كۆرۈش: 588|ئىنكاس: 10

مەكتەپ مۇدىرلىرىغا 100تەكلىپ(ئوقۇتقۇچى بولس ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەكتەپ مۇدىرلىرىغا 100تەكلىپ

بۇرۇن  «مەكتەپ مۇدىرلىرىغا 100تەكلىپ »دىگەن تېما ئاستىسدا  مۇنبەرلەردە مۇنازىرە ئىلىپ بارغان ئىدۇق.تەكلىپ بىرىلىپ 60نەچچىنچىسىگە كەلگەندە مەلوم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مۇنبەر لەر ۋاقىتلىق تاقالدى. بۇ تەكلىپلەرمۇ شۇ سەۋەپ بىلەن مۇنبەرلەر يۈزىدە كۆرەنمىدى. شۇڭا بۈگۈن يەنە شۇ تېما ئاستىدا مەكتەپ مۇدىرلىرىغا تەكلىپ-پىكىر بىرىپ باقساق دىگەن ئۈمۈدتە بايقاش مۇنبىرىگە  بۇ تېمىنى يوللىدىم .چۈنكى بايقاشتا ئىقتىساسلىق ،تەجىربىلىك ئۇقۇتقۇچىلار بىر قەدەر كۆپ ،ئەگەر تورداشلار بەرگەن تەكلىپ –پىكىرلەرنىڭ   مەكتەپ مۇدىرلىرىغا ياردىمى بولسا ،ئۇقۇتۇش سۈپىتى يۇقۇرى كۆتۈرلىشىدە كۆرىنەرلىك ئىجابىي تەسىر كۆرسەتسە ئەجەپ ئەمەس.
قىنى تورداشلارنىڭ مەن بىلەن بىللە بۇ   جەھەتتە ئويلىغانلىرىنى ئۇتتۇرغا قۇيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن :
1.  «كىبىر » ىڭىزنى تاشلاڭ.
2.ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ تۇرمىشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ قۇيۇڭ.
3.ئادەم ئىشلىتىشكە ماھىر بۇلۇڭ.
4.بارلىق ئۇقۇتقۇچىلارغا باراۋەر مۇئالىمىدە بۇلۇڭ .
5.ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىگە قۇلاق سىلىڭ .
6.يىغىننى ئاز ئىچىڭ ،ساز ئىچىڭ .
7.مەكتەپتە«يەرلىك خاقان »بۇلىۋالماڭ.
8.ھەممە ئىتراپ قىلىدىغان مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى بىكىتىڭ.
9.تىرىشچانلىق بىلە نئىشلەپ ،ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇڭ .
10.مەكتەپنى سىز باشقۇرماڭ ،تۈزۈم باشقۇرسۇن .

قىنى قالغان تورداشلارمۇ تەكلىپ –پىكىرلىرىمىزنى بىرىپ
باقايلى...
بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ پىكىر بەرگەندە( نىنچى -)قۇيۇپ مىڭىشىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   asrar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-13 09:49  


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-8-11 15:53:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
11. تەجرىبە ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىڭ.
12. كاللىڭىز(نەزەر دائىرىڭىز) ھازىرقى زامانغا ماسلاشتۇرۇڭ، قاتمال بولماڭ، كاللىڭىز ئۇچۇق بولسۇن.
13. ھەممە ئىشتا ئادىل بۇلۇڭ. كۈڭۈلچەكلىك قىلماڭ.
14. مەبلەغنى مۇۋاپىق جايغا ئىشلىتىشنى بىلىڭ.
15. ئوقۇتۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قۇيۇڭ.
ۋاقتى: 2012-8-11 17:10:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەكلىپكەن . مەكتەپ مۇدىرلىرى چۇقۇم كۈرۈش كىرەكتەك قىلىدۇ

باھا سۆز

سىز يا مەكتەپ مۇدىرىمۇ خەت يازاي كۈرۈپلا تۇردىغان  ۋاقتى: 2012-8-12 09:53
مۇنبەر باشلىقى زەپەر ئەپەندىم،سىزمۇ داۋاملاشتۇرۇپ تەكلىپ بەرمەمسىز  ۋاقتى: 2012-8-11 18:42
ۋاقتى: 2012-8-12 09:53:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز خۇدا ئەمەس بىزگە ئوخشاش ئۇقۇتقۇچى شۇڭا ئۆزىڭىزنى چوڭ تۇتۋالماڭ!
سىز بىز ئۇقۇتقۇچىلار بولغانلىقىمىز ئۈچۈنلا مۇدىر بۇلۇپ تۇرالايسىز.
مەكتەپ سىزنىڭ ھاكىيىتڭىز ئەمەس،شۇڭا ھەممىدە مېنىڭ دىگىنىم ھېساپ دەپ تۇرىۋالماڭ!
مەكتەپ سىزنىڭ يانچۇقىڭىز ئەمەس شۇڭا ئۇمۇمنىڭ پۇلىنمۇ تېجەپ ئىشلىتىڭ!
ۋاقتى: 2012-8-12 18:23:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى تېتىقسىز نايناق ئايال ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ دامغا چۈشمەڭ!
ئالىم بولساڭ ئالەم سېنىڭكى ،شوجاڭ بولساڭ خانىم  سېنىڭكى دىگەن گەپلە ئىشەنمەڭ!
ھەرقانچە ئاچچىقلاشقا تىگىشلىك ئىشلاردىمۇ ئۆزىڭىزنى تۇتۋېلىپ ئېغىر بسىق بۇلۇڭ!
ھەممە ئىشتا مېنىڭ دىگىنىم ھېساپ دەپ تۇرىۋالماڭ
سوۋغا سالامغا قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەتنى تاشلاڭ!
ھەرخىل مەرىكىلەرنى ئاز ئۆتكۈزۈڭ!
ئۇقۇش ئوتتۇرىسىدا قالايمىقان ئۇقۇتقۇچى يۆتكىمەڭ
چىشىڭىزغا تەككەن ئۇقۇتقۇچىلاردىن ئۆچ ئېلىش غەرىزىدە بولماڭ!
خىزمەتلەرنى بىرخىل تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىڭ!
ئۇقۇقتۇچىلار خىزمەتتىن كۆڭۈل ئازادىلىككە ئېرشسۇن!
خۇش چىراي بۇلۇڭ ،ئۇقۇتقۇچىلارممۇ يېنىڭىزغا كىرىپ دەردى ھالىنى ئېيتالىسۇن
ۋاقتى: 2012-8-13 00:40:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى سېنىڭ بالاڭ ئەمەس.
ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋەزىپىسى ئوقۇتۇش،بەلكى سىزنىڭ باھالاشقا تەييارلىق كۈرۈشتىكى قۇرالىڭىز ئەمەس.
ۋاقتى: 2012-8-13 01:01:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بارلىق مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ مەزكۇر مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن!
ۋاقتى: 2012-8-13 09:45:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپىڭىزدىكى پىتنىخورلارنىڭ ئۆسەك سۆزلىرىگە ئاساسەنلا بىر ئوقۇتقۇچىغا باھا بەرمەڭ.
ئوقۇتقۇچىلار خىزمەتنى سىز ئۇچۇن ئەمەس، ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇن قىلسۇن.
پىرىنسىپتىن چەتنىمەڭ. يىقىنلىرىڭىزغا يان باسماڭ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-8-13 10:02:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھىدە ئەسكەرتىش :
تەكلىپ بەرگۈچى دوستلارنىڭ- نىنچى قۇيۇپ مىڭىشىنى سورايمىز .
36.ھەپتىدە بىرەر كۈن چۈشتىن كىيىنلىك ۋاقىتنى «يۇمشاق كۈن» قىلىپ بىكىتىڭ .مەسىلەن : شاخمات ئويناش،كۆڭۈل ئىچىش ...دىگەندەك .
37.مەكتەپلەر ئارا تەجىربە ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىڭ .
38.ئائىيلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئۇقۇغۇچىلارغا «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش فوندى »تەسىس قىلىڭ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   asrar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-13 10:03  

ۋاقتى: 2012-8-16 07:56:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
39.ئۆزىڭىزمۇ خىزمەت مەشغۇلىيەت تۈزۈمىگەئەمەل قىلىڭ!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش