baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

手机客户端
亲,还没下载论坛手机客户端?跟上潮流做时尚达人。掌中乐趣无处不在,快点下载吧。

كۆرۈش »

جەمئىي مىكروبلوگ 1189 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەھرا 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى سۆزلەر گويا جەننەت ،ئاتا-ئانام،يامان سۆزلەر خۇددى دوزاق ياكى ھارام.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 19:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلىمگە ئامراق كىشى ھەركۈنى باھاردىكى يېڭى مايسىلاردەك ئۆسۈپ تۇرىدۇ.كۆڭلى خۇددى باھاردەك ئىللىق

  • خانىدان تۈنۈگۈن 12:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار!

  • 艾尼。艾买提 ئۈلۈشكۈن 12:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    جەمئىيتىمىزدە ئادەم شەكىلگە كىرۋالغانلار خېلى كۇپتەك قىلامدۇ نىمە ؟

  • مەرىپەت 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئادەم بول!...لېكىن... ئادەم شەكلىگە كىرىۋالما!

  • دىلكەش 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بايقاش تورىدىكى بارلىق تورداشلار ،بايقاش ئەزاسى دىلكەشتىن سىلەرگە  ئوتلۇق سالام .

  • ئىلغار 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سەھراغا چىقسا ئىشىكىنى تۇنۇمايدۇ،شەھەرگە بارسا دوستىنى (تونۇمايدۇ)

كۆرۈش: 246|ئىنكاس: 8

ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلى كىتاب1 ( قۇرۇق كەلمىدىم)

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

دوست

109

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
31 سەر
تىللا
9 دانە
تۆھپە
16 سەر
شۆھرەت
15 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 00:29:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تورداشلار،مۇنبەرداشلار مۇنبەرگە قۇرۇق كىلىشنى لايىق تاپمىدىم، ساندۇقتىكى  ماتېرىياللاردىن كۈندە بىر قىسم  يوللىماقچى:
مۇقەددىمە

1    §.تىل ۋە ئۇنىڭ ماھىيتى

تىل دىگەن نىمە

  تىلنىڭ  ئجتىمائىي رولىدىن قارىغاندا، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقە قورالى. بىر-بىرىنى چۈشىنىش قورالى ۋە تەپەككۇر قىلىش قورالىدۇ. تىل ئىجتىمائىي ئادەملەرنىڭ ناھايتى  ئۇزۇن مۇددەتلىك جاپالىق ئەمگىكى ۋە ئىجتىمائىي كەچۈرمىشلىرى نەتىجسىدە بارلىققا كەلگەن. ئۇ ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر بىلەن بىللە تۇغۇلۇپ، بىللە تەرەققىي قىلغان. تىل بىلەن تەپەككۇر زىچ باغلىنشلىق بولۇپ، بىر-بىرىدىن ئايرىلسا، مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. لېكىن ئۇلار بىر نەرسە ئەمەس. تەپەككۇر كىشىلەر مىڭىسىنىڭ ئويىكتىپ شەيىئلەر تەرەققىياتى جەريانىغا بولغان ئىنكاسى بولسا، تىل ئىدىيسىنىڭ بىۋاستە ئىنكاسى. تىل يەنە ئىنسانلارنى باشقا ھايۋانلاردىن پەرقلەندۈرپ تۇرىدىغان ماھىيەتلىك بەلگىلەرنىڭ بىرى.

تىلنڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىدىن ئالغاندا، ئۇ بىر خىل بەلىگىلەرسىستىمىسى بولۇپ، تىل تاۋۇشى ئاشۇ تىل بەلگىلىرىنىڭ ماددىي شەكلى. سۆز بولسا تاۋۇش بىلەن مەنىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان گەۋدەبولۇپ، تىلنىڭ قۇرلۇش ماتىرىيالى. گرامماتىكا تىلنىڭ قۇرۇلما قائىدىسىدۇر.

  تىلنىڭ ماھىيتىدىن قارىغاندا، تىل تەبىئىي ھادىسەياكى شەخسى ھادسسە ئەمەس، بەلكى ئالاھىدە بىر خىل ئجىمائىي ھادىسە بولۇپ، ئۇ ئىنسانلار جەمىئيتىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ پەيدا بولغان، جەمىئيەتنىڭ تەرەققىياتىغا، مىللىي مەدەنيەتنىڭ يۈكسىلىشىگە ، پەن تىخنىكىنىڭ راۋاجلىنىشغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللىشىپ بارىدۇ. تىل مەلۇم بىر تىلدا سۆلەشكۈچى ئىجتىمائىي كوللېكتىپقا ئورتاق بولغان، ئجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش، تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش ۋە جەميئەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قورالى سۈپىتىدە خىزمەت قىلدىغان ۋاسىتە.

  دىمەك تىل-ئىنسانلارنىڭ ئالاقە قىلىش، بىر-بىرىنى چۈشىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىش قورالى بولۇپ، مەلۇم بىر جەمئىيەت ئۈچۈن ئوراق خىزمەت قىلىدىغان، تاۋۇش بىلەن مەنىنىڭ بىرىكىشىدىن تەركىب تاپقان بەلگىلەر سىستىمىسىدۇر.

2. تىل-ئالاقە قورالى

  تىلنىڭ ئاساسىي رولى ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئارا ئالاقە قىلىش قورالى بولۇپ خىزمەت قىلشتىن ئىبارەت. تىل-ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئارا ئالاقىلىشىش ئىھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن بارلىققا كەلگەن، تىل بولغاچقىلا جەمئىيەت ھايات كەچۈردىغان كىشىلەر بىر-بىرىگە ماسلىشىپ ئەمگەك قىلالايدۇ. بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ، تەبىئەت بىلەن كۈرەشقىلالايدۇ، ئجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش پائاليتىنى تەرتپلىك ئىلىپ بارالايدۇ. تىل بولمايدىكەن، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ بولمايدۇ، ئىنسانلار جەمئىيىمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ، ھەتتا ئىنسانمۇ ئىنسان بولۇپ تۇرالمايدۇ، ئىنسانلارنىڭ ھايۋانلا توپىدىن ئايرىلىپ چىقىشى، ئىپتىدائىي جەمئيەتتىن ئۈزلۈكسىزتەرەققىي قىلىپ ھازىرقى دەۋىرگە يىتىشىنى ۋە بۈگۈنكدەك مەدەنيەت، پەن تىخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۇرۇشىنى تىلنىڭ يارىدىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.

  گەرچە تىل-ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقە قورالى بولسىمۇ، لىكىن ئۇ بىردىنبىر ئالاقىلىشىشى قورالى ھىسابلانمايدۇ.

