- تىزىملاتقان
- 2012-8-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-8-21
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 130
- نادىر
- 0
- تېما
- 4
- يازما
- 16

- يوقلىما
- 9
قىزغىنلىق- 40 سەر
تىللا- 9 دانە
تۆھپە- 25 سەر
شۆھرەت- 24 سەر
 
| فونىتىكا
10 باب فونىتكا ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە
1§.فونىتكا ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات ئوبيىكتى
«فونىتىكا»دىگەن بۇ ئاتالغۇ گرىىكچە سۆز بولۇپ، گرىكلارنىڭ phonetikosسۆزىنىڭ PHONE(تاۋۇش، ئۇن، جاراڭلىق)دىگەن سۆزدىن كىلىپ چىققان، ھازىر تىلىمىزنىڭ «تىل تاۋۇشلىرىنى تەتقىق قىلدىغان پەن» دىگەن مەنىلەردە قولللىنىلىدۇ.
فونىتىكا مەلۇم بىر تىلنىڭ تاۋۇش سىستىمىسى، تىل تاۋۇشلىرى ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى، تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرى ۋە تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى، تاۋۇش چىقىرىش ئورنى، شۇ تىلدا فونىما بولۇپ خىزمەت قىلدىغان تاۋۇشلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋارىيانتى، تاۋۇشلارنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى، ئۆز ئارا ماسلىشىش قانونىيەتلىرى ھەم بۇ جەرياندا پەيدا بولىدىغان ھەر خىل تاۋۇش ئۆزگىرىشلىرى، تاۋۇشلارنىڭ ئۆز ئارا قوشۇلۇش ئالاھىدىلكىلىرى، فونىمىلىق ئۆزگىرىشلىرى، بوغۇم تۈزۈلۈش شەكىللىرى ۋە ئۇرغۇ، ئىنتوناتسىيە قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ ۋە ئۆگىتىدۇ.
دىمەك، فونىتىكا تىلنىڭ تاۋۇش سىستىمىسى تەتقىق قىلىدىغان پەن.
فونىتىكا ئۆزىنىڭ كونكرىت تەتقىقات مەزمۇنىغا قاراپ يەنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تارماققا بۆلۈنىدۇ.
ئومۇمىي فونىتىكا، بۇ بارلىق تىللارنىڭ سىستىمىسى ئۈچۈن ئومۇمىيلىققا ئىگە بولغان مەسىللەرنى، يەنى تىل تاۋۇشلىرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاساسلىرى، تاۋۇشلارنىڭ پەيدا بولۇشى، بىرىكشى ۋە ھەر خىل ئۆزگىرىشلىرى، تاۋۇشلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، ئۇرغۇ، ئىنتوناتسىيە ۋە ئۇنىڭ رولى، ئۆزگىرىشلىرى قاتارلىق مەسىللەرنى تەتقىق قىلىدۇ.
كونكرىت تىللار فونتىكىسى، بۇنىڭدا ھەر بىر تىلنىڭ ئۆزىگە خاس تاۋۇش سىستىمىسى تەتقىق قىلنىدۇ. بۇۈ ئومۇمىي فونىتىكىلىق كونكرىت تىللارنىڭ تاۋۇش سىستىمىسغا تەتبىق قىلنىشى بولۇپ، بىر تىلنىڭ تاۋۇش سىستىمىسى شۇ تىلنىڭ ئايرىم فونىتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىتىبار بىرىلگەن ئاساستا نوقتىلىق بايان قىلنىدۇ. كونكرىت تىللار فونىتكىسى يەنە ئۆز ئىچىدىن تارىخىي فونىتىكا ۋە تەسۋىرىي فونىتىكا دىگەن ئىككى تارماققا بۆلۈنىدۇ.
تارىخىي فونىتىكا مەلۇم بىرتىلنىڭ تاۋۇش سىستىمىسىدا ھەر قايسى تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچىدا تەدىرىجى يۈز بەرگەن ھەر خىل ئۆزگىرىلەرنى ۋە بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ قانونىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ.
تەسۋىرىي فونىتىكا مەلۇم بىر تىلنىڭ مۇئەييەن تارىخىي باسقۇچىدىكى (ئاساسەن ھازىرقى زاماندىكى) فونىتىكىلق ئەھۋالىنى، يەنى شۇ مەلۇم دەۋىردىكى تاۋۇش سىستىمىسى ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسىيتى قاتارلىقلارنى تۇرغۇن ھالەتتە تەسۋىلەيدۇ،ئەممە ئۇ تاۋۇشلارنىڭ ئىچكى مۇناسىۋتىگە خاس قانونىيەتلىرنىڭ مەلۇم بىر دەۋردىكى ھالىتنى تۇرغۇن ھالەتتە تەتقىق قىلغاندا، ئۇلارنىڭ تارىخىي تەرەققىياتدىكى ئالاقىدا ھادسىلەرگىمۇ ئەھمىيەت بىرىدۇ.شۇڭا تارىخىي فونىتكا بىلەن تەسۋىرى فونىتكا ناھايتى زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ.
سىلىشتۇرما فونىتىكا.بۇنىڭدا سىلشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىككى ياكى كۆپ خىل تىلنىڭ فونىتكىسدىكى ئوخشاشلىقلار ۋە پەرقلەر، شۇنىڭدەك تىللار ئوتتۇرسىدىكى فونىتىكلىق ماسلىق قانۇنىيەتلەر تەتقىق قىلنىدۇ.
ئەمىلى فونىتىكا. بۇ فونىتىكا تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە پەن – تىخنىكا ساھاسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەر خىل مەسىللەرگە تەتبىقلاشنى تەتقىق قىلىدۇ. يەنى تىل تاۋۇشلىرنىڭ ئەمىلى قوللىنىش نىسپىتىنى ئىستىمال زۆرۈريىتى ئاساسىدا تەتقىق قىلىدۇ.
تەرجرىبە فونىتكىسى.بۇ ھەر خىل مۇرەككەپ تەرجرىبە سايمانلىرى ئارقىلىق تىل تاۋۇشلىرنىڭ فزولوگىيلىك ئاساسىي، فىزىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى يىزىىش، سۈرەتكە ئىلىش ئۇسۇل بىلەن تەتقىق قىلىدۇ.
فونىتىكا يىقىنقى زامان پەن تىخنىكىسنىڭ راۋاجلىنشى، كىشىلەرنىڭ تىل تاۋۇشلىرى ھەققىدىكى تونۇشى ۋە تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ نورغۇن تارماق پەنلەرگە بۆلۈنۈش بىلەنلا قالماي، باشقا پەنلەر (فىزىكا، پىسخولوگىيە) بىلەنمۇ بىرلەشتۇرلۈپ تەتقىق قىلنماقتا.
فنىتكا ئىلمىنى ئۇگىنىش ۋە تەتقىق قىلش تىلنىڭ لىكسىكا ۋە گرامماتىكا قىسملىرى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەر، مورفىمىلارۋە گرامماتكىلىق شەكىللەر تىل تاۋۇشلىرى بىلەن ئىپادىلنىدۇ. تىل تاۋۇشلىرىسىز ھەر قانداق بىر سۆزىنىڭ ۋە گرامماتكىلىق شەكىللەرنىڭ ئىپادىلنىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا تىل تەتقىقاتىدا تىلنىڭ لىكسىكىسى بىلەن گرامماتكسنى تەتقىق قىلىش قانچە مۇھىم بولسا ، تىلنىڭ ماددى ئاساسىي بولغان تىل تاۋۇشلىرىنى تەتىقى قىلىشمۇ شۇنچە مۇھىم. چۈنكى فونىتىكا ھەققىدىكى ئاساسىي بىلىملەرنى ئىگىللىمەي تۇرۇپ، ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىنى ھم مۇھىم گرامماتىكىلق قائىدىلەرنى تىلمىزنىڭ ئەمىيلىتىگە تەدىبىقلارپ توغرا چۈشىنىش، ئىملا ۋە تەلەپپۇزدىكى ئەمەلىي مەسىللەرنى قائىدىگە ئۇيغۇن،مۇۋاپىق ھال قىلش مۇمكىن ئەمەس .شۇنىڭ ئۈچۈن بىر تىلنىڭ باشقا قىسملىرىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىىق قىلشتىن ئاۋال شۇ تىلنىڭ فونىتىكا قىسمىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش، ئۇنىڭ تاۋۇش سىستىمىسى بىلەن تونۇشۇش تىخىمۇ زۆرۈر.
2§. تىل تاۋۇشى ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسىيتى
سۆزىنىڭ فونىتكىلىق شەكىلى ۋە مەنىسنى پەرقلەندۇرۇش رولىغا ئىگە بولغان ئەڭ كىچىك فونتىكلىق بىرلىك تىل تاۋۇشى- فونىما دىيلىدۇ.
ھەر قانداق تىترگۇچى جىسىمنىڭ تەۋىرنىشى نەتىجىسدە پەيدا بولغان ھاۋا دولقۇنى فىزىكىدا ئاۋاز دىيلىدۇ.لىكىن ھەر قانداق ئاۋازىنىڭ ھەمىمىسى جۈملىدىن تەبىئەت ھادسىلرىنىڭ ئاۋازلىرى تىل تاۋۇش ھىسابلانمايدۇ.ھەتتا كىشىلەرنىڭ ئىغىزدىن چىقانكى ئاۋازلارنىڭ تىل تاۋۇشى ھىسابلىنىشى ناتايىن. چۈنكى تىل تاۋۇشلىرى تەبئەتتىكى باشقا ئاۋازلاردىن مۇنداق ئىككى جەھەتتىن ئالاھىدە پەرقلىندۇ. بىرى، بۇ ئىنسانلارنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىدىن چىقىدۇ. يەنى بىرى ئۇ مەلۇم ئىجتىمائى ئادەت شارائىتىدا مۇئەييەن مەنە ئىپادىلەيدۇ. مەنە ئىپادىلمەيدىغان ئاۋاز تىل تاۋۇشى ھىسابلانمايدۇ.
تىل تاۋۇشلىرى تىلنىڭ ئاۋاز قىسمى بولغاچقا،تەبئەتتكى باشقا ئاۋازلارغا ئوخشاشلا فىزىكلىق خۇسۇسىيتكە ئىگە. تىل تاۋۇشلىرى كىشىلەرنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىردىن چىقىدىغان بولغاچقا، ئۇ يەنە فىزىئولوگىيلىك خۇسۇسىيەتكىمۇ ئىگە. ئەڭ مۇھىمى، تىل تاۋۇشلىرى مەلۇم ئىجتىمائىي ئادەتت شارائىتىدا بەلگىلىك مەنە ئىپادىلەيدۇ. قانداق تاۋۇش ياكى قانداق تاۋۇش بىرىكمىسىنڭ قامداق مەنىنى ئىپادىلشى تەبئىي ھالدا يۈز بەرمەستىن، بەلكى مەلۇم بىر خىل كوللىكتىپنىڭ ئىجتىمائىي ئادىتىدىن شەكىللىنىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، تىل تاۋۇشلىرى يەنە ئىجتىمائى خۇسىسىيەتكىمۇ ئىگە. بۇنىڭ ئىچىدە تىل تاۋۇشلىرىنىڭ ئىجتىمائىي خۇسىسيتى ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيتى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
3، تىل تاۋۇشلىرنىڭ ئىجتىمائىي خۇسۇسىيتى
تىل تاۋۇشلىرىنى فىزىئولوگىيلىك ۋە فىزىكلىق خۇسۇسىيەتلەردىن باشقا يەنە ئىجتىمائىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە. بۇ خۇسۇسىيەت تىل تاۋۇشلىرىنى باشقا ئاۋازلاردىن پەرقلەندۇرۇپ تۈرىدىغان ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەت بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ فىزىئولوگىيلىك تۈزۈلۈشى ئاساسەن ئوخشاش، ئەممە ھەر قايسى مىللەتلەر تىلنىڭ تاۋۇش سىستىمىسى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بىر تىلدا سۆزلەشكۈچى ئىجتىمائىي كوللىكتپنىڭ تىلىدا قانداق تاۋۇشلارنىڭ بولۇشى، قانداق تاۋۇشلارنىڭ بولماسلىقى، قانداق تاۋۇشلار بىلەن قانداق تاۋۇشلارنىڭ بىرىكىشى ياكى بىرىكمەسلىكى شۇ تىلدا سۆزلەشكۈچى كىشىلەرنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ ئالاھىدە فىزىئولوگىيلىك تۈزۈلۈشكە ئىگە بولغانلقىدىن ئەمەس. بەلكى شۇ تىلدا سۆزلەشكۈچى كوللكتىپنىڭ ئۇزاق تارىخىي جەريان ئىچىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە(سۆزلەش) ئادىتىگە باغلىق بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ئىجتىمائىي ئالاقە ئادىتى داۋامىدا مەلۇم بىر تاۋۇش ياكى تاۋۇش توپى مەلۇم مەنە بىلەن باغلىنشلىق بولۇپ بولغانىكەن( مەسىلەن، « ئوقۇغۇچى » دىگەن تاۋۇش بىرىكمىسى مەكتەپلەردە ئوقۇش، ئۆگىنىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ بولغانكەن )، شۇ تىلدا سۆزلەشكۈچى ھەر قانداق شەخىسبۇ ئىجتىمائىي ئادەتكە بويسۇنىشى، ئەمەل قىلىشى كىرەككى، ئۇنى خالىغانچە ئ.ۆزگەرتىۋىتىشكە بولمايدۇ، ئۆزگەرتىۋىتىشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق. مانا بۇلار تىل تاۋۇشلىرى ھەم ئۇلار ئىپادىلەنگەن مەنىنىڭ بىر خىل ئىجتىمائىي كوللىكتىپ ئىچىدە ئورتاق قوللىنلىدىغان بەلگە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا روشەن ئىجتىمائىي خۇسۇسىيەتكە ئىگەئىكەنلىكنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
3§تاۋۇش ئىلىمىنتى ۋە ترانسكرىپسىيە
1.تاۋۇش ئىلمىنتى
تاۋۇش تۇسى(تىمبىرى)نۇقتىسىدىن قارىغاندا، تىلدىكى يەنە بۆلگىلى بولمايدىغان ئەڭ كىچىك فونىتىكىلىق بىرلىك تاۋۇش ئىلىمىنتى دىيلىدۇ. مەسىلەن ، «ئادەم»دىگەن سۆز «ظا»،« د »،« ظە »،« م» دىن ئىبارەت تۆت تاۋۇش ئىلىمنتدىن تەركىب تاپقان.ئۇلارنى يەنە بۆلگىلى(پارچىلاپ تەھلىل قىلغىلى)بولمايدۇ. شۇنىڭدەك «قىزىل»سۆزىمۇ «ق»،«ظع»، «ز»، «ظع»، «ل»دىن ئىبارەت بەش تاۋۇش ئىلىمىتىدىن تەشكىل تاپقان.تىل تاۋۇشلىرى نىڭ ئىجتىمائىي خۇسۇسىيتى (مەلۇم بىر تىلغا خاس بولغان مەنە ئىپادىلەش رولى)دىن قارىغاندا، «قىزىل] [q, izi»سۆزىنىڭ ھەر ئىككى بوغۇمدىكى «ئى »بىلەن ئىككىنچى بوغۇمدىكى «ئى » تاۋۇشى ئوخشاش بولمىغان ئىككى تاۋۇش ئىلمىنتىدۇر. چۈنكى بۇ سۆزىنىڭ تەركىبىدىكى «ظع» تاۋۇشىنىڭ مەنە ئىپادىلەش رولى ئوخشاش بولسىمۇ، لىكىنتەلەپپۇز قىلغاندا، تىل ئورنى جەھەتتىن بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ، يەنى بىرىنچى بوغۇمدىكى «ئى »«ق»نىڭ تەسىرى بىلەن تىل تۈۋىدىن تەلەپپۇز قىلنسا، ئىككىنچى بوغۇمدىكى «ئى »نىڭ تەسىرىدە تىل ئالدىدىن تەلەپپۇز قىلنىدۇ.ظ شۇڭا ئۇ تىمبىر جەھەتتىن ئىككى تاۋۇش ئىلىمنتى ھىسابلىنىدۇ.
دىمەك ئەنە شۇنداق قايتا بۆلۈشكە (پارچىلاشقا)بولمايدىغان ئەڭ كىچىك فونتىكلىق بىرلىك تاۋۇش ئىلىمنتى ھىسابلىنىدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ تەبىئىي ھالدا ھىس قىلالايدىغان بىرلىك بولماستىن، بەلكى تىلشۇناسلارنىڭ تەھلىلى نەتىجىسىدە ئىنىقلانغان بىرلكتۇر. تاۋۇش ئىلىمنتلىرىنى بىر-بىرىدىن ئىنچىكە پەرقلەندۇرۇپ بىلىۋىلىش تىل ياكى دىئالىكىتلارنىڭ تاۋۇش سىستىمىسى، فونىتىكىلىق قائىدە- قانونىيەتلىرىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
2.ترانسكوىپسىيە
«ترانسكوىپسىيە»دىگەن بۇ ئاتالغۇ تىلىمىزدا مۇنداق ئىككى خىل مەنىدە قوللىنىلىۋاتىدۇ:بىرى، «تاۋۇش ئىلىمىنتلىرىنى خاتىرىلەيدىغان بەلگىلەر سىستىمىسى»دىگەن مەنىدە؛يەنە بىرى،«ئۆرۈپ يىزىش»دىگەن مەنىدە قوللىنىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ بۇ يەردە توختالماقچى بولغىنىمىز ئالدىنقى مەنىسنى كۆستىدۇ.
فونىتىكا تەتقىقاتىدا تاۋۇش ئىلىمنتلىرىنى خاتىرلەيدىغان بىر يۈرۈش بەلگىلەرنى قوللىنىشقا توغرا كىلىدۇ. بۇنداق تاۋۇش ئىلىمنتلىرىنى خاتىرلەيدىغان بەلگىلەر ئادەتتە «ترانسكوىپسىيە» دەپمۇ ئاتلىدۇ. ترانسكوىپسىيە بەلگىلىرى مۇۋاپىق قوللىنىلسا، مەلۇم بىر تىلنىڭ ياكى دىئالىكتنىڭ تاۋۇش ئىلىمىنتلىرىنى، جۈملىدىن فونىما ۋە ئۇنىڭ ۋارىيانتلىرىنى ئىنچىكە پەرقلەندۇرۇپ خاتىرىلەپ چىققىلى بولىدۇ. شۇڭا فونىتكىلىق ترانسكرىپسىيە بەلگىلىرىنىڭ سانى ئەمەلىيەتتە قوللىنىىلىدىغان ئىلىپبەدىكى ھەرپلەرنىڭ سانىدىن كۆپ بولىدۇ.
دىمەك، تىل تاۋۇشلىرىنى تاۋۇش ئىلىمنتى نۇقتىسىدىن ئىنچىكە، تەپسلىي خاتىرىلەشتە قوللىنىش ئۈچۈن بىكىتكەن بىر يۈرۈش بەلگىلەر سىستىمىسى ترانكسر ىپسىيە دىيىلىدۇ.
ترانسكرىپسيە قوللىنلىش دائىرىسىگە قاراپ، خەلىقئارالىق تىرانسىكىتتسىيە ۋە كونكىرت تىللار تىرانسىكىرىپسىيسى دەپ ئىككى تۈرگەبۆلىنىدۇ.
خەلقئارالىق ترانسىكىرىپىسىيە
خەلقئارادا ئورتاق قوللنىدىغان ، دۇنيادىكى ھەر قايسى تىللەرنىڭ تاۋۇش ئىلىمنتلىرىنى خاتىرلەشكە باب كىلىدىغان بەلگىلەر سىستىمىسسى خەلقئارالىق ترانسكرىپسىيە دىيلىدۇ.
خەلقئارالىق ترانسكرىپسىيە بەلگىلەرنىڭ سانى يوق، ئۇنى ئىھتىياجغا قاراپ پرىنسىپ بويىچە كۆپەيتشكە ياكى تولۇقلاشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدا بەلگە قانچە كۆپ بولسا، تاۋۇش ئىلمىنتلىرىنى شۈنچە تەپسىلىي ۋە توغرا خاتىرىلىگىلى بولىدۇ. شۇڭا خەلقئارالىق ترانسكرىپسىيدە ئاساسىي بەلگىلەردىن باشقا بىر مۇنىچە قوشۇمچە بەلگىلەرمۇ بىكىتلىگەن. نۆۋەتتە قوللىنىۋاتقان خەلقئارالىق ترانسكرىپسىيە خەلقئارلىق فونىتكا ئىلمىي جەمئىيتى تەرىپىدىن 1888-يىلى لوندوندا ئىلان قىلىنغان ترانسكرىپسىيە بولۇپ،كۆپ قىتىم تۈزىتىش، تولۇقلاش ئارقىلىق. ھازىر ھەر قايسى ئەللەردە، جۈملىدىن مەملىكتىمىزدىمۇ فونىتىكا ۋە دىئالىكت تەتقىىقاتىدا، لۇغەت تۈزۈشتە تاۋۇش ئلىىمنتلىرىنى تەپسلىي، توغرا خاتىرلەش ئۈچۈن مۇشۇ ترانسكرىپسيە كەڭ قولللىنىلماقتا.
خەلقئارالىق ترانسكرىپسىيە دۇنيادا بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان لاتىن ئىلىپبەسى ئاساسىدا تۈزۈلگەن بولۇپ، بەلگىلەرىنىڭ شەكلى مۇھىم، ئەستە قالدۇرۇشقا ۋە يىزىشقا ئەپلىك، شۇنىڭدەك بۇ ترانسكرىپسىپىدە بىر تۇتاش ئىلىمنتى بىر بەلگە بىلەن ئىپادىلنىدۇ؛ بىر بەلگە بىر تاۋۇش ئىلىمنتلىرىنى خاتىرىلەشكە مۇۋاپىق كىلىدۇ. بەزى بەلگىلەرنى ئوڭ- تەتۇر ئىشلىتىش ياكى قوشۇمچە بەلگىلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تۈرلۈك تاۋۇش ئىلىمىنتلىرىنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. بۇ ترانسكرىپسىيە بەلگىلەرىنى باشقا تاۋۇش بەلگىلەردىن پەرقلەندۇرۇش ئۈچۈن پرىنسىپ بويىچە بۈرجەكلىك تىرناق([ ])ئىچىگە ئىلىپ يىزىلىدۇ.
دىمەك، مەلۇم بىر تىلنىڭ تاۋۇشلىرىنى تەپسىلي خاتىرلەش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن تاۋۇش بەلگىلىرى كونكرىت تىللار ترانسكرىپسيسى دىيلىدۇ.
ترانسكرىپسىيە يەنە فونىما ۋە ئۇنىڭ ۋارىيانتلىرىنى تولۇق ئىپادىلەپ بىرىش- بىرەلمەسلىكنى ئۆلچەم قىلىپ، فونىملىق ترانسكرىپسيە ۋە فونىتىكلىق ترانسكرىپسىيە دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
فونىما ۋە ئۇنىڭ ۋارىيانتلىرىنى ئىنچىىكە پەرقلەندۇرۇپ خاتىرىلەش ئۈچۈن تۈزۈلگەن تاۋۇش بەلگىلىرى سىستىمىسى فونىتىكلىق ترانسكرىپسىيە دىيلىدۇ. بۇ خىل ترانسكرىسپىيە بەلگىلەرىنىڭ سانى كۆپ بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن مەلۇم بىر تىلدىكى فونىما ۋە ئۇنىڭ ۋارىيانتلىرىنى ياكى دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر تىلنىڭ تاۋۇش ئىلىمىنىلىرىنى تەپسىلىي خاتىرلەپ چىققىلى بولىدۇ. خەلقئارالىق ترانسكرىپسىيە ۋە بىر قىسىم تىللارنىڭ ترانسكرىپسىيسى فونىتىكلىق ترانسكرىپسىيە كىرىدۇ.
4§.فونىما ۋە ۋارىيانت
فىزىكىلىق ،فىزىئولوگىيلىك نوقتىدىن ،مەلۇم بىر تىلدا سۆز لەشكۈچى كىشىلەرنىڭ نوتۇقىدىن تەھلىل قىلىشقا بولىدىغان تاۋۇش ئىلمىنىتلىرىنىڭ سانى كۆپ بولىدۇ.لىكىن تىل تاۋۇشلىرىنىڭ ئىجتىمائى خۇسۇسىيىتىدىن قارىغاندا،مەلۇم بىر تىلدىكى تاۋۇشلارنىڭ سانى چەكلىك بولىدۇ.ئادەتتە بىر تاۋۇش بىر ياكى بىر قانچە تاۋۇش ئىلمىنتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دىمەك سۆزىنىڭ مەنسى ىە فونىتىكىلىق شەكلىنى پەرقلەندۇرۇش رولىغا ئىگە بولغان ئەڭ كىچىك فونىتكىلىق بىرلىك فونىما دىيلىدۇ.
فونىما تۆۋەندىكىدەك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە:
1) فونىما تىل تاۋۇشلىرىنىڭ ئىجتىمائىي خۇسۇسىيەتكە (مەنە پەرقلەندۇرۇش رولغا)ئاساسەن ئىنىقلانغان ئەڭ كىچىك فپنىتىكلىق بىرلىك بولغاچقا («ئەڭ كىچىك »دىگەنلىك ئۇنى يەنە قايتا پارچىلاشقا، تەھىلى قىلشقا بولمايدۇ دىگەنلىك)، ئۇ ھامان مالۇم بىر تىلغا مەنسۇپ بولىدۇ. ھەرخىل تىللاردا كۆرۈلىدىغان تاۋۇش ئىلىمنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رولى ئوخشىمايدۇ. شۇ سەۋەپتىن ھەر بىر تلدىكى فونىمىلار ۋە ھەر بىر فونىمىىنڭ رولى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ.
2) فونىما سۆزىنىڭ مەنىسنى ۋە فونىتىكلىق شەكلىنى پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە بذ،فونىمىنىڭ ئەڭ مۇھىم خۇسۇسيىتى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. مەسىلەن،«تار، تەر، تور، تۆر، تۇر، تۈر»قاتارلىق سۆزلەرنىڭ مەنىسى ۋە فونىتىكىلىق شەكلى سوزۇق تاۋۇش فونىمىلىرى« عا، عە، و، ۆ، ۈ، ۈ،» لەر ئارقىلىق پەرقلەنگەن.««قال، تال، گال، زال، سال، شال، مال، پال، بال، چال، ھال...» قاتارلىق سۆزلەرنى مەنىسى ۋە فونىتىكلىق شەكلى بولسا، سۆز بىشىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش فونىمىلىرى ئارقىلىق پەرقلەنگەن. مەنە پەرقلەندۇرۇش رولىغا ئىگە فونىما ھىسابلىنىدۇ.
3) فونىما مەنە ئىپادىلەش نۇقتىسىدىن قارىغاندا تىلدىكى ئەڭ كىچىك فونىتىكلىق بىرلىك ھىسابلىندۇ، گەرچە تاۋۇش تۈسى (تىمىبىرى)جەھەتتىن ئالغاندا، بىر فونىما بىر ياكى بىر قانچە تاۋۇش ئىلىمنتلىرى (ۋارىيانىتلار)نى ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ (مەسىلەن،ئۇيغۇر تىلدىكى «ظع» فونىمىسى .{ l}، قاتارلىق تاۋۇش ئىلىمنتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغىنىغا ئوخشاش)،لىكىن ئۇلارنى مەنە ئىپادىلەش ۋە مەنە ئۆزگەرتىش رولى جەھەتتىن بىر فونىمىغا يىغىنچاقلىنىدۇ.
2.ۋارىيانت
بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى بولماي بىر-بىرىنى تولۇقلاپ كىلىدىغان، تىلغا مەنە پەرقلەندۇرۇش رولىغا ئىگە بولمىغان مەلۇم بىر فونىمىنىڭ بىر قانچە كونكرىت ئىپادە شەكلى ۋارىيانت دىيىلىدۇ.
ۋارىيانتلار ئادەتتە مەلۇم بىر فونىمىنىڭ باشقا فونىمىلارغا ياندىشىپ (قوشۇلۇپ)كەلگەندە شۇ فونىمىلارنىڭ تەسىرى نەتىجسىدە پەيدا بولىدۇ، ياكى فونىمىلار بوغۇم ۋە سۆزىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئورىندا كەلگەندىمۇ پەيدا بولىدۇ.
شەرتلىك ۋارىيانت ئادەتتە شەتلىك ۋارىيانتۋە ئەركىن ۋارىيانت دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
شەتلىك ۋارىيانت. بىر-بىرىنى تولۇقلاش مۇناسىۋىتىدە كىلىپ، ئەينى بىر فونىمىنى ھاسىل قىلدىغان تاۋۇش ئىلىمنتلىرى شەرتلىك ۋارىيانت دىيلىدۇ. شەرتلىك ۋارىيانتلار ئۆزلىرىگە خاس فونىتىكىلىق شارائىتتا كىلىدۇ.
ئەركىن ۋارىيانت. بىر فونىمىنڭ ئەينى بىر فونىتىكىلىق شارائىتتا ئۆز ئارا ئالمىشالايدىغان، لىكىن سۆزىنىڭ مەنىسنى ئۆزگەرتەلمەيدىغان ۋارىيانتلار ئەركىن ۋارىيانت دەپ دىيلىدۇ. بۇ خىل ۋارىيانتلار تاۋۇش تىمبىرى جەھەتتىن خىلى پەرقلىق بولشىمۇ، لىكىن شۇ تىلدا سۆزلەشكۈچىلەر ئۇنىڭ پەرقىگە ئانچە دىققەت قىلمايدۇ.
ئەركىن ۋارىيانت قىسمەن ئەركىن ۋارىيانت ۋە تولۇق ئەركىن ۋارىيانت دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.
بەزى فونىتكىلىق شارائىتتا ئالمىشالايدىغان بەزى فونىتىكلىق شارائىتتا ئالمىشالمايدىغان تاۋۇش ئىلىمنتلىرى قىسمەن ئەركىن ۋارىيانىت دىيلىدۇ. مەسىلەن ، ئۇيغۇر جانلىق تىلىدا سۆز بىشىدا يىپىق سوزوق تاۋۇشلارنىڭ «ي» بىلەن «ژ»نىڭ ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىلىشى ، بەزى بوغوملارنىڭ ئاخىرىدا «ج» بىلەن «ف»نىڭ ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىلىشى ، بەزى بوغوملارنىڭ ئاخىرىدا«ج» بىلەن «ژ» نىڭ ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىلىشى مۇشۇ خىلدىكى ھادىستۇر. ئالايلۇق ، يىل –ژىل ،يىپ-ژىپ، يۈرەك- ژۈرەك ، يۇلتۇز –ژۇلتۇز ؛باجخانا- باژخانا ،ئۈجمە –ئۈژمە ؛ قەشقەر شىۋىسىدىكى بىر – بىژ ، گىردە- گىژدە، كىر- كىژ دىگەنلەرگە ئوخشاش.
ھەرقانداق فۇنتىكىلىق شارائىتتا ئالماشتۇرۇش تەلەپپۇز قىلىشقا بولىدىغان تاۋۇش ئىلىمىنىتلىرى شارائىتتتا ئالماشتۇرۇپ تەلەپبۇز قىلىشقا بولىدىغان تاۋوش ئىلمىنىتلىرى تولوق ئەركىن ۋاريانىت دىيىلىدۇ. ئۇيغۇر جانلىق تىلىدا« پ» بىلەن «ف» خالىغانچە ئالماشتۇرۇلسىمۇ ، سۆز مەنىسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. مەسىلەن، فاكۇلتىت –پاكۇلتىت فىزىكا – پىزىكا ، تىلىفۇن – تىلىپۇن ، تىلگىراف–تىلگىراپ دىگەنلەرگە ئوخشاش .
ئەركىن ۋاريانىتلارنى بەزى فۇنتىكىلىق شارائىتلاردائالماشتۇرۇپ تەلەپپۇز قىلىشقا بولسىمۇ ،لىكىن قايسى سۆزنىڭ ياكى بوغومنىڭ قايسى تاۋۇشىنى قايسى ۋاريانىت بويىچە تەلەپپۇز قىلىش مەسىلىسى ئەدەبىي تىلنىڭ تەلەپپۇز لۇغەتلىرىدە ئىنىق بىكىتلگەن بولىدۇ. شۇڭا ئەدەبىي تىلدا فونىما ۋارىياتنىڭ تەلەپپۇزىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.
تەكرارلاش سۇئاللىرى:
1. فونىتىكا دىگەن نىمە؟ئۇ نىمىنى تەتقىق قىلىدۇ؟
2. فونىتىكا تەتقىقات مەزمۇنىغا ئاساسەن قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟ئۇلار قايسىلار؟
3. نىمە ئۈچۈن تىلنىڭ باشقا تەركىبى قىسىملىرىنى ئۆگىنىشتىن ئاۋال فونىتىكا ئىلمىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش زۆرۈر دەيمىز؟
4. تىل تاۋۇشى دىگەن نىمە؟تىل تاۋۇشى بىلەن باشقا ئاۋازلار قايسى جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ؟
5. نىمە ئۈچۈن تىل تاۋۇشلىرىنى فىزىكىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە دەيمىز؟
6. ئاۋازنىڭ تۆت ئامىلى قايسى؟ئاۋازنىڭ كۈچلۈك –ئاجىز بولىشى نىمىلەرگە باغلىق؟
7. تىل تاۋۇشلىرىنىڭ تىمبىر جەھەتتىكى پەرقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەر قايسى؟مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈڭ.
8. نىمە ئۈچۈن تىل تاۋۇشلىرىنى ئىجتىمائى خۇسۇسىيەتكە ئىگە دىيمىز؟
9. تاۋۇش ئىلمىنتى دىگەن نىمە؟مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈڭ.
10. ترانسكىرىپسىيە دىگەن نىمە؟ئۇ قوللىنىش دائىرىسىگە قاراپ قانچىگە بۆلۈنىدۇ؟خەلقئارالىق ترانسكىرىپسىيە قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟
11. فونىما دىگەن نىمە؟ئۇ قانداق خۇسۇسىيەتكە ئىگە؟
12. ۋارىيانت دىگەن نىمە؟ئۇ نىمە سەۋەپتىن پەيدا بولىدۇ؟
13. ۋارىيانت قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟ئۇلار قايسىلار ؟مىسال.
ئىككنچى باپ ئۇيغۇر تىلدىكى تاۋۇشلار ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىرى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا 32تاۋۇش (فونىما)بار. بۇ تاۋۇشلار ئۆپكىدىن چىققان ھاۋا ئىقىمىنىڭ توسالغۇغان ئۇچراش- ئۇچرىماسلىقى، تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرنىڭ جىددىيلىشىش دەرىجىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ۋە ئىغىزدىن سىرتىقا چىقىرىلغان ھاۋا ئىقىمىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزىلىقى جەھەتلەردىكى پەرقلەرگە ئاساسەن ئالدى بىلەن سوزۇق تاۋۇش ۋە ئۈزۈك تاۋۇش دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
1§.سوزۇق تاۋۇش ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى
سوزۇق تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلغاندا ئۆپ؛كىدىن چىققان ھاۋا ئىقىمى بوغۇز ياكى ئىغىز بوشلۇقىدا ھىچقانداق توسالغۇغا ئۇچىرىماي ئاۋاز يولىدىن ئەركىن، راۋان ئۆتىدۇ.شۇڭا سىرتقا چىقىدىغان ھاۋا ئىقىمى ئاجىزراق بولىدۇ. تاۋۇش پەردىسى تەكشى، رىتملىق تىترەيدۇ. باشقا ئەزالار تەڭپۇڭ ھالەتتىكى جىددىيلىكتە تۇرىدۇ. سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەممىسى بوغۇم ھاسىل قىىلدۇ.
دىمەك، ئۆپكىدىن چىققان ھاۋا ئىقىمىىنڭ تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ توسالغۇغا ئۇچىرىماي ئاۋاز يولىدىن ئەركىن چىقىشىدىن ھاسىل بولغان تاۋۇشلار سوزۇق تاۋۇش دىيلىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا 8سوزۇق تاۋۇش بار. ئۇلار :ظا، ظە، ظو، ظذ، ظأ، ظى، ظئ، ئى لاردىن ئىبارەت.
سوزۇق تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلغاندا، تاۋۇش مەنبەسى، يەنى تاۋۇش پەردىسىنڭ تىىرىشى ئوخشاش ۋە تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى، يەنى تاۋۇش پەردىسنىڭ رىتىملىق تىتىرىشى ھەم تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ تەڭپۇڭ ھالاتتىكى جىددىيلىكتە تۇرۇشى ئوخشاش بولسىمۇ، لىكىن رىزوناتۇر شەكلى (ئىغىز بوشلۇقى ۋە تاماق بوشلۇقىنىڭ شەكلى)ئوخشاش بولمايدۇ. ئىنقىراق ئىيتقاندا،(1)ئىغىز بوشلۇقىدا تىلنىڭ ئالدى- كەينىگە ھەرىكەتلىنىشى ؛(2)لەۋنىڭ يۇمىلاق ھالەتكە كىلىش- كەلمەسلىكى ؛(3)ئىغىزنىڭ ئىچىلىش دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇ سەۋەبيىن سوزۇق تاۋۇشلار بىر- بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. دىمەك، ئۇيغۇر تىلدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنى يۇقىرىقى ئۈچ خىل شەرتنى ئۆلچەم قىلىپ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
1.سوزۇق تاۋۇشلار تەلەپپۇز قىلغاندا، تىلنىڭ ئالدىغا سوزۇلۇش ياكى كەينىگە تارتىلىشىنى ئۆلچەم قىلىپ (تىل ئورنىغا قاراپ)«تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش»ۋە «تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار» دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
1)تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلار. بۇ خىل تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلغاندا، تىل ئۈچى ياكى ئالدى سەل سوزولىدۇ. تىل ئالدى يۇقىرى كۆتۈرلۈپ (تومپىيىپ)قاتتىق تاڭلايغا يىقىلشىدۇ.«ظە، ظأ، ظى، ظئ، ظع» قاتارلىقىلار تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلىرى ھىسابلىنىدۇ.
2)تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار. بۇ خىل تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلغاندا، تىل كەينىگە قورۇلىدۇ، تىل ئۈستىنىڭ ئاخىرقى قىسمى (تىل تۈۋى)يۇمشاق تاڭلايغا يىقىنلىشىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا «ظا، ظو، ظذ»قاتارلىقىلار تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار ھىسابلىنىدۇ.
2.سوزۇق تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلغاندا، لەۋ يۇمىلاق ھالەتكە كىلىش- كەلمەسلىكىنى ئۆلچەم قىلىپ (لەۋ ھالىتىگە قاراپ)«لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار» ۋە «لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشلار»دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
1)لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار. بۇخىل تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلغاندا، لەۋ يۇمىلاق ھالەتكە كىلىپ،سەل ئالدىغا سوزۈلىدۇ. ئۇيغۇر تىلدىكى«ظو، ظذ، ظأ، ظى»قاتارلىقلار لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار ھىسابلىنىدۇ.
2)لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشلار. بۇ خىل تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلغاندا، لەۋلەر كىرىلىپ، ياپىلاق ھالەتكە كىلىدۇ.«ظا، ظە، ظئ، .ظع»قاتاتارلىقلار لەۋلەشمىگەن سوۇق تاۋۇشلار ھىسابلىنىدۇ.
3.سوزۇق تاۋۇشلارنى يەلەپپۇز قىلغاندا، ئىغىز بوشلۇقىنىڭ ئىچلىش دەرىجىسىنىڭ چوڭ كىچىكلىنى ئۆلچەم قىلىپ«يىپىق(يوقىرى)سوزۇق تاۋۇشلار»،«يىرىم يىپىق(يىرىم يۇقىرى)سوزۇق تاۋۇشلار».«يىرىم ئوچۇق (يىرىم تۆۋەن)سوزۇق تاۋۇشلار» ۋە «ئوچۇق (تۆۋەن)سوزۇق تاۋۇشلار» دەپ تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
1)يىپىق سوزۇق تاۋۇشلار. بۇ تۈردىكى تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلغاندا ،ئىغىز بوشلۇقى ناھايىتى كىچىك ئىچىلىدۇ. تىل ئۆستى يۇقىرى كۆتۈرلۇپ، قاتتىق تاڭلايغا يىقىنلىشىدۇ. ھاۋا يولى تار بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلدىكى«ظذ،ظى[[y، ظعقاتارلىقلار يىپىق سوزۇق تاۋۇشلار ھىسابلىندۇ.
2)يىرىم يىپىق سوزۇق تاۋۇشلار. بۇ تۈردىكى تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلغاندا، ئىغىز يىپىق سوزۇق تاۋۇشلارغا قارىغاندا سەل چوڭراق ئىچىلىدۇ، تىل ئورنىمۇ سەل تۆۋەنلەيدۇ. ئۇيغۇرتىلدىكى «ظو[o]، ظأ[Q]، ظئ[e]» قاتارلىقلار يىرىم يىپىق سوزۇق تاۋۇشلار ھىسابلىندۇ.
3)يىرىم ئوچۇق سوزۇق تاۋۇشلار. بۇ خىل تاۋۇشنى تەلەپپۇز قىلغاندا، ئىغىز يىرىم يىپىق سوزۇق تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلغاندىكىگە قارىغاندا چوڭراق ئىچىلىدۇ، لىكىن ئوچۇق سوزۇق تاۋۇشلارغا قارىغاندا كىچىرەك ئىچىلدۇ. ئۇيغۇر تىلدىكى «ظە[E]تاۋۇشى يىرىم ئوچۇق سوزۇق تاۋۇش ھىسابلىنىدۇ.
4)ئوچۇق سوزۇق تاۋۇش. بۇ تاۋۇشنى تەلەپپۇز قىلغاندا، ئىغىز ئەڭ چوڭ ئىچىلىدۇ، ھاۋا ئىقىمىنىڭ ئۆتۈش يولى ئەڭ كەڭ بولىدۇ. تىل تۆۋەنلەيدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى «ظا[a]تاۋۇشى ئوچۇق سوزۇق تاۋۇش ھىسابلىنىدۇ.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا 24 ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىدەك ئورتاق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە؛(1) ئۈزۈك تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلغاندا،ئۆپكىدىن چىققان ھاۋا ئىقىمى ئاۋاز يولىدا(ئىغىز بوشلۇقى تاكى تاماق بوشلۇقىنىڭ مەلۇم جايدا)توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.(2)ئىغىزدىن سىرتقا چىقىدىغان ھاۋا ئىقىمى سوزۇق تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلغاندىكىگە قارىغاندا كۈچلۈكرەك بولىدۇ.(3)تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىدىن توسالغۇ پەيدا قىلمايدىغان قىسىملىرى جىددىيلەشمەيدۇ. بۇ ئالاھىدىلىكلەر ئىچىدە ئەڭ مۇھىم رول ئوينايدىغان ئامىل-ھاۋا ئىقىمىنڭ ئاۋاز يولىدا، بولۇپمۇ ئىغىز بوشلۇقىدا توسەلغۇغا ئۇچىرىشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
دىمەك، ئۆپكىدىن چىققان ھاۋا ئىقىمىنڭ تاماق بوشلۇقى ياكى ئىغىز بوشلۇقىدا توسالغۇغا ئۇچراپ، شۇ توسالغۇنى بۇزۇپ ياكى توسالغۇ ئارلىقىدىن سىيرىلىپ چىقىشىدىن ھاسىل بولغان تاۋۇشلار ئۈزۈك تاۋۇش دىيلىدۇ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلار:ب، پ، ت، ج، چ، خ، د، ر، ز، ژ، س، ش، غ، ف، ق، ك، گ، ڭ، ل، م، ن، ھ، ۋ، ي.
