| ئۆز قولۇمدا بېسىلدى،قالايمىقان كۆچۈرمەڭ !!!! ئۇف، بۈگۈن تېما يوللاپ ۋاشاڭ قىلىۋەتتىم تېما دىگەننى ،ئەمدى يوللىمايمەن !!!!
مۇشۇ يېقىندا ماڭا بالىلار ناخشىلىرى لازىم بولۇپ شۇنچە ئىزدەپمۇ ھېچنىمە تاپالمىدىم،ئاچچىقتىن يېرىلىپ كەتكۈدەك بولدۇم ، كىرمىگەن كىتاپخانا،ئۈن-سىن دۇكىنى،ئىزدىمىگەن تور ھېچنىمە قالمىدى ، بۇ رېئاللىق مېنى قولۇمغا كۇنۇپكا تاختىسىنى ئېلىپ بۇ تېما ئۈچۈن ئۇشبۇ دەملەردە بۇ قۇرلارنى بېسىشىمغا سەۋەپ بولدى!
بىز كىچىكىمىزدە بەك تولا بالىلار ناخشىلىرى بولىدىغان،باشلانغۇچ مۇزىكا كىتاپلىرىدىمۇ ئاجايىپ ياخشى بالىلار-ئۆسمۈرلەر ناخشىلىرى بولىدىغان،مەسىلەن: كېپىنەك،كىردىم مەنمۇ مەكتەپكە،ساۋاقداشلار باغقا بارايلى،شىلدىر شىلدىر ئاقىدۇ،خوراز چىللايدۇ،غاق-غاق،ئوپپاپ پاگىرام-ئوپپاغا ئوخشاش نادىر چەتئەل بالىلار ناخشىلىرىدىن تارتىپ....ئىشقىلىپ بەك تولا ئىدى،بەلكىم ئېسىڭلاردا باردۇ....شۇ چاغلاردا مۇشۇ كىتاپلاردىن بىر يۈرۈش ساقلاپ قويمىغىنىمغا بىر ئۆمۈر ئەپسۇسلىنىدىغان ئوخشايمەن.....
كىچىكىمىزدە ئويۇن ئوينىساق ھەر بىر ئويۇننىڭ ئالامەت ئۇزۇن ياكى قىسقا قوشاقلىرى بولىدىغان،شۇنى ئوقۇپ تۇرۇپ ئوينايتتۇق ،ھازىرغۇ كىچىك بالىلارنىڭ تىلىمۇ خەنچە چىقىدىغان ئوخشايدۇ ،كىچىك-كىچىك بالىلارمۇ خەنزۇۋانلىشىپ ھەر قانداق ئويۇن ئوينىسا خەنچە ئاللىقانداق قوشاقلارنى ئوقۇپ تۇرۇپ ئوينايدىكەن...ھازىر كومپوزىتورلارئارىسىدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن ، بالىلار ناخشىلىرى ئۈچۈن مۇزىكا ئىشلەيدىغانلار،قەلەمكەشلەر ئارىسىدا بالىلار ناخشىلىرى ئۈچۈن شېئىر يازىدىغانلار تۈگەپ كەتتىمۇ نىمە بىلمىدىم...
دىمەكچى بولغىنىم : قايسىڭلاردا مۇشۇ بۇرۇنقى باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مۇزىكا كىتاپلىرى بار؟قايسىڭلاردا ئۇيغۇر بالىلار ناخشىلىرىنىڭ تېكىستى يا مۇزىكا نوتىسى بار؟قايسىڭلاردا ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرىنىڭ قوشاقلىرى بار؟
بىلىدىغانلار ئۆز-ئارا بىر توپلاپ باقمايلىمۇ؟كىم قانچىلىك بىلسە شۇنچىلىك ئوتتۇرىغا تۆكسۇن،يىغايلى،تاما تاما كۆل تولار مەندىكىسى : مېنى بېسىڭ بالىلار قوشاقلىرى : مېنى بېسىڭ
توردىن ئىزدەپ تاپقان قوشاقلار :
بالىلار قوشاقلىرى
چىگىچى بۇغدايچى
چىگىچى بۇغدايچى ، ھەمگىچى دۇغدايچى. كېچىلەپ سۈرمەنى قوي، سۈرمىنىڭ قايسى قىزىل ئەڭلىكى ئۇپا قىزىل. ئۇپىنى نەدىن ئالارمەن، باغچەمنىڭ باغىدىن. ئىشكىدە قۇلۇپ تۇرادۇر، شورا ئاچتىم ئارقىدىن. **** **** **** باغچەم كىمگە تېگەدۇر ئۇستا قۇۋان تازغا تېگەر ئۇستا قۇۋان تازنىڭ نېمىسى بار؟ ئالتۇن-ئالتۇن قۇشلىرى بار قۇشلارنى قۇشلايلى تاز باشىغا مۇشلايلى تاز باشى قاناپ كەتسە ئالتە پۇڭغا رەڭ ئىلىپ تاز باشىنى بويايلى .
ئاداش -ئاداش بولايلى
ئاداش -ئاداش بولايلى ئالما قېقى شورايلى تالىشىپ يىگەچ بىر ناننى دەريا بويى بويلايلى ************** ئاداش -ئاداش بولايلى ئالما قېقى شورايلى ئۇلۇغ سۇنىڭ بويىدا بىرنان تاپساق تەڭ يەيلى ******************* ئاداش-ئاداش بولايلى نېمە تاپساق تەڭ يەيلى ئورتاق بولۇپ ھەر ئىشتا گەپ سۆز بولسا تەڭ دەيلى ****************** كېلىڭ دوستلار ئوينايلى ئاداش-ئاداش بولايلى بىرنان تاپساق تەڭ يەيلى ئايرىماس دوست بولايلى .
قۇقۇق ، قۇقۇق خوراز چىللايدۇ . ئېيتىڭلارچۇ بالىلار خوراز نىمدەيدۇ .
... بىر ، ئىككى ، ئۈچ ئىتتىپاق كۈچ . چەيلەپ يەنجەيمىز دۈشمەن كەلسە دۇچ .
... ئانام ئايدەك دادام كۈندەك مىنى باقىدۇ تۇلۇن ئايدەك .
كپىنەك ، كىپىنەك كەلگەن جان دوستۇم بۇ گۈزەل باغچامدا پەرۋاز قىلغىن شات.
سۇ قويوپ گۈللەرگە قىلاي مەن پەرۋىش ئۇسۇل ئويناپ دوسلارنى قىلايلى خۇش شات.
ئاپام بەردى بەش موچەن مەن ئۇنى ئاز دىمەيمەن ، يۈگرەپ چىقىپ بازارغا كەمپۈت ئېلىپ يىمەيمەن.
تاققۇ-تۇقۇ-تاققۇ-تۇقۇ،زەنجىر ،ھالقا، ئەنجۈر پىشتى بىزنىڭ باغققا. چۆچەك ئېيتىپ دوستلار بىلەن، بىللە يەيلى ئاخشاملىقا،،،،
كەلمەكتە گۈزەل كۈنلەر ئازادە چاغلار، رەڭمۇ-رەڭ گۈللەر بىلەن ياساندى باغلار. بۇلبۇللار قانات قاقتى سايراپ بەس-بەستە، شۇ گۈلدىن قەلبىمىزگە تىزدۇق گۈلدەستە.
جان دوستلار گۈلدەستىنى قۇبۇل قىلىڭلار ، پەيزىنى سۈرۈپ ئاندىن كۆڭۈل ئېچىڭلار. سەنئەتكار ئوغۇل قىزنىڭ سوۋغىسىدۇر بۇ، نۇرۇزنىڭ شاتلىقىغا چۈمۈپ كىتىڭلار............
جىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار ، كۆز قىسىشىپ ئۆزىچە. ئۇلار كۆكنىڭ زىننىتى ، بوۋىلارنىڭ سۆزىچە.
ئىيتىڭلارچۇ يۇلتۇزلار ، مەن دوسلۇققا يارامدىم . ياراپ قالسام دوسلۇققا ، قىشىڭلارغا بارامدىم.
ساۋاقداشلار ساۋاقداشلار باققا بارايلى قوناقلىققا بەسەي تېرىپ خاڭگا ئالايلى
بىر ،ئىككى ، ئۇچ ئىتتىپاقلىق كۇچ چەيلەپ يانچىيمىز دۇشمەن كەلسە دۇچ
بىر قولۇمدا سوسكا بىر قولۇمدا ئىمزەك ئىشەك ماڭغان يوللاردا ئۇچۇرايدىكەن تېزەك
تاققا - تۇققا ،زەنجىر ھالقا ، ھالقاڭ نەدە ؟ تاغدا . تاغ سېنىڭ ، باغ مېنىڭ ، چىمىلدىغىم چىممممم چىق .
|
باھالاشباھا خاتىرىسى
|