3. تىل-تەپەككۇر قىلىش قورالى

تىل ئىنسانلارنىڭ ئالاقە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش قورالى بولۇش بىلەن بىللە يەنە ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش قورالى. تىل تەپەككۇر بىلەن بىۋاستە باغلىنىشلىق بولۇپ، بىر-بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ، بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. تىل ماتىرىيالىدىن خالى بولغان ياپيالىڭاچ پىكىرلەر مەۋجۇت ئەمەس. نورمال كىشىلەر مەيلى ئۇ قانداق شارائىتتا بولمىسۇن، تىل ماتىرىيالىدىن ئايرىلغان ھالدا تەپەككۇر قىلالمايدۇ، مەيلى كىشىلەر نىمىنى ئويلسۇن، قانداق سوئالغا جاۋاپ بەرسۇن، قانداق خىيال سۇرسۇن... ئاشۇ تەپەككۇر پائالىيەتلىرنىڭ ھەممىسىدە تىلدىن پايدىلنىشقا توغرا كىلىدۇ.تىل بىلەن تەپەككۇر بىر-بىرىگە بىقىنىدۇ، بىر-بىرىنى تەقەززا قىلسىمۇ، لىكىن ئۇلاربىر نەرسە ئەمەس، چۈنكى، بىرىنچىدىن، تەپەككۇر ئادەم مىڭىسىنىڭ ئالاھىدە بىر خىل ئىقتىدارى بولۇپ، ئۇ ئۇقۇم، ھۆكۈم ۋە ئەقلى خولاسىە قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئوبىكتىپ رىئاللىقنى ئەكىس ئەتتۇرىدىغان جەرياندۇر؛ تل بولسا تەپەككۇر پائالىيتىنىڭ نەتىجىلىرىنى سۆز ۋە جۈملىلەر بىلەن چۈشىنشكە بولىدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرۇش جەرياندۇر. ئىككىنچىدىن، تەپەككۇر قانونىيىتى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولىدۇ؛ تىل مىللىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە ، شۇڭا ھەر قايسى مىللەتنىڭ تىلى ئوخشاش بولمايدۇ، لىكىن تەپەككۇرنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى بولمايدۇ، شۇ سەۋەبدىن ئوخشاش بىر ئوي پىكىرنى ئوخشاش بولمىغان تىل ۋە ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇل ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولىدۇ، تىلنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى بىلەن تەپەككۇرنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولۇشتەك خاراكتىرى ئوتتۇرىسىدا ھامان زىددىيەت مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ زىددىيەت ھەر قايسى تىللار ئوتتۇرسىدىكى تەرجىمە خىزمىتى ئارقىلىق ھەل قىلنىدۇ.

4. تىل ئالاھىدە بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسە

تىل ئىنسانىيەت جەمئىيتىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ پەيدا بولغان، ئىنسانلار جەمئيىتنىڭ تەرەققىيي قىلىشغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىدۇ. ئەگەر شۇ جەمئىيەت يوقالسا، تىلمۇ بىللە يوقىلىدۇ. دىمەك، جەمئىيەتتىن تاشقرى تىل يوق. تىل مەلۇم بىر تىلدا بىللە سۆزلەشكۈچى جەمئىيەت ئەزالىرى ئۈچۈن ئورتاق خىزمەت قىلىدىغان ۋە شۇ جەمئىيەت ئىچىدە بىرلىككەكەلگەن ئىجتىمائىي ھادىسە ئۇ ئىجتىمائىي كوللىكتىپقا مەنسۇپ كىشىلەر قانداق ئىجتىمائىي تۈزۈمدەياشىشىدىن ۋە قانداق تەبىقە ياكى سىنىپقا مەنسۇپ بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم بىر تىلدا ئالاقە قىلىدۇ ۋە پىكر ئالماشتۇرىدۇ. شۇڭا تىل باشقا ئىجتىمائىي ھادىسلەرگە. يەنى بازىس ­( ئىجتىمائىي-ئىقتىسادى تۈزۈم ) ۋە ئۇستىقۇرۇلما ( سىياسىي، قانون، دىن، سەنئەت، پەلسەپە ) غا ئوخشايدىغان ئالاھىدە بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسىدۇر.

تىلنىڭ ئىجتىمائىي ھادىسە ئىكەنلىكىنى، ئىجتىمائىي ھادىسە بولغاندىمۇ ئالاھىدە بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسە ئىكەنلىكىنى تۆۋەندىكى نوقتىلاردىن ئىنىق كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ.

1)ئىنسانلارنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرى ۋە چوڭ مىڭە قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولسىمۇ، لىكىن ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنىڭ تىلى ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.

2)تىل تەبئىي ھادىسە ئەمەس. چۈنكى تىل ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا تەبىئىي ھالدا ئۆتمەيدۇ؛ جەمئىيەتتىن، يەنى تىل مۇھىتىدىن ئايرىلغان بالا تىلغا ئىگە بولالمايدۇ. شۇنىڭدەك جانلىق مەۋجۇداتلارنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش جەريانلىرى تەبىئىي قانونىيەت ھىسابلانسا، تىلنىڭ  پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش ۋە يوقىلىشى پۈتۈنلەي كىشىلىك جەمىئيەتنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ.

3)تىل شەخسى ھادىسە ئەمەس. گەرچە تىل شەخىشلەرنىڭ تەپەككۇرىنى ئىپادىلىسىمۇ ھەم شەخىسلەرنىڭ پىكر ئالماشتۇرۇش پائالىيتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرسىمۇ، لىكىن ئۇ پۈتۈن جەمىئيەت ئەزالىرى ئۈچۈن ئورتاق خىزمەت قىلىدۇ. تىلنى جەمئىيەتنىڭ بىرەر ئەزاسى، بىرەر شەخىس ئۆز خاھىشى بۇيىچە ئۆزگەرتىۋىتەلمەيدۇ ياكى يوقىتىۋىتەلمەيدۇ ۋە ئىجاد قىلالمايدۇ.

4)تىل بازىس ياكى ئۇستقۇرلمىغا تەۋە ئەمەس.

تىلمۇ جەمئىيەتتە كىلىشىۋىلىنغان ۋە ھەممە كىشى ئادەتلەنگەن بىر خىل بەلگىلەر سىستىمىسىدۇر. كىشىلەر ئالاقىلىشىش جەرياندا نەق نەرسىنىڭ ئۆزى بىلەب ئەمەس، بەلكى شۇ نەرسىگە ۋاكىلىك قىلغۇچى بەلگە-سۆز ئىبارە بىلەن بىر-بىرىنڭ مەخسىتىنى چۈشىنىدۇ. مەسىلەن « قەلەم » دىسەك، كشىلەر « مىتال ۋە كاۋچوكتىن ياسالغان خەت يىزىش قورالى » دەپ چۈشىنىدۇھەم « قەلەم » سۆزىنىڭ نېمىگە ۋەكىلىك قىلدىغانلىقىنى بىلىدۇ. دىمەك، كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىغاندا نەرسىنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئالاقىلىشالايدۇ، بەلكى« قەلەم »، كىتاپ. ئۆي، بالا،ياخشى...» دىگەنگە ئوخشاش بەلگىلەر بىلەن ئالاقىلىشىدۇ.

تىلدا مەلۇم تاۋۇش شەكلى شەيئى ياكى ئىددىيە ئىپادە قىلنىدۇ. ئاشۇ تاۋۇش شەكلى شۇ شەيىئگە ياكى ئىدىيىگە ۋەكىلىك قىلىدۇ. ئەنە شۇنداق مۇئەييەن تاۋۇش شەكلى ئارقىلىق مەلۇم شەيىئى ياكى ئىدىيگەن ۋەكىللىك قىلدىغان بەلگىلەر تىل بەلگىلىرى دىيلىدۇ. تىل بەلگلىرىدە بەلگە ۋە بەلگە ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن شەيىئى ئوتتۇرسىدا  مۇقەرەر باغلىنىش بولمايدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇر تىلنىڭ « تاش » نى نىمە ئۈچۈن تاش، « ئۆي » نى نىمە ئۈچۈن ئۆي دەيدىغانلىقىنى چۈشۈندۇرۇپ بەرگىلى بولمايدۇ.

« تاش »،« ئۆي » دىگەن سۆزلەر پەقەت ئۇيغۇرلار جەمئيىتى تەرىپىدىن ئورتاق كىلىشىۋىلنغان، ئۇزۇندىن بىرى ئادەتلەنگەن تىل بەلگىلىرىدىن ئىبارەت خالاس.

تىلدىكى بىرلىكلەر ئىچىدە فونىما بەلگە ھىسابلانمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭغا مەنە يۈكلەنگەن. تىلدىكى ئەڭ كىچىك بەلگە مورفىما، ئۇ تاۋۇش بىلەن مەنىنىڭ بىرلىشىشىدىن ھاسىل بولغان ئەڭ كىچىك بولغان ئەڭ كىچىك بىرلىك. ئەگەر مورفىمىنى ئەڭ كىچىك بەلگە دىسەك، سۆز مۇستەقىل ئىشلىتىشكە، بولىدىغان بەلگىدۇر، جۈملە بولسا بەلگە بىلەن بەلگىنىڭ بىرىكتۈرۈلىشىدىن ھاسىل بولغان بەلگىلەر تىزمسىدۇر.

تىلدىكى فونىما، مورفىما،سۆز ۋە جۈملە قاتارلىقلار بىرىكىش جۈغلىنىش مۇباسىۋىتى ئارقىلىق بىر پۈتۈن قاتلاملىق قۇرۇلمىنى ھاسل قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئالاقىلىشىش ئىھتىياجنىي قامدايدۇ.

2. تىلنىڭ تەرققىياتى

تىل تەرەققىياتى دىگىنىمىز، تىلنىڭ ھەر قايسى تەركىبى قىسىملىرنىڭ يەنى تاۋۇش سىستىمىسى، لۇغەت تەركىبى گرامماتكىسىنىڭ ئۆزگىرىشى  ۋە تەرققىي قىلىشىغا قارىتلغان.

تىل تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى مۇنداق ئىككى نوقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ؛بىر تاشقى سەۋەب، يەنە بىرى، ئىچكى سەۋەب.

تىل جەمئىيەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا ، جەمئىيەت تەرەققىياتى تىل تەرەقىياتىغا چۇقۇم تەسىر كۆرستىدۇ، چۈنكى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ. يىڭى شەيئى ۋە يىڭى ئۇقۇملار ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى ئالاقىمۇ كۈنسىرى مۇرەككەپلىشىپ بارىدۇ. مانا بۇلار تىلغا يىڭى تەلەپلەرنى قويىدۇ، تىلنىڭ ئۈلۈكىسىز ھالدا ئۆزىنىڭ لۇغەت تەركىبىنى بىيىتىشقا، گرامماتكىسىنى مۇكەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تىل تەرەققىي قىلدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، جەمئىيەتنىڭ پارچىلنىشى،  بۆلۈنۈشكە ئەگىشىپ،تىلمۇ بۆلۈنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دىئالىكتلار، قىرىنداش تىللار بارلىققا كىلىدۇ. جەمئىيەتنىڭ بىرلككە كىلىشىگە ئەگىشىپ، مىللىي ئورتاق تىللار بارلىققا كىلىدۇ، بۇنىڭ بىلە دىئالىكت ۋە قىرىنداش تىللاردىكى مۇۋاپىق تەركبلەر قۇبۇل قىلىنىپ، ئورتاق تىلنى بىيىتىدۇ. شۇنىڭدەك. ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوخشىمايدىغان تىللارنىڭ ئۆز  ئارا ئۇچرىشىشمۇ بىر-بىرىگە تەسىر كۆرىستىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆز ئارا سۆز- ئاتالغۇ قۇبۇل قىلنىدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللارمۇ تىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مانا بۇلار تىل تەرەققىياتىنىڭ تاشقى سەۋەبلىرى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

تىل ئالاھىدە بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسە بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس ئىچكى تەرەققىيات قانونىيتى بولىدۇ. ھەر قانداق بىر تىل-فونىتىكا، لىكسىكا، گرامماتكىدىن ئىبارەت ئۈچ تەركىبى قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. لىكىن، بۇ ئۈچ تەركىبي قىسىمنىڭ تەرەقىياتى تەكشى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئىچكى قسىمدكى ھەر قايسى تەركىبلەر قارىمۇ- قارشلىق ( تۇراقلىق ۋە ئۆزگىرىپ تۇرۇش ) ھەم بىرلىك مۇناسىۋىتىدە تۇرىدۇ. تىنىڭ ئالاقە ۋاستسى بولۇشتەك خاراكتىرى، ئۈچ تەركبىي قىسىم ئوتتۇرىسىدا بىر خىل تەڭپۇڭلۇق بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ، ئەگەر مەلۇم بىر ئامىل يىڭى ئالاقە ئىھتىياجنى قامداش ئۈچۈن ياكى باشقا تىللارنىڭ تەسىرى ياكى باشقا سەۋەبلار تۈپەيلدىن ئەسلدىكى تەڭپۇڭلۇقنى بۈزۇۋەتسە، تىلنىڭ باشقا تەركىبلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەڭشەيدۇ. مانا بۇ خىل تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۈزۈلىشى ۋە يەنە يىڭى تەڭپۇڭلۇققا ئىرىشىش جەرياندىكى زىددىيەت تىلنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى ئىچكى سەۋەب ھىسابلىنىدۇ.

3. ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرى

ئۇيغۇر تىلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمقىي تىللارنىڭ بىرى. ئۇيغۇرتىلى دىگىنىمىزدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان تارىخىي دەۋىرلەردە قوللانغان تىللىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇيغۇر تىلى تارىخىي دەۋىرلەردىن بىرى تەرەققىي قىلىپ، مۇكەممەللىشىپ، بىيىپ كەلدى. نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىيات جەرياندا، تىلىمىزنىڭ تاۋۇش سىستىمىسى ۋە گرامماتىكىلىق قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىشلەر ئانچە كۆپ بولمىغان بولسىمۇ، لۇغەت تەركىبىدە، بولۇپمۇ ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىدە كۆپلىگەن ئۆزگىرىش ( يىڭلىنىش، توقۇقلىنىش ) لەر بولدى. لىكىن، بۇ تىلنىڭ ئاساسىي گەۋدىىسى ۋە ئاساسىي خۇسىۇسىيتى دەۋىرلەردىن بۇيان بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ، ساقلىنىپ كەلدى ھەم راۋاجلاندى. دىمەك، ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەت بولۇپ ئۇيۇشۇشىدا، ئۆز ئارا ئالاقىلىشپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىر-بىرىنى چۈشىنىش، كىشلىك ھاياتنىڭ ھەممە ساھاسىدە بىرلىشىپ ئىشلەپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، ھازىرقى زامان مىللىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرلۈشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ كەلدى.

ئۇيغۇر تىل قىرىنداش مۇناسىۋىتىدىن ئالغاندا، ئالتاي تىللىرى سىستىمىسىنڭ تۈركىي تىللار ئائىلىسى، ئۇيغۇر- قازاق تىللىرى گۇرپىسىغا كىرىدۇ. تۈركىي تىللار تۈكۈمگە يەنە ئۆزبىك، قازاق، قىزغىز، تاتار، سالا، يۈگۈ،(سىرىق ئۇيغۇر)، توۋا،  تۈرك، تۈركمەن، ئەزەربەيجان، باشقىرت، نوغاي، قاراقالپاق، قومىق، تۇخار، خاكاس، ياقۇت، قارايىم، قاراچاي، شور، ئاۋاقان، تىلۋىت، تۇرا، قۇندۇم، قايبول، ساغاي، چۇۋاش، گاگاۋۇز... قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىللىرىمۇ كىرىدۇ.

ھازىرغىچە مەلۇم بولغان يازما يادىكارلىقلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار يىزىقتىن پايدىلانغاندىن  بۇيانقى تىلنى ئۆزىنىڭ بىسىپ ئۆتكەن تارىخىي تەرەققىيات جەريانىغا قاراپ، ئەڭ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەپ تۆت دەۋىرىگە  بۆلۈشكە بولىدۇ.

1)ئەڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى(قەدىمكى تۈرك-ئوغۇز تىلى) دەۋرى. بۇ دەۋىردىكى ئۇيغۇر تىلى مىلادىنىڭ ئالدى- كەينىدىكى نەچچە يۈز يىللار داۋامىدا قوللىنىلغان بولۇپ، ئاز دىگەندىمۇ مىلادىيدىن باشلاپ تاكىIXئەسىرگىچە تەخمىنەن 900 يىل ئۆپچۆرىسىدە قوللىنلغان ئۇ سوغدى يىزىقى، تۈرك-رونىك يىزىقى(ئورخۇن- يىنسەي يىزىقى، كۆك تۈرك يىزىقى)دا خاتىرلەنگەن يازما يادىكارلىقلاردا ئۆز ئىپادىسنى تاپىدۇ.

2)قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى دەۋرى. ئۇيغۇرلار مىلادىيەVIII-IXئەسىردىن باشلاپ XV-XVIئەسىرلەرگىچە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى قوللانغان. بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر تىلىدا يىزىلغان يادىكارلىقلار ئاساسەن قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقى ۋە ئەرەب يىزىقىدايىزىلغان تارىخىي يازمىلاردا .ئەكىس ئىتىدۇ.

3)چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋرى. بۇ XIVئەسىرلەردىن XXئەسىرنىڭ باشلىرىغچە قوللىنىغان ئۇيغۇر يىزىق تىلنى كۆستىدۇ. بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر تىلى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدا تىخىمۇ بىيىپ، تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، لىكىن ئەرەب، پارىس تىللىرىنىڭ ئەينى دەۋر تىلىغا بولغان تەسىرى كۈچلۈك بولغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇر جانلىق تىلى بىلەن يىزىق تىلنىڭ پەرقى چوڭىيىپ كەتكەن.

4)ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرى، بۇ خىل يۇقىرىقى ئۈچ دەۋردىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ، ئولۇپمۇ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنڭ تەرەققىياتى نەتىجسىدە XXئەسىرنىڭ 30-يىللىردىن باشلاپ مەركىزىي دىئالىكت ئاساسدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇ ھازىرقى زاماندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، ئەدەبىي ئورتاق تىلىدۇر. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى شەكىللەنگەن بىر ئەسىرگە يىقىن ۋاقىت ئىچىدە، بولۇپمۇ كىيىنكى يىرىم ئەسىردىن بۇيان جەمئىيەت تەرەققىياتىغا  ئەگىشىپ، كۈندىن- كۈنگە كىڭىيىپ، مۇرەككەپلىشىپ بىرىۋاتقان ئالاقە ئىھتىياجنى قاندۇرۇپ، تارىختىكى ھەر قانداق بىر دەۋردىكى تىلغا نىسبەتەن تىخىمۇ بىيىغان، تىخىمۇ مۇكەممەللەشكەن ۋە قىلىپلاشقان تىلغا ئايلاندى.

3§. مىللىي تىل، دىئالىكىت ۋە ئەدبىي تىل

1.              مىللىي تىل

مەلۇم بىر مىللەتنىڭ ئالاقە بولۇپ خىزمەت  قىلىۋاتقان ئانا تىلى مىللىي تىل دىيلىدۇ. مىللىي تىل مىللەتنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، شۇ مىللەت بىلەن باغلانغان بولىدۇ. ئادەتتە ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي تىلى بولىدۇ. ئۇ مىللەت  بىلەن ياشايدۇ. مىللىي تىل مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە مىللىي مەدەنيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈر شەرتلەرنىڭ بىرى.

مىللىي تىل ھەجىم جەھەتتە شۇ تىلنى قوللانغۇچى مىللەت ياكى خەلققە ئورتاق بولغان بارلىق  تىل تارماقلىرىنى دىئالىكت ۋە ئۇنىڭ شىۋىلىرىنى، ئەدەبىي تىل ۋە ئۇنىڭ شەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مىللىي تىل ئۆز نۆۋىتىدە پۈتۈن مىللەتنىڭ بىرلىك، ئىتتىپاقلىقىنى، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

2. دىئالىكت ۋە ئۇيغۇر تىلى دىئالىكتلىرى

«دىئالىكت»دىگەن ئاتالغۇ قەدىمكى گرىكلەرنىڭ «dealeketos»دىگەن سۆزدىن كىلىپ چىققان بولۇپ، تىلىنىزدا «بىر مەھەللىكلەرنىڭ گىپى»ياكى «يەرلىك تىل»دىگەن مەنىلەردە قوللىنىلىدۇ.

تاۋۇش ياكى سۆزلۈك جەھەتتە ئورتاق ئەدەبىي يىلدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان رايۇن خاراكتىرلىك تىل- دىئالكت- دىيلىدۇ.

بىر تىلنىڭ ھەر قايسى دىئالىكىتلىرى ئوتتۇرسىدا ھەم پەرق بولىدۇ،لىكىن ئورتاق ھامان ئاساسىي ئورنىدا بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇرسدىكى پەرقتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئادەتتە دىئالىكينىڭ ئۆزىگە خاس بولغان فونىتىكا لىكسىكا ۋە گرامماتىكا سىستىمىسى بولىدۇ ھەم ئۇ ئۆزىنىڭ بەلگىلك ئىچكى تەرەققىيات قانونىتىگە ئىگە بولىدۇ. شۇڭا دىئالىكت بىر تىلدا سۆزلەشكۈچى ئىجتىمائىي كوللىكتىپنىڭ بىر رايۇندا ئورتاق قوللىنىپ شۇ دائىرىدە ئالاقە قورالى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ.

دىئالىكت بىر تارىخىي ھادىسە . ئۇ ئادەتتە مەلۇم بىر تىلنى قوللانغۇچى ئىجتىمائىي كوللىكتىپنىڭ ھەر تارىخىي ۋە ئىجتمائىي سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن پارچىلنىشنى ۋە بۆلۈنۈشى بىلەن ئۇ تىلنىڭ شۇ كوللىكتىپ  ياكى مىىلەتكە بىر تۇتاش ۋاستسى بولۇش رولىنىڭ تەدىرىجى  ئاجىزلىشىشى نەتىجسىدە شەكللىنىدۇ. دىئالىكتلار شەكىللەنگەندىن كىيىن، ئۇنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ، قىرىنداش تىللارغا ئايلىنىپ كىتىشى ياكى ئۆز ئارا پەرقلىرى كىچىكلەپ ئۆزى بىقىنىدىىغان ئەدەبىي ئورتاق تىلغا سىڭىشىپ كىتىشى پۈتۈنلەي شۇ تىلنى قوللانغۇچى ئىجتىمائىي كوللىكتىپنىڭ بۆلۈنۈپ كىتىشى ياكى تولۇق بىرلككە كىلىشىگە باغلىق. ئەگەر مەلۇم بىر تىل ئىجتىمائىي كوللىكتىپى بىرلككە كەلسە، ئۇ تىلنىڭ دىئالىىكتلىرى ئوتتۇرسىدىكى پەرىق ئازىيدۇ ۋە شۇ تىلنىڭ مەلۇم بىر دىئالىكىتى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئەدەبىي ئورتاق تىلغا بىقىنىپ ئۇنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ دىئالىكتلار ئۆزىدىكى مول تىل تەركىبلىرى بىلەن ئەدەبىي ئورتاق تىلنى تولۇقلايدۇ ۋە بىيتىدۇ.

ھەر قايسى تىللارنىڭ دىئالىكتىلىرى ئوتتۇرسىدىكى پەرقلەر ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى تىللارنىڭ دىئالىكتلىرى ئوتتۇرسىدىكى پەرق بىر قەدەر چوڭ بولسا (مەسىلەن، خەنزۇ تىلىنىڭ دىئالىكتلىرىغا ئوخشاش)، بەزى تىللارنىڭ دىئالىكتلىرى ئوتتۇرسىدىكى پەرىق ئانچە چوڭ بولمايدۇ(مەسىلەن، ئۇيغۇر تىلىنڭ دىئالىكتلىرىغا ئوخشاش)؛دىئالىكتلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پەقلەرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا بەشى دىئالىكتلار ئۆز ئىچىدىن بىر قانچە شىۋىگە بۆلۈنىدۇ. دىئالىكت ئورتاق تىلنىڭ تارمىقى،يەرلىك ۋارىيانتى بولسام شىۋە دىئالىكتلارنىڭ تارمىقى ياكى يەرلىك ۋارىيانتى ھىسابلىندۇ.

ئادەتتە بىر مىللىي تىل ئىككى ياكى ئۇنڭدىن ئارتۇق دىئالىكتلارغا بۆلۈنىدۇ. ھەر تىللارنىڭ دىئالىكتلارغابۆلۈش ئۆلچىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنى دىئالىكتلارغا ئايرىش بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۆلچىمى مەسىلسىدە ئىلىگىرى ئوخشاش بولمىغان قاراشلار ئوتتۇرىغا چىققان. ھازىر پىئلنىڭ كىلىدىغان زامان فورمىسى بىلەن پۈتىمگەن سۈپەتداش شەكىلنى ئاساسىي ئۆلچەم، باشقا ئالاھىدىلىكلەرنى قوشۇمچە ئۆلچەم قىلىش مۇقىملاشتى.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا پىئلنىڭ كىلىدىغان زامان مەنىسنى بىلدۇرىغان فورمىسنىڭ 1شەخىس شەكلى بىلەن پۈتمىگەن سۈپەتداش فورمىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈچ خىل شەكىلدە كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن:

3-خىل شەكلى
2-خىل شەكلى
1-خىل شەكلى
شەكلى

بارىمەن
بارىتمە (ن)
بارادىمەن
پىئلنىڭ كەلگۇسى زامان فورمىسى

بارىدىغان
بارىتقان
بارادۇغان
پۈتمىگەن سۈپەتداش فورمىسى


يۇقرىقى مىساللارنىڭ بىرىنچى خىل شەكلى لوپنۇر دىئالىكتى رايوندا كۆرۈلىدۇ. ئىككىنچى خىل شەكلى خوتەن ۋىلايەتلىك قاراشلىق جايلارۋە چەرچەن، چاقىلىق ناھىيلىرىدە قوللىنلىدۇ. ئۈچىنچى خىل شەكلى قۇمۇل، تۇرپان، ئۈرۈمچى، ئىلى ئوبلاستى، باينغۇلىن ئوبلاستىنىڭ بىر قىسمى، ئاقسۇ، قىزىلسۇۋە قەشقەر قاتارلىق ۋىلايەت، شەھەرلەردە قوللنىلىدۇ. مۇشۇ ئىككى خىل ئۆلچەمگە ئاساسلانغاندا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلنى مەركىزىي دىئالىكت ( 3-خىل شەكىل ) ، خوتەن دىئالىكتى (2-خىل شەكلى ) ۋە لوپنۇر دىئالىكتى ( 1-خىل شەكلى ) دىن ئىبارەت ئۈچ دىئالىكتقا ئايرىشقا بولىدۇ.

1) مەركىزىي دىئالىكت رايوى سىياسىي.بۇ دىئالىكت شەرقتە قۇمۇلىدىن تارتىپ، غەرپتە ئىلغىچە، شىمالدا ئۈرۈمچى جەنۇپتا يەكەنگە بولغان كەڭ رايونى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ دىئالىكت كەڭ رايونلاردا قوللىنىلدىغان، باشقا دىئالىكتلارغا سىلشتۇرغاندا ئەدەبىي  تىلنىڭ شەكىللىنشىدە يىتەكچىلىك رول ئوينىغان دىئالىكتتۇر.

مەركىزى دىئالىكت رايونى سىياسىي، ئىقتساد ۋە پەن- مەدەنيەت   جەھەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدا ۋە كىيىنكى دەۋرلەردە مەركەزبولۇپ كەلگەن ئۈرۈمچى، تۇرپان، ئىلى، قەشقەر قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەمىدە ئۇنى پۈتۈ ئۇيغۇرلارنىڭ تەخمىنەن %80ى قوللىنىدۇ. بۇ دىئالىكت ۋەكىلىك خاراكتىرىگە ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر تىلنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ. شۇڭا مەركىزىي دىئالكىتى بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان.

مەركىزىي دىئالىكتتا دىئالكىتلارنى پەرقلەندۇرۇشنىڭ بىرىنچى ئۆلچىمى شۇكى، ئۇنىڭىدا كەلگۇسى زامان پىئل فورمىسى « تۇرۇر|-دۇر » پۈتۈنلەي قىسقىراپ نۆل فورمىغا ئايلانغان، يەنى فورما «-ظا|-ظە» بىلەن ياسالغان رەۋىشداشلارنىڭ ئاخىرىغا شەخىس قوشۇمچىلىرىنىڭ بىۋاستە ئۇلىنىشى بىلەن ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن با+ا+مەن=بارىمەن، كەل+ە+ىمەن=كىلىمەن. ئىككىنچى ئۆلچىمى شۇكى، ئۇىڭدا پۈتمىگەن سۈپەتداش فورمىسى  «تۇرۇر|-دۇر» «-دع»غا قىسقارتىلغان، يەنى «ظا»لىق رەۋىشداش +دع+غان شەكىلدە ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن با+ا+د+غان=بارىدىغان، كەل+عە+دع+دع+غان=كىلىدىغان دىگەنلەرگە ئوخشاش.

مەركىزىي دىئالىكي قوللىنىلغاندا رايۇنىنىڭ كاڭ بولۇشى ۋە ئۆزىنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى بەزى پەرقلەرگە ئاساسەن ئۈرۈمچى شىۋىسى، قۇمۇل شىۋىسى، تۇرپان شىۋىسى، ئىلى شىۋىسى، تارىم شىۋىسى، قەشقەر شىۋىسى ۋە يەكەن شىۋىسى قاتارلىق شىۋىلەرگە بۆلۈنىدۇ.

2) خوتەن دىئالىكتى، بۇ دىئالىكت شەرقتە چارقىلىقتىن تارتىپ، غەرپتە گۇما ناھىيسىگچە بولغان توققۇز ناھىيە (شەھەر)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خوتەن دىئالىكتى دائىرىسى ۋە نوپۇسى جەھەتتە مەركىزىي دىئالىكتتىن قالسىلا ئىككنچى ئوروندا تۇرغۇچى چوڭ دىئالىكت ھىسابلىنىدۇ. تەخمىنەن %19ئۇيغۇر مۇشۇ دىئالىكتتا سۆزلەيدۇ.

خوتەن دىئالىكتىدا دىئالىكتلارنى پەرقلەندۇرۇشنىڭ بىرىنچى ئۆلچىمى شۇكى،ئۇنىڭىدا پىئلنىڭ كەلگۈسى زامان فورمىسى «-تۇرۇر|-دۇر»«-ت»غا قىسقارتلغان ،يەنى بۇ فورما «ظا»لىق رەۋىشداشلارنىڭ ئاخىرىغا «-ت»ئۇنڭدىن كىيىن شەخىس قوشۇمچىلىرىنىڭ ئۇلۇنشى بىلەن ئىپادىلەنگەن، مەسىلەن، بار+ا+ت+مەن=بارىتمەن؛كەل+عە+ت+ىمەن=كىلىتمەن. ئىككىنچى ئۆلچىمى شۇكى، ئۇنڭدا پۈتمىگەن سۈپەتداش فورمىسى«-تۇرۇر|-دۇر»«ت»غا قىسقارتىلغان، يەنى «ظا»لىق رەۋىشداش +ت+قان شەكىلدە ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن بار+ا+ت+قان=بارىتقان، كەل|عە+ت+قان=كىلىتقان دىگەنلەرگە ئوخشاش.

خوتەن دىئالىكتىنڭ ئىچكى قىسمىدا  ھەر قايسى ناھىيلەر ئارا ئوخشىمغان دەرىجىدە بەزى شىۋە، لوپ شىۋىسى، كىرىيە شىۋىسى دىگەن شىۋىلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.

3) لوپنۇر دىئالىكتى. بۇ دىئالىكت لوپنۇر ناھىيسى تەۋەسىدە قوللىنلىدۇ.سۆزلىشىدىغان ئادەم سانى ناھايتى ئاز بولۇپ،پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ %0.4نى تەشكىل قىلدۇ. بىراق بۇ دىئالىكت دىئالىكتلارنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئىككى ئۆلچىمىدىكى پەرقلەردىن باشقا، فونىتىكا جەھەتتە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ لەۋ ھالىتى جەھەتتىكى ماسلىشىشنىڭ ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئوڭ ئاسسىلماتسىيسىنڭ كۈچلۈك بولۇشى؛ لىكسىكا جەھەتتە بلىقچىلىق، ئوۋچىلىققا خاس سۆزلەر ۋە ئۇيغۇر تىلغا خاس ياسالغان سۆزلەرنىڭ كۆپلۈكى؛گرامماتىكا جەھەتتە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەركىبلىرىنىڭ كۆپرەك ساقلىنىشى ... قاتارلىق ئالاھىدىلكلىرى بىلەن دىئالىكتلاردىن پەرقلىنىدۇ.

لوپنۇر دىئالىكتىدا دىئالىكتلارنى پەرقلەندۇرۇشنىڭ بىرىنچى ئۆلچىمى شۇكى، ئۇنىڭدا پىئلنىڭ كەلگۇسى زامان فورمىسى«-تۇرۇر|-دۇر»«-دع»غا قىسقارتىلغان،يەنى بۇ فورما «ظا»لىق رەۋىشداشلارغا «-دع»نىڭ ئۇلىنشى، ئاندىن شەخىس قوشۇمچىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئپادىلەنگەن. مەسىلەن، بار+ا+دع+ىمەن=بارادىمەن، كەل+عە+دع+مەن=كىلەدىمەن. ئىككىنچى ئۆلچىمى شۇكى، ئۇنڭىدا پۈتمىگەن سۈپەتداش فورمىسى «-تۇرۇر|-دۇر»غا قىسقارتلغان، يەنى «ظا»رەۋىشداش+دذ+غان شەكىلدە ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن، بار+ا+دذ+غان=بارادۇغان، كەل+عە+دذ+غان=كىلەدۇغان دىگەنلەرگە ئوخشاش.

3. ئەدبىي تىل ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى

مىللىي ئورتاق تىلنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن، قىلىپلاشتۇرۇلغان شەكلى ئەدەبىي تىل دىيلىدۇ. ئۇ مەلۇم ئۆلچەمگە ئاساسەن قىلىپلاشقان بولىدۇ ھەمدە مەلۇم بىر مىللەتكە ئورتاق ئالاقە قورالى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ئادەتتە«ئۆلچەملىكتىل»ياكى «ئورتاق تىل»دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئەدەبىي تىل مەلۇم بىر يىتەكچى دىئالىكت ئاساسىدا شەكللىنىدۇ، لىكىن ئۇ يىتەكچى دىئالىكتنىڭ ئۆزى ئەمەس، ئەدەبىي تىل يىتەكچى دىئالىكتىنى ئاساس قىلسىمۇ، باشقا،دىئالىكتلاردىن، ھەتتا باشقا تىللاردىن زۆرۈر بولغان تىل تەركىبلىرىنى قۇبۇل قىلىپ، ئۆزىنى بىيىتىدۇ ۋە تولۇقلايدۇ. بولۇپمۇ ئۇ ئۆزى ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىسى ۋە تەلەپپۇز قائىدىسىدە بىكىتىلگەن ئۆلچەملەرگە ئاساسەن پىششىقلارپ ئىشلەنگەن ھەم قىلىپلاشقان بولىدۇ. شۇڭا ئەدەبىي تىل ھامان ئۆزىگە ئاساس بولغان دىئالىكتتىن تىخىمۇ باي، تىخىمۇ مۇكەممەل بولىدۇ.

ئەدەبىي تع؛ل ئىغىز تىلى ۋە تىلدىن ئىبارەت ئىككى شەكلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئىغىز تىلى شەكلى رادىئو، تىلىۋىزىيە، كىنو، تىياتىر، ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا ۋە نورمال سۆھبەتلەردە قوللىنلىدۇ. يىزىق تىلى شەكلى ئاخبارات ۋە نەشىرىيات ئورۇنلىرى ئۆلچەم بۇيچە نەشىر قىلغان ياكى بىسىپ تارقاتقان (يىزىلغان)سىياسىي پەننىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر، دەرسلىك، گىزىت- ژۇرناللار ھۆججەت، ئۇقتۇرۇش ۋە خەت-چەكلەردە قوللىنىلىدۇ.

يىزىق تىلى ئىغىز تىلى بىر ئەدەبىي تىلنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئىپادىلنىش شەكلى بولغاچقا، ئۇلار زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، يەنى يىزىق تىلى ھامان ئىغىز تىلى ئاساسىدا مەيدانغا كىلىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ. ئىغىز تىلىدىن ئايرىلغان يىزىق تىلنىڭ ھاياتىي كۈچى بولمايدۇ. يىزىق تىلمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئىغىز تىلنىڭ بىرلككە كىلىشى، قىلىپلىشىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، لىكىن ئۇلار ئۆزىگە خاس بەزى ئالاھدىلىكلەرگە ئىگە1)ئىغىز تىلى سۆزلەيدىغان، ئاڭلايدىغان تىل شەكلى بولغاچقا، ئالاقىلشىدىغان ئىككى تەرەپنىڭ (زامانىۋي ئالاقىلىشىش ۋاستىلىرى- تىلفون، ئۇنئالغۇ...قاتارلىقلارغا ئوخشاش ۋاستىلەر بولمىغان ئەھۋالدا)مۇئەييەن ماكان ۋە زاماندا بىللە مەۋجۇت بولۇشنى شەرت قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئالاقە جەرياندا قول ئىشارىتى، چىراي ئىپادسى، سۆزلىشىش شارائىتى قاتارلىق ئامىللار بەلگىلىك رول ئوينىغاپقا، چۈشىنشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بىراق يىزىق تىلى كۆرىدىغان ۋە ئوقۇيدىغان تىل شەكلى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئالاقە قىلىدىغان، ئىككى تەرەپنىڭ بىر ئورندا، بىر ۋاقىتتا بىللە تۇرۇشنى شەرت قىلمايدۇ. شۇنىڭدەك، ئىغىز تىلدىكى ئىنتايىن ئۆزگىرشچان ئىنتوناتىسيە ۋە بەزى ئىملىق سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزىنى يىزىق تىلىدا ئەينەن ئىپادىلەش مومكىن بولمايدۇ.(2)ئىغىز تىلى بىلەن يىزىق تىلى سۆز ئىشلتىش ۋە جۈملە تۈزۈلۈشى جەھەتلەردىمۇ پەرقلىنىدۇ، يەنى ئىغىز تىلىدا قوللىنىلىدىغان سۆزلەرنىڭ دائىرىسى تارراق بولىدۇ. جۈملىمۇ ئىخچام تۈزۈلىدۇ، بولۇپمۇ تولۇقسىز جۈملىلەر كۆپ قوللىنىلىدۇ، يىزىق تىلىدا بولسا، ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەرنىڭ دائىرىسى كەڭ، جۈملىلەرمۇ ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ تۈزۈلىدۇ.(3)يىزىق تىلى بىلەن ئالاقىلاشقاندا، يازغان نەرسىلەرنى قايتا-قايتا ئۆزگەرتىپ تۈزەتكىلى، ئوقۇغان نەرسىلەرنى قايتا- قايتا كۆرۈپ مۇلاھىزە قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭا يىزىق تىلى ئىغىز تىلغا قارىغاندا تىخىمۇ ئىنىق، تىخىمۇ مۇككەممەل بولىدۇ.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى مەركىزىي دىئالىكت ئاساسىدا ، ئۈرۈمچى تەلەپپۇزىنى ئۆلچەم قىلىپ شەكىللەنگەن.

4§. « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» نىڭ خاراكىترى ۋە مەزمۇنى

1.« ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» نىڭ خاراكىترى

«ھازىرقى زامان ئ.ۇيغۇر تىلى»دىگەن بۇ ئاتالغۇ مۇنداق ئىككى خىل مەنىدە قوللىنىلىدۇ:بىرى، ھازىرقى دەۋىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن مىللەت دائىرىسىدە ئالاقە ۋاستىسى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان مىللىي ئورتاق تىلىنى كۆرستىدۇ؛يەنە بىرى،ئەنە شۇ ئالاقە ۋاستىسى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىل-يىزىقىنىڭ قائىدە-قانونىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ۋە ئۆگىتىدىغان ئىلمىنى كۆرستىدۇ.

2.«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» نىڭ مەزمۇنى

بىزگە مەلۇم، ھەر قانداق بىر تىل فونىتىكا، لىكسىكا ۋە گرامماتكىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەزمۇندىن تەركىب تاپىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىمۇ ئەنە شۇ ئۈچ چوڭ مەزمۇندىن تەركىب تاپقانبىر پۈتۈن سىستىما، تىلنىڭ بۇ ئۈچ تەركىبىي قىسمى ئۆز ئارا زىچ باغلىنشلىق بولۇپ، بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇڭپ تۇرىدۇ. شۇنداقتىمۇتىلنىڭ بۇ ئۈچ تەركىبىي قىسمىنڭ ئۆز ئالدىغا تەتقىقات ئوبيىكتى ۋە مەزمۇنى بار.

فونىتىكا تىل تاۋۇشلىرى ھەققىدىكى پەن بولۇپ، تىل تاۋۇشلىرى سىستىمىسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئۆزىنىڭ ۋەزەپىسى قىلىدۇ. ھازىرق زامان ئۇيغۇر تىلنىڭ فونىتىكا قىسمى ئۇيغۇر تىلنىڭ تاۋۇش سىستىمىسى يەنى تىل تاۋۇشلىرىنىڭ خۇسۇسىيتى، فونىما ۋە ۋارىيانت. ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلارۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىرى، بوغۇم شەكىللىرى ئۇرغۇ ۋە ئىنتوناتسىيە، تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانونىيتى، تاۋۇش ئۆزگىرىش ھادىسلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە  ئالدۇ.

يىزىق تاۋۇشلۇق تىلنى خاتىرلەش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئالاقە ۋاستىسلىك رولنى كىڭەيتىدىغان ياردەمچى ۋاستە بولۇپ، مەلۇم بىر تىلغا بىقىنغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.دەرسىمىزنىڭ بۇ قىسمى يىزىق ۋە ئۇنىڭ رولى، يىزىقنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىياتى، ھەرەپ ۋە ئىلىپبە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قوللانغان يىزىقلىرى، يىزىق ئسلاھاتى، ئىملا قائىدىسى ۋە تەلەپپۇز قائىدىسى ھەم ئۇلارنىڭ مەزمۇنلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بىر تىلدىكى بارلىق سۆزلەرنىڭ يغىندىسى لۇغەت تەركىبى (لىكسىكا)نى تەشلىك قىلىدۇ، ئەنە شۇ لۇغەت تەركىبىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم لىكسكولوگىيە دىيلىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى لىكسكولوگىيسى ئۇيغۇر تىلى لۇغەت تەركىبىنڭ قۇرلۇشى، سىمانتكا، ئىتىمولوگىيە، تۇراقلىق ئىبارىلەر (فرازىئولوگىيە)لۇغەتشۇناسلىق قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

گرامماتكا تىلنىڭ قۇرۇلما  قائىدىسى بولۇپ، سۆزلەرنىڭ ياسىلىش، تۈرلىنىش ۋە تۈركۈملەرگە بۆلۈنۈش قائىدىسى بىلەن سۆز، سۆز بىرىكمىسى ۋە جۈملىلەرنىڭ بىرىكىش قائىدىسدىن ئىبارەت ئىككى يۈرۈش قائىدىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا ئۇ مورفولوگىيە ۋە سىنتاكىس دىگەن ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلنىڭ مورفولوگىيە قىسمىدا ئۇيغۇر تىلدىكى سۆز تۈركۈملەر ۋە ئۇلارنىڭ گرامماتلكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى سۆزلىنىدۇ. سىنتاكىس قىسمىدا سۆز بىرىكمىسى ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىرى، جۈملە ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى، جۈملە بۆلەكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئورۇن تەەتىپى تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئ.ۇنىڭ قوللىنشنىڭ قائىدىلىرى قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلىنىدۇ.

تەكرارلاش سۇئاللىرى:

1.              تىل دىگەن نىمە؟ ئۇنى نىمە ئۈچۈن ئالاقىلىشىش قورالى دەيمىز؟

2.    تىلنى نىمە ئۈچۈن تەپەككۇر قىلىش  قورالى دەيمىز؟تىل بىلەن تەپەككۇرنى بىر نەرسە دىيىشكە بولامدۇ؟نىمە ئۈچۈن ؟

3.              تىلنىڭ ئىجتىمائى ھادىسە ئىكەنلىكىنى قايسى جەھەتتىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ؟

4.    تىلنى نىمە ئۈچۈن بەلگىلەر سىستىمىسى  دەيمىز؟تىل بەلگىلىرى دىگەن نىمە؟ئۇ قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟

5.              تىل قانداق پەيدا بولغان؟

6.              تىل تەرەققىياتى نىمىگە قارىتىلغان؟ئۇ نىمە سەۋەپتىن تەرەققى قىلىدۇ؟

7.              ئۇيغۇر تىلىنىڭ قىرىنداشلىق مۇناسىۋىتى قانداق ؟

8.    ئۇيغۇر تىلىنى يىزىقئىشلىتىلگەندىن بۇيانقى تارىخى تەرەققىيات باسقۇچىغا ئاساسەن قانچە دەۋرگە بۆلۈشكە بولىدۇ؟ئۇلار قايسىلار؟

9.    دىئالىكىت دىگەن نىمە؟ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا قانچە دىئالىكت بار؟ئۇلارقايسى؟مەركىزى دىئالىكت قەيەردە قوللىنىلىدۇ؟ئۇ قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟

10.         ئەدەبىي تىل دىگەن نىمە؟ ئۇ قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟

11.         ‹‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى›› دەرىسى قانداق خاراكتىرگە ئىگە؟

12.         قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

ئەتىمىز ئۈچۈن!!!!!!!!!!!!!!!
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

72

تېما

18

دوست

3220

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
734 سەر
تىللا
594 دانە
تۆھپە
494 سەر
شۆھرەت
375 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 00:35:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساندۇقىڭىزدىكى قانداق ئاسارە-ئەتىقەدۇر دىسەم ناھايىتى ياخشى بىلىملەر  ئىكەنغۇ!!!داۋاملىق مۇشۇنداق تىمىلارنى يوللاپ تۇرغايسىز، رەھمەت!!!
ئەگەر باشقىلار ئالدىدا ئابروي تىكلىمەكچى بولساڭ توختىماي بىلىم ئال!!!!!

416

تېما

63

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5394 سەر
تىللا
2621 دانە
تۆھپە
8643 سەر
شۆھرەت
3724 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 00:54:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرۇق كەلمەپسىز بۇرادەر، ئانا تىلىمىزغا مۇناسىۋەتلىك قىممەتلىك بىلىملەرنى ئېلىپ كەپسىز، بۇنداق ماتىرىياللار بۇنىڭدىن كېيىن نەشىر قىلىنماسلىقى مۈمكىن. سىزگە كۆپ رەخمەت!
بولسا ئانا تىلىمىزغا مۇناسىۋەتلىك مۇشۇنداق يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

529

تېما

26

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6373 سەر
تىللا
2146 دانە
تۆھپە
7106 سەر
شۆھرەت
4954 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 01:03:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە كوكيار ئەپەندىم راستىنلا قۇرۇق قول كەلمەپسىز . ئۇيغۇر تىلى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئاناتىلىمىز . تىلنى قەدىرلەش،ئۈزىمىزنى قەدىرلەشتۇر. بىز ئۆز ئانا تىلىمىزنى قەدىرلىمىسەك باشقا مىللەتلەر بىزنىڭ تىلىمىزنى قەدىرلەپ بەرمەيدۇ. شۇڭا بىز ئۇيغۇرلار ئىچىدە كىچىككىنە خەنزۇ  تىلى ئۈگۈنۈپلا  خەنزۇلارغا خەنزۇچە تىل بۇيىچە  ئالاقە قىلىدىغان  ،ئۈزىمىزنىڭ ئانا تىلىنى قەدىرلىمەيدىغان ناچار ئەھۋاللار بىزدە ئېغىر دەرىجىدە ساقلىنىپ  كىلىۋاتىدۇ.
دىمەك بىز ئۆز ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى. باشقا مىللەتلەرگىمۇ ،بىلسۇن بىلمىسۇن ،ئاناتىلى بۇيىچە سۆز قىلايلى ، شۇنداق قىلغاندا ئاندىن ئۆز ئانا تىلىمىزنى قەدىرلىگەن بۇلىمىز . ياخشى تىما يوللاپسىز  رەخمەت سىزگە .مۇمكىن بولسا ئانا تىلىمىز ھەققىدىكى تىمىلارنى كوپلەپ يوللاپ تۇرشىڭىزغا تىلەكداشمەن . رەخمەت سىزگە
باسقۇچلۇق ئىمتاھانمۇ يېقىنلىشىپ قالغاچقا خىزمەتلەر بەك ئالدىراش بۇلىۋاتىدۇ

576

تېما

120

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

adminنامىنى بايقاشقا ئۆزگەرتتى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8413 سەر
تىللا
7571 دانە
تۆھپە
5130 سەر
شۆھرەت
5556 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 12:52:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبىرىمىزدە باشقا جەھەتتىكى بىلىملەر تۇلۇقلانغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى كەمچىل ئىدى. قارىسام سىز بۇ جەھەتتىكى  بوشلۇقنى تولدۇرالايدىغاندەك قىلىسىز. سىھرلىك ساندۇقىڭىزدىن كۈندە يېڭىچە بىلىملەرنى چىقىپ تۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ماتىرىيال يوللىغاندا بايقاش تامغىسىنى بېسىشقا، بەيدۇ تور دېسكىسىغا يوللاشقا ئەھمىيەت بىرەيلى!

808

تېما

13

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
8486 سەر
تىللا
6722 دانە
تۆھپە
5583 سەر
شۆھرەت
6102 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 13:02:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرس تەييارلىقلار تېپىلىپ قالسائۇنى بالدۇراق چىقىرۋېتەرسىز !

576

تېما

120

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

adminنامىنى بايقاشقا ئۆزگەرتتى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8413 سەر
تىللا
7571 دانە
تۆھپە
5130 سەر
شۆھرەت
5556 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 13:17:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماتىرىياللار بەك كۆپ بولسا تۈرگە ئايرىپ پىرىسلىغاندىن كىيىن قۇشۇمچە ھۆججەت شەكىلدە يوللىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.
ماتىرىيال يوللىغاندا بايقاش تامغىسىنى بېسىشقا، بەيدۇ تور دېسكىسىغا يوللاشقا ئەھمىيەت بىرەيلى!

4

تېما

0

دوست

109

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
31 سەر
تىللا
9 دانە
تۆھپە
16 سەر
شۆھرەت
15 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 14:12:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2012-8-8 13:17
ماتىرىياللار بەك كۆپ بولسا تۈرگە ئايرىپ پىرىسلىغاندىن ...

شۇنداق قىلىپ يوللىساممۇ بولغىدەك.
ئەتىمىز ئۈچۈن!!!!!!!!!!!!!!!

0

تېما

2

دوست

68

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
9 سەر
تىللا
13 دانە
تۆھپە
13 سەر
شۆھرەت
17 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 23:36:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن،ئەجىرىڭىزگە رەخمەت.
ئايشەمگۈل
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-5-11 04:26, Processed in 0.454039 second(s), 40 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش