baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

BAYKAXBIZ
كۆرۈش: 556|ئىنكاس: 14

مەكتەپنىڭ مەكتەپ دەرسىلىكىنى يولغا قويۇش پروگراممىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يېڭىسار ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەكتەپ دەرسىلىكىنى يولغا قويۇش پروگراممىسى
1. ئاساسىي تۈرلەر
1) دەرسلىك نامى: مىراس.
2) ئاساسلىق دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچى: ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت.
3) دەرسلىك ماتېرىيال: مەكتەپ تۈزگەن.
4) دەرسلىك تۈرى: يۇرت جۇغراپىيىسى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت، مىللىي ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت، مىللىي ئەخلاق-ئەردەم، مىللىي ھۆنەر-سەنئەت.
5) دەرس ۋاقتى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى: ھەپتىسىگە1 سائەت ئۆتۈلىدۇ.
6) ئۆگىنىش ئوبېكتى: 7-، 8-، 9-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى.
2. دەرسلىكنىڭ كونكىرت مەزمۇنى
1) دەرس نىشانى:
(1) مەكتەپ دەرسى ئوقۇتۇشى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇرتنى، ۋەتەننى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى، گۈزەل ئەنئەنىۋىي مىللىي ئەخلاق-پەزىلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سوتسىيالىستىك ئەخلاق-پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلاردا ئاكتىۋال، مەدەنىي كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، توغرا قىممەت قارىشىنى تەدرىجى شەكىللەندۈرۈپ، گۈزەل مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە مىللىي ئەخلاقنى يادرۇ قىلغان مەدەنىيلىك سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتىرىش؛
(2) ئوقۇغۇچىلارغا مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى ئىگەللىتىش، ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ھاياتىي كۈچىنى نامايەن قىلىپ كەلگەن مىللىي مەدەنىيەت ۋە گۈزەل مىللىي ئۆرپ-ئادەت، مىللىي ئەخلاق-ئەردەم قاراشلىرىنى ئىگەللىتىش، مىللىي مەدەنىيتىمىزنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا تۇتقان ئورنىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىياتقا ماسلىشىش ئېڭىنى كۈچەيتىش؛
(3) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مىللىي مەدەنىيەتنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ۋە ئىشلىتىشكە بولغان قىزىقىشى ۋە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، ئەنئەنىۋىي مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش؛
(4) ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئىپادىلىنىش شەكىللىرىنى چۈشىنىش ئاساسىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلىق ھالدا ئەنئەنىۋىي مىللىي مەدەنىيەتنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، تەشۋىق قىلىش، تەرەققى قىلدۇرۇش ئاكىتىپچانلىقىنى قوزغىتىش؛
(5) ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل، ئەدەبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە قاتارلىق پەنلەرگە دائىر بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ۋە كۈچەيتىش.
2) دەرس مەزمۇنى:
بۇ مەكتەپ دەرسلىكى جەمئىي 54 دەرستىن تۈزۈلگەن.

7-يىللىق:
1-دەرس. يۇرتىمىز-شىنجاڭ
2-دەرس. ۋىلايىتىمىز-قەشقە
3-دەرس. ناھىيىمىز-يېڭىسار
4-دەرس. ئۇيغۇرلار
5-دەرس. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇئامىلە ئەخلاق–ئەردەملىرى
6-دەرس. ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئالاقە ئەخلاق–ئەردەملىرى
7-دەرس. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىت ئەخلاق–ئەردەملىرى
8-دەرس. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئائىلە تەربىيىسى
9-دەرس. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئەدەپ-ئەخلاق تەربىيىسى
10-دەرس. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمگەك تەربىيىسى
11-دەرس. ئۇيغۇرلارنىڭ بىلىم-ھۆنەر تەربىيىسى
12-دەرس. ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلارنى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇش تەربىيىسى
13-دەرس. ئۇيغۇرلاردا تۇغقان ناملىرى
14-دەرس. ئۇيغۇرلارنىڭ  يۇرتداشلىق ئادىتى
15-دەرس. ئۇيغۇرلاردا مەھەللە مەدەنىيىتى
16-دەرس. ئۇيغۇرلارنىڭ قوشنىدارچىلىقى
17-دەرس. ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋىي كەسپ ئەخلاقىي-پەزىلەتلىرى
18-دەرس. ئۇيغۇرسودا–تىجارەتچىلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋىي كەسپ ئەخلاقىي-پەزىلەتلىرى

8-يىللىق:
1-دەرس. ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەتچىلىك ئادىتى
2-دەرس. ئۇيغۇرلاردا ئائىلە ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت
3-دەرس. ئەجدادلىرىمىزنىڭ چاچنى ئۇلۇغلاش ئەنئەنىسى
4-دەرس. ئۇيغۇرلاردا سالاملىشىش ئەنئەنىسى
5-دەرس. گۈل خۇمار ئۇيغۇرلار
6-دەرس. چوڭلارنى ھۆرمەتلەش
7-دەرس. ئۇيغۇر مۇقاملىرى
8-دەرس.ئۇيغۇر چالغۇلىرى
9-دەرس. يېڭىسار پىچىقى
10-دەرس. مەشرەپ
11-دەرس. ئاساسلىق مېۋىلىرىمىز
12-دەرس. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئۆلچەم بىرلىكلىرى
13-دەرس. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي قاتناش قوراللىرى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى
14-دەرس. يېزىقسىز ۋاقىت كالېندارى
15-دەرس. باغۋەنچىلىكىمىزدىكى مەدەنىيەت ئامىللىرى
16-دەرس. ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسابلاش ئادىتى
17-دەرس. ئۇيغۇرلارنىڭ قول يۇيۇش مەدەنىيىتى
18-دەرس. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم قويۇش مەدەنىيىتى

9-يىللىق:
-1دەرس. خاسىيەتلىك بايرام-نورۇز
-2دەرس. ئۇيغۇرلارنىڭ خەتتاتلىق سەنئىتى
-3دەرس. ئۇيغۇر ئۇسۇل سەنئىتى
-4دەرس. ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبول تارىخى
-5دەرس. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي كىيىم-كېچەكلىرى
-6دەرس. ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۈرلىرى
-7دەرس. بەلباغ
-8دەرس. ئۇيغۇرلارنىڭ تائام مەدەنىيىتى
-9دەرس. تائام شاھى-پولو
-10دەرس. ئۇيغۇرلاردىكى نان مەدەنىيىتى
-11دەرس. مەشھۇر مۇقامشۇناس تۇردى ئاخۇن ئاكا
-12دەرس. دىيارىمىزنىڭ پەخرى-ئەدىب ناقىس
-13دەرس. ئەتلەس
-14دەرس. خوتەن گېلىم
-15دەرس. خوتەن قاشتېشى
-16دەرس. ئۇيغۇر دارۋازچىلىقى
-17دەرس. پەلەك شاھى ئادىل ھوشۇر ۋە ئۇ ياراتقان جېنىس دۇنيا رېكورتلىرى
-18دەرس. يەتتە تۈردە جېنىس دۇنيا رېكورتى ياراتقان ئەزىمەت-ئابلەت مەجۈن
3. دەرسلىكنى يولغا قويۇش توغرىسىدا تەكلىپ
1) ئوقۇغۇچىلارنىڭ زۆرۈر بولغان ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى ياخشى تەييارلاپ، ئوقۇتۇش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق شارائىت يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىش مەزمۇنى ۋە ئۆگىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك.
2) ئوقۇغۇچىلارنى ئەنئەنىۋىي مىللىي مەدەنىيىتىمىز ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنىڭ ھازىرقى دەۋردىكى تەقدىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىشقا، مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشقا يېتەكلەش؛ نۆۋەتتىكى رىئاللىققا بىرلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋىي مەدەنىيلىك بەپا قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە تەخىرسىزلىكى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە تەشكىللەش؛ دەرسلىك ماتېرىيالىغا بىرلەشتۈرۈپ، مەكتەپ مەدەنىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئەمەلىيەتكە تەدبىقلىغان ئاساستا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش.
3) تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش: مۇھىم مەزمۇنلارنى ئەستە ساقلاش، كېڭەيتىپ ئوقۇش، لېكسىيگە تەشكىللەش، تەكشۈرۈشكە ئۇيۇشتۇرۇش.
4) بۇ دەرسلىكنى ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش كۆپ خىل پەنلەرگە چېتىلىدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، بىر قىسىم قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنىڭ قىيىن-ئاسانلىق دەرىجىسىنى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىش لازىم.
5) ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇشتا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى لازىم:
① مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىۋىيلىك ۋە زامانىۋىيلىقتىن ئىبارەت ئىككى قاتلاملق  مەدەنىيەت روھى ۋە قىممەت يۈزلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛
② ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مىللىي مەدەنىيىتى سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى، ئۇنىڭ تەسىر كۆرسىتىش، يۆنىلىش كۆرسىتىش جەھەتتىكى رولى ئاكتىپ ۋە ساغلام. بىراق، ئۇنى يەنىمۇ مۇكەممەلەشتۈرۈشكە، ئۇنىڭ ئىلغار ئامىللىرىنى قېزىشقا، داۋاملىق توغرا يۆنىلىشكە يېتەكلەشكە توغرا كېلىدۇ.
4. باھالاش ھەققىدە تەكلىپ
1) دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى باھالاش
① ئوقۇتقۇچىنىڭ نەزەر دائىرىسى كەڭ بولۇشى، دەرس مەزمۇنىنى ئەتراپلىق يەتكۈزۈشى كېرەك؛ ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىنىش ۋە تەپەككۇر مۇھىتى يارىتىپ بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم؛
② بۇ دەرسلىكنىڭ ئالاھىدىلىكى: دەرسلىك ماتېرىيالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنىڭ سالمىقى بىرقەدەر چوڭ، ئەمما، ئەتراپىمىزدىكى ھەربىر ئادەم، ھەربىر ئىش بۇ مەسىلىلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك؛
③ ئوقۇغۇچىلاردىن دەرسلىكتىكى مۇھىم مەزمۇنلارنى ئەستە ساقلاشنى تەلەپ قىلىش، ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشىچە دەرسلىك تېكىستىنى چىقىش قىلىش؛ ئەستە ساقلاش ۋە چۈشىنىشنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛
④ ئوقۇغۇچىلارنى ھەرقايسى پەنلەرگە دائىر بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، ئۇلارنى تەپەككۇرىنى جانلاندۇرۇشقا، ئەستايىدىل مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش لازىم.
2) تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش
ئۇچۇر توپلاش، ماتېرىيال رەتلەش، يېڭىلىق يارىتىشنى تەكىتلەش، بىلىم ئېلىش ئىستىكىنى قوزغىتىش نىشان قىلىنغان تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كېرەك؛ ئورۇنلاش ئۇسۇلى جەھەتتىن جەمئىيەت تەكشۈرۈش (ئەمەلىي ئورۇندا تەكشۈرۈش، سۇئال سوراپ تەكشۈرۈش، زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈش قاتارلىقلار) كە ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئورۇنلاش شەكلى جەھەتتىن ئوقۇغۇچىلار مۇستەقىل ھالدا يەككىلەر بويىچە ئورۇنلىسىمۇ ياكى  كىچىك گۇرۇپپىلار بويىچە بىرلىكتە ئورۇنلىسىمۇ بولىدۇ.








بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-26 03:12  

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-9-15 17:08:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ ماۋۇ ھەجەپ بەلەن بوپتۇ .مىللى مەدىنيەت،مىللى ئەنئەنە،ئۆزيۇرتىنى چۇشىنىش،مىللىتىنى بىلىش،ئۆرىپ-ئادەتلەرنى ئۆگىنىش شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدىنيىتىنى بىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش جەھەتتە بېسىلغان دادىل قەدەم !
بارىكاللا ! يىڭىسار 3-ئوتتۇرا مەكتىپىگە ! ئاز بولسىمۇ قۇبۇل قىلىڭلار ئەمدى !
ۋاقتى: 2012-9-15 19:04:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپ دەرسى تۈزۈش ۋە ئەمەلىلەشتۈرۈش كۆپ قىسىم مەكتەپلەردە ئىشقا ئېشىپ بۇلالمىدى، ئىشقا ئاشسىمۇ ئىزچىللىقى يوق. ‹‹يېڭىسار ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەكتەپ دەرسىلىكىنى يولغا قويۇش پروگراممىسى›› مەكتەپلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرىگە ئۆرنەك بولغىدەك. رەخمەت سىزگە، مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.
ۋاقتى: 2012-9-16 18:07:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دەل ماڭا كېرەكلىك ماتىريال ئىدى ،بەكمۇ ياخشى ماتىيال بىلەن تەمىنلەپسىز  رەخمەت سىزگە!
ۋاقتى: 2012-9-17 11:31:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوتلۇق يوللىغان ۋاقتى  2012-9-15 17:08
ۋاھ ماۋۇ ھەجەپ بەلەن بوپتۇ .مىللى مەدىنيەت،مىللى ئەنئە ...

پاھ! نىمە دىگەن ياخشى .بۇ سوۋغاتلار باشقىلارغا يوقمىكىنە؟؟؟؟؟؟
ۋاقتى: 2012-9-17 15:48:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
◤pari◥ يوللىغان ۋاقتى  2012-9-17 11:31
پاھ! نىمە دىگەن ياخشى .بۇ سوۋغاتلار باشقىلارغا يوقمىك ...

سىزگىمۇ بار .مانا .
ۋاقتى: 2012-9-17 15:55:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوتلۇق يوللىغان ۋاقتى  2012-9-17 15:48
سىزگىمۇ بار .مانا .


پاھ -پاھ !!! رەخمەت سىزگە ، تارتىنمىدىم ئەمىسە!! بەك خوش بولدۇم.كۆپ رەخمەت !!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ◤pari◥ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-17 16:03  

ۋاقتى: 2012-9-17 16:47:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپ دەرسلىكىنى يولغا قويۇش لاھىيەسى چۇشكەن بولسىمۇ كۆپ قىسىم مەكتەپلەردە بۇ دەرسلىككە نىسبەتەن كۆز قاراش ئېنىق ئەمەسمۇ ياكى بۇ دەرسلىككە بولغان چۇشەنچىسى ئېنىق ئەمەمۇ ئىشقىلىپ بۇ دەرسلىك يولغا قويۇلغان بىلەن ئەمما يۈزەكى ئۆتۈپ قويۇش ھەم مەكتەپ مەسئۇللىرىمۇ بۇ دەرسلىككە سەل قاراش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت . سىزنىڭ بۇ يوللىغان  يولغا قويۇش پىروگراممىسى ھەر قايسى مەكتەپلەرگە ئۆرنەك بولغۇسى.
رەھمەت سىزگە .
ۋاقتى: 2012-10-6 14:28:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپ دەرىجىلىك دەرس   مەكتەپلەردىكى  مۇھىم ئۈچ دەرسنىڭ بىرى .ئۇنى چوقۇم  مەكتەپلەرئۆزىنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ تۈزۈشى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ  تۇرمۇشىغا يېقىنلاشتۇرۇشى كېرەك . بۇ دەرس  دەل مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىگە  مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئېسىل دەرسلىك  بوپتۇ.  رەھمەت سىزگە !
ۋاقتى: 2012-10-6 14:28:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپ دەرىجىلىك دەرس   مەكتەپلەردىكى  مۇھىم ئۈچ دەرسنىڭ بىرى ئۇنى چوقۇم  مەكتەپلەر ئوزىنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ تۈزۈشى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ  تۇرمۇشىغا يېقىنلاشتۇرۇشى كېرەك . بۇ دەرس  دەل مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىگە  مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئېسىل دەرسلىك  بوپتۇ.  رەھمەت سىزگە
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


قاماقخانا|يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2014-3-26 17:24, Processed in 1.005439 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش