قىزىمغا
قارچوغلىرىنىڭ سەنئەت ئىكرانى ،
جۈپ قىزلىرىم تۇلىمۇ ئۇماق.
دەيمەن شۇڭا ئانام ئىزىدىن:،
غورۇرىڭدا گۈل چەككەن زىناق.
كىرپ كەتمەڭ قۇيىنلىرىغا
شەيتان ئۇيۇن قىلسا خىرىدا ،.
ئاناڭ دەيدۇ ئىلىم ئۆگىنىڭ،
شۇندا سىزگە كەڭرى بۇ دۇنيا .
سۆيگۈ بىلەن گۈزەلدۇر ئالەم ،
قىرىنداشلىق مېھرى بەك ئۇلۇغ،
يۇقسۇنلۇقتا ئۆتسىڭىزمۇ گەر ،
ۋىجدان بىلەن ياشاش بەك ئۇلۇغ.
كىمدە گەر بولسا مۇھاببەت –ۋىجدان ،
ئۇنى قىلالماس رەقىبى نىمجان
ئىگىلىپ ،پۇكىلىپ ياشىغانلارچۇ ،
ياتقىنى ياتقان قاپقارا زىندان،
ئەلنىڭ يىغىسى سىزگىمۇ يىغا ،
ئەلنىڭ كۈلكىسى بەخىتكە باشلار .
ئاتا –ئاناڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭ ،
بەخت -ئىقبال شۇندا نۇر چاچار .
2014- يىلى 5- ئاينىڭ 16-كۈنى
_ئەسرار