كۆرۈش: 558|ئىنكاس: 3

ئالىم ساھىبجامال دۆلەت خانىمنىڭ ئۇتۇقلىرى قۇتلۇقلاندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ساھىپجامال مالىم توغۇرلۇق خەۋەرلەر ئىزدىنىشتا خېلى بار، يېقىندا مالىمنىڭ ئۇتۇقلىرىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىپتۇ. پائالىيەتكە ماگىستىر يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسى، شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىنىڭ پىروفىسورى چاجاۋجېڭ( 查朝征) ئەپەندىمۇ ئىشتىراك قىلىپتۇ ۋە لېكسىيە سۆزلەپتۇ.



2-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 9:00 دا، ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولىغا جايلاشقان ئۈزۈمزار رېستورانىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا ئىلمى ۋە تېخنىكىسى ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، فىزىكا ساھەسىدە يېقىنقى 30 يىلدىن بېرى ئۇدا تالاش-تارتىش قىلىنىپمۇ ھەل بولماي كېلىۋاتقان خەلقئارالىق قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلغان دوكتۇر ئاسپىرانت يېتەكچىسى ساھىبجامال دۆلەت خانىمنىڭ ئۇتۇقلىرىنى قۇتلۇقلاش مەرىكىسى ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتكە پېشقەدەم رەھبەرلەردىن مىجىت ناسىر ئەپەندى، يۈسۈپ ئەيسا ئەپەندى، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن كەلگەن ئوقۇتقۇچى ئۇستازلار، ساھىبجامال خانىمنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى، خىزمەتداشلىرى، ئۇرۇق تۇغقانلىرى، شۇنداقلا بىر قىسىم مەرىپەتپەرۋەر شەخسلەر ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
بۇ پائالىيەتنى شىنجاڭ كۆكنۇر يۇقىرى تېخنىكا ئېچىش ھەسسىدارلىق شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مەرىكىدە ئاۋۋال ساھىبجامال خانىمنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىلىرى ۋە شۇ نەتىجىگە ئېرىشىش يولىدىكى جاپا مۇشەققەتلىك ئۆگىنىش، تۇرمۇشى تونۇشتۇرۇلۇپ ئۆتۈلدى. پائالىيەتتە يەنە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇچۇر تېخنىكىسى، خىمىيە، بىئولوگىيە، فىزىكا، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۇيغۇر دوكتورلار ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىدە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
مەرىكىدە پېشقەدەم رەھبەر يۈسۈپ ئەيسا ئەپەندى ساھىبجامال خانىمنىڭ ئۇتۇقلىرىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، شۇ ئارقىلىق، بىلىم، ئىقتىساد جەھەتتە باشقا ئىلىغا مىللەتلەر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، ئىلىم ئىگىلىرىنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارنى قەدىرلەش، پەقەت سەنئەتكار، يازغۇچى-شائىرلارنىلا ھۆرمەتلەپ، ئىززەتلىمەستىن، تەبىئىي پەن ئالىملىرىنىمۇ ھۆرمەتلەش كېرەكلىكىنى، ئۇلارنىڭمۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، قەدىرلىك شەخسلەر ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىنتايىن تەسىرلىك ۋە كىشىنى ئويغا سالىدىغان مۇھىم سۆز قىلدى.
ئۇنىڭدىن كىيىن، ساھىبجامال خانىمنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچىسى ساھىبجامال خانىمنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە ئىنتايىن يۇقىرى باھالارنى بەردى، ئۇ ساھىبجامال خانىمنىڭ نەتىجىسىگە باھا بەرگەندە مۇنداق دېدى: « ساھىبجامالنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىسى شۇ ساھەنى يېڭى دەۋرگە باشلاپ كىردى، فىزىكا ساھەسىدە بۇنداق شەرەپكە ئېرىشكەن جۇڭگولۇق ئالىملار تېخى چىقىپ باقمىغان» دېدى.
پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا ساھىبجامال خانىم ۋە ساھىبجامال خانىمنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا تون كىيدۈرۈلدى.

قۇتلۇقلاش مەرىكسىىدىن كۆرۈنۈشلەر



























باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +10تىللا +5تۆھپە +5شۆھرەت +5يىغىشسەۋەبى
ئوتلۇق + 10 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-9-13 12:09:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز سايىپجامال خانىم . ئۇيغۇرلار ئىچىدىن  سىزدەك بىلىملىك كىشىلەرنىڭ چىققانلىقىنى ئەمەلىي ھەركىتىم بىلەن قوش قوللاپ قۇۋەتلەيمەن
ۋاقتى: 2012-9-13 12:11:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبىرىمىزدە مۇشۇنداق تىمىلار ئەسلى مۇشۇنداق تىمىلار كۆپرەك يوللىنىپ بىزنىڭ پەخىرلىنىش ھىسسىياتىمىزنى قوزغىشى كىرەك ئىدى . تۇرك ئەپەندى سىزنىڭ مۇنبىرىمىزنىڭ غوللۇق ئەزاسى بولۇپ قېلىشىڭىزنى ئۇمىت قىلىمەن .
ۋاقتى: 2012-9-13 18:53:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساھىپجامال دۆلەت خېنىم ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق  نەتىجە قازىنىپ  ھۆرمەتكە ئېرىشىپتۇ . مەن بۇ مىللىتىمىزدىن چىققان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋەكىلى ب بولغان بۇ   ساھىپجامال دۆلەت خانىمغا چوڭقۇر ھۆرمىتىمنى بىلدۇرىمەن .
  
ئاخىرىدا بۇ تېمىنى يوللىغان  مۇنبەردىشىمىزغىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن .
رەھمەت سىزگە  
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش