پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3609 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 买买提艾力,吐 10 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 麦提图尔荪 يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • تۇرپان_س تۈنۈگۈن 19:28 [ئىنكاس(0)] [...]

كۆرۈش: 78|ئىنكاس: 2

« مەھمۇد كاشغەرىي » رومانىنىڭ خاتىمە قىسمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

179

تېما

3

دوست

3831

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
870 سەر
تىللا
353 دانە
تۆھپە
631 سەر
شۆھرەت
768 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 17:02:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« مەھمۇد كاشغەرىي » رومانىنىڭ خاتىمە قىسمى



خاتىمە






«ھەزرىتى مەۋلانە مەھمۇد كاشغەرىي باغداتتىن قايتىپ كېلىپ، ئوپالدىكى ئۆزى سالدۇرغان مەھمۇدىيە مەدرىسىسىدە سەككىز يىل مۇددەرىسلىك قىلدى
ۋە توقسان يەتتە يېشىدا بۇ ئۆتنە ئالەمدىن مەڭگۈلۈك ئالەمگە كۆچتى.ئاللاتالا ئۇنىڭ روھىنى قۇتلۇق قىلغاي» .
ئەكبەر ئىلتەمۈر يېزىۋاتقان تارىخي خاتىرىسىنى يۇقىرقىدەك سۆزلەر بىلەن تاماملىدى ۋە قەلەمنى قويۇپ ئۇزاققىچە خىيال سۈرۈپ سۈكۈتتە ئولتۇردى
شۇ ئەسنادا ، ماتەملىك كىيىملىرىنى كېيگەن گۈلپەرى كىردى.
يېزىپ بولدىڭىزمۇ؟ـ دەپ سورىدى ئۇ تولا يىغلاپ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرى بىلەن ئېرىگە قاراپ. يېزىپ بولدۇم،ـ دېدى ئىلتەمۈر مۇسىبەت قايغۇسى ئەكس ئېتىپ تۇرغان بوش ئاۋازدا. - ئۇ ئىنسانلار ئىچىدىكى ياخشىلارنىڭ ياخشىسى ئىدى... - گۈلپەرى شۇسۆزلەرنى ئېيتقاندا يەنە ئختىيارسىىز تۈردە كۆزلىرىدىن ئىسسىق ياشلىرى قويۇلۇپ كەتتى. مەھمۇد كاشغەرىي كىشىلەر ئارىسىدىن كېتىپ قالدى. لېكىن، ئۇنىڭ ئورنى بوش قالمىدى. ئۇنىڭ ئۆز
قولى بىلەن تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەن شاگىرتى ھەم ۋارىس ئەكبەر ئىلتەمۈر ئەمدى مەھمۇدىيە مەدرسىسىدە باش مۇدەررىس شەيخ ئىمام بولدى. ئائىلە
ئىچىدە بولسا، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھۇجرىسىغا ئىلەمتۈرنىڭ ئوغلى يۈسۈپ كۆچۈپ كىردى. يۈسۈپ چوڭ بولغانسېرى ئاتا-ئانىسىنى خۇش قىلىپ ئىلىمگە ئشقىنى بەرگەن ئېستىداتلىق يىگىت بولۇپ يېتىشمەكتە ئىدى. ئۇ كۆپ ئوقۇيتتى، كۆپ يازاتتى، كۆپ ئويلايتتى، مۇلاھىزە قىلاتتى. ھالبۇكى، ئۇئاخىرقى ھېسابتا مەھمۇد كاشغەرىيدەك تىلشۇناس بولمىدى، يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك شائىر بولمىدى ۋە ياكى ئاتىسى ئىلتەمۈردەك تارىخچى بولمىدى ئۇ ئۆز دەۋىرگىچە كۆرىلىپ باقمىغان ئۆزگىچە پىكىرلىك پەيلاسوپ بولۇپ چىقتى.
ئۇ رەھمەتلىك مەھمۇد كاشغەرىينىڭ شىرەسى ئۈستىگە قەغەزلىرىنى يېيىپ قويۇپ، قولىدا قەلەم تۇتقان ھالدا ئولتۇراتتى . ئۇنىىڭ كۆزلىرى يىراق - يىراقلارغا،ئاتا-بوۋىلاركۆرۈپ يېتەلمىگەن نۇقتىلارغا تىكىلگەنىدى
يۈسۈپ قەلەمنى سىياھقا چىلىدى ۋە ئالدىدىكى داڭلىق خوتەن قەغىزىگە تۈۋەندىكى قۇرلارنى يازدى:
«بىز مەھمۇد كاشغەرىيدەك، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بالاساغۇنىيدەك مۇتەپپەككۇرلارنىڭ ئىزىنى بېسىشىمىز كېرەك. بۇنداق دېگەنلىك ، جەزمەن ھەممىمىز تىلشۇناس ياكى ئەدەبىياتچى بولىشىمىز كېرەك دېگەنلىك ئەمەس،
بىز ئۇلارنىڭ ئنسانىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ھارماي - تالماي كۈرەش قىلىش، ئىزدىنىش، دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك. بوۋام مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئارزۇسى، ئۈمىدى ھەم ۋەسىيىتى ئەنە شۇنداق . بىز ئۆزىمىزدىن بۇرۇنقى ئىلغار پىكىرلىك ئادەملەرنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، ئۇلار يېتىپ بارالمىغان مەنزىللەرگە بېرىشىمىز، ئۇلارنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قەدەملىرى يەتمىگەن يوللارنى ئېچىشىمىز كېرەك».
يۈسۈپ قەلەمنى قويۇپ ئورنىدىن تۇردى ۋە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، خانا ئىچىدە ئۇيان بۇيانغا مېڭىشقا باشلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر زېھنى بىلەن تەپەككۇر جەۋھەرلىرىنى قازاتتى. ئۇ، تارىخنىڭ چاڭ توزانلىرى ئاستىداكۆمۈلۈپ قالغان سىرلارنى ئېچىشقا، ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ۋە كىشىلەر كۆرەلمەيۋاتقان ھەقىقەتنى تېپىپ چىقىشقائۇرۇناتتى. ئۇ دەۋىرلەر، زامانلار ئىسكەنجىسىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ يىراق كەلگۈسىگە نەزەر تاشلىدى. ئۇكەلگۈسىگە ئنتىلەتتى . كەلگۈسىنى ئۆتمۈشتىكىدىنمۇ، ھازىرقىدىنمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئمكانىيەتلىرىنى ئىزدەيتتى .
يۈسۈپ ئۇزاق مۇلاھىزە يۈرگۈزگەندىن كېيىن ئىشەنچىلىك ھالدا ئۆزـ ئۆزىگە مۇنداق دېدى: « ئنسانىيەتكە بەخىت يارىتىش ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن ئىنسان ئېڭىنى ئازات قىلىش كېرەك .ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى قورقماي ئەركىن سۆزلىيەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئنسانلار يېڭى ھاياتقا ، تېخىمۇ مەنىلىك ۋە باي مەزمۇنلۇق ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ. مەن ئنسان تەبىئتىگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان يېڭىچە تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىل قىلىمەن . بىز ، ھازىرقى ئەۋلات كىشىلىرى كەلگۈسىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئېڭىغا ماسلىشالايدىغان يېڭى مەدەنىيەت يارىتىشىمىز كېرەك . شۇنداق بولغاندىلا تەرەققىيات تېزلىشىدۇ ، تىرىكچىلىكىمىز روناق تاپىدۇ ، ھەقىقى بەختكە ئىگە بولىمىز » .
يۈسۈپ يەنە شىرە يېنىغا ئولتۇردى ۋە ئويلىغانلىرى ئاساسىدا پەلسەپىۋى ئەسەر يېزىشقا كىرىشتى . ئەپسۇسكى ، ئىلتەمۈرنىڭ ، يۈسۈپ يازغانلىرى ھەم شۇنداقلا يەنە نۇرغۇن قىممەتلىك ئەسەرلەر بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىدى . تارىخ تەرەققىيات جەريانىدىكى ئۆزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇرغان بوران-چاپقۇنلار سان-ساناقسىز مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى نابۇت قىلدى . مەھمۇت كاشغەرىي ۋاپات بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي قىتانلار قاراخانىيلارنىڭ يەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدى ، كېيىن بۇ يەرلەردە چىڭگىزخاننىڭ زەربىسىدىن قېچىپ كەلگەن نايمانلارنىڭ ئاتلىرى مۇنبەت ئېتىزلارنى دەسسەپ ۋەيران قىلدى . نايمانلارنىڭ كەينىدىن موڭغۇل قوشۇنى قوغلاپ كېلىۋاتاتتى . ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى چىڭگىزخان بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى . شۇنىڭ بىلەن موڭغۇل –ئۇيغۇر ئاتلىق قوشۇنلىرى قاراخانىيلار يەرلىرىگە ئىچكىرىلەپ ھۇجۇم قىلدى . كاشغەر خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ نايمانلارنى قوغلاپ چىقاردى ۋە موڭغۇل-ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنى قارشى ئالدى . كېيىن ، سابىق قاراخانىيلار سۇلالىسىگە تەۋە بولغان يەرلەر « چاغاتاي ئۇلۇسى » دېگەن نام بىلەن ئاتالدى .
يەنە بىر دەۋر ئۆتكەندىن كېيىن يەكەننى مەركەز قىلغان سەئىدىيە خانلىقى بارلىققا كەلدى ، ئاندىن يەنە تۈرلۈك-تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەر بولدى . قاراخانىيلار دەۋرىدە تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدىكى ۋە ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەرياسى ئارىلىقىدىكى يەرلەردە ياشىغان ئاساسلىق قەبىلىلەر ھازىرقى زاماندىكى ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك خەلقلىرىنىڭ تەركىبىگە سىڭىپ كەتتى .
« دەشتى قىپچاق » دەپ ئاتالغان كەڭ دالىلاردا كۆچمەنلىك قىلىپ ياشىغان تۈرلۈك قەبىلىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ھازىرقى زاماندىكى قازاق ، قىرغىز ، تاتار ، نوغاي ، باشقىرت خەلقلىرىنىڭ ئاز بىرقىسمى ئۆزبېكلەرنىڭ تەركىبلىرىگە قوشۇلۇپ كەتتى . تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدىن غەربكە كۆچۈپ بۈيۈك سالجۇقىيلار سۇلالىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئوغۇزلار بۈگۈنكى تۈرك ، تۈركمەن ، ئەزەربەيجان قاتارلىق خەلقلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولدى . دۋرلەر ئالماشتى ، زامانلار يېڭىلاندى . قەدىمكى زامانلاردىن قالغان نۇرغۇن مىراسلار تاشلىۋېتىلگەن شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ خارابىلىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياكى توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان ھاياتنىڭ ئارقىسىدا قېلىپ ، يېڭى ئەۋلاتلارنىڭ كۆرۈش دائىرىسىدىن يىراقلاشتى . ۋە بارا-بار ئۇنتۇلۇپ كەتتى ، ھالبۇكى ، « تۈركى تىللار دىۋانى» گويا ئەبەدىي كۆكلەپ ، ياشناپ تۇرىدىدىغان ھاياتلىق ئارچىسىدەك ئىنسانلار ئارىسىدا ساقلاندى ۋە بەلكى ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ھەر تەرەپكە يىلتىز تارتىپ ، شاخلاپ ، تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشقا باشلىدى .
مەھمۇت كاشغەرىيدىن كېيىنكى دەۋرلەردە ئۆتكەن ھەرقايسى ئەل ئالىملىرى « تۈركى تىللار دىۋانى » دىن پايدىلاندى ۋە ئۇنى ئۆز ئەسەرلىرىدە تىلغا ئالدى .
مىسىرلىق تارىخشۇناس بەدرىددىن ئەنتەبىي « مىلادىيە 1360-يىلى ۋاپات بولغان » ئۆزىنىڭ « زامان ئەھلىنىڭ تارىخىدىن ھەقىقى ئۈنچىلەر » ناملىق ئەسىرىدە تۈركى خەلقلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن ۋە بۇنى « مەھمۇد كاشغەرىينىڭ دىۋانىدا كۆردۈم » دەپ كۆرسەتكەن . يەنە شۇ دەۋرنىڭ تارىخچىلىرىدىن شاھابىدىن ئەھمەدۇ « زامانداشلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن ھېسسىي تارىخ » ناملىق ئەسىرىدە « تۈركى تىللار دىۋانى » دىن پايدىلىنىپ ، تۈركى خەلقلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى چۈشەندۈرگەن .
مىسىردا ياشىغان ئالىم ئىبنى مۇھەممەت كاشغەرىينىڭ مىلادىيە 1363-يىلى يېزىلغان « سائادەت تاجىلىرى ۋە ھاكىمىيەت ئۈنۋانلىرى » دېگەن كىتابىدا بىر قىسىم ئۈزۈندىلەر نەقىل كەلتۈرۈلگەن .
ئەندەلىسلىك ئەبۇ ھەييان «تۈركلەرنىڭ تىللىرىنى چۈشەندۈرۈش » ناملىق كىتابىدىمۇ يۇقارقى ئىسىملىرى زىكرى قىلىنغان ئاپتورلارنىڭ « تۈركى تىللار دىۋانى » نى كۆرگەنلىكىنى ئەسلەتكەن .
بۇلاردىن باشقا مۇستاپا ئىبنى ئابدۇللا ئىبىنى كاتىپ چەلەبى ( 1591-1656) ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى « گۇمانلارنى ئېچىش » دا ، تۈركى تىللاردىۋانىدىن پايدىلىنىپ مۇنداق يازغان : « مۇھەممەت ئوغلى ھۈسەيىن پەرزەنتى مەھمۇتنىڭ ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈركى › بىر جىلىددۇر ...مۇئەللىپ (مەھمۇد كاشغەرىي ) ئۆز ئەسىرىنى ئەرەپچە ئىزاھلىغان ۋە تۈركى تىل ئون سەككىز ھەرپ بىلەن يېزىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ... ئەسىرىنى مۇقتەدىي بىئەمرۇللا ئوغلى خەلىپە ئەبۇلقاسىم ئابدۇللاغا ئارمىغان قىلغان » .
مەھمۇد كاشغەرىي 11-ئەسىردىكى تۈركى قەبىلىلەر شېۋىلىرىنى خاقانىيە ئەدەبىي تىلى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا « تۈركى تىللار دىۋانى » نى يېزىپ چىقتى  ئۇ تۈركى تىللار تەتقىقاتىدا سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ئۇسۇلىنى بىرىنچى بولۇپ قوللاندى ۋە شۇ ئارقىلىق تۈركى تىللارنىڭ سېلىشتۇرما تەتقىقاتىغا ئاساس ياراتتى .
« تۈركى تىللار دىۋانى » سېلىشتۇرما لۇغەت بولۇش بىلەنلا قالماي بەلكى تىل ، ئەدەبىيات ، تارىخ ، ئېتنوگراپىيە ، جۇغراپىيە ، تىبابەتچىلىك ئاسترونومىيە ، كىيىم-كېچەك ، يېمەك-ئىچمەك ، ئۆرپ-ئادەت ، ھەربىي ئىشلار ساھەلىرىدىكى كەڭ دائىرىلىك بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزىگە خاس ئىنسىكلوپىدىيلىك لۇغەتتۇر .
مەھمۇد كاشغەرىي باشلاپ بەرگەن سېلىشتۇما تەتقىقات يولىنى كېيىنكى ئالىملار داۋاملاشتۇردى ، مەسىلەن ، مەھمۇت كاشغەرىيدىن 200 يىل كېيىن ياشىغان ئەرەپ تىلشۇناسلىرىدىن جامالىدىن ئىبىن مۇھەننا ئۆزىنى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ شاگىرتى ھېسابلاپ ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا توپلىغان تىل ماتىرىياللىرى ئاساسىدا تۈركولوگىيىگە دائىر ‹ چىرايلىق ۋە گۈزەل بايانلار › دېگەن كىتابىنى يازغان » .
«تۈركى تىللار دىۋانى » كېيىنكى ۋاقىتلاردا داۋاملىق كۆچۈرۈلۈپ ، كۆپەيتىلىپ ، جاي-جايلارغا تارقىتىلدى . بۇ « دىۋان » نىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن بىردىنبىر قوليازما نۇسخىسى ھازىر ئىستانبۇل كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا .
بۇ نۇسخا ئەسلى ئىرانلىق بولۇپ ، كېيىن سۈرىيەدە ياشىغان بىر كاتىپ تەرىپىدىن مىلادىيە 1260 –يىلى ، يەنى « تۈركى تىللار دىۋانى » يېزىلىپ 190 يىل ئۆتكەندە كۆچۈرۈلگەن .
« دىۋان » نىڭ مۇشۇ قوليازما نۇسخىسى ئوسمانلى ئىپېرىيىسىنىڭ ۋەزلىرىدىن بىرىنىڭ ئۆيىدە ساقلىنىپ كەلگەن ۋە مىلادىيە 1914-يىلى بىر ئىلىم ھەۋەسكارىغا سېتىلغان .
كېيىن ، تۈركىيە ئالىمى كېلىسلى رىفئەت بۇ قوليازمىنى مىخ مەتبەئەدە باستۇردى .
شۇنىڭدىن كېيىن ھەرقايسى ئەللەردە « تۈركى تىللار دىۋانى » نى تەتقىق قىلىش خىزمەتلىرى قانات يايدى .
گېرمانىيە ، ۋېنگىرىيە ، روسىيە ، ئەنگىلىيە ، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بۇ قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى توغرىسىدا مەخسۇس كىتابلار ، ئىلمى ماقالىلەر ئېلان قىلىندى .
مىلادىيە 1928 –يىلى گېرمانىيىلىك ئالىم كارال بروككىلمان « تۈركى تىللار دىۋانى » نىڭ نېمىس تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىندېكىسىنى ئىشلەپ چىقتى . تۈركىيىلىك ئالىم بېسىم ئاتىلاي 1939-يىلىدىن 1941-يىلىغىچە بولغان جەرياندا مەھمۇت كاشغەرىيىنىڭ بۇ نادىر ئەسىرىنى تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ، ئىندېكىسىنى تۈزدى ۋە ئەسلىدىكى « دىۋان » قوليازمىسىنىڭ فاكسېمىلىنى يەنى فوتۇ نۇسخسىىنى ئېلان قىلدى .
1960-يىلى ئۆزبېك ئالىمى سالى مۇتەللىپوۋ « دىۋان » نى ئۆزبېك تىلىغا تەرجىمە قىلدى . 70 –يىللاردا « تۈركى تىللار دىۋانى » نىڭ روسچە تەرجىمىسى موسكۋادا ئىشلەندى .
1981-يىل بۇ يادىكارلىقىمىزنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمە نۇسخىسى ئېلان قىلىندى .
ھازىر يەنە ئۈرۈمچىدە «دىۋان » نىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى ئىشلەنمەكتە .
باغداتتا كاشغەرلىك ئالىم تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ كاتتا ئىلمى ئەسەر ئۆز دەۋرىدە تۈركى تىللارنىڭ سېلىشتۇرما تەتقىقاتىنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرۈشتەك ئالاھىدە زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانىدى .
ھازىرقى دەۋردىمۇ مۇھىم ئىلمى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ ، ھەرقايسى ئەل ئالىملىرى تۈركى تىللارنىڭ تارىخى تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىشتا بۇ مەشھۇر « دىۋان » دىن ئۈنۈملۈك پايدىلانماقتا .
مەھمۇد كاشغەرىي ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ئوپالدىكى نورۇز بۇلاق تۆپىلىكىگە دەپنە قىلىندى .
شۇنىڭ بىلەن « ھەزرىتى مەۋلانە » مازارى دەپ ئاتالغان بۇ تۆپىلىك ئوپال ۋە پۈتۈن كاشغەر ھېيىت-ئايەم كۈنلىرى تاۋاپ قىلىدىغان مۇقەددەس جايىغا ئايلاندى .
مارجاندەك تىزىلىپ ئۆتكەن يىللار ۋە ئەسىرلەر خەلق ئىچىدىن بۈيۈك ئالىمنىڭ خاتىرىسىنى يۇيۇپ كېتەلمىدى . زامانلار بورانلىرى بىر ئۆمۈر قەلەم تۇتۇپ ياشىغان ئىنساننىڭ نام شەرىپىنى ئۇچۇرتۇپ كېتەلمىدى .
ئالىمنىڭ نامى خەلق بىلەن بىللە ياشىدى ۋە بەلكى ھازىرغىچە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ، كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ياشاپ كەلمەكتە.
ھازىرقى ئادەملەر 11-ئەسىردا ئۆتكەن ئالىمنىڭ مەقبەرىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ھەرقايسى جايلاردىن ھەتتا چەتئەللەردىن كاشغەرگە كەلمەكتە .ئوپالغا كەلمەكتە ، نورۇز بۇلاق تۆپىلىكىگە چىقماقتا .
ئۈرۈمچىدىن كەلگەن يازغۇچى چوڭقۇر ھۈرمەت تۇيغۇسى بىلەن ھەزرىتى مەۋلانە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى . ئۇ ئەسىر بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا قوپۇرۇلغان دەرۋازىغا خىيالچان كۆزلىرىنى تىكىپ بىر ئەسناغىچە سۈكۈتتە تۇردى . يازغۇچىنىڭ ئالدىدا گويا قەدىمكى ئەجداتلارنىڭ ئىشلىرىدىن ھاسىل بولغان بىر نۇرانە يول ئېچىلدى .
بۇ ، ئەسىرلەرنى ئەسىرلەرگە ، قەلىبلەرنى قەلىبلەرگە باغلايدىغان يول ئىدى . يازغۇچىنىڭ قۇلاقلىرىغا ئاجايىپ يېقىملىق ۋە دىللارغا مادار بەرگۈچى كۈيلەر ، كىشىلەرنى توختىماي ئالغا بېسىشقا ئۈندەيدىغان مەڭگۈلۈك چاقىرىقنىڭ ئەكىس ساداسى ئاڭلىنىپ تۇراتتى .
يازغۇچى گويا قاناتلاندى . ئۇ ئاشۇ چاقىرىقنىڭ ئىلھامى بىلەن ، ئاشۇ نۇرانە يولنى بويلاپ مازار ئىچىگە كىردى ۋە بۈيۈك ئالىمنىڭ قەبرىسى ئالدىدا توختىدى .
« بۇ ئالىم بىلەن بىزنى 900 يىل ئايرىپ تۇرىدۇ –دەپ ئويلىدى يازغۇچى ، ئالەمنىڭ چېكى يوق بولغىنىدەك ، ۋاقىتنىڭمۇ چېكى يوق . لېكىن ئىنساننىڭ ئكمرى بەك قىسقا ، بەك چەكلىك . بىرقىسىم كىشىلەر بۇ دۇنيادىن ئىز-دېرەكسىز يوقۇلۇپ كېتىدۇ . ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ . يەنە بىر قىسىم كىشىلەر باركى ، ئۇلار ئاشۇ چەكسىز ۋاقىت دېڭىزىدا يىمىرىلمەس ، ئۇپرىماس كېمە بولۇپ ئۈزىدۇ . ئۇ كېمىنىڭ يەلكەنلىرى ئەسرلەر يىراقلىقىدىمۇ روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ . ئۇنىڭ دولقۇنلارنى يېرىپ چىقىرىۋاتقان يالقۇنلۇق ساداسى ئىنسانلارنى ھامان ئالغا باشلايدۇ » . يازغۇچى خۇددى ئاللىقانداق سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەۋاتقاندەك ، ئاللىقانداق سىرلارنى ئاچقۇسى كەلگەندەك قەبرىدىن ئۇزاققىچە كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇردى . « ئۆز دەۋرىدە خەلقمىز ئىچىدىن دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مەردانە قەدەم تاشلاپ تۇرغان مۇشۇنداق ئەجداتلىرىمىز بار ئىدى ،- يازغۇچى يەنە ئويلىدى،- بىز ھازىرقى ئەۋلاتمۇ ئۆزىمىز ياشاۋاتقان زامانغا ماسلىشىپ دۇنيا ئېقىمى ئىچىدە ئالغا ماڭالايمىز ، ئالغا مېڭىشىمىز كېرەك .
نورۇز بۇلاقنىڭ سۈپسۈزۈك ئېقىن سۈيى نازۇك شىلدىرلاپ بۈك-باراقسان تالزارلىق ئىچىدە ئېقىپ ئۆتمەكتە. كاشغەرنىڭ تىنىچ ئاسمىنىدا يارقىن قۇياش پارلاق نۇرىنى سېخىيلق بىلەن تۆكمەكتە .
يازغۇچى تۆپىلىكتىن مەھەللە ئىچىگە چۈشۈپ كېلىۋاتاتتى . شۇ تاپتا ئۇنىڭغا ئەتراپتىكى دەرەخزارلىق ئىچىدىن خۇددى يىگىتلىك دەۋرانىدىكى مەھمۇد كاشغەرىي چىقىپ كېلىدىغاندەك ، مانا مۇشۇ دېھقان ئۆيلىرىنىڭ بىردىن خۇددى قەدىمكى ئۇيغۇر قىزى چېلىۋاتقان باربىت ساداسى ئاڭلىنىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى .
« يېزىش كېرەك ! –خىتاپ قىلدى يازغۇچى ، -بۈيۈك ئالىمنىڭ ھاياتىنى ، خەلقىمىزنىڭ ئۆتكەن ئەسىرلەردە قانداق ياشىغانلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتۇش كېرەك ! » يازغۇچىنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى .
« مەھمۇد كاشغەرىي » رومانى ئاخىرى يېزىلىپ تاماملاندى .

مەنبە-    پەرھات جىلاننىڭ« مەھمۇد كاشغەرىي » رومانى
    كۇنۇپكا تاختىسى ئالدىدا كەۋسەر

باھا سۆز

تايلاق جاپا چىكىپسىز  يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 18:21
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
تايلاق + 1 + 1 + 1 + 1

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 1 تىللا + 1 تۆھپە + 1 شۆھرەت + 1  باھا خاتىرىسى

يېڭى يىلدا ھەممەيلەننىڭ يېڭى ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن .
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

11

تېما

4

دوست

1431

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
432 سەر
تىللا
40 دانە
تۆھپە
201 سەر
شۆھرەت
215 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 20:55:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تايلاق ئەپەندى دىگەندەك ھەقىقەتەن جاپا چېكىپسىز رەھمەت .
سىزدەك كۈنۈپكا تاختىسى ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئەجداتلىرىمىز توغرىسىدا ماتىريال ئۇرىدىغانلار قانچىلىك ؟
سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز مېنى بەكمۇ تەسىرلەندۇردى .
  بىزگە مۇشۇنداق ئېسىل سوۋغىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىڭىزگە  كۆپ رەھمەت .
  

179

تېما

3

دوست

3831

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
870 سەر
تىللا
353 دانە
تۆھپە
631 سەر
شۆھرەت
768 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 23:15:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماختىغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر .
يېڭى يىلدا ھەممەيلەننىڭ يېڭى ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 13:19, Processed in 0.157918 second(s), 42 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش