋىڭ شۇ بولسا…..

******************************************************

قارلۇقتا photoshop ئۆگۈنىۋاتقان ئوقۇغۇچى سودىلىشىپ قاپتۇ.

-1000 سومغا….بولدىلا،پۈتۈنلا قىلىپ 1024 سومغىلا بېرىۋىتەمسىز؟

******************************************************

توخۇم قورىۋاتقان ئايالىغا ئېرى:

-تۈزۈك قورىمامسەن،تۇز سال! ۋاي ئۆرى! ئاپلا كۆيۈپ كىتىدىغان بولدى….

-ۋايۋۇي!مەن تۇخۇم قورىشنىمۇ بىلمەمدىم؟!

-ئىشىغا ئارىلىشىۋالسا قانداق بولىدىكەن؟..

******************************************************

بالىسى يېغلاپ ئۆيىگە كىرىپتۇ؛

-بالام،نىمىگە يېغلايسەن؟

-دادام…..دادام قولىغا بولقا ئۇرىۋالدى..

-ئەمىسە سەن نىمىگە يىغلايسەن؟

-مەن كۈلىۋەتكەنتىم………………..
******************************************************

دۇكانغا بىرى دوپپا ئالغىلى كىرىپتۇ؛

-45-رەزمىمۇ ياكى 55-رەزمىمۇ؟

-تازا ئىسىمدە يوق جۇما..

-ئەمىسە 45 كەن….

******************************************************

زابويلار ئىچىشىپ ئولتۇرۇپتۇ؛

-ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ تۆت زابوينىڭ بىرى راك كېسىلى بىلەن ئۆلىدىكەن.

-نىمە بوپتۇ؟!!!…بىز ئۈچ تۇرساق..

******************************************************

ئىككى ئايال سۆھبەتتە..

-توي قىلدىڭمۇ؟

-ياق،بويتاق.

-پۇشايمان قىلمامسەن؟

-نىمە بوپتۇ؟!شەھەر سېرتىدا نۇرغۇن زىمىنىم ۋە ئىنەكلىرىم بار.

-بەختلىككەنسەن..

-بوپ قالىدۇ،ئەمما ئىنەكلىرىمدەك ئەمەس…

******************************************************

قاتناش ۋەقەسى چىقىپ ساقچى سوراپتۇ؛

-تۈپتۈز يولدا نىمىگە ۋەقە چىقاردىڭ ۋوي..؟؟

-ۋاي تاڭ ساقچى!…جىم كېتىۋاتسام ئىستولبىلار يولدىن كىسىپ ئۆتۈشكە باشلىدى،ئارىسىدىن بىرى ئىچىۋالدىمۇ،مەن بىلەن شۇنچە قىرىشىپ ئۆتەلمىدى…

******************************************************

-جىنىم..ماۋۇ دەرىزىگە پەردە ئالايلىچۇ؟

-نىمىشكە؟

-ئۇدۇلدىكى ئوغۇللار ياتىقىغا ئوقۇغۇچىلار كەلدى.

-ۋاي!…خاتىرجەم بولە،سىنى كۆرسە ئۇلار ئۆزلىرى ئالىدۇ.

******************************************************

يىلدا بىرلا ئېغىز سۆزلەش ئەپسۇنىغا ئۇچىرىغان بىر بىچارە تۆت يىل سۆزلىمەي كۆيۈپ يۈرگەن مەلىكىگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىپ؛
-مەن….سىزنى…..ياخشى…..كۆرۈمەن!
-نېمە؟

******************************************************

كىچىك يىلان چوڭ يىلاندىن سوراپتۇ؛
-بىزدە زەھەر بارمۇ؟
-بار،قانداق دەيسەن؟
-بايام ….تىلىمنى… چىشلىۋالدىم..

******************************************************

غەربچە رېستۇراندا كالا گۆشى قوۋۇرغۇسى پىشۇردىغان ئاشپەز كەسىپ ئالماشتۇرۇپ جەسەت كۆيدۈرىدىغان يەردە ئىشلەپتۇ،لىكىن دائىم كەسپى ئادىتى بويىچە جەسەت ئىگىلىرىدىن بىلىپ بىلمەيلا “ئۆتكۈزۈپرەك پىشۇرۇپ بىرەمدىم ياكى چالىراقمۇ؟“دەپ سوراپ سالىدىكەن.

******************************************************

دوختۇر:
-سىزگە رېستىپ يىزىپ بىرەي دىسەم قەلىمىمنى تاپالمايۋاتىمەن.
-باياتىن قەلىمىڭىزنى قولتۇقۇمغا قىستۇرۇپ قويغان ئىدىڭىزغۇ؟

******************************************************

-قانداق مىتىرنى مېللىمىتىر دەيمىز؟
-مىللىلار ئىشلىتىدىغان مىتىرنى  مىللىمېتىر دەيمىز!

******************************************************

پەلەستىنلىك دادا ئوغلىغا بىر قورال سوۋغا قىلىپتۇ.
-قەنى قورالىڭ؟
-دادا…ماڭا قورال كېرەك ئەمەس،ئۇنى سىتىۋىتىپ ئورنىغا رولىكىس ماركىلىق سائەت سېتىۋالدىم.
-ھىم…..قىياس قىلىپ باقە،ئەگەر بىرى سىنى “ۋۇ داداڭنى،بوۋاڭنى،ئۇرۇق ئەۋلادىڭنى ..“دەپ تىللىسا سەن سائەت 1:25 ئۆتتى دەپ جاۋاپ بىرەمسەن؟

********************************************************

بىر ئۆمۈچۈك يەنە بىز ئۆمۈچۈكنى ياخشى كۆرۈپ قىلىپ توي تەكلىۋى قويۇپتۇ.
-ئىككىمىز توي قىلايلى!؟
-بولمايدۇ.
-نېمىشقا؟
-ئاپام كۈندە تورغا چىقىدىغانلار ياخشى ئادەم ئەمەس دىگەن.

******************************************************
ئېرى ئايالىدىن-سەن مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىسەن ؟
ئايالى-سىز مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرسىڭىز،مەنمۇ سىزنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەن.
ئېرى-خۇدايىم سېنىڭ جاجاڭنى بەرسۇن!

******************************************************

كىچىك ئىشەك چوڭ ئىشەكتىن سوراپتۇ

-نىمە ئۈچۈن ئىنەكلەر بىزدىن ياخشى نەرسە يەيدۇ؟

-بولدى سورىما،بىز پۇتىمىزغا تايىنىپ جان باقىمىز،ئۇلار……

******************************************************

ئىت ئېيىققا تەلەپ قويۇپتۇ.

-ماڭا تېگىڭ،سىزنى مەڭگۈ بەخىتلىك قىلىمەن.

-ياق،مە ساڭا تەگسەم ئىتئېيىق تۇغىمەن،كىشىلەر تەرىپىدىن ھاقارەتلىنىمەن،مۈشۈككە تەگسەم مۇشۈك ئېيىق تۇغىمەن،ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ.

******************************************************

بىر ئوغۇل سىنىپتىكى قىزغا “چوشقا“دەپ لەقەم قويۇپ مۇئەللىمىدىن دەشنام يەپتۇ،مۇئەللىمى ئاتا-ئانىلار يېغىنىدا ئۇ بالىنى تەنقىتلەپ:

-ھازىرقى بالىلار نىمىدىگەن ئەدەپسىز ھە؟! ساۋاقدىشى نىمىگە ئوخشىسا شۇنى لەقەم قىلىۋالغان.

******************************************************

سۇ-مەن مەڭگۈ سىنى قۇچاقلاپ ياتىمەن،سەندىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلمايمەن.

بىلىق-مەنمۇ ئىللىق قوينۇڭدا بەرگەن ھارارىتىڭدىن مەڭگۈ ھوزۇرلىنىمەن.

قازان-قارا….ماۋۇ ئىككى ھاماقەتنىڭ پىشاي دەپ قالغاندىمۇ دىيىشىۋاتقان گىپىنى…

******************************************************

ماۋزىدۇڭ سەكرەتتا دېڭ شاۋپىڭنى چاقىرىپ:

-پىڭ پىڭ..مەن كىتىدىغان ئوخشايمەن،لىكىن مەن كەتكەندىن كېيىن ساڭا ئەگەشكۈچىلەر كۆپ ئەمەستەك قىلىدۇ؟!

-خاتىرجەم بولە ماۋ ئاكا،ماڭا ئەگەشمىسە ساڭا ئەگەشتۈرۈپ قويىمەن!

******************************************************

نەدە خىزمەت قىلىسەن؟

-ھىچ يەردە

-نىمە ئىش قىلىسەن؟

-ھىچ ئىش

-نىمانداق ياخشى؟!!

-شۇ…..ئەمما رېقابەتچىلىرىم تويغۇزىۋەتتى!

******************************************************

چەتئەلدىكى نەۋرىسى مومىسىغا تېلفۇن قىلىپ:

-موما بۇنىڭدىن كېيىن تېلغۇن قىلما،كومپىيوتىردا خەت يازساڭ ھەم قولاي،ھەم ئەرزانچىلىق.

-ھە ماقۇل

-موما ،ئېلخەت ئادىرىسىڭنى دەپ بېرە…

-ئادىرىس؟

-ھە ئادىرىسىڭنى دەيمەن.

-ۋاي تۇزكور چەتكە چىقىۋېپلا ئۆينى ئۇنتۇپسەندە..!






مەنبە:  ئۇلىنىش تورى
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

406

تېما

56

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5035 سەر
تىللا
2199 دانە
تۆھپە
8452 سەر
شۆھرەت
3651 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 18:20:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن قىزىقارلىق يۇمۇرلار ئىكەن، ئارام كۈنلەردە كۈلكە ئاتا قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

179

تېما

3

دوست

3831

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
870 سەر
تىللا
353 دانە
تۆھپە
631 سەر
شۆھرەت
768 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 20:04:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەب كۈلدۈرىۋەتتى بۇ يۇمۇرلار . رەھمەت سىزگە !
يېڭى يىلدا ھەممەيلەننىڭ يېڭى ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 01:53, Processed in 0.616434 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش