ئېچىل، پاختام
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
كۈمۈشتەك تاۋلىنىپ ئاپئاق ئېچىل رەت-رەت، ئېچىل پاختام، ساڭا يىل بويى سىڭدۈردۈم ئەجىر-مېھنەت، ئېچىل پاختام، ئېچىلدۇرماققا بار پەرمان يەنە مۆھلەت، ئېچىل پاختام، بۇ كۈننىڭ سېرىقى بىزگە ئېسىل پۇرسەت، ئېچىل، پاختام، بېشىمغا كەلمىسۇن مىڭبىر بالا-كۈلپەت، ئېچىل پاختام.
ئايازنىڭ كۈنلىرى يەر توڭ، ساپاننى سۆرۈدۈم تالماي، يەنە سۆرەمگىمۇ ماڭدىم ئېغىزغا بۇردا نان سالماي، باھارمۇ ئۆتتى قىرلاردا سوزۇپ پۇت-قولنى دەم ئالماي، تومۇز ئىسسىقتا قۇرت-قوڭغۇز تېرىپ بىردەم بىكار قالماي، مانا كۈز كۈنلىرى كەلدى تۈگەپ تاقەت، ئېچىل پاختام.
چېپىپ كەتمەننى يەر ئاچتىم، تېرىشقا ئىختىيارىم يوق، قېنى ئاش-نانغا يەر؟ ئوت-ياش، بېغىم يوق-لالىزارىم يوق، سېنى تېرىماي نېمە ھەددىم، مېنىڭ ئەركىم-قارارىم يوق، بىراق، ئاسماننى تېرىماققا تېنىمدە كۈچ-مادارىم يوق، ساڭا تەلمۈرمىكىم بەرھەق چېكىپ ھەسرەت، ئېچىل پاختام.
قولۇمدا پۇل، لېكىن قەرزگە بوغۇلدۇم يىل بېشىدا مەن، «ئامانەت-قەرزدە ئەركىنلىك» دېگەن چەكنىڭ تېشىدا مەن، پۇلۇممۇ كەتتى يالۋۇرماق ئۈچۈن بانكىر قېشىدا مەن، سەۋەپ: قەرزنى ئېلىپ مەجبۇر ئۆلەمدىم قىر بېشىدا مەن؟ قەرزدارمەن، ئىشىك ئالدىمدا بار ئوچىرەت، ئېچىل پاختام . ساناپ مايساڭنى بىر-بىرلەپ ھوسۇلدا ھۆددىگە ئالدىم، قويۇپ توختامغا مەجبۇر قول، ئېتىزغا باغلىنىپ قالدىم، قولۇمنى تۆت قىلالماي ئۆزگىلەرنى سەيسىگە سالدىم، ۋەزىپە، ھۆددە-توختام ۋە سۈرۈكتىن خويمۇ قىينالدىم، ساڭا تەگمەس بوران-يامغۇر، سوغۇق ئاپەت، ئېچىل پاختام.
قىرىڭدا دۈت سېىلىپ چىقتىم بېرەرمەن دەپ ھارارەتنى، ئېسىپ لامپۇچكا ياندۇردۇم، يىغارمەن دەپ ھاشارەتنى، ئېلىپ پۇل ئاگرانۇم-تېخنىك بېرىپ تۇردى بىشارەتنى، مۇلازىملار كېلىپ تۇردى قىلىپ ھەقلىق تىجارەتنى، ئېتىزدا دۈم يېتىپ ئۆلمەي ئوقۇپ لەنەت، ئېچىل پاختام.
ئۇرۇقنى يىلمۇ-يىل تاللاپ پىلانلىق بىر تۇتاش ساتتى، تۈزۈپ يەڭ ئىچىدە توختام ئوغۇت، يوپۇققا پۇل قاتتى، بازاردىن ئالسا كىم ئەرزان، «قارا دەرۋازا» دا ياتتى، بېسىم، ھەيدەكچىلىك، زورلۇق يۈرەكنىڭ بېغىشىغا پاتتى، پىلانغا بىر تۇتاش بويسۇن قىلىپ ھەرىكەت، ئېچىل پاختام.
ئالارمىز دەپ سېنى ئۈستۈن باھادا ھەريىلى باشتا، زۇۋۇكلار ياڭرىغاي بەس-بەستە، ئۆي-ئۆيدە، ئېتىز قاشتا، زېمىن-يەرگە خوجايىن دەپ قىسار دېھقانى نان-ئاشتا، شۇڭا باغرىم يارا بولدى، يۈرەك زەرداپ، كۆزۈم ياشتا، باھادا ئەتە ئەرزانسەن، بۈگۈن قىممەت، ئېچىل پاختام.
تېرەرمەن دەپ قاچانلاردا سېنى رەت-رەتتە ئوڭ-سولدىن، كۆزۈمدە ئۇيقۇ يوق تۈندە، ئازارمەن كۈندۈزى يولدىن، سالار غەم باشقا ساپلىقتا-سۈپەتتە ئۆتمىكىڭ قولدىن، كۈزەتچى، جىڭچى، پىريۇمچى، ھېساپچى بەرمىگەن پۇلدىن، بېرىپ نەخ ئوڭدا ياتقانغا، ماڭا ھۆججەت، ئېچىل پاختام.
«كېلىڭلار پاختىكارلار» دەپ قىمارخانىنى ئېچىپ قويدى، «سىناڭ تەلەي» نى دەپ مەجبۇر تېڭىپ چەكنى چېچىپ قويدى، سېلىق، ئىئانە، ياردەم پۇل، جەرىمانە پىچىپ قويدى، تالايلار شۇ سەۋەپلىك يۇرتنىمۇ تاشلاپ قېچىپ قويدى، نېچۈن دېھقانغا يەتمەس نەپ، مېھىر-شەپقەت، ئېچىل پاختام؟
ئېچىلساڭ كېچىكىپ بىر كۈن، ماڭا ئاش نەدە، نان نەدە؟ قوساققا بولمىسا ئاش-نان، يەنە ئىشلەشكە جان نەدە؟ ئىچىشكە يوق، شوراشقا يوق، سېتىشقا ئەمدى قان نەدە؟ غوجاملار يوللىسا دوكلات، قۇرۇق يوللامدۇ سان نەدە؟ پىلان بىردەك، نىشان ئايدىڭ، ئېنىق مەخسەت، ئېچىل پاختام.
قەدەمدە بىر توساق باردۇر، ساڭا ئادىل بازار نەدە؟ بازارغا يۈزلىنىش يوقتۇر، قېنى پەرمان، قېنى ۋەدە؟ سۈرەر دەۋران تېخى كونا مۇقام شالغۇت، خۇنۈك پەدە، قالارمۇ يەنە دېھقاننىڭ ئۈمىدى-تەلىپى يەردە؟ بېيىشقا قايدا ئىمكان، قايدا كور ئامەت، ئېچىل پاختام.
ھوسۇلۇڭ كەملىسە تۆت سەر، ماڭا ئاخىر زامان بولغاي، جەرىمانىگە ئۆي-مۈلكۈم كېتىپ بۇ جان ئامان بولغاي، ئانا يۇرتتىن كېتەر بولسام ماڭا يوللار داۋان بولغاي، ئاتامنى كۆچۈرەر گۆردىن، ئانام ھەم بىماكان بولغاي، ھاياتىم ئۆتمىسۇن دەرتتە ئۆمۈرۋايەت، ئېچىل پاختام.
سۈرۈك توشسا ماڭا كۈندە خوتەن، يەكەنگە چاپماق بار، ئېلىپ ئۈستۈن باھادا نەق، نېسى ئەرزانغا ساتماق بار، بۇلامدىم، ئوغۇرلامدىممەن، سېنى ھەركويدا تاپماق بار، بۇنىڭغا كۆنمىسەم باشنى يارارغا ھەيۋە-توقماق بار، ئالارمۇ نەپ سېنىڭدىن ئەل ۋە يا دۆلەت، ئېچىل پاختام؟
مەھەللە باشلىقى ئويلار مۇكاپاتتىن ئېلىشنى نەپ، سېكىرتار كۆڭلىگە پۈكتى شەھەرگە بىر سالاي ئۆي دەپ، يېزا باشلىقىنىڭ پىكرى-خىيالى «سانتانا» دا زەپ، يەنە ھاكىم ۋە ۋالىينىڭ گېپىنى دېمىكىم بىئەپ، جانابى مۆھتىرەملەرگە قىلىپ خىزمەت، ئېچىل پاختام.
غوزا ئۈزمەك، غوزا تەشمەك بىلەن تۈندە ياتالماسمەن، ئۇچامغا غوزا پاختىدىن كىيىم غەملەپ ساپالماسمەن، سېلىپ ئاستىمغا يا كۆرپە، يېڭى يوتقان ياپالماسمەن، ئۆيۈمدە جىنچىراق ئۆچسە پىلىككە ماز تاپالماسمەن، ۋاپاغا بار جاپا، مېھنەتكەشكە يوق ھېممەت، ئېچىل پاختام
سېنىڭدىن نەپنى ئالغانلار ئېتىزدا يوق، تېرىشتا يوق، قۇرۇق چاقىرىق، قۇرۇق گەپتىن جېنى ياشرار(قېرىشتا يوق)، چېپىپ كەتمەننى تەر تۆكسەم، چۈشەر سۇغا-ھېرىشتا يوق، «جاپا ئالدىدا بىز تەييار» دېگەي ئەمما بېرىشتا يوق، پۈتۈلگەنكەن پىشانەمگە بۇ شۇم قىسمەت، ئېچىل پاختام.
تاقارمىز سەھنىدە مېدال خوشامەتتە دېرىكتۇرغا، سىياسەت، دەۋرنى كۆرمەس دىلى ئەما، كۆزى كورغا، گويا ھايۋان كەبىي ئىشلەپ پۇلى بار، مۇشتۇمى زورغا، باقارغۇ دەپ بەخت-ئامەت مېنىڭدەك قىسمىتى شورغا، ياشاش مەڭگۈ ئۈمىد بىرلە ماڭا ئادەت، ئېچىل پاختام.
ئېچىل پاختام، ئېچىلغىن تېز، ئېتىزنىڭ قىر-تۈزىدە سەن، جەرىمانىگە كۆز تىككەن چاپارمەنلەر كۆزىدە سەن، مۇكاپاتتىن ھارام بېيىغان تىرىكتاپلار يۈزىدە سەن، ئېچىل پەشتاقتا، دوكلاتتا، غوجاملارنىڭ سۆزىدە سەن، بېقىپ لاپقا، قۇرۇق قاپقا تىلەي بەرىكەت، ئېچىل پاختام!!!
1994-يىلى، يېڭىسار-سۆگەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-17 21:30
|