تاۋۇش پەردىسنىڭ تىتىرىش دەرىجسىنىڭ ئوخشماسلىقى ۋە شاۋقۇنلۇق ئاۋاز تەركىبىنىڭ كۈچلۈك بولۇش- بولماسلىقى قاتارلىق ئۆلچەم قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
1.ئۈزۈك تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلغاندا، تاۋۇش چىقىرىش ئورنى(ھاۋا ئىقمنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىغان جايى)نىڭ ئوخشاش بولماسلىقىنى ئۆلچەم قىلىپ، تۆۋەندىكى سەككىز تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
1)قوش لەۋ تاۋۇشلىرى. بۇ تۈردىكى تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلغاندا ، ھاۋا ئىقىمى قوش لەۋدە توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. «ب، پ، م»قاتارلىقلار قوش لەۋ تاۋۇشلىرى ھىسابلىنىدۇ.
2)لەۋ-چىش تاۋۇشلىرى. بۇ تۈردىكى تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلىغاندا ئۈستۈنكى چىش بىلەن ئاستىنقى لەۋنىڭ ئارىلقىدا توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. «ۋ[v]،ف[f]»قاتارلىقلار لەۋ –چىش تاۋۇشلىرى ھىسابلىنىدۇ.(ئەسكەرتىش:«ۋ»تاۋۇشى تىل ئورنى ئالدىدىراق سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئالدىدا كەلسە، لەۋ –چىش تاۋۇشى سۈپىتىدە تەلەپپۇز قىلنىدۇ. مەسىلەن ۋەيران[uEJran]، ۋىل-ۋىل[uil-uil] دىگەنگە ئوخشاش .
ئەگەر تىل ئورنى ئاقىدىراق سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئالدىدا كەلسە، ياكى بارلىق سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ كەينىدە كەلسە، قوش لەۋ سوزۇق تاۋۇشى [w]سۈپىتىدە تەلەپپۇز قىلنىدۇ. مەسىلەن، ۋولقان[wolq,an]، ئەۋزەل[ EWZEدىگەنگە ئوخشاش.
3)تىل ئۈچى-چىش تاۋۇشلىرى . بۇ خىل تەلەپپۇز قىلغاندا، ھاۋا ئىقىمى تىل ئۇچى بىلەن ئۈستۈمكى چىشنىڭ ئوتتۇرىسىدا توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.«ز، س» تاۋۇشلىرى تىل ئۇچى- چىش تاۋۇشلىرى ھىسابلىنىدۇ.
4)تىل ئۇچى-چىش مىلىكى تاۋۇشلىرى. بۇ تۈردىكى تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلغاندا ، تىل ئۇچى ئالدىنىڭ ئۈستۈنكى چىش مىلىكىگە تىگىشى ئارقىلىق ھاۋا ئىقىمى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.«د، ت، ن، ل، ر»قاترلىقلار تىل ئۇچى- چىش مىلىكى تاۋۇشلىرى ھىسابلىنىدۇ.
5)تىل ئالدى- قاتتىق تاڭلاي تاۋۇشلىرى. بۇ خىلدىكى تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلغاندا، ھاۋا ئىقىمى تىل ئالدىنىڭ قاتتىق تاڭلايغا يىقىنلىشىشى ئارقىلىق توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. «ش، ژ،ج، چ» قاتارلىقلار تىل ئالدى- قاتتىق تاڭلاي تاۋۇشلىرى ھىسابلىنىدۇ.
6)تىل ئۈستى- ئوتتۇرا تاڭلاي تاۋۇشلىرى . بۇ تۈردىكى تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلغاندا، ھاۋا ئىقىمى تىل ئۈستى كەينى تاڭلاينىڭ يىقىنلىشىشى ئارقىلىق توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.«گ، ك، ي»قاتارلىقلار تىل ئۈستى- ئوتتۇرا تاڭلاي تاۋۇشى ھىسابلىنىدۇ.
7)تىل تۈۋى- كىچىك تىل تاۋۇشلىرى. بۇ تۈردىكى تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلغاندا،ھاۋا ئىقىمى تىل تۈۋى بىلەن كىچىك تىلنىڭ يىقىنلىشىشى ئارقىلىق توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.«ق، غ، خ، ڭ»قاتارلىقلار تىل تۈۋى- كىچىك تىل تاۋۇش ھىسابلىنىدۇ.(ئەسكەرتىش:«ڭ[ ]»تاۋۇشىنىڭ تىل ئورنى «ق، غ»تاۋۇشلىرىغا قارىغاندا سەل ئالدىدىراق بولىدۇ).
8)بوغۇز تاۋۇشى. بۇ تاۋۇشنى تەلەپپۇز قىلغاندا،ئۆپكىدىن چىققان ھاۋا ئىقىمى بوغۇز (تاماق بوشلۇقى)نىڭ ئارلقىدىن سىيرىلپ چىقىدۇ. ئۇيغۇر تىلدىكى «ھ»تاۋۇشى بوغۇز تاۋۇشى ھىسابلىنىدۇ.
2.ئۈزۈك تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلغاندا پەيدا بولغان توسالغۇنىڭ قايسى خىل ئۇسۇلدا يىمىرىلگەنلىكىنى ئۆلچەم قىلىپ، تۆۋەندىكى يەتتە تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
1)پارتىلغۇچى ئۈزۈك تاۋۇشلار. بۇ خىل تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلغانداتوسالغۇ پەيدا قىلغان ئەزالار بىردىنلا ئاجرايدۇ-دە، توسۇلغان ھاۋا ئىقىمى پارتلىغاندەك ئىتىلىپ چىقىدۇ. ئۇيغۇر تىلدىكى«ب، پ، د، ت،گ، ك، ق»قاتارلىقلار پارتىلغۇچى تاۋۇش ھىسابلىنىدۇ.
2)سىيرىلاڭغۇ ئۈزۈك تاۋۇشلار.بۇ تۈردىكى تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلغاندا ھاۋا ئىقىمى توسالغۇ پەيدا قىلغان ئورۇننىڭ يوچۇقىدىن سىيرىلىپ چىقىدۇ.«ز، ش، س،ژ، غ»ج،ھ، ف»قاتارلىقلار سيرىلاڭغۇ ھىسابلىنىدۇ.
3)پارتىلغۇچى-سيرىلاڭغۇ ئزۈك تاۋۇشلار. بۇ خىل تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلغاندا، توسالغۇ پەيدا قىلغان ئەزالار ئاستا- ئاستا ئاجرايدۇ-دە، ھاۋا ئىقىمى سىياىلىپراق چىقىدۇ.«ج، چ»قاتارلىقلار پارتىلغۇچى-سىيرىلاڭغۇ تاۋۇش ھىسابلىنىدۇ.
4)يىرىم سوزۇق (يىنىك سىرىلاڭغۇ)ئۈزۈك تاۋۇشلار. بۇ خىل تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلغاندا . ئىغىز بوشلۇقى سەل ئىچىلىپ، ھاۋا ئىقىمى توسالغۇ ئارىلىقىدىن يىنىك سيرىىلىپ چىقىدۇ.«ۋ، ي»قاتارلىقلار يىرىم سوزۇق تاۋۇشلار ھىسابلىنىدۇ.
5)دىماق تاۋۇشلىرى. بۇ تۈردىكى تاۋۇشلار نى تەلەپپۇز قىلغاندا،ئىغىز بوشلۇقىنىڭ مەلۇم جايلىرى توسۇلۇپ. دىماغ يولى ئىچىلىدۇ. ھاۋا ئىقىمى دىماغ بوشلۇقىدىن چىقىدۇ.«م، ن، ڭ»قاتارلىقلار دىماغ تاۋۇشلىرى ھىسابلىنىدۇ.
6)تىتىرەڭگۇ ئۈزۈك تاۋۇش. بۇ تاۋۇشنى تەلەپپۇز قىلغاندا، تىل ئۇچىنىڭ تەكرار تىتىرىشى ئاررقىلىق ھاۋا ئىقىمى بىر توسۇلۇپ، بىر راۋابلىشىپ چىقىدۇ.«ز»تاۋۇشى تىترەڭگۇ تاۋۇش ھىسابلىنىدۇ.
7)قوۋۇز (يان)ئۈزۈك تاۋۇشى. بۇ تاۋۇشنى تەلەپپۇز قىلغاندا،ھاۋا ئىقىمىتىل ئۇچىنىڭ چىش مىلىكىگە تىگىشى بىلەن توسالغۇغا ئۇچراپ، تىلنىڭ يان تەرەپلىرى (قوۋۇز)دىن چىقىدۇ.«ل»تاۋۇشى قوۋۇز تاۋۇشى ھىسابلىنىدۇ.
3.ئۈزۈك تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلغاندا،تاۋۇش پەردىسنىڭ چىڭ ياكى بوش تىترىشى ئۆلچەم قىلىنىپ «جارڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش»ۋە «جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش»دەپ ئ.ىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
1)جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار. بۇ تۈردىكى تاۋۇشنى تەلەپپۇز قىلغاندا،تاۋۇش پەردىسى چىڭراق تارتىلىپ،يوچىقى تار ئىچىلىدۇ. ھاۋا ئىقىمى بۇ يوچۇقتىن ئۆتكەندە، تاۋۇش پەردىسى قاتتىق تىترەيدۇ.شاۋقۇنلۇق ئاۋاز تەركىبى ئاجىزراق بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلدىكى«ب، د، گ، ز، ژ، ۋ، غ، ڭ، ل، ر، م، ن، ي، ھ»دىن ئىبارەت 15تاۋۇش جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش ھىسابلىنىدۇ.
2)جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار. بۇخىل تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلغاندا ، تاۋۇش پەردىسى بوشراق تاتىلىپ، يوچۇقى كەڭرەك ئىچىلىدۇ. ھاۋا ئىقىمى بۇ يوچۇقتىن ئۆتكەندە تاۋۇش پەردىسى بوش، بىلىنەر-بىلنمەس تىترەيدۇ، شاۋقۇنلۇق ئاۋاز تەركىبى كۈچلۈكرەك بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلدىكى «پ، ت، ك، چ، س، ش، ف، خ، ق»قاتارلىقلار جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش ھىسابلىنىدۇ.
4.ئاكوستىكلىق تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ بەزىلىرىنى تەلەپپۇز قىلغاندا، شاۋقۇنلۇق ئاۋاز تەركىبى كۈچلۈكرەك بولىدۇ. بەزىلىرىنى تەلەپپۇز قىلغاندا شاۋقۇنلۇق ئاۋاز تەركىبى ئاجىزراق، مۇزىكىلىق ئاۋاز تەركىبى كۈچلۈكرەك بولىدۇ. بۇ خىل پەرقلەرگە ئاساسەن ئۈزۈك تاۋۇشلارنى «ياڭراق(مۇزىكىلىق)تاۋۇشلار»ؤە«غەيرى ياڭاق شاۋقۇنلۇق ،يەنى بوغۇق تاۋۇشلار»دىگەن ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
1)ياڭراق تاۋۇشلار. بۇ خىل تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلغاندا،تاۋۇش پەردىسى قاتتىقراق تىترەيدۇ، مۇزىكىلىق ئاۋاز تەركىبى كۈچلۈكرەك، شاۋقۇنلۇق ئاۋاز تەركىبى ئاجىزراق بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى ياڭراق تاۋۇشلار جەمىئىي يەتتە بولۇپ، ئۇلار:دىماغ تاۋۇشلىرى:«م، ن، ڭ»تىترەڭگۇ تاۋۇش:«ر»قوۋۇز تاۋۇشى:»ل»ۋە يىرىم سوزۇق تاۋۇشلار «ۋ، ي»دىن ئىبارەت.
2)بوغۇق تاۋۇشلار. بۇ تۈردىكى تاۋۇشلارنىڭ بەزىلىرىنى تەلەپپۇز قىلغاندا، تاۋۇش پەردىسى بوش تىترەيدۇ. ئاۋاز تەركىبىنىڭ ھەممىسى شاۋقۇنلۇق بولىدۇ؛بىزىلىرىنى تەلەپپۇز قىلغاندا، تاۋۇش پەردىسى چىڭراق تىترەيدۇ، تەركىبىدە ھەم شاۋقۇنلۇق ئاۋاز، ھەم مۇزىكلىق ئاۋاز (ئاجىزارق)بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلدىكى پارتىلغۇچى تاۋۇشلار:«ب، پ، د، ت، ك، گ، ق،»سيرىلاڭغۇ تاۋۇشلار:«ز، س، ش، ف، خ، غ، ھ»ۋە پارتلغۇچى- سيرىلاڭغۇ تاۋۇشلار:«ج، چ»قاتارلىق ئون يەتتە ئۈزۈك تاۋۇش بوغۇق تاۋۇشلار ھىسابلىنىدۇ.
تەكرارلاش سۇئاللىرى:
1.سۇزۇق تاۋۇش دىگەن نىمە؟ئۇ قانداق خۇسۇسىيەتكە ئىگە؟
2. سۇزۇق تاۋۇشلارنى قانداق شەرتلەرنى ئۆلچەم قىلىپ قانچە تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ؟ئۇلار قايسىلار؟
3.سۇزۇق تاۋۇشلار نىمە ئۈچۈن لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش ۋە لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈڭ.
4.سۇزۇق تاۋۇشلار ئىغىز بوشلۇقىنىڭ ئىچىلىش دەرىجىسىگە قاراپ قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟ئۇلار قايسىلار؟
5. ئۈزۈك تاۋۇش دىگەن نىمە؟ئۇ قانداق خۇسۇسىيەتكە ئىگە؟
6.ئۈزۈك تاۋۇشلارنى قانداق شەرتلەرنى ئۆلچەم قىلىپ قانچە تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ؟ئۇلار قايسىلار؟
7. ئۈزۈك تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلىش ئورنىغا ئاساسەن قانچە تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ؟ئۇلار قايسىلار؟
8.ئۈزۈك تاۋۇشلارنى تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلىغا ئاساسەن قانچە تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ؟ئۇلار قايسىلار؟
9.نىمە ئۈچۈن جاراڭلىق ،جاراڭسىز دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈڭ.
10.جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار قايسى؟جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار قايسى؟ ئۈچىنچى باب بوغۇم ۋە ئۇرغۇ 1§بوغۇم ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە
سۆزلەر مورفولوگىيلىك قۇرۇلمىسى جەھەتتىن يىلتىز، ئۈزۈك ۋە قوشۇمچىلارغا، فونىتىكىلق جەھەتتىن بولسا، بوغۇملارغا بۆلۈندۇ. ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئىيتىقاندا، بوغۇم سۆزىنىڭ فونىتىكىلىق جەھەتتىن بۆلۈنىشىدۇر.
دىمەك ، تەبىئىي ھالدا بۆلۈنۈپ ئىيتلغان،ئاڭلاش سىزىمى ئارقىلىق ھىسس قىلىشقابولىدىغان بىرياكى بىرقانچە تاۋۇشتىن تەركىىپ تاپقان فونتىكىلىق بىرلىلك بۇغۇم دەپ ئاتىلىدۇ .
بۇغۇم ئادەتتە بىرياكى بىرقانچە تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بۇلىدۇ .بۇربىرقانچە تاۋۇش ئىچىدەتاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ جىددىيلىشىشى بىلەن تەلەپپۇز قىلىنىدىغان تاۋۇش بۇغۇم ھاسىل قىلغۇچى تاۋۇش دەپ ئاتلىدۇ. بۇغۇم ھاسىل قىلغۇچى تاۋۇشقا يانداش كىلىدىغان تاۋۇشلار بۇغۇم ھاسىل قىلمايدىغان تاۋۇش دەپ ئاتىلىدۇ .ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلار بۇغۇم ھاسىل قىلمايدىغان تاۋۇش ،سوزۇق تاۋۇشلار بوغۇم ھاسىل قىلغۇچى تاۋۇش ھىسابلىنىدۇ .يەنى ئۇيغۇر تىلدا سوزۇق تاۋۇشسىز بوغۇم ھاسىل بولمايدۇ ۋە تۈزۈلمەيدۇ،بىر سۆزدە ياكى بىر قوشۇمچىدا قانچە سوزۇق تاۋۇش بولسا (خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن قوشقا يۈنمۇلاردىن تۈزۈلگەن سۆزلەردىن باشقا)،ئۇنىڭدا شۇنچە بوغۇم بولىدۇ.
ئادەتە سۆزىنىڭ مۇنداق فونىتىكىلىق بۆلەكلەرگە(بوغۇملارغا)بۆلۈنىشى بىلەن مورفولوگىيلىك بۆلەكلەرگە بۆلۈنۈشى دائىم ئوخشاش بولىۋەرىمەيدۇ.
سۆزىنىڭ فونىتىكلىق بۆلۈنۈىشى سۆزنىڭ مورفولوگىيلىك بۆلۈنۈشى
كأ-زع-ىمىز كۆز-ىمىز
قو-لع-ىمز قول-ىمىز
يا-زع-ىدۇ ياز-ا-دذ
با-رع-دۇ بار-اىدۇ
ئۇق-ىتۇ-رۇل-ىدى ئۇق-ىتۇر-ىل-دع
سۆز يىلتىزىغا ياكى سۆز ئۆزىكىگە ھەر خىل سۆز تۈرلگۈچى ۋە سۆز ياسغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ ئۇلىنىشى بىلە بوغۇم تۈزۈلىشىدىن بەزى ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ.
2.ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنى بوغۇمغا ئايرىش ئۇسۇلى
1)ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئوتتۇرىسىدا بىر ئ.ۈزۈك تاۋۇش كەلسە، بۇ ئۈزۈك تاۋۇش ئىككىنچى بوغۇمغا تەۋە بولىدۇ.مەسىلەن
ۋەتەن-ؤە-تەن، گۈزەل- ضى-زەل
ئادالەت- ظا-دا-لەت، ئانا- ظا-نا
ئەگەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش ئالدىنقى بوغۇمغا تەۋە بولۇپ ئوقۇلسا، كىيىنكى سوزۇق تاۋۇشقا بوغۇم ئايرىش بەلگىسى «عظ»قوسۇپ يىزىلىدۇ. مەسىلەن، سۈن-ئىي، ئال-دىن-ظا-لا.
2)ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئوتتۇرىسىدا ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش كەلسە، ئۇ ئىككى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئوتتۇرىسى بوغۇم چىگىرسى بولىدۇ. مەسىلەن،
توغرا-توغ-را، مەكتەپ- مەك-تەپ
ئاشلىق-ئاش-لىق، يولداش- يول-داش
سۈرتۈش-سۈر-تۈش.... پالتا-پال-تا
3)ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئارسىدا ئۈچ ئۈزۈك تاۋۇش كەلسە، ئالدىنقى ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش بىرىنچى بوغۇمغا، كىيىنكى بىر ئۈزۈك تاۋۇش ئىككنىچى بوغۇمغا تەۋە بولىدۇ. مەسىلەن،
دەرسلىك-دەرىس-ىلىك، دوسلۇق- دوس-ىلۇق
ئارتۇرۇش- ئارت-ىتۇ-رۇش
قەرىزدار- قەرز-دار
خەلقنىڭ- خەلق-نىڭ
تۈرتكىلىك-تۈرت-كع-لىك
بۇ يەردە شۇنى دىققەت قىلىش كىرەككى، چەت ئەل تىللىرىدىن قوبۇل قىلنغان بىر قىسىم سۆز ئاتالغۇلارنى بوغۇ تۈزۈلۈش شەكلى ئۆزىگىچە بولغاچقا، ئۇلارنى بوغۇمغا ئايرىش ئۇسۇلى يۇقارقى قائىدىلەرگە بىقىنمايدۇ.
1)ئۇيغۇر تىلىغا خاس بولغان سۆلەردىن ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش (قوشما ئۈزۈك تاۋۇش)بىر بوغۇمنىڭ بىشىدا قاتار كەلمەيدۇ،لىكىن ياۋرۇپا تىللىرىدىن تىلىمىزغا كىرىپ ئۆزلەشكەن بىر قىسىم سۆزلەردە ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش بوغۇم بىشىدا يانمۇ- يان كىلىدۇ. بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك.مەسىلەن،
گرام-(ما-تع-كا)، فررونت، پلاس-(تىن-كا)
2)ئەسلى ئۇيغۇرتىلىدا سۆز ئوتتۇرىسىدا ياكى سۆز ئارقىلىق ئىككى سوزۇق تاۋۇش قاتار كىلىدىغان سۆز يوق، لىكىن ئويغۇر تىلىغا باشقا تىللارىدىن كىلىپ ئۆزلەشكەن سۆزلەردە ئىككى سوزۇق تاۋۇش سۆز ئوتتۇرىسدا كەلگەندە ئىككى بوغۇمغا تەۋە بولىدۇ. مەسىلەن،
مائارىپ-ما-ظا-رىپ، پائالىيەت- ىا-ظا-لىيەت
سائەت-سا-ئەت، مائاش-ما-ئاش
بىئولوگىيە-بع-ظو-لو-ضع-ىيە،دىئالىكت-دع-ظا-لىكت.
3)ئۇيغۇر تىل تەرەققىياتى جەرياندا خەنزۇ تىلدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن سۆزلەردە-كىشى ئىسملىرى ۋە يەر ناملىرىدا، سۆز ئوتتۇرسى ۋە سۆز ئاخىرىدا ئىككى سوزۇق تاۋۇش(قوشما يۈنمۇ)بىر بوغۇم بولۇپ كىلىدىغان ئەھۋال شەكىللەندى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر مۇنچە سۆزلەرىدە سۆز ئوتتۇرىسى ۋە ئاخىرىسىدا كىلىدىغان قوشما يۈنۈلار(قوشما سوزۇق تاۋۇشلار)بىر بوغۇم تەركىبىدە كىلىدىغان بولىدى. مەسىلەن،
خۇاڭخى-خۇاڭ-خئ، شۆيۈەن-شأ-يۈەن
گۇاڭجۇ-گۇاڭ-جذ، ۋاڭجيى-ۋاڭ-جيى
خۇڭخۇا-خۇڭ-خۇا، خۇەيخى- خۇەي-خئ
3.ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇم شەكىللىرى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلدا بوغۇم تۈزۈلۈشى ئاساسەن 11خىلغا بۆلۈنىدۇ. بىر Aنى سوزۇق تاۋۇشقا، Bنى ئۈزۈك تاۋۇشقا ۋەكىل قىلىپ ئالساق، ئۇيغۇر تىلدىكى بوغۇم شەكىللىرىنى تۆۋەندىكى شەكىل بويىچە كۆرىستىشكە بولىدۇ.
A (1-بىر سوزۇق تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بوغۇملار:
بۇنداق بوغۇملار ئاساسەن سۆزلەرنىڭ دەسلەپكى بوغۇم بولىدۇ.
ظا-دىل،ظا-(دەم)، ظە-(تە)، ظو-(رۇن)، ظى-(زۈم)، ظئ-(رىق)، ظا-ظع-(لە)ظا-نا
2) BA–بىرسوزۇق تاۋۇش، بىر ئۈزۈك تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بوغۇملار:
ئال، ئەتە، ئۇن، ئىش، ئوق، ئۆز، ئىز، ئوت، ئاق،ئەل، ئۈن، ئۆز
3) AB بىر ئۈزۈك تاۋۇش، بىر سوزۇق تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بوغۇمىلار:
ما-تا، با-لا، كە-كە، بع-نا، قذ-تا، ؤە-دە، تع-لە، كا-لا،
4) BAB بىر ئۈزۈك تاۋۇش، بىر سوزۇق، بىر ئۈزۈك تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بوغۇملار:
باش، كۆل، تاغ، بەر، قىز، كەت، بىل، تۆت، ياز، قىش...
5) BBA -بىر سوزۇق ، ئىككى ئۈزۈك تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بوغۇملار:
ئەنت، ئۆرپ، ئىشق، ئىرىت(سۈرت)
6) BBAB -بىر ئۈزۈك، بىر سوزۇق، ئىككى ئۈزۈك تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بوغۇملار:
قەلب. دوست، ئىير، ئارت، ئەرز......
7)BBA ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش، بىر سوزوق تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بوغۇملار:
سىتا-(قىن)، گرا-(دۇس)، پلا-(نىر)، ترا-(گىدىيە)، فرا-(زىئولوگىيە)...
8) BABB-ئىككى ئۈزۈك، بىر سوزۇق، بىر ئۈزۈك تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بوغۇملار:
گرام-(ماتىكا)، تراك-(تور)، پرا-(تىكا)، خلۇر، پلاس-تىنكا، پرىن-(سىپ)، كلاس-(سىك).....
9) BABBB-ئىككى ئۈزۈك، بىر سوزۇق، يەنە ئىككى ئۈزۈك تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بوغۇملار:
فرونت، ترانس-(ىپورت)، ترانس-(ىكىىپسىيە)، فرانك(فرانسىيە پۇل بىرلىكى)
10) AAB-خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەردە بىر ئۈزۈك تاۋۇش، بىر فونىما يۈنمۈدىن تۈزۈلگەن بوغۇملار:
(خۇڭ)-خۇا، خۇا-(چياۋ)
11) BAAB-خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەردە بىر ئۈزۈك تاۋۇش، بىر فونىما يۈنمۈ، يەنە بىر ئۈزۈك تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بوغۇملار:
گۇاڭ-(جذ)، (بىڭ)-تۇەن، (فا)-يۈەن، (شأ)-يۈەن.....
4.ئۇيغۇر تىلدىكى بوغۇم تۈرلىرى
ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇملارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئاخىرى سوزۇق تاۋۇش بىلەن، بەزىلىرىنىڭ ئاخىرى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان بولىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن تىلىمىدىكى بوغۇملارنى ئوچۇق بوغۇم ۋە يىپىق بوغۇم دەپ ئىككى تۈزگە بۆلىمىز.
1)ئوچۇق بوغۇم
سوزۇق تاۋۇشتىنلا تۈزۈلگەن ياكى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلىنىپ، سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان بوغۇملار ئوچۇق بوغۇم دىيلىدۇ. مەسىلەن،
ظذ، ظا-تا، ظا-ظع-لە، ئوقۇ-غذ-حع، يئ-زا
ظە-تە،سى، كە-كە، با-لا، ئاكا
2)يىپىق بوغۇم
ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان بوغۇم يىپىق بوغۇم دىيلىدۇ. مەسىلەن:
ئاچ-قۇچ، ئەم-گەك، شاپ-تۇل، دەپ-تەر، كەپ-تەر، ئەل-گەك، ئەن-جۈر، كەت-مەن، ئور-مان، ياپ-لاق
2§.ئۇرغۇ ۋە ئىنتۇناتسىيە
1.ئۇرغۇ ۋە ئۇنىڭ تۈلىرى
سۆزلەردىكى بەزى بوغۇملارنىڭ ياكى جۈملىلەردىكى بەزى سۆزلەرنىڭ باشقا بوغۇم ۋە سۆزگە قارىغاندا كۈچلۈكرەك تەلەپپۇز قىلنىشى-ئۇرغۇ دىيلىدۇ. مەسىلەن، ئادەتتە«قىرىنداش»، «مەكتەپ»دىگەن سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلغاندا، «داش»ؤە«تەپ»دىگەن بوغۇملار باشقا بوغۇملارغا قارىغاندا كۈچلۈكرەك تەلەپپۇز قىلنىدۇ.
«بۇ مەنزىرە ناھايىتى چىرايلىق ئىكەن» دىگەن جۈملىدە تەلەپپۇز قىلنىدۇ، مانا بۇلار ئۇرغۇ ھىسابلىنىدۇ.
ئۇرغۇ ئادەتتە سۆز ئۇرغۇسى ۋە جۈملە ئۇرغۇسى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈمىدۇ.
1)سۆز ئۇرغۇسى
سۆزلەردىكى بەزى تاۋۇش ياكى بوغۇملارنىڭ باشقا تاۋۇش ياكى بوغۇمىغا قارىغاندا كۈچلۈك تەلەپپۇز قىلىنىشى سۆز ئۇرغۇسى دىيلىدۇ.
سۆزلەر تەلەپپۇز قىلىنغاندا، ھەممە بوغۇمى ئوخشاش بىر خىل ئاۋازدا ئىيتىلماي، ئايرىم بىرەر بڭغۇمى كۈچلۈكرەك ۋە ئىنىقراق ئىيتىلدۇ. ئالاھىدە كۈچلۈكرەك ئىيتىلغان ياكى قاتتىراق ئىيتىلغان شۇ بوغۇم ئۇرغۇلۇق بوغۇم دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن
«ئاتا، قۇرلۇش، ئەمگەك، تەشۋىقات، سىنىپ، يولداش» دىگەن سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بۇ بوغۇمى باشقا بوغۇملىرىغا قارىغاندا كۈكلۈكرەكياكى ئاۋازلىقراق ئىيتىلىدۇ، شۇڭا بۇ بوغۇملار ئۇرغۇلۇق بوغۇم، ئۇرغۇ ئەمەلىيەتتە، شۇ بوغۇمدىكى سوزۇق تاۋۇشنىڭ كچلۈك ئىيتىلىشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
تىلىمىزدىكى ئۇيغۇر تىلغا خاس سۆزلەردە ئۇرغۇ ئاساسەن سۆزىنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدا بپلەدۇ ھەمدە سۆزگە سۆز ياسغۇچى ۋە سۆز تۈرلگۈچى قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، سۆز ئۇرغۇسى شۇ قوشۇمچىلاردىكى ئاخىرقى بوغۇمغا كۆچىدۇ. مەسىلەن،
بالا-بالىلار،بالىغا، بالىلىرىمىزغا
يولداش-يولداشلار، يولداشلاردا
قىشلاق –قىشلاقنىڭ، قىشلاققا، قىشلاقتا
بىر قىسىم سۆزلەردىكى ئۇرغۇ ئۆزى چۈشكەن بوغۇمدىن باشقا بوغۇمغا كۆچمەيدۇ،سۆز تۈرلەنگەندىمۇ شۇ بوغۇمدا ساقلىنۋەىرىدۇ. بۇنداق ئۇرغۇ تۇراقلىق ئۇرغۇ دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن،
زامان- زامانە، زامانىۋى؛ئىنقىلاب- ئىنقىلاربى؛ئەىلاق- ئەخلاقسىز...
يەنە بىر قىسىم كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەر ئىككى ئۇرغۇلۇق بولىدۇ. بۇ ئىككى ئۇرغۇنىڭ بىرى كۈچلۈكرەك، بىرى سەل ئاجىزراق بولدۇ. كۈچلۈكرەكى ئاساسىي ئۇرغۇ، ئاجىزراقى قوشۇمچە ئۇرغۇ بولىدۇ. مەسىلەن، نامەرتلىك، نائىنساپ، بەتقىلىق، ناتايىن دىگەنلەرگە ئوخشاش.
2)جۈملە ئۇرغۇسى
نوتۇقتا سۆز ئۇرغۇسى بىلەن بىللە جۈملە ئۇرغۇسىمۇ بولىدۇ. مۇستەقىل سۆزلەرنىڭ ھەر قاندىقى ۋە بەزى ياردەمچى سۆزلەرن نوتۇق ئىقىمىدا مەلۇم ئۇرغۇغا ئىگە بولىدۇ، ئەممابىر جۈملە تەركىبىدىكى ھەممە سۆزنىڭ ئۇرغۇسى ئوپئوخشاش بولمايدۇ. بەلكى جۇملە تەرركىبدىكى مەلۇم بىر سۆزنىڭ تەلەپپۇزى باشقا سۆزلەرگە قارىغاندا ئالاھىدە گەۋدىلەشكەن كۈچلۈكرەك ئىيتىلىشى مۇمكىن
دىمەك جۈملە تەركىبدىكى مالۇم بىر سۆزىنىڭ باشقا سۆزلەرگگ قارىغاندا كۈچلۈكرەك تەلەپپۇز قىلنىشى جۈملە ئۇرغۇسى دەپ ئاتىلىدۇ.
جۈملە ئۇرغۇسى رىتىم ئۇرغۇسى ۋە لوگىكىلىق ئۇرغۇسى دەپ ئىككى خىل بولىدۇ
(1)رىتىم ئۇرغۇسى. بۇ خىل ئۇرغۇ ھىسىي توس ئالمىغان، ئادەتتىكىدەك سۆزلەنگەن چىغمىزدا ئىپادىلەنگەن جۈملە ئۇرغۇسى كۆرستىدۇ. رىتىم ئۇرغۇسى كۆپىنچە جۈملنىڭ گرامماتىكلىق قۇرۇلمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ دائىم جۈملىدىكى پەرقلەرنى بىلدۈرىغان سۆزلەرگە چۈشدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئۇرغۇ ئادەتتە قۇرۇلما ئۇرغۇسى دەپمۇ ئاتىلدۇ. رىتىم ئۇرغۇسىنىڭ جۈملىدىكى ئورنى ئاساسەن تۇراقلىق بولىدۇ. ئادەتتە ئاددىي جۈملىلەردىكى ئىنقنلىغۇچى، ھالەت، خەۋەر بولۇپ كەلگەن بۆلەكلەر ۋە سوئال ئالماشلىرى كۆپىنىچە ئۇرغۇلۇق تەلەپپۇز قىلنىدۇ. مەسلەن:
ئەخمەت قايتىپ كەلدى.(خەۋەر)
ئۇلار بۇگۇن يىتىپ كەلدى .(ھالەت)
ئەسقەر قاچان قايتىپ كەلدى؟(سوئال ئالماش)
ئاپئاق قار لەپىلدەپ يىغىۋاتىدۇ. (ئىنقلىغۇچى)
(2)لوگىيكلىق ئۇرغۇ.ئادەتتە كىشىلەر جۈملىدىكى مەلۇم سۆزنى ناھايتى مۇھىم دەپ ھىسابلاپ، ئۇنى تەكتلىمەكچى بولسا ياكى مەلۇم سۆزنى ئالاھىدە گەۋىدىلەندۇرۇپ، ئاڭلىغۇچىنىڭ دىققتنى قوزغىماقچى بولسا، ئۇنى مەقسەتلىك ھالدا كۈچلۈكرەك تەلەپپۇز قىلىشى مۇمكىن . دىمەك، سۆزلگۈچىنىڭ مەقسەت- مۇددىئاسىنى ئىپادىلەشكە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان مەلۇم سۆزنىڭ باشقا سۆزگە قارىغاندا گەۋدىلەندۇرۇپ ئىيتىلىشى لوگىيكلىق ئۇرغۇ دىيلىدۇ.
لوگىيكلىق ئۇرغۇنىڭ جۈملىدىكى ئورنى تۇراقلىق بولمايدۇ. تەكتلىنىدىغان نوقتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن، لوگىيكىلىك ئۇرغۇ جۈملىدىكى ھەر قانداق بببىر سۆزگە چۈشىشى مۇمكىن. باشقىچە قىلىپ ئىيتقاندا، لوگيكلىق ئۇرغۇ سۆزلۈگۈچىنىڭ مەقسەت موددىئاسىغا قاراپ ئۆزگەرىدۇ.
ئوخشاشبىر جۈملىدىكى لوگىيكلىق ئۇرغۇنىڭ چۈشكەن ئوروننىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن جۈملىدە ئىپادىلەنگەن مەزمۇندا بەزى پەرقلەر بولىدۇ. مەسلەن،
ئۇ تۈنۈگۈن ئۆيگە كەتتى. («ظذ»بۇ يەردە يوق)
ئۇ تۈنۈگۈن ئۆيگە كەتتى(باشقا جايغا ئەمەس، ئۆيگە كەتتى)
ئۇ تۈنۈگۈن ئۆيگە كەتتى(باشقا بىر كۇنى ئەمەس ، تۈنۈگۈن كەتتى )
ئۇ تۈنۈگۈن ئۆيگە كەتتى(باشقا بىرسى ئەمەس، ئۇ كەتتى)
2.ئىنتۇناتسىيە
دىمەك جۈملىلەر تەلەپپۇز قىلغان ۋاقىتىكى ئاۋازنىڭ يوقىرى تۆۋەنلىك ، ئۇزۇن قىسقىلىقى، كۈچلۈك- ئاجىزلىق ۋە تىنىش –توختاش قاتارلىق جەھەتلەرىدىكى ئۆزگىرىشنى ئنتوناتسىيە دىيلىدۇ.
ھەر قانداق جۈملە سۆزلگۈچىنىڭ بەلگىلىك پۇزوتسيسىنى، ھىسياتىن ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا ھەر قانداق بىر جۈملە بەلگىلىك ئنتوناتسىيەگە ئىگە بولىدۇ.سۆزلگۈچى كۆپ ھاللاردا ئۆزىنىڭ ئوي-پىكىرى ۋە ھىسياتىنى، ھەر پوزۇتسىيدە تۇرۇپ تۈرلىك ئنتوناتسىيەلەرنى يۇقىرى-تۆەن ئاھاڭلار بىلەن ئىپدىلەيدۇ. ئاھاڭنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە دائىم جۈملە ۋە جۈملە بۆلەكلىرى ئار تىنچ- توختاش ۋە ئاۋازنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى بىلەن باغلىنىپ ، جۈملىگە خاس بولغان بىرپۈتۈن ئنتوناتسىيەنى ھاسىل قىلىدۇ.
ئنتوناتسىيە ئادەتتە جۈملىدە ئوينايدىغان رولىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تىنىش ۋە جۈملە ئاھاڭدىن ئىبارەت ئىككى مەزمۇنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1)تىنچ(قىسقا توختاش)،پائۇزا
كىشلەر نوتۇقنى بىر جۈملە –بىر جۈملىدىن سۆزلەيدۇ. بىر جۈملىدە مەنە جەھەتتىن باغلىنىپ كەلگەن بىرمۇنچە سۆز، سۆز بىركمىلرى كۆپىنچە ئۇلاپ تەلەپپۇز قىلنىدۇ. مۇنداق بىرلىكلەر ئادەتتە مەنە توپى دەپ ئاتىلىدۇ. ھەر بىر مەنە توپى ياكى جۈملىلەر ئارىسىدا قىسقا توختاش ياكى تىنچ بولىدۇ.مەنە توپلىرى ياكى جۈملە ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىشنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە قاراپ تىنش- توختاشمۇ ئۇزۇن- قىسقا بولىدۇ. مەسىلەن،
«بىر كىشى ئەپەندىمدىن سوراپتۇ:
-ئەپەندىم،|كىشىلەر Eمىلتىق ئاتقاندا- \\نعمعشقاEبعر كۆزىنى قىسۋالىدۇ؟\\
-شۇنىڭغىEئەقلىڭ يەتمىدىمۇ؟\\دەپ Eجاۋاب بىرىپتۇEئەپەندىم.\\
-ئەگەرEئىككى كۆزىنى Eقىسىۋالسا،\ نىشاننى قانداق كۆرەلەيدۇ؟\\»
دىمەك، جۈملە ۋە مەنە توپلىرى ئارلىقىدىلى ھەر خىل قىسقا توختاشلار تىنىش دىيلىدۇ. رۇشەن تىنشلار يىزىقتا تىنش بەلگىلەر بىلەن ئىپادىلنىدۇ. پەش ۋە چىكىتلىك پەشلەر قىسقا تىنشنى ؛چىكىت،سو.ال بەلگىسى ۋە ئۈندەش بەلگىلىرى ئۇزۇن تىنشنى بىلدۇرىدۇ.
تىنش جۈملە قورۇلمىسىنىڭ قاتلارم مۇناسىۋتى ۋە مەنە ئىوادىلەش بىلەن زىچ باغلىنشلىق بولغاچقا ئۇنىڭ ئورنى توغرا بولمىسا ياكى تىنش ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن – قىسقلىقى مۇۋاپىق بولمىسا، مەنە ئۆزگىرىپ كىتدۇ ياكى چۈشىنىكسىز بولۇپ قالىدۇ.
2)جۈملە ئاھاڭى(ئىنتوناتسىيسى)
جۈملە ئاھاڭى ئادەتتە ئىنتوناتسىيە ياكى سۆز ئورامى دەپمۇ ئاتىلدۇ. جۈملە ئاھاڭى بىلەن جۈملە ئۇرغۇسىنىڭ پەرقى شۇ يەردىكى، جۈملە ئۇرغۇسى جۈملدىكى مەلۇم بىر سۆزىنىڭ ئاۋاز يۇقىرلىقغا قارتىلغان،جۈملە ئاھاڭى بولسا، بىر پۈتۈن جۈملە ئاۋازنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىككە قارىتلغان. ئادەتتە جۇملە ئاھاڭى بىر پۈتۈن جۇملىگە سىڭگەن بولىدۇ ھەمدە كۆپنچە جۈملىنڭ ئەڭ ئاخىرقى سۆزىدە ياكى بوغۇمدا رۇشەن ئىپادىلنىدۇ.
جۈملە ئاھاڭە جانلىق تىلدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ ھىچ بولمىغاندا بىرىنچىدىن،سىنتاكىسلىق رول ئوينايدۇ.ئىككىنچىدىن، ھىسياتنى ئىپادىلەش رولنى ئوينايدۇ.
جۈملە ئاھاڭنىڭ سىنتاكىسلىق رولىدىن قارىغاندا، سۆزلىگۈچى جۈملە ئاھاڭنىڭ ئۆزگىرشىدىن پايدىنىلىپ، ئادەتتە ئوخشاش لىكسىكلىق ئوخشاش سۆزلەردىن تەركىب تاپقان ئوخشاش مەنىدىكى بىر جۈملىنى مەنە جەھەتتىن بىر-بىرىگە ئوخشمايدىغان جۈملىلەرگە ئۆزگەرتىشى مۇمكىن.
جۈملىلەرنى جۈملە ئاھاڭنڭ ئوخشماسلىقىغا ياكى باشقا ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، بايان جۈملە، سوئال جۈملە ، بۇيرۇق جۇملە، ۋە ئۈندەش جۈملە دەپ تۆت تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئادەتتە، بايان جۈملە،ئۆتۈنۈش ئىلتىماس مەنىسىدىكى بۇيرۇق جۈملىلەر پەسلەتمە ئاھاڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.شۇئار چاقىرىق مەنىسىدىكى بۇيرۇق جۈملە ۋە سوئال جۈملە ئاساسەن، يۇقىرراق ئاھاڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.ئۇندەش جۈملىنڭ ئاھاڭى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، ئومۇمەن پۈتۈن جۈملە ياكى ھىسياتنى ئىپادىىلىگۈچى سۆزلەر كۆتۈرۈلمە ئاھاڭدا ئىيتىلىدۇ.
پەسلەتمە ئاھاڭ بىلەن كۆتۈرۈلمە ئاھاڭ جۈملە ئاھاڭىنىڭ ئىككى خىل ئاساس تىپى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.لىكىن تىڭىرىقاش، گۇمانلىنىش، موبالىغەلەشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ياكى يۇشۇرۇن مەنلىىك جۈملىلىەرنى ئىپادىلەشتە دولقۇنسىمان ئاھاڭ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.شۇڭا .ئوخشاش سۆزلەردىن تۈزۈلگەن جۈملىنىڭ ئاھاڭى ئوخشاش بولمىسا مەنىسىمۇ ئوخشاش بولىمايدۇ.مەسىلەن
ئەھمەت قايىتپ كەلدى(بايان)
ئەھمەت قايتىپ كەلدى؟(قايتۇرما جۈملە)
ەە، ئەھمەت قايتىپ كەپتۇ –دە!(ئۈندەش)
ئەھمەت قايتىپ كەلسۇن!(بۇيرۇق)
جۈملە ئاھاڭى جۈملە نەزمۇنى ئىپادىلەش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشتە مۇھىم رول ئويناپلا قالماستى، بەلكى يەنى ھىسياتنى ئىپادىلەشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
جۈملە ئاھاڭنىڭ ھىسياتىنى ئىپادىلەش رولىدىن قارىغاندا،سۆزلىگۈچى جۇملە ئاھاڭدىن پايدىلنىپ، ئۇزىنىڭ بىر قەدەر مۇرەككەپ، نازوك ھىسياتلىرىنى ئىپادىلەش مۇمكىن، مەسىلەن«بۇ ئادەمنىڭ قولىدىن ھەممە ئىش كىلىدۇ»دىگەن جۈملىنى كونكرىت نوتۇق شارائىتىغا قاراپ، ئۆزىگە تىگشلىك جۈملە ئاھاڭى بىلەن ئيتىپ، شۇ كىشىنى ماختاش، شۇ كىشىگە قايىل بولۇش ھىسياتنى بىرلدۇرۇشى مومكىن. ئۇنىڭ ئەكىسچە، كونكىرىت نوتۇق شارائىتىدا يەنە ئۆزىگە تىگىشلىك جۇملە ئاھاڭى بىلەن ئىيتىپ شۇ كىشنى ئەيىپلەش، يامان كۆرۇش ھىسياتىنى ئىپادىلىشى مۇمكىن.
تۆتىنچى باپ تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيتى
ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزوق تاۋۇشلارتاۋۇش چىقىرش ئورن ۋە تاۋۇش چىقىرىش ئۇ سۇل جەھەتتىن، شۇنڭدەك ئۇزۇك تاۋۇشلار جاراڭلىق ياكى جاراڭسىز بولوش جەھەتتىن سوز لەردە،بولوپمۇ سۆزلەر گە ياسىغۇچى ۋە تۇرلگۇچى قوشومچلارئۇلا نغاندا، بىر-بىر گە ماسلىشىپ كىلىدۇ. مانابۇخىل فونىتىكىلىق مۇ ناسىۋەت تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى دىىيلىدۇ .
تاۋۇشلارنڭ ماسلىشىش قا نۇنىيتى سوزوق تاۋۇشلاردىمۇ ، ئۈزۈك تاۋۇشلاردىمۇ كۆرۈلىدۇ.
دىمەك، سۆزتەركىبىدىكى سوزوق تاۋوشنڭ ھەمدە سۆزنىڭ ئا خىرىقى بوغۇمىدىكى سوزوق تاۋۇش بىلەن قوشۇمچە تەر كىبىدىكى سوزوق تاۋۇشنڭ تىل ئورنى ياكى لەۋھالىتى جەھەتتىن ئۆزئارا بىرلىككە كىلىشى- سسوزوق تا ۋۇشلارنڭ ماسلىشىش دەپ ئىككى تۇرگە بۆلۈنىدۇ .
1. تىل ئورنى جەھتتىكى ماسلىشىش
ئۇيغۇر تىلىدا خىلى بىر قىسىم قوشومچلار سۆزنڭ ئاق خىرقى بوغۇمىدىكى سوزوق تاۋۇشنڭ تىل ئالدى ياكى تىل كەينى بولۇشىغا قاراپ ئۆزىنڭ شۇنۇڭغا ماس كىلىدىغان ۋارىيانتى بىلەن قوشۇ لىدۇ .
1) تىل ئالدى سوزوق تاۋۇشلارنڭ ماسلىشىشى ،مەسىلەن ،
ئۈزۈم-ئۈزۈملەر، ئۈزۈمگە، ئۈزۈملۇك.
بىرىك-بىرىكتۇر،بىرىكتۇرمەك ،بىرىككەن.
كەل-كەلمەك،كەلگەن،كەلسە، كەلتۇرىش .
ئالاقە - ئالاقىلەر، ئالاقىگە،ئالاقىلەشمەك ، دىگەنلەرگە ئوخشاش .
2 ) تىل كەينى سوزوق تاۋۇ شلارنىڭ ماسلىشىشى، مەسىلەن.
قۇرۇل- قۇرۇلغان،قۇرۇلسا ،قۇرۇلۇشلار
قول- قو للار،قوللانماق، قوللانغان .
تەقسىمات- تەقسىماتقا، تەقسىماتقا.
باش- باشلاش،باشتا،باشلانغان دىگەنلەرگە ئوخشاش.
لىكىن بىرقىسىم سۆزلەرگە قوشۇمچە ئۇلانغاندا بۇخىل قانۇنىيەتكە بىقىنمايدۇ . مەسىلەن .
تىل-تىللار، تىلغا ؛ قىل - قىللار، قىلغا دىگەنلەرگە ئوخشاش.
2. لەۋ ھالىتى جەھتتىكى ماسلىشىش
1 ) لەۋلەشكەن سوزوق تاۋۇش بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق سۆزلەرگە ۋەلەۋلەشكەن سوزوق تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان كوپ بوغۇملۇق سوزلە ر گە قوشومچلارنڭ لەۋلەشكەن سوزوق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن .
يۈز- يۈزۈم ، يۈزلۇك ؛ سۆز-سۆزۇڭ ، سۆزلۇك .
يولۇق- يولۇقۇپ؛ قول- قولۇم ، قوللۇق.
سۈزۈ ل- سۈزۈلدۈرۇپ؛ كەلتۇر- كەلتۈرۈپ .
2) لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش بىلەن تۇزۇلگەن بىر بوغۇملۇق سۆز لەرگە ۋە ئاخىرقى بوغۇمىدا لەۋلەشمىگەن سوزوق تاۋۇش كەلگەن كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە قوشۇمچلارنىڭ لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن .
باغ- باغلىق، بىغىم؛ سەل- سەلگە،سەلدە.
ئال – ئىلىپ، ئالغان؛ قوللان - قوللانماق.
كۆرسەت - كۆرسەتمەك، كۆرسەتكەن . . .
2§ . ئۈزۇك تاۋوشلارنىڭ ماسلىشىشى
ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى بىر قەدەر ئىزچىللىققا ئىگە بولۇپ، ئاساسەن سۆز ئاخىردىكى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئۇلىنىدىغان قوشۇمچىنىڭ بىىشىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئۆزىگە ئوخشاش خاراكىترىدە بولۇپ كىلىشىدە، يەنى جاراڭلىق ياكى جاراڭسىز بولۇش جەھەتتە ماسلىشىپ كىلىشىدە ئىپادىلنىدۇ.
ئادەتتە جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان ۋارىيانتى، جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىزلاشقان سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن،
بار-بارغان، بارغۇچە، بارىدىم؛ باغ-باغدىن، باغدا.
گىلەم –گىلەمگە، گىلەمدە، گىلەمدىن؛ئۆي-ئۆيدىن، ئۆيگىچە.
ئات-ئاتقان، ئاتقۇچە، ئاتتى؛ كەس- كەسكەن، كەسكۇچە.
مەكتەپ- مەكتەپكە، مەكتەپتىن؛كۆك-كۆككە، كۆكتىن.
لىكىن بەزى سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى «د، ب» تاۋۇشلىرى جانلىق تىلدا«ت، پ»تەلەپپۇز قىلىنسىمۇ، يىزىق تىلىدا يەنلا«د، ى »يىزىلىدۇ. بۇ خىل سۆزلەرگە قوشۇمچە ئۇلاشتا تەلەپپۇزغا ئاساسەن جۈپلۈك تۈرى بولغان قوشۇمچىلاردىن جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلىنىدىغان قوشۇمچىلار ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن، كىتاپ-كىتاپقا، كىتاپتا، كىتاپتىن؛ھىساب-ھىسابقا، ھىسابتا، ھىسابتىن؛جەنۇپ- جەنۇپقا، جەنۇپتا، جەنۇپتىن.
بەشنچى باب تاۋۇشلارنىڭ فونىتىكلىق ئۆزگىرىشلىرى
تىل جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتغا ئەگىشىىپ تەرەققىي قىلىدۇ. ئۆزگىرىدۇ ۋە مۇكەممەللىشىدۇ. يىلنىڭ ماددىي پوستى بولغان تىل تاۋۇشلىرىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن ئالاقىلاشقاندا تىل تاۋۇشلىرىنى ئايرىم-ئايرىم تەلەپپۇز قىلماستىن، بەلكى ئۇلارنى بىر- بىرىگە ئۇلاپ، سۆز ۋە جۈملە شەكىلدە تەلەپپۇز قىلىدۇ. بۇ جەرياندا تاۋۇش سىستىمىسىنىڭ ئىچكى تەرەققىيات قانونىيتىگە ماسلىشىش ۋە تەلەپپۇنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، تىل تاۋۇشلىرىنى تىل ئورنى ياكى تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن بىر-بىرىگە ماسلاشتۇرۇش زۆرۈرىيتى تۇغۇلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن تىل تاۋۇشلىرىدا بەزى فونىتىكلىق ئۆزگىرىشلەر يۈز بىرىدۇ. بۇ خىىل ئۆزگىرىش ناھايتى ئااستا، لىكىن ئۈزۈلۈكسىز بولۇپ تۇرىدۇ.
تاۋۇشلىرىدىكى بۇ خىل ئۆزگەرىشلەرنىڭ بەزىلىرى تىلىمىزنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەرياندا شەكىللەنگەن بولسا، بەزىلىرى تىلىمىزنىڭ مەلۇم بىر دەۋىردىكى (ھازىرقى دەۋىردىكى)نوتۇق ئىقىمىدا كۆرۈلىدۇ. شۇڭا،تىل تاۋۇشلىرىنىڭ فونىتىكلىق ئۆزگىرىش ھادىسىىنى ئالدى بىلەن تارىخىي فونىتىكلىق ئۆزگىرىش ۋە نوتۇق ئىقىمىدىكى تاۋۇش ئۆزگىرىشى دىگەن ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
1§. تارىخىي فونىتىكىلىق ئۆزگىرىش
تارىخىي فونىتىكىلىق ئۆزگىرىش، يەنى تىل تاۋۇشلىرىنىڭ تارىخىي ئۆزگەرىشى تىلنىڭ تەرەققىيات جەرياندا يۈز بەرگەن ھەر خىل فونىتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرگە قارىتلغان. بۇنداق ئۆزگىرىش ناھايىتى ئاستا بولغاچقا، ئۇنى ئۇزاق زامانلار ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن سەزگىلى بولىدۇ.
دىمەك، يىل تاۋۇشلىرىنىڭ بىر دەۋىردىن يەنى بىر دەۋىرگىچە بولغان ئۆزگىرىش ھادىسىسى تارىخىي فونىتىكىلىق ئۆزگىرىش دىيلىدۇ.
تىل تاۋۇشلىرنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشى يەككە- يەككە يۈ بەرمەستىن بەلكى بىر يۈرۈش، سىستىمىلىق يۈز بىرىدۇ. قالايمىقان يۈز بەرمەستىن، بەلكى قانونىيەتلىك بولىدۇ؛سەۋەبسىز يۈز بەرمەستىن، بەلكە شەرتلىك يۈزبىرىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە تاۋۇش ئۆزگىرىش ھادىسىسى تاۋۇش ئۆزگىرىش قانونيىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
تىلىمىزدائەسلى يوق تاۋۇشلارنىڭ پەيدا بولۇشى ياكى چەت ئەل تىللىرىدىن سۆز قوبۇل قىلىش نەتىجىسىدە بەزى تاۋۇشلارنىڭ ئۆزلىشىپ قىلىشى تىل تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي يۈزلىنىش بولسىمۇ، لىكىن تىل تاۋۇشلىرىنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشى سەۋبلىك بەزى تاۋۇشلارنىڭ ئۆزى بىلەن مەلۇم جەھەتتە ئوخشايدىغان ئىككىنچى بىر تاۋۇشقا قوشۇلۇپ كىتىشىدەك ھادىسلەرمۇ مەۋجۇت.
تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگىرىشى سوزۇق تاۋۇشلاردىلا كۆرۈلۈپ قالماستىن، بەلكى ئۈزۈك تاۋۇشلاردىمۇ كۆرۈلىدۇ. ئالايلۇق، يۇقىرىدامىسالغا ئىلىنغان تەمسىلدىكى evdekiسۆزى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «ئۆيدىكى» دەپ تەلەپپۇز قىلنىدۇ. بۇ سۆزدىكى vئەسلىدەbبولۇپ، تارىخىي تەرەققىيات جەرياندا سۆز ياكى بوغۇم ئاخىرىدا كەلگەن bتاۋۇشى vغا ئۆزگەرگەن، vدىن يەنەzغا ئۆزگىرىشتەك جەريانلارنى بىسىپ ئۆتكەن.
تىل تاۋۇشلىرنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىش باشقا تىللارنىڭ تەسىرىدىن يىڭى تاۋۇشلارنىڭ پەيدا بولۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنغا ئىتىقاد قىلغاندىن كىيىن ئەرەبچە، پارسچە سۆزلەر ئۇيغۇر تىلىغا كۆپلەپ قوبۇل قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن تىلىمىزدا «ق»تاۋۇشى پەيدا بولىدۇ.
تىل تاۋۇشلىرىنى بىر-بىرىگە قوشۇپ تەلەپپۇز قىلغاندا، ئۆز ئارا تەسىر قىلىش نەتىجىسدە ھاسىل بولغان فونتىكىلىق ئۆزگىرىش نوتۇق ئىقىمدىكى تاۋۇش ئۆزگىرىشى دىيلىدۇ.
بۇ خىل ئۆزگىرىش ئاساسەن، ئىزچىل نوتۇق جەرياندا، بىرەر تاۋۇشنىڭ قوشتا تاۋۇشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىشى، ئۆزىنىڭ نوتۇق ئىقىمىدا تۇتقان ئورننىڭ ئوخشىماسلىقى، سۆزلەش سۈرىتىنىڭ تىز ياكى ئاستا بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نوتۇق ئىقىمىدا يۈز بىرىدىغان مۇھىم تاۋۇش ئۆزگىرىش ھادىسلىرى؛ئاسسىلىياتسىيە، دىسسىمىلياتسىيە جاراڭسىزلىشىش، تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى، چۈشۈپ قىلىشى، قوشۇلۇپ قىلىشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
1. ئاسسىملياتسىيە
ئاسسىلىملياتسىيە، لاتىن سۆز بولۇپ، «ئوخشىتىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ »دىگەن مەنىلەرنى بىلدۇرۇىدۇ.
تاۋۇش چىقىرىش ئورنى بىلەن تەلەپپۇز قىلىش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىغان ئىككى تاۋۇشنى ئارقىمۇ-ئارقا تەلەپپۇز قىلغاندا، بىر تاۋۇش ئۆزگىرىش ئاسسىمىلياتسىيە دەپ ئاتىلىدۇ.
ئاسسمىلياتسىيە ئاساسەن جانلىق تىلدا كۆرلىدۇ. مەسىلەن،
مەن+مذ=مەممۇ، ئون+يەتتە =ئوييەتتە
ظو+بەش =ئومبەش، ئۆتۇق+لۇق =ئۇتۇغلۇق
كۆرۈپ+باق =كۆرۈپپاق، بالا+سى =بالىسى
ئاسسىلىملياتسىيە ئاسسىلمىلياتسىيىلىشىش دەرىجىسىگە قاراپ تولۇق ئاسسىمىلياتسىيە ۋە قىسمەن ئاسسىملياتسىيە دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
نوتۇق ئىقىمدا بىر تاۋۇشنىڭ يىنىدىكى يەنە تاۋۇشنى ئۆزىگە پۈتۈنلەي ئوخشىتىۋىلشى- تولۇق ئاسسىملياتسىيە دىيلىدۇ.
بۇ خىل ئاسسىمىلياتسىيدە، بىر تاۋۇش قوشنا بولغان ئىككىنچى بىر تاۋۇشنى تاۋۇش چىقىرىش ئورنى ۋە تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن ئۆزىگە ئوخشىتىۋالىدۇ. مەسىلەن:
يامان+لىق =ياماللىق، تۇز+سىز =تۇسسىز
مارجان+لا =ماجاللا، قاراپ+باق =قاراپپاق
قوش+سا =قوسىسا، ئىچ+سە =ئىسسە
نوتۇق ئىقىمىدا بىر تاۋۇشنىڭ ينىدىكى يەنە بىر تاۋۇشنى تاۋۇش چىقىرىش ئورنى ياكى تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتە ئۆزىگە نىسپىي ئوخشىتىۋىلىشى قىسمەنئاسسىملياتسىيە دىيلىدۇ. مەسىلەن:
يىزىق تىلدا تەلەپپۇزدا
شەنبە شەمبە
ئون بىر ئومبىر
جانغا جاڭغا
يۇقىرىقى «شەنبە، ئون، ئون بىر»سۆزلىرىنىڭ تەركىبىدىكى «ن»تاۋۇشى قوش لەۋ تاۋۇشى «ب»نىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تەلەپپۇزدا قىسمەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىپ، قوش لەۋ تاۋۇشى«م»غا ئۆزگەرگەن. «جانغا»سۆزىدە«ن»تاۋۇشى تىل تۈۋى تاۋۇشى «غ»نىڭ تەسىرى بىلەن قىسمەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنپ، تىل تۈۋى تاۋۇشى«ڭ»غا ئۆزگەرگەن.
ئاسسملياتىسيە يەنە قايسى تەرەپكەيۈزلەنگەنلىكىگە قاراپ ئوڭ(ئىلگىرلىمە)ئاسسىمىلياتسىيە ۋە تەتۈر (چىكىنمە)ئاسسىمىلياتسىيە دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.
نوتۇق ئىقىمىدا ئىككى تاۋۇش بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ كەلگەندە ياكى سۆزلەرگە قوشۇمچە ئۇلانغاندا، ئەگەر ئالدىنقى تاۋۇش كىيىنكى تاۋۇشنى ئۆزىگە ئوخشىتىۋالسا ياكى ئوخشاپ كىتىدىغان قىلىۋالسا، بۇ خىل ئۆزگىرىغ ئاسسىمىلياتسىيە دىيلىدۇ.
مەسىلەن:
قاراپباق –قاراپپاق، سۆزلەپباق—سۆزلەپپاق
يىزىپ+ بەر =يىزىپبەر، ئىشلەپ+ بەر=ئىشلەپبەر
تىلىمىزدىكى تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنيىتى، يەنى سۆزنىڭ ئاخىرقى تاۋۇشلىرى بىلەن قوشۇمچىنىڭ بىشىدىكى (تەركىبىدىكى) تاۋۇشنىڭ تىل ئورنى ۋە تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز ئارا ماسلىشىپ كىلىشى ئەمەلىيەتتە ئوڭ ئاسسىملياتسىيە تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
ئات+تا =ئاتتا، يات+قان =ياتقان
كەل+ گەن =كەلگەن، كۆز+ۈم =كۆزۈم
نوتۇق ئىقىمدا ئىككى تاۋۇش بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ كەلگەندە، كىينكى تاۋۇش ئالدىنقى تاۋۇشنى ئۆزىگە ئوخشىتىۋالسا ياكى ئۆزىگە كىتىدىغان قىلىۋالسا، بۇ خىل ئۆزگىرىش تەتۈر ئاسسىمىلياتسىيە اىيلىدۇ. مەسىلەن «سەنمۇ، توقسان بەش، چىلىكىم، ئىشسىز» قاتارلىق سۆزلەرگە جانلىق تىلدا «سەممۇ، توقسامبەش، چىلىگىم، ئسسىز»دەپ تەلەپپۇز قىلنىشى تەتۈر ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىش سەۋەبىدىن بولغان.
2 دىسسىملياتسىيە(ياتلاشتۇرۇش)
دىسسىملياتسىيە لاتىنچە سۆز بولۇپ،«ياتلىشىش»دىگەن مەنىنى بىلدۇرۇىدۇ.
تاۋۇش چىقىرىش ئورنى ياكى تەلەپپۇز قىلىش ئۇسۇلى ئوخشايدىغان ياكى سەل ئوخشاپراق كىتىدىغان ئىككى تاۋۇشنى ئارقىمۇ- ئارقا تەلەپپۇز قىلغاندا، بۇ تاۋۇشلارنىڭ بىر تاۋۇش چىقىرىش ئورنى ياكى تەلەپپۇز قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان باشقا بىر تاۋۇشقا ئۆزگىرىپ قالىدۇ. بۇ خىل تاۋۇش ئۆزگىرىش ھادىسسى دىسسىملياتسىيە دەپ ئاتىلىدۇ.
دسسىملياتسىيە ئادەتتە ئالدىدىكى ياكى ئارقىدىكى تاۋۇشنىڭ ئۆزگەرگنلىكىگە قاراپ ئوڭ دسسىملياتسىيە ۋە تەتۈر دسسىملياتسىيە دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئۇيغۇر تىلدا دسسىملياتسىيە ھادىسسى ئانچە كۆپ ئەمەس. مەسىلەن،
«ياغاچچى، ئوقتۇرۇش» دىگەن سۆزلەر جانلىق تىلىدا «ياغاشچى، ئۇختۇرۇش»دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.
ئاسسىمىلياتسىيە ھادىسىسى تەلەپپۇزىنىڭ راۋان بولۇشى ئۈچۈن كىلىپ چىقسا، دسسىملياتسىيە تەلەپپۇزىدا تىل قولاشماي قىلىش مەسىلسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بولىدۇ.دەپ قارلىدۇ.
2. تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى
تەلەپپۇز جەرياندا، ئاۋاز كۈچنىڭ ئاجىزلىشىش تۈپەيلىدىن كۆرۈلىدىغان تاۋۇش سۈپىتىنڭ ئۆزگىرىش ھادىسسى تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى دىيلىدۇ. مەسىلەن:
ئات+ع =ئىتى، باغ+ىم =بىغىم
بەل+ع =بىلى، ئەت+ىپ =ئىتى
ئاتا+سى = ئاتىسى، تىلىەك+ع =تىلىكى
تىلمىزىدا تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادسسى ئومۇمەن، سۆزلەرگە قوشۇمچە ئۇلانغاندىن كىيىن، قوشۇمچىنىڭ بىشىدىكى تاۋۇزشنىڭ سۆز ئاخىردىكى (بوغۇمدىكى)تاۋۇشنى ئاسسىملياتىسىيە قىلىش تۈپۈيلىدىن كىلىپ چىقىدۇ. تاۋۇشلار ئاجىزلاشقاندا تاۋۇشلارنىڭ جاراڭسىزلىشىشى، جاراڭلىقلىشىشى، نۆۋەتلىشىشى ياكى چۈشۈپ قىلىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى سوزۇق تاۋۇشلاردىمۇ، ئۈزۈك تاۋۇشلاردىمۇ كۆرلىدۇ.
1) سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى
تىلىمىزىدا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى ئاساسىن ئوچۇق (تۆۋەن)سوزۇق تاۋڭشنىڭ يىپىق ياكى يىرىم يىپىق سوزۇق تاۋۇشقا ئۆزگىرىشىدە ۋە يىپىق سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ جاراڭسىز تەلەپپۇز قىلنىشىدا ئىپادىلنىدۇ.
(1)بىر بوغۇملۇق سۆز تەركىبىدكى ئوچۇق ۋە يىرىم ئوچۇق سوزۇق تاۋۇش «ظا، ظە» قوشۇمچە ئۇلانغاندىن كىيىن ئورغۇسنى يوقاتسا، ئاجىزلىشىشى يىرىم يىپىق سوزۇق تاۋۇشى «ظئ»غا نۆۋەتلىشىدۇ.
ئەگەر «ظا،ظە»تاۋۇشلىرى سۆزنىڭ ئىككنىچى ۋە ئۇنڭدىن كىيىنكى بوغۇملىرىدا كەلسە(يۇقىرى شەتلەر ئاسىتدا) ئاجىزلىشىپ، يىپىق سوزۇق تاۋۇش «ظع»غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:
باش+ع =بىشى، جان+ى=جىنى
كەل+ئىپ =كىلىپ، دە+دى =دىدى
بالا+لار =بالىلار، قارا+ ماي =قارىماي
ئۆگەن+ ئىش =ئۆگىنىش، كۆرگەزمە+ دە =كۆرگەزمىدە
(2)يىپىق سوزۇق تاۋۇش «ظع، ظذ، ظى» قاتارلىقلار جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن بىرىككىندە ئاجىزلىشىپ، جاراڭسىز تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسلەن، ئۇششاق، پىكىر، پىستە، پۈتۈن، تۇتۇن....
2) ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى
تىلمىزىدا ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ئاساسەن جاراڭىسز ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلارغا، پارتىلغۇچى تاۋۇشلارنىڭ سىيرىلاڭغۇ تاۋۇشلارغا ئۆزگىرىشىدە ئىپادىلنىدۇ.
(1) جارڭسىز، پارتىلغۇچى تاۋۇش «ق، پ،ك »بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە سوزۇق تاۋۇش ياكى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، تەلەپپۇزىدا ئاسسىمىلياتسىيە تۈپەيلىدىن بۇ تاۋۇشلار ھەم جاراڭلىقلىشىپ، ھەم سىيرىلاڭغۇلىشىپ«غ،گ، ۋ،» قاتارلىق تاۋۇشلاغا ئاجىزلىشدۇ. مەسىلەن:
ياتاق+ع =ياتىغى، قۇلاق+ىم =قۇلىغىم
چىلەك+ ع =چىلىگى، كىرەك+لىك =كىرەگلىك
مەكتەپ+ ىڭ =مەكتىۋىڭ، كاتىپ+ع =كاتىۋى
(2) بوغۇم ئاخىرىدا كەلگەن پارتىلغۇچى تاۋۇش«ق»ۋە پارتىلغۇچى سىيرىلاڭغۇتاۋۇش«چ»ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان بوغۇملارنىڭ ئالدىدا كەلگەندە، كۆپىنچە «خ»،«ش» قاتارلىق سىيرىلاڭغۇ تاۋۇشلارغا ئاجىزلىشىدۇ. مەسىلەن:
يىزىق تىلىدا جانلىق تىلىدا
تۇراقسىز تۇراخسىز
ئاقسۇ ئاخسۇ
ئاقساقال ئاخساقال
كەچكىچە كەشكىچە
كۈچلۈك كۈشلۈك
ئۇچلۇق ئۇشلۇق
ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى جانلىق تىلدىكى ئۆزگىرىش بولۇپ، يىزىق تىلىدا ئىپادىلەنمەيدۇ.
4.تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قىلىشى
بىزى سۆزلەر باشقا سۆزلەر بىلەن قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىنغاندا ياكى قودۇمچىلار بىلەن تۈرلىنىپ تەلەپپۇز قىلنغاندا، ئەسىلدە بار بولغان بەزى تاۋۇش ياكى بوغۇملار چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ خىل ھادىسە تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قىلىشى دىيلىدۇ.
تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قىلىشى سوزۇق تاۋۇشلاردىمۇ، ئۈزۈك تاۋۇشلاردىمۇ كۆرلىدۇ. بەزىدە بوغۇملارمۇ چۇشۇپ قىلىشى مۇمكىن .
1) سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قىلىشى
تىلىمىزىدا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قىلىشى، يىپىق، قوش بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ ئاخىردىكى بوغۇمدىكى يۇقىرى (يىپىق)سوزۇق تاۋۇش «ظع، ظى،ظذ»قاتارلىقلارنىڭ سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۈلىنىپ تەلەپپۇز قىلىنىغاندا، ئۇرغۇسىنى يوقىتىپ، چۈشۈپ قىلىشىدا ئىپادىلنىدۇ.سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قىلىشى يىزىق تىلدىمۇ ئىپادە قىلىنىدۇ.مەسىلەن:
پىكىر+ىم =پىكىرىم، سىڭىل+ع =سىڭلى
كۆڭۈل+ ع =كۆڭلى، ئۆمۈر+ع =ئۆمرى
ئوغۇل+ۇم =ئوغلۇم، بۇرۇن+ع = بۇرنى
2) ئۈزۈك تاۋۇشلارنڭى چۈشۈپ قىلىشى
ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قىلىشىدا مۇنداق ئىكىكى خىل ئەھۋال بار :
(1)«مەن، سەن»ئالماشلىرى چۈشۇم كىلىش ۋە ئىگىلىك كىلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلەنگەندە، بۇ ئالمااشلارنىڭ ئاخىرىدىكى «ن»تاۋۇشى چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ خىل ھادىسە يىزىق تىلدىمۇ ئىپادىلنىدۇ. مەسىلەن:
مەن+نى =مىنى، سەن+نى = سىنى
مەن+نىڭ =مىنىڭ، سەن+نىڭ =سىنىڭ
(3)سۆز ئاخىرىدا كەلگەن «ر، ل،ھ،ت» قاتارلىق تاۋۇشلار ئومۇمەن، شۇ سۆزگە قوشۇمچە ئۇلانغاندا ياكى باشقا سۆزلەر بىلەن قوشۇپ تەلەپپۇز قىلنىغاندا چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ خىل چۈشۈپ قىلىش يىزىقتا ئىپادە قىلنمايدۇ.مەسىلەن:
بازار-بازارغا، كۆر- كۆگەن
قال- قاسۇن، كەل-كەمىدى
ئاگاھ- ئاگاھلاندۇرۇش، گۇناھ- گۇناكار
دوست-دوس-بۇرادەر، قەسىت- قەسلىمەك
3) بوغۇملارنىڭ چۈشۈپ قىلىشى
بۇ خىل ھادىسە ئاساسەن،«پ»رەۋىشدىشى بىلەن ياردەمچى پئىللارنى قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىش جەرياندا رەۋىشداش تەركىبىدىك ئاخىرىقى بۇغۇمنىڭ ئۇرغۇسىنى يوقىتىپ، چۈشۈپ قىلىشىدا ئىپادىلنىىدۇ. بوغۇملارنىڭ چۈشۈپ قىلىش يىزىق تىلىدا ئىپادىلەنمەيدۇ. مەسىلەن:
يىزىق تىلىدا تەلەپپۇزدا چۈشۈپ قالغان بوغۇم ئىلىپ+كەتتى ئىپكەتتى\ ئەكەتتى(لع\لىپ)
قوتۇپ+قويدۇ قوپقويدۇ\قوقويدۇم (يۇ \يۇپ)
ئىلىپ+چىقىپ+كەتتى ئىپچىكەتتى\ئىلىپ چىكەتتى(لع\قىپ)
1. تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قىلىشى
ئىزچىلىق جەرياندا بەزى سۆزلەرگە ئايرىم تەلەپپۇز قىلغاندا كۆرۈلمەيدىغان تاۋۇشلار قوشۇلۇق قالىدۇ.بۇ خىل ھادىسە تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قىلىشى دىيلىدۇ،
تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قىلشى ئۈزۈك تاۋۇشلاردىمۇ سوزۇق تاۋۇشلاردىمۇ كۆرلىدۇ.
1) ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قىلىشى
تىلىمىزىدا بۇ خىل ھادىسە ئوچۇق بوغۇملوق بىر قىىسىم سۆزلەرگە سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، قوشۇمچىنىڭ ئالىدىغا بىر «ي»تاۋۇشنىڭ قوشۇلۇپ قىلىشى بىلەن ئىپادىلنىدۇ. مەسىلەن:
ئىمزا+ىم =ئىمزايىم، جاپا+ىڭ =جاپايڭ
پولۇ+ ۇم =پولۇيۇم، سذ+ع =سۇيى
دە+ئىش =دىيىش، يذ+ذش= يۇيۇش
بۇ خىل ھادىسە يىزىق تىلىدىمۇ ئىپادىلنىدۇ.
2) سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قىلىشى
3) تىلمىزىدا قوشما ئۈزۈك تاۋۇشلار بوغۇم بىشىدا كەلمەيدۇ، لىكىن چەت ئەل تىللىرىدىن (ئاساسەن رۇس تىلدىن)قوبۇل قىلنغان بىر قىسىم قوشما ئۈزۈك تاۇۇش بىلەن باشلانغان سۆزلەر تىلمىزنىڭ ئادىتى بويىچە تەلەپپۇز قىلنىغاچقا، بۇ سۆزلەرنىڭ تەركىبىدىكى قوشما ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر سوزۇق تاۋۇش قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
ئەسلى شەكلى تىلمىزدىكى تەلەپپۇزى
RuiaH(پلان) پىلان
CTON(ستوك) ئۇستەل
TPAKTOP(تراكتور) تاراكتور
KBAUPAU (كۋادرات) كۇۋادىرات
بۇ مىساللارنىڭ ئالدىنقى ئىككى سۆزدىكى تاۋۇش قوشۇلۇش ھادىسسى يىزىق تىلىدا ئىپادىلنىدۇ. كىيىنكى سۆزلەردىكى تاۋۇش قوشۇلۇش ھادىسسى يىزىق تىلىدا ئىپادىلەنمەيدۇ.
1) ئالتىنىچى باب يىزىق ھەققىدە ئومومى چۈشەنچە
2) 1§ يىزىق ۋە يىزىقشۇناسلق
3) تىلنى خاتىرلەيدىغان يازما شەرتلىك بەلگىلەر سىستىمىسى يىزىق دەپ ئاتىلىدۇ . يىزىق ئاەتتە ئىلىپبە ، ئىملا قائىدىسى ۋە تىنىش بەلگىلەرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
4) يىزىق تىلنىڭ ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ رولىنى كىىڭەيتىدىغان، ئىنسانلارنىڭ بىر بىرنى چۈشۈنىشىدىكى ، پىكىر ئالماشتۇرۇشىدىكى ۋە بىر بىرى بىلەن ئالاقە قىلىشىدىكى مۇھىم ياردەمچى ۋاستىدۇر .مەلۇم بىر يىزىق كونكىرىت بىر تىلغا بىقىنىغان ھالدا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدۇ ھەم ئۆزى خاتىرلىگەن تىلنى قوللانغۇچى مىللەت ياكى ئىجدىمائى كوللىكتىپنىڭ نامى بىلەن قوشۇلۇپ ئاتىلىدۇ .مەسىلەن ،ئۇيغۇر تىلىنى خاتىرلەيدىغان يازما بەلگىلەر سىستىمىسى ئۇيغۇر يىزىقى ،خەنزۇ تىلنى خاتىرلەيدىغان يازما بەلگىلەر سىستىمىسى خەنزۇ يىزىقى دەپ ئاتىلغىنىغائوخشاش .مەيلى قايسى خىلدىكى يىزىق بولسۇن ،تۈرلۈك بەلگە بىلەن تىلدىكى تەركىپلەر (تەلەپپۇز ۋە مەنە )نى خاتىرلەيدۇ .ھەرقانداق بىر يىزىقتا ھەرىپ ياكى خەت شەكلى ،ھەرىپلەرنىڭ ئوقۇلۇشى ۋە ھەرىپلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان مەنىدىن ئىبارەت ئۈچ ئامىل بولىدۇ ،ھەرىپ شەكىللىرى يىزىققىلا خاس ،ھەرىپلەرنىڭ ئوقۇلۇشى ۋە ھەرىپ ئىپادىلىگەن مەنىلەر بولسا ،شۇ يىزىق بىلەن خاتىرلىنىدىغان تىلنىڭ تاۋىشى ۋە شۇ تىلدا ئىپادىلىنىدىغان مەنە ئاساسىغا قۇرۇلغان بۇلىدۇ .دىمەك ،يىزىق تىلىنىڭ سۆزلەش ۋە ئاڭلاش سىستىمىسىغا ماسلاشقان شەكلىنى يىزىش ۋە كۆرۈش سىستىمىسىغا ماسلاشتۇرۇش جەريانىنڭ مەھسۇلىدۇر .تىل ھامان يىزىقتىن ئۆزىنى توغرا خاتىرلەشنى تەلەپ قىلىدۇ .شۇڭا يىزىق ئۆزى خاتىرلىۋاتقان تىلنىڭ فونىتىكىلىق ئالاھىدىلىككە ۋە قۇرۇلما ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشقان بولۇشى كىرەك .لىكىن مەلۇم بىر تىل بىلەن ئۇنى قانداق يىزىق ياكى ھەرىپ سىستىمىسى ئارقىلىق خاتىرلەش ئوتتۇرىسىدا مۇقەررەر باغلىنىش يوق ،.چۈنكى مەلوم بىر تىلنى لاتىن يىزىقى سىستىمىسى بىلەنمۇ، ئەرەپ يىزىقى سىسىتىمىسى بىلەنمۇ خاتىرلەشكە بولىدۇ. بىراق مەلۇم بىر تىلنى مەلۇم بىر يىزىق ياكى ھەىرىپ سىسىتىمى بىلەن خاتىرلەش بىكىتىلىپ بولغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ ئوتتورسىدا بەلگىلىك موناسىۋەت شەكىللەنگەن بولىدۇ. ھەم شۇنىڭغا موناسىپ بىر يۈرۈش يىزىش قائىدىلىرى تۈزۈپ چىقىلىدۇ. شۇ يىزىقنى قوللانغۇچىلار بۇ قەئىدىلەرگە بىردەك ئەمەل قىلغاندىلا يىزىقنىڭ يولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ. ھەر قاندان بىر يىزىق ئۆزى بىقىنىدىغان تىلغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىپ ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. چۈنكى، يىزىق بولغاندىلا، مەلۇم دىئالىكىت ئاساسىدا يىزىق تىلىنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەدەبى تىلنىڭ شەكىللىنىشى ۋە قىلىپلىششىشى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ. ھەتتا تىلدىكى بىر قىسىم قىسقارتىما سۆزلەر يىزىق ئاساسىدا بارلىققا كىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، يىزىق تىلىنىڭ موكەممەللىشىگە، بىيىشىغا ۋە بىرلىككە كىلىشىگە ناھايىتى زور ياردەم بىرىدۇ. تىل ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم . ئالاقە قورالى بولسىمۇ، لىكىن ئۇ زامان ۋە ماكاننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرايدۇ. يەنى جانلىق تىل ئەينى بىر سوروندا بولغان سۆزلۈگىچى، ئاڭلىغۇچىلار ئالاقىلىش ئۈچۈن ئەڭ موكەممەل ئالاقە قورالى بولوپ خىزمەت قىلسىمۇ، ئەينى بىر سورۇندا بولمىغان، بەلكى يىراق ئارلىقتا تۇرغان ئاڭلىغۇچى، سۆزلىگۈچىلەر ئارا بىۋاستە ئالاقىلىشىشى قورالى بولوپ خىزمەت قىلالمايدۇ. يىزىقنىڭ بارلىققا كىلىشى تىلنىڭ مۇشۇ يىتەرسىزلىكىنى تولوقلىدى. يزىق ئىنسانلارنىڭ ئوي پىكىرىنى يىراق جايلارغا ۋە يراق كەلگۈسىگە يەتكۈزۈپ، كىشىلەرنىڭ ئۆز تەجىرىبە ساۋاقىرىنى، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۇنى ئەۋلتتىن ئەۋلاتقا مىراس قالدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. يىزىق ئىلىم پەن ، مەدەنىيەت مائارىپ ئىشلىرىنى تىز سۈرئەت بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇشتا تۈرتكۈلۈك رول ئويناپلا قالماستىن، بەلكى ئىنسانلار تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان بارلىق پەن تىخنىكا يىڭىلىقلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىشتىكى مول تەجىربىلەرنى جەمىيەتكە كىڭەيتىش جەھەتلەردىمۇ موھىم رول ئوينايدۇ. قىسقىسى ، يىزىقنىڭ رولىنى تۆۋەندىكى تۆت نوختىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. (1) يىزىق ئىنسانيەت مەدەنىيىتنىڭ موھىم ئامىللىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ بارلىققا كىلىشى ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت دەۋىرىگە قەدەم قويغانلىقىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى . ئۇ ئىنسانلار جەمىئىيىىتىنىڭ ۋە پەن مەدىنىيىتنىڭ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن تۈرتكۈلۈك رول ئوينىدى. چۈنكى، يىزىق ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەجىربىلىرىنى يەكۈنلەش، پەن تىخنىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيتىنى ياراتتى.(2) يىزىق جانلىق تىلنىڭ زامان ۋە ماكان جەھەتتىكى چەكلىمىلىكىنى تولوقلىدى. چۈنىكى ئىبنسانلار ئۆزلىرىنڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى، ئوي پىىرلىرىنى، تەجىربە ساۋاقلىرىنى يۋزىق ئارقىلىق كىيىنى ئەۋلاتلارغا قالدۇرۇپ يىراق جايلارغا يەتكۈزۈپ، جەمىيەت ۋە ئىنسانلار مەدىنىيىتىنى ئىزچىل تەرەققى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.(3) يىزىق تىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تىلنى قىلىپلاشتۇرۇش ۋە ئومومىلاشتۇرۇشتا ھەم ئەدەبى تىلنىڭ شەكىللىنىشىدە موھىم رول ئوينايدۇ. چۈنكى، يىزىق بولغاندىلا ، كىشىلەر جانلىق تىلنى خاتىرلىۋىلىپ، ئۇنى رەتلەش، پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق تىلنى قىلىپلاشتۇرۇش ،ئوموملاشتۇرش، بىيىتىش، موكەممەللەشتۈرۈش شۇنداقلا تەرەققى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگەئىگە بولىدۇ (4)يىزىق پەن مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئگىلەش ،مىللەتلەر ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە تىل ئۆگۈنۈشنىڭ قورالى ،بىلىم سەۋىيسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاساسى ھەم ئاچقۇچى .چۈنكى يىزىقتىن ئبارەت بۇ قورال پۇختا ئگىۋىلىنسا ،ھەر ۋاقىت ،ھەر قانداق جايدا پەن مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگەنگىلى ۋە سەۋىىسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ .يىزىقنىڭ ياردىمى ئارقىلىق مەيلى ئانا تىل ياكى چەتئەل تىلى بولسۇن ،ئۇلارنى سىسىتىمىلىق، توغىرا ۋە تىز ئۈگىنىۋالغىلى بولىدۇ. گەرچە ئىنسانلار تىلىنى يىزىق بىلەن خاتىرلەپ، تىلنىڭ ئالاقىلىشىش رولىنى كىڭەيتكەندىن باشقا يەنى تىلگىرامما، تىلىفۇن ، ئۈنئالغۇ، ئاۋاز كۈچەيتكۈچ، تىلىۋىزۇر قاتارلىقلار بىلەنمۇ تىلنى خاتىرلەپ، ساقلاپ ۋە تارقىتىپ جانلىق تىلنىڭ ئالاقىلىشىشى رولىنى كىڭەيتكەن بولسىمۇ لىكىن ئۇلار يىزىقتەك قولايلىق ۋە كەڭ ئوموملاشقان ئەمەس. شۇڭا بۈگۈنكى كۈندىمۇ يىزىق يەنىلا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ موھىم ياردەمچى ئالاقە قورالى بولوپ كەلمەكتە.
5) 2§. يىزىقنىڭ پەيدا بولىشى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى
6) يىزىقنىڭ پەيدا بولىشى
7) يىزىق ئىنسانلار جەمئىتى تەرەققى قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندىن كىيىن ، كىشىلەرنىڭ كۈنسىرى موكەممەلىشىۋاتقان ئالاقا ئھتىياجىنىڭ تەققەززاسىدىن پەيدا بولغان. يىراق قەدىمقى زامانلاردا ئىشلەپچىقىرىش قالاق، تۇرمۇش ئاددى ئىدى. ھەر بىر ئىجتىمائى گوروھتىكى ئادەملەرنىڭ سانى كۆپ بولمىغاچقا، ئەستە قالدۇرۇشقا تىگىشلىك ئىشلارمۇ ئاز بولوپ ، كۆڭۆلدە ساقلىسىلا ياكى ئاڭلاپ، سۆزلەپ قويسىلا كۇپايە قىلاتتى. لىكىن جەمىيەتنىڭ ئۆزلىكسىز تەرەققى قىلىشى، ئاھالىنىڭ تىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بىر قەدەر چوڭ ئۇرۇقداش قەبىلىلەر بارلىققا كەلدى ، ئىتىمائى تۇرمۇش مۇرەككەپلەشتى ،ئەستە قالدۇرۇشقا تىگىشلىك ئشلار بارغانسىرى كۆپەيدى .
8) يىزىقنىڭ تەرەققىياتى
9) يىزىقنىڭ تەرەقىيات باسقۇچىدىن قارىغاندا، دۇنيادىكى يىزىقلارنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى تەسۋىرىي يىزىق ،مەنىلىك يىزىق ۋە تاۋۇشلۇق يىزىقتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ.
10) ئىنسانلار بارغانسىرى مورەككەپلىشىۋاتقان ئالاقە ئھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن ، رەسىم بىلەن ئىش خاتىرلەش ئۇسۇلىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ۋە تولوقلاپ، تەسۋىرىي يىزىقنى ئىجاد قىلدى. تەسۋىرىي يىزىقتا ھەر بىر رەسىم ياكى نەرسىنىڭ شەكلى تىلدىكى مەلۇم بىر سۆزنى ئىپادىلەيدۇ ۋە شۇ سۆز بىلەن موقىم باغلىنىشتا بولىدۇ. بۇ خىل يىزىقتا شەيئىنىڭ شەكلى ئاساسى ئۆلچەم قىلىنغاچقا، خەت شەكلىنى كۆرگەندە رەسىمدە سىزىلغان شەيئى ياكى ھەركەتنىڭ ئوبىرازى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولىدۇ. قەدىمقى مىسىر ىيزىقى ۋە خەنزۇلارنىڭ دەسلەپكى چىغناق تاغاق يىزىقى تسۋىرى يىزىق ھىسابلىنىدۇ.
11) تەسۋىرىي يىزىقتا كىشىلەر خەتنى رەسىمگە قاراپ تۇنۇپ شەكلىگە قاراپ مەنە بەرگەچكە ،شۇ تىلنى بىلمەيدىغان كىشىلەرمۇ مەنىسىنى ئاز تولا قىياس قىلايدۇ. لىكىن بۇيىزىق تىل تەركىبلىرىنى تولوق خاتىرلەپ بىرەلمەيتتى. چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن كونكىرت شەيئىنى بىلدۈرىدىغان شەكەلنى سىزغىلى بولىدىغان سۆزلەرنى خاتىرلەشكە بولسىمۇ، ئەمما ئابىستىراكىتنى ئۇقۇملارنى ئىپادىلەيدىغان، شەكىلنى سىزغىلى بولىدىغان سۆزلەرنى خاتىرلىگىلى بولمايتتى. بۇ نوختىنى چۈشەنگەن ئىنسانلار تەسۋىرى يىزىقىنى تىخىمۇ ياخشىلاپ، بەزى مورەككەپ ياكى ئابىستىراكىت ئۇقۇملارنى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق رەسىم ياكى شەكىلنى بىرلەشتۈۈش ئارقىلىق ئىپادىلەپ، ئاستا ئاستا مەنىلىك يىزىقنى ياراتتى.
12) 2( مەنىلىك يىزىق
13) مەنىلىك يىزىقتا ئوبىكتىپ شەيئىلەر بىۋاستە سىزىلماستىن ، بەلكى بەزى شەكىل ۋە بەلگىلەر سىزىلىدۇ. بۇنى كىشىلەر كۆرۈپ مەنىسىنى ھىس قىلىدۇ. مەنىلىك يىزىق ئادەتتە مەنە بەلگىسى ، تاۋۇش بەلگىسى ۋە تۈر بەلگىسىدىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. مەنە ئادەتتە مەنە بەلگسى شەكىلگە قاراپ سىزىلغان رەسىمنى كۆرسىتىدۇ. تۈر بەلگىسى ئاددىيلاشتۇرۇلغان شەكىل بولوپ، سۆزنىڭ مەنە دائىرسىنى بىلدۈرىدۇ؛تاۋۇش بەلگىسى سۆزنىڭ ئوقولىشىنى كۆرسىتىدۇ.خەنزۇ يىزىقى مىسىرنىڭ موقەددەس كىتاب يىزىق ۋە ئوتتۇرا ئامرىكا قىتئەسىدىكى مايا يىزىقى قاتارلىقلار مەنىلىك يىزىق سىستىمىسىغا كىرىدۇ.
14) مەنىىلىك يزىق تەسۋىرىي يىزىقتىن خىلى ئىلغار بولسىمۇ ھەمدە ئۇنۇڭدا تەسۋىرى يىزىقتا ئىپادىلەشكە بولمايدىغان بەزى ئابىستىراكىت مەنىلەرنى ئىپادىلەشكە بولسىمۇ، لىكىن ئۇ يەنىلا نورغۇن يىتەرسىزلىكلەردىن خالى بولالمىدى، يەنى تىلنى موكەممەل خاتىرىلەپ بىرەلمىدى. شۇڭا خەنزۇ يىزىقىدىن باشقىلىرى جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئىلگىرى ئاخرى بولوپ تارىخ تەرىپىدىن شاللىۋىتىلدى.
15) 3( تاۋۇشلۇق يىزىق
16) تاۋۇشلۇق يىزىق تاۋۇش لۇق يىزىق يىزىقنڭ تەدىرىجى ئوزگىرىپ موكەممەلىلشىپ بىرىشنىڭ مەھسولى .تەخمىنەن مىللادىدىن ىئككى مىڭ يىل ئىلگىرى سورىيە پەلەستىن ئەتىراپىدا ياشىغان سىمىتىلار قەدىمكى مىسر يىزىقىنى ئىجات قىلىپ ،ئىنسانىيەت تارىخىدا تونجى تاۋۇشلۇق يىزىقنى ئىجات قىلدى ئۇنىڭىدا شەئىلەرنىڭ رەسمى سىزىلمايدۇ ھەم شەئىلە ارنڭ رەسمى سىزىلمايدو ھەم شەئىلەرنىڭ رەسىم ئارقىلىق كورسىتەلمەيدو بەلكى تىل ئارقىلىق يورۇش بەلگىلەر سىستىمىىسى بىلەن خاتىرلىنىدۇ .تاۋوشلۇق يىزىقنىڭ بەلگە سانى نىسپىتەن ئاز ،شەكلى ئاددى بولغاچقا ،ئۇنى يىزىش تونۇش ۋەئەستە قالدۇرۇش تەس ئەمەس .بۇخىل يىزىق ئارقىلىق تىلدىكى بارلىق سوز جۇملىلەرنى خاتىرلىىگىلى بولىدۇ ،ھازىرقى دۇنيادا تاۋۇشلوق يىزىقلارنىڭ تۇرى كۇپ .شۇڭا ئۇنى بەلگە ئىپادىلىگەن تاۋۇش بىرلىكىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە قاراپ ،بوغۇملۇق يىزىق ،ئۇزۇك تاۋوشلۇق يىزىق ۋە فۇنىمىلىق يىزىق دىگەن ئۇچ تۇرگە بولۇشكە بولىدۇ ئۇزۇك تاۋۇشلۇق ،يىزىق )1 ( بوغوملوق يىزىق .بىر بەلگە بىلەن بىر بوغومنى ئىپادىغان يىزىق بوغوملوق يىزىق دىيىلىدۇ. تاپۇن كانا يىزىقى تىپىك بوغوملوق يىزىق ھىسابلىنىدۇ.
17) دىمەك، بوغوملوق يىزىقتا بىر بەلگە )ھەرپ( بىر بوغومغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئوخشاش بولمىغان بوغوم ئوخشاش بولمىغان بەلگە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بىر سۆزدە قانچە بوغوم بولسا ، شۇنچە بەلگە بىلەن خاتىرلىنىدۇ. )2(ئۈزۈك تاۋۇشلۇق يىزىق. ئۈزۈك تاۋۇشنىلا ئىپادىلەپ، سوزوق تاۋۇشلارنى ئىپادىلىمەيدىغان يىزىق ئۈزۈك تاۋۇشلۇق يىزىق دەپ ئاتىلىدۇ.بۇ خىل يىزىقتا ئۈزۈك تاۋوشلارنى ئىپادىلەش ئۇچۇن ھەىرىپ بەلگىلەنگەن بولۇپ ،سۇزوق تاۋۇشلار قوشۇمچە بەلگە ئارقىلىقلا ئىپادىلنىدو ياكى پەقەت ئىپادىلەنمەيدو .ئوزۇك تاۋۇشلوق يىزىق ئادەتتە ئۇزۇك تاۋۇش كۇپ ،سوزۇق تاۋۇش ئاز بولغان تىللاردا قوللىنىدو .دىمەك بۇ خىل يىزىقنىڭ ئاساسى رولى ئوزۇك تاۋوشلارنى ئىپادىلەش بولۇپ ،سوزۇق تاۋۇشلار قوشۇمچە بەلگىلەر بىلەن ئىپادىلنىدو .)3( فونىمىلىق يىزىق .مەلوم بىر تىلدىكى ،فونىماسىستىمىسنى تولۇق ئىپادىلەپ بىرىدىغان يىزىق فونىمىلىق يىزىق دىيىلىدو ئۇيىزىق تەرەققىياتىنىڭ كىيىنكى دەۋىرلىرىنىڭ مەھسولى بولۇپ تاۋوش قورۇلمىسى ۋە سوزنىڭ مورفولوگىلىك ئوزگىرىشلىرىنى توغرا ئىپادىلەپ بىرەلەيدو . فونىمىلىق يىزىقتا ھەرىپ سانى كوپ ئەمەس ،ئادەتتە ھەر بىر فۇنىما بىر بەلگە )ھەرىپ( ئارقىلىق ئىپادىلنىدو .مەلوم بىر يىزىق سىستىمىسىدا قوللىنىدىغان ھەرىپلەر ۋەئولارنىڭ لوشولۇپ يىزىلىش قائىدىسى ئىگىلىۋىلىنسا ئومومەن ھەرقانداق بىر سوزنى ئاڭلاپلا يازغىلى بولىدۇ .ئونى ئوگىنىش يىزىش ئەستە قالدۇرۇش ئاسان .شۇڭا دۇيادىكى مۇتلەق كوپ ساندىكى تىللار فۇنىمىلىق يىزىقنى قوللنىىۋاتىدۇ .ھازىرغىچە مەنىلىك يىزىق ياكى بوغوملوق يىزىق ،گىرىك يىزىقى ،ئىنگىلز يىزىقى رۇس يىزىقى ۋە ئويغۇر يىزىقى قاتارلىقلار فۇنىمىلىق يىزىق ئوموملاشتۇرلوپ ئىلىپەلىك يىزىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ .
18) يع.4§ .يىزىق بىلەن تىلنىڭ موناسىۋىتى ۋە پەرىقى
19) يىزىق مەلوم بىر كونكىرىت تىلغا بىقىنغان ھالدا مەۋجوت بولوپ تۇرىدۇ ھەمدە شۇ تىلنى خاتىرلەش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئالاقىلىشىش ،ئوز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش بىر بىرىنى چۇشىنىشىدە ۋاستىلىق رول ئويناپ ،شو يىزىقنى قوللانغوچى ئىجتىمايى كوللىكتىپ ئۇچون ئورتاق خىزمەت قىلىدۇ ،يىزىق تىل ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن .مەلوم بىر يىزىق كونكىرىت بىر تىلغا ۋەكىلىك قىلىدۇ ،تىل بۇلمىسا ،يىزىقمو مەۋجوت بولمايدۇ ،يەنى تىل بىرلەمچى ،يىزىق ئىككىلەمچى نەرسە .يىزىقمو خوددى تلغا ئوخشاش سىنىپىلىققا ئىگە ئەمەس ،ئۇپۇتكۇل خەمىيەت ئۇچۇن خىزمەت قىلىدۇ .بۇ نۇختىدىن قارىغاندا ،يىزىق بىلەن تىلنىڭ موناسىۋىتى زىچ .لىكىن تىل بىلەن يىزىق ئوتتورسىدا ماھىيەتلىك پىرىقمۇ بار .ئۇلارئوتتورسىدىكى پەرىقلەرنى توۋەندىكىدەك مەزمونلاردىن كورۇشكە بولىدۇ
20) 1(يىزىق بىلەن تىلنىڭ پەيدا بولغان دەۋىرى بىر ئەمەس. تىل ئىنسان ۋە ئىنسانلار جەمئىيىتى بارلىققا كىلىش بىلەن تەڭلا پەيدا بولوپ ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن كىيىن، ئىنسانلار جەمئىيىتى تەرەققى قىلىپ مەلوم باسقۇچقا يەتكەن مەزگىلدە، كىشىلەرنىڭ كۈندىن كۈنگە مورەككەپلىشىۋاتقان ئالاقە ئىشلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بارلىققا كەلگەن.
21) 2( كىشىلەرنىڭ تىلغا ئادەتلىنىش دەرىجىسى بىلەن يىزىققا ئادەتلىنىش دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. ھەر بىر ئادەم كىچىكىدىن تارتىپلا مەلوم بىر تىل موھىتىدا ياشايدۇ ۋە تىلىنى ئۆگىنىدۇ ھەم ئۆگەنگەن شۇ تىل موھىيتىغا پۈۈتنلەي ئادەتلىنىپ كىتىدۇ، كىشىلەر بۇ ئادەتنى ئاسان ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئادەتتە بىر تىلنى ئۆگىنىشتىن ئۇنىڭ يىزىقىنى ئۆگىنىش كۆپ ئاسان. يىزىقنىڭ قوللىنىش دائىرسى تىلنىڭكىدەك كۆپ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۆستىگە كىشىلەر تىلنى دائىم ئىشلىتىدۇ، يىزىقنى بولسا ھەر ۋاقىت، ھەر دائىم ئىشلەتمەيدۇ.
22) 3( يىزىقنى كىشىلەر سوبىكتىپ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ياخشىلىيالايدۇ ۋە ئۆزگەرتەلەيدۇ، ھەتتا بىر يىزىقنى تاشلاپ، ئىككىنچى بىر خىل يىزىققا كۆچەلەيدۇ. لىكىن تىلنى كىشىلەر ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئۆزگەرتەلمەيدۇ. مەلوم ۋاقىت ئىچىدە پۈتكۈل تىل ئىجتىمائى كوللىكتىپ بويىچە قوللىنىۋاتقان تىلنى تاشلاپ باشقا بىر تىلنى قوللىنىش مومكىن ئەمەس. تىلنىڭ تەرەقىياتى تەدىرىجى ۋە ئاستا ئاستا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۆزگىرىشى كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە بىقىنمايدۇ.
23) 4( تىل ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە بىر بىرىنى چۈشىنىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئاڭ موھىم ئالاقە قورالى بولوپ، تەپەككۇر بىلەن بىۋاستە باغلىنىشقا ئىگە.يىزىق بولسا تاۋۇشلوق تىلنى ئىپادىلىگۈچى شەرتلىك بەلگىلەر سىستىمىسى بولوپ تىلنى خاتىرلەش ۋاستىسى ئارقىلىق ئاندىن تەپەككۇر بىلەن باغلىنىدۇ.
24) سەككىزىنچى باب يىزىق ئىسلاھاتى
25) ئادسەتتە دىيىلىۋاتقان يىزىق ئىسلاھاتى ئەنە شۇ ئارقىلىق پىلانلىق ،ئاڭلىق،سىسىتىمىلىق ئىلىپ بىرىلغان يىزىق ئۆزگەرتىشكە قارىتىلغان.
26) 1§يىزىقنى ياخشىلاش ۋە ئۆزگەرتىش
27) يىزىق تىلنى خاتىرلەش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئالاقە ۋاستىسىلىك رولىنى كىڭەيتىدىغان موھىم ياردەمچى قورال. شۇنداق بولغاچقا، ئىنسانلارنىڭ ئالاقىلىششىتىن ئىبارەت ئھتىياجى يىزىقنىڭ تىلنى توغىرا ھەم تولوق خاتىرلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. يىزىق تىلنى توغىرا خاتىرلىگەندىلا، ئاندىن تىلنىڭ ئالاقىلىششتىكى ۋاستىلىك يولىنى تىخىمو ياخشى جارىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر مەلوم بىر سىستىمىدىكى يىزىق ئۆزى بىقىنغان تىلنى خاتىرلەشتە ئالاقە ئھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشالماي قالسا ئۇنى ئۇيغۇنلاشماسلىق ەرىجىسىگە قاراپ، يا ئىسلاھ قىلىشقا، ياخشىلاشقا، ياكى باشقا بىر سىستىمىدىكى يىزىققا ئۆزگەرتىشكە)ئالماشتۇرۇشقا( توغىرا كىلىدۇ. يىزىق ئىسلاھاتىنىڭ مەزمونى ۋە نشانى ھەر قايسى يىزىق سىتىمىسىدا ۋە ھەر قايسى دەۋىرلەردە ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇنى ئومومەن تۆۋەندىكى ئۈچ خىل تىپقا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: بىرىنچى، يىزىق سىتىمىسىنى ئالماشتۇرش؛ئىككىنچى، ھەرىپ سىستىمىسىنى ئالماشتۇرۇش؛ئۈچىنچى، ئەسلىدىكى يىزىق ئاساسىدا ئىسلاھ قىلىش.
28) يىزىق سىتىمىسىنى ئالماشتۇرۇش
29) تەسۋىرىي يىزىق، مەنىلىك يىزىق ۋە تاۋۇشلۇق يىزىقلارنى بىر بىرنىڭ ئورىنغا ئالماشتۇرۋىلىشى يىزىق سىستىمىسىنى ئالماشتۇرۇش بولوپ، بۇ ئەڭ ئاساسلىقى يىزىق ئۆزگەرتىش ھىسابلىنىدۇ. يىزىق سىستىمىسىنى ئالماشتۇرۇش ئومومەن، ئىلمى بولمىغان ۋە قوللىنىش قولايسىز بولغان يىزىقلارنى بىكار قىلىپ ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىلمى بولغان ،موكەممەل ۋە قوللىنىش ئاسان بولغان يىزىقلارنى دەسسىتىشنى مەزمون قىلىدۇ. شۇڭا، يىزىق سىستىمىسىنى ئالماشتۇرۇش دىگەندە، ئومومەن تەسۋىرىي يىزىق ياكى مەنىلىك يىزىقنىڭ ئورنىغا تاۋۇشلۇق يىزىق، بولوپمۇ فۇنىمىلىق يىزىقنى دەسسىتىشنى كۆرسىتىدۇ.بۇ يىزىقنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ۋە جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كىلىدۇ. مەسىلەن، قەدىمقى سىمىتلارنىڭ مەنىلىك يىزىقىنى تاشلاپ، تاۋۇشلۇق يىزىققا كۆچكەنلىكى؛ مەنىلىك يىزىق تىپىدىكى ۋىتنام يىزىقى ۋە چاۋشەن يىزىقى قاتارلىقلارنىڭ ئىلپبەلىك يىزىققا ئۆزگەرتىلىشى، مانا مۇشۇ خىل يىزىق سىستىمىسىنى ئالماشتۇرۇش تىپىغا كىرىدۇ.
30) ھەرىپ سىستىمىسىنى ئالماشتۇرۇش
31) ھەرىپ سىستىمىسىنىڭ ئالماشتۇرلىشى تاۋۇشلۇق يىزىق دائىرسىدىكى ئۆزگىرىش بولوپ، ئۇنىڭغا تاۋۇشلۇق يىزىقنىڭ خاراكتىرى ئۆزگەرتىمەيدۇ، پەقەت مەلۇم بىر ھەرىپ سىستىمىسىنىڭ ئورنىغا يەنى بىر ھەرىپ سىستىمىسى ئالماشتۇرۇپ قوللىنىدۇ، يەنى بىر ئىلىپبەلىك يىزىق يەنە بىر ئىلىپبەلىك يىزىققا ئۆزگەرتىلىدۇ. ھەرىپ سىستىمىسىنىڭ ئالماشتۇرلىشى يىزىق ئىسلاھاتى تارىخىدا كۆپ كۆرىلىدىغان ئەھۋال. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا ئىلگىرى كىيىن بولوپ، سۇغدا يىزىقى، تۈرۈك رونىك يىزىقى، قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقى ۋە ئەرەپ ھەرىپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يىزىقى قاتارلىقلارنى بىرىنىڭ ئورىنىغا بىرنى ئالماشتۇرۇپ قوللانغان. مانا بۇ ھەرىپ سىستىمىسىنى ئالماشتۇرۇش دەپ ئاتىلىدۇ.
32) تارىختا ھەرىپ سىتىمىسىنى ئالماشتۇرۇش كۆپىنچە ئوخشاش بولمىغان دىنلارنىڭ تارقىلىشى ياكى دىنىي ئىتقادنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن موناسىۋەتلىك بولغان.
33) ئەسلىدىكى يىزىق ئاساسىدا ئىسلاھ قىلىش
34) ئەسلىدىكى يىزىق ئاساسىدا ئىسلاھ قىلىش قوللىنىۋاتقان يىزىقنى ياخشىلاش تۈزىتىش ۋە تولوقلاش ئارقىلىق ئۇنى تىخىمۇ قولايلىق، تىخىمۇ ئىل،ع يىزىق قىلىپ چىقىشنى كۆرسىتىدۇ بۇ خىل ئۇسۇلمۇ يىزىق ئىسلاھ قىلىش تارىخىدا كۆپ قوللىنىدىغان تىپلارنىڭ بىرى.
35) 2§. يىزىق ئۆزگەرتىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى
36) قوللىنىۋاتقان يىزىق ئىجتىمائى تەرەققىياتنىڭ تەلىپىگە، ئالاقە ئھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشالماي قالغان چاغدا ياكى جەمئىيەت يىزىقنىڭ ئورىنغا باشقا بىر خىل يىزىق سىستىمىسىنى ،ياكى ھەرىپ سىستىمىسىنى قوللىنىشىنى تەلەپ قىلغان چاغدا ۋە ياكى بەلگىلىك ئىجتىمائى، تارىخي شارائىت ياكى باشقا ئەھۋال ئاستىدا، ئىشلىتىلىۋاتقان يىزىقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر سىتىمىدىكى يىزىقنى ياكى ھەرىپ سىستىمىسىنى قوللىنىشقا بولىدۇ.
37) يىزىق ئۆزگەرتىشنىڭ مومكىنچىلىكىنى تۆۋەندىكى نوقتىلاردىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ:
38) 1( يىزىقنى ئۆزگەرتكەنلىك تىلنى ئۆزەەرتكەنلىك بولمايدۇ. چۈنكى، يىزىق بىلەن تىلنىڭ موناسىۋىتى ناھايىتى زىچ، لىكىن ئۇلار بىر نەرسە ئەمەس. تىل ئىنسانلارنىڭ پىكىر قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە بىر بىرنى چۈشىنىشتىكى ئەڭ موھىم ئالاقە قورالى. يىزىق بولسا، تىلنى خاتىرلەش ئارقىلىق تىلنىڭ ئالاقە ۋاستىچىلىق رولىنى كىڭەيتىدىغان ياردەمچى ۋاستە. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تىل تەپەككۇر بىلەن بىۋاستە باغلىنىشلىق بولىدۇ، يىزىق تەپەككۇر بىلەن بىۋاستە ئەمەس، بەلكى تىلنى خاتىرلەش ۋاستىسى بىلەن باغلىنىدۇ. شۇڭا يىزىق ئىسلاھ قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇش مومكىنچىلىكى بار.
39) 2(كىشىلەرنىڭ تىلغا ئادەتلىنىش دەرىجىسى بىلەن يىزىققا ئادەتلىنىش دەرىجىسى ئوخشاشمايدۇ .ھەر بىر كىشى كىچىكىدىن تارتىپلا تىلنى ئۇگنىشكە باشلايىدۇ ۋە ئۇگەنگەن شۇ تىل موھىتقا پۇتۇنلەي ئادەتلىنىپ كىتىدو .مەلوم بىر تىل ئىجتىمايى كولىكتىپنى بىر خىل تىلغا ئوزاق تارىىخى تەرەققىيات جەريانىدا ئادەتلىنىپ كەتكەندىن كىيىن ،ئۇنى باشقا بىر خىل تىلغا ئوزگەرتىشمو ئىنتايىن قىيىن ،ھەتتا مومكىنچىلىكمو ئىنتايىن ئاز .ئونىڭ ئۇستىگە مەلوم بىر ئىجتىمايى كوللىكتىپ ئۇچۇن ئورتاق ئالاقە ۋاستىسى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئىكەن ،ئونى باشقا بىر خىل تىلغا ئوزگەرتىشنىڭ پوتۇن جەمىيەت ئەزالىرى ئۇچۇن ھىچقانداق زۇرۇريتى يوق لىكىن كىشىلەرنىڭ يىزىققا ئادەتلىنىش دەرىجىسى ئانچە كۇچلۇك ئەمەس .چۇنكى بىر تىلنى ئۇگىنىشتىن ئۇنىڭ يىزىقنى ئۇگىنىش كوپ ئاسان .ئۇنىڭ ئۇستىگە كىشىلەر يىزىقنى ھەر ۋاقىت ،ھەر دايىم ئىشلىتىپ ئولتورمايدو ،ھەتتايىزىقنى بىلمىسىمو ،ئوز ئارا ئالاقىلىشالايدۇ.دىمەك كىشىلەرنىڭ تىلغا ئادەتلىنش دەرىجسى بىلەن يىزىققا ئادەتلىنىش دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا كىشىلەنىڭ شۇڭا كىشىلەر قوللىنىۋاتقان يىزىقنى تاشلاپ، باشقا يىزىقنى قوللىنىشى ۋە ئۇنىڭغا ئادەتلىنىپ كىتىشى تامامەن مومكىن.
40) 3( تىلنى كىشىلەر سوبىكتىپ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئۆزگەرتىۋىتەلمەيدۇ، تىلنىڭ تەرەقىياتى تەدىرىجى ۋە ئاستا ئاستا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۆزگىرىشى كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە بىقىنمايدۇ. لىكىن يىزىقى بولسا ، كىشىلەر سوبىكتىپ تىرىشچانلىققا تايىنىپ ئىجاد قىلالايدۇ ۋە بىر يىزىقنى تاشلاپ يەنە بىر يىزىققا كۆچەلەيدۇ. ئۇنى مائارىپتا ئوقوتوش ئارقىلىق پۈتۈن جەمىئەتكە كىڭەيتكىلى ۋە ئوموملاشتۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا يىزىقنى جەمىئىيەتنىڭ ئھتىياجىغا ئاساسەن ئىسلاھ قلىشقا ياكى باشقا بىر خىلدىكى يىزىققا ئالماشتۇرۇشقا تامامەن بولىدۇ.
41) 3§ . يىزىق ئۆزگەرتىشتە ئاساسلىنىدىغان تۈپ پىرىنسىپلار
42) يىزىق ئۆزگەر تىشتە ئاساسلىنىدىغان تۈپ پىرىنسىپلار تۆۋەندىكىچە:
43) )1( يىڭىدىن قوللانماقچى بولغان يىزىق شۇ تىلنىڭ فۇنىما سىستىمىسىنى تۇغرا ھەم تولوق ئىپادىلەپ بىرەلەمدۇ يوق؟بۇنى ئىلمى ئاساستا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ئايدىڭلاشتۇرۇش كىرەك.ئەگەربۇ يىڭى يىزىق شۇ كونكىرىت تىلنىڭ فونىما سىستىمىسىنى توغرا ھەم تولۇق ئىپادىلەپ بىرەلەيدىغان بولسا،ئۇيىزىقنى قوبۇلقىلىشقا بولىدۇ.بذ،يىڭى يىزىقنى قوبۇل قىلىشنىڭ مۇھىم ھەم ئاساسى شەرتىدۇر.
44) 2(قوبۇل قىلماقچى بولغان يىزىقنىڭ مائارىپتا قانداق قىممىتى بار؟يەنى ئۇتىل،يىزىق ئۈگىنىشتە،ئوقۇ_ئوقۇتۇش جەھەتتە زادى قانچىقىك دەرىجىدە قولايلىق؟مانا مۇشۇ مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كىرەك.قوبۇلقىلماقچى بولغان يىزىق ساۋاتسىزلىقنى يۇيۇشتا ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇشى،مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇشى،تىل_يىزىق ئۆگىنىش ھەم ئوقۇ_ئوقۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوڭاي ھەم قولايلىق بولۇشى كىرەك.
(قوبۇل قىلماقچى بولغان يىزىق زامانىۋى باسما ئۈسكۈنە_تىخنىكىلىرىنى قوللىنىشقا تولۇق ئىمكانىيەت بىرىشى لازىم.
قوبۇل قىلماقچى بولغان يىزىقنى قوللانغاندا،قانداق سىياسى خاھىش،يۆنىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى ئۈستىدىمۇ ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىش كىرەك.
دىمەك،قوبۇل قىلماقچى بولغان يىزىق ئەمەلىيەتتە قوللىنىۋاتقان يىزىققا قارغاندا،يۇقىرىقى جەھەتلەردىن ھەقىقەتەن روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە بولغاندىلا،ئاندىن ئۇنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ.
9-باب ئىملاقائىدىسى ۋە تەلەپپۇز قائىدىسى
1§.ئىملا قائىدىسى ۋە ئۇنىڭ رولى
مەلۇم بىر ئەدەبى تىل ئارقىلىق ئالاقە قىلىدىغان ئىجتىمائى كوللىكتىپنىڭ توغرا يىزىشىنى تەمىن ئىتىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ يىزىق تىلىدا ئورتاق ئەمەل قىلىشى زۆرۈر بولغان قائىدىلەر سىسىتىمىى ئىملا قائىدىسى دىيىلىدۇ . ئىملا قائىدىسى ئادەتتە تۇغرا يىزىش قائىدىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ .
ئىملا قائىدىسى مەلوم بىر يىزىقنى قوللانغۇچى ئىجتىمائى كوللىكتىپ )مىللەت ( نىڭ مەدىنىيەت تەرەققىياتدا مۇكەممەللەشكەن يىزىقى بىلەن زىچ موناسىۋەتلىك بولوپ، شۇ مىللەتنىڭ كۈدىلىك تۇرمىشدا، مەدىنىيەت، مائارىپ، پەن تىخىنىكا ، ئاخپارات، نەشىريات ئىشلىرىدا يىزىق تىلنىڭ توغرا قوللونىشىغا يىتەكچىلىك قىلىدىغان شۇنداقلا ئەدەبى تىلنىڭ قىلىپلىششىشى ۋە ئوموملىشىشىدا تۈرتكۈلۈك رول ئوينايدىغان مۇھىم ۋاستەدۇر.
ئىملا قائىدىسى مەلوم بىر تىلنىڭ يىزىق شەكلىنى قىلىپلاشتۇرۇش مەخسىتىدە تۈزىلىدۇ. ئۇ يىزىق تىلى بىلەن جانلىق تىل ئوتتورسىدا نازارەتچىلىك رولىنى ئويناپ، ئۇلار ئارىسىدىكى پەرىقلەرنى كىچىكلىتىدۇ. شۇ تىلنى قوللانغۇچ ئىجتىمائى كوللىكتىپ دائرسىدە ئوموميۈزلۈك يولغا قويولغان ۋە بىردەك ئىتىراپ قىلىنغان ئىملا قائىدىسى بولمىغان ئەھۋالدا، بىرلىككە كەلگەن، قىلىپلاشتۇرۇلغان ۋە مۇكەممەل بولغان ئەدىبىي تىلنىڭ بولىشىدىن ئىغىز ئىچىش تەس. چۈنكى، جەمئيەت تەرەققىياتى ھامان تىل تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، لىكىن تىلنىڭ ھەر قايسى تەركىبى قىسىملىرىنىڭ تەرەققىياتى تەكشى بولمايدۇ. بۇ خىل تەكشىسىزلىكنىڭ تەڭپۇڭلىققا ئىرششى جەريانىدىكى زىدىيەتلەر ۋە جۇغراپىيىلىك شارائىتلار تۈپەيلىدىن تىلدا مەلۇم پەرىقلەرگە ئىگە بولغان دىئالىكىت ۋە شىۋىلەر پەيدا بولىدۇ. ئۇلار ئوتتورسىدىكى پەرىقنى پەقەت ئىملا قائىدىسى ئارقىلىق ئازايتقىلى ۋە بىرلىككە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
ھازىر قوللىنىۋاتقان ئىملا قائىدىسى بۇرۇن تۈزۈلگەن بىر قانچە قىتىملىق ئىملا قائىدىلىرنى سىستىمىلىق ئۈگۈنۈش، تۈزتۈش، تولوقلاش، تەلەپپۇز قائىدىسى بىلەن سىلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش، تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ئاساسىدا 1995 يىلى تۈزۇپ چىقىلغان. بۇ قىتىمقى ئىملا قائىدىسىنى تۈزۈشتە، مەلوم دىئالىكىت ياكى شىۋىنىڭ تىل ئادىتى نوختىسىدىن ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تىلىنڭ تەرەققىيات يۈنىلشى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبى تىلنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغان مەركىزى دىئالىكىت، يىتەكچى تەلەپپۇز ئۆلچىمى، قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغىچە بولغان تارىخى تەرەققىيات جەريانى تولوق نەزەرگە ئىلىنغان، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەمىلىيتىگە ئۇيغۇن بولمىغان قائىدىلەر ئۆزگەرتىلگەن .
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبى تىلنىڭ ئىملا قائىدىسى:ھەرىپ شەكىللىرى ۋە يىزىش ئۇسۇللىرى؛ سوزوق ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئۆز ئارا ماسلىششى، نۇتۇق ئىقىمىدا كۆرۈلىدىغان تاۋۇش ئۆزگىرىش ھادىسىلىرى ۋە ئۇنى يىزىقتا قانداق ئىپادىلەش مەسىلىسى بوغوم كۆچۈرۈش قائىدىسى؛ تۈپ سۆز، ياسالما سۆز ياردەمچى سۆز قاتارلىقلارنى ئايرىپ يىزىش، قوشوپ يىزىش ۋە قىسقارتىپ يىزىش قائىدىلىرى، چەت ئەل تىللىرىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى؛ قوشومچىلارنىڭ ئىملاسى؛ تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇنى قوللىنىش پىرىنسىپلىرى؛ مەتبۇئاتچىلىقتا ئەمەل قىلىشقا تىگىشلىك بىر يۈرۈش قائىدىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بىر مىللەت ئىملا قائىدىسىنىڭ ئىلمى ھەم مۇكەممەل بولوش _ بولماسلىقى ھەمدە شۇ مىللەتنىڭ ئۆزى قوللىنىۋاتقان ئىملا قائىدىسىگە ئەمەل قىلىش دەرىجىسىنىڭ قانداقلىلقى، شۇ مىللەت پەن مەدىنىيەت سەۋىيىسىنىڭ قانداقىلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ.شۇڭا تىلىمىزنىڭ ئىملا قائىدىسىنىڭ ئىلمى، موكەممەل بولىشى ۋە ئۇنىڭ ئوموملىشىپ ئەمەلىي ئىجىرا قىلىنىشى ئۈچۈن بىردەك كۈچ چىقىرىشىمىز كىرەك.
ئىملا قائىدىسىنى تۈزۈشنىڭ پىرىنسىپلىرى:
ھەر قانداق بىر ئىلىپبەلىك يىزىقنىڭ ئىملا قائىدىسى موئەييەن پىرىنسىپنىڭ يىتەكچىلىكىدە تۈزىلىدۇ. ئىلىپبەلى يىزىقلاردا ئىملا قائىدىسىنى تۈزۈشتە، فۇنتىكىلىق پىرىنسىپ، مورفۇلۇگىيىلىك پىرىنسىپ، تارىخى پىرىنسىپ ۋە ئايرىش پىرىنسىپى قاتارلىق پىرىنسىپلارنىڭ بىر_ئىككىسى يىتەكچى پىرىنسىپ قىلىنىدۇ.
1) فۇنتىكىلىق پىرىنسىپ
فۇنتىكىلىق پىرىنسىپ دىگىنىمىز، سۆز ۋە ئۇلارنىڭ قوشومچىلىرى جانىلىەق تىلدا قانداق تەلەپپۇز قىلىنسا، يىزىقتا ئىلىپبەدىكى ھەرىپلەر يار بەرگەن دائىردە تەلەپپۇز قىلغىنى بىلەن ئوخشاش يىىزىش دىمەكتۇر. يەنى سۆز تەركىبىدىكى تاۋۇشلارنىڭ يىزىقتا تەلەپپۇز قىلىنغىنىغا ئوخشاش ئىپادىلىنىشى فۇنتىكىلىق پىرىنسىپ دەپ ئاتىلىدۇ.
مەسىلەن:‹‹ ئازاب، ئىنقىلاب، تەنقىد، ئىجا›› قاتارلىق سۆزلەرگە ئەدەىبى جانلىق تىلىمىزدا« ئازاب_ ئازاۋى، ئىنقىلاب_ ئىنقىلاۋىي، تەنقىد_ تەنقىدى »،دەپ تەلەپپۇز قىلىنسا، يىزىقتىمۇ شۇنداق يىزىش« تاغ، ئەگ، ياتاق؛» قاتارلىق سۆزلەرگە قوشومچە ئۇلىغاندا، جانلىق تىلدا«تاققا، ئەككەن، ياتىغى » بولغان بولسا، يىىزىقتا شۇنداق يىزىش؛«شامالباغ، مارالبىشى » قاتارلىق سۆزلەنى «شامالۋاغ، مارالۋىشى» قىلىپ يىزىش قاتارلىقارنىڭ ھەممىسى فۇنتىكىلىق پىرىنسىپقا ئاساسەن ئىپادىلىگەنلىك بولىدۇ.
2) مورفۇلوگىيىلىك پىرىنسىپ
مورفۇلوگىيىلىك پىرىنسىپ دىگىنىمىز، سۆزنىڭ جانلىق تىلدىكى تەلەپپۇزىنى ئاساس قىلماي، سۆزنىڭ مورفۇلۇگىيىلىك قۇرۇلمىسىنى ئاساس قىلىپ، سۆزنىڭ يىلتىزىنى ئۆزگەرتمەستىن يىزىش پىرىنسىپى دىمەكتۇر. يەنى سۆزدىكى مەنىلىك بۆلەكلارنىڭ ئىيتىلىشى ۋە ئاڭلىنىشىنى ئاساس قىلماي، بەلكى سۆزنىڭ مورفۇلۇگىيىلىك تۈزۈلىشى سۆز يىلتىزى، تومورى ۋە قوشومچىلارنىڭ موقىم شەكلىنى ئساس قىلىپ، جانلىق تىلدا قانداق ئىيتىلىشىدىن قەتئىنەزەر، ئىملادا بىر خىل يىزىش پىرىنسىپىدۇر. مەسىلەن؛ئازاب_ ئازابى، ئىنقىلاب _ ئىنقىلابى، تەنقىد _ تەنقىدى، ئىجاد _ ئىجادى، تاغ_ تاغقا، ئەگ _ ئەگكەن ، ياتاق _ ياتىقى .
شۇنىڭدەك ، ئىگىلىك كىلىش قوشومچىسىنىڭ جانلىق تىلىمىزدا«كىتابنىڭ، قولنۇڭ، كۆزنۈك » دىگەندەك ئۈچ خىل ئىيتىلىشى بولسىمو، ئىملادا بارلىق سۆزلەردە بىر خىللا «نىڭ» قىلىپ يىزىلىشى مورفۇلۇگىيىلىك پىرىنسىپقا ئاساسلانغانلىق بولىدۇ.
3)تارىخى پىرىنسىپ
تىلنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەرەققىياتى جەريانىدا، سۆزلەرنىڭ ئۇزاق ۋاقىتىن بىرى مەلۇم بىر شەكىلدە قىلىپلىشىپ قىلىشى ۋە شۇنداق يىزىلىشىغا قارتىپ ئىيتىلغان . بۇ پىرىنسىپ بويىچە بەزى سۆزلەرنىڭ دەسلەپكى شەكلى، ئەسلى فۇنتىكىلىق تەركىبى ساقلانماسلىقى مومكىن . مەسىلەن، ئورون +ظا= ئورنا)ئورنا ئەمەس(، باغاق ) بار+ غاق( ، بۆك ) بۆرك(، پايپاق ) پايپاپ (، يامغۇر )ياغمۇر( قىلىپ يىزىش تارىخى پىرىنسىپقا ئاساسلانغانلىق بولىدۇ.
4) ئايرىش پىرىنسىپى
تىل تەرەققىيات جەيانىدا، ئايرىم سۆلەرنىڭ مەنىسى كىڭىيىپ، ئەسلىدىكى بىر سۆز كىيىن بىر ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان بىر قانچە سۆز بولوپ قىلىشى مومكىن . تىل ئەمىلىيىتىدە مەنە جەھەتتىن ئايرىلغان مۇنداق سۆزلەرنى يىزىقتا پەرىقلەندۈرۈپ يزىشقا توغرا كىلىدۇ. دىمەك، مەنە جەھەتتىن ئايرىلغان سۆزلەرنىڭ يىزىقتىكى شەكلىنى پەرىقلەندۈرۈپ يىزىش _ ئايرىش پىرىنسىپى دىيىلىدۇ. مەسىلەن: 1 ئەتىۋار_ ئەتىۋار بالا، ئەتىۋارلىماق ئىتىبار _ ئىتىبا بەرمەك، ئىتىبارغا ئالماق.
پىئىل_ سۆز تۈركىمىنىڭ بىرى _ پەيلى يامان، خۇي _ پەيلى.
خاتىر _ خاتىرجەم، يۈز خاتىر. خاتىرە_ خاتىرە دەپتەر، خاتىرسى ناچار.
(خازان _ خازان پەسلى. غازاڭ _ قۇرغان يۇپۇرماق .
ئوچۇق _ ھاۋا ئوچۇق، ئوچۇق كۆڭۆل . ئىچىق _ ئىرىقنىڭ ئىچىقى....
قاتارلىق سۆلەرنىڭ ھەر بىر جۈپى ئىتىمولوگىيە جەھەتتىن ئالغاندا گەرچە بىر سۆز بولسىمۇ، تارىخي تەرەققىيات جەريانىدا فۇنتىكىلىق ئۆزگىرىش ياساپ، شەكىل جەھەتتىن ئالغاندا گەرچە بىر سۆز بولسىمۇ، تارىخي تەەققىيات نەتىجىسىدە فۇنتىكىلىق ئۆزگىرىش ياساپ، شەكىل جەھەتتىن ئىككى سۆزلۈك تۈس ئىىلىپلا قالماي، مەنە جەھەتتىمۇ ئايرىلىپ كەتكەن . مەنە جەھەتتىن ئايرىلغان بۇ خىل سۆزلەرنى ئىملا پەرىقلەندۈرۈپ يىزىش ئايرىش پىرىنسىپىغا ئاساسلانغانلىق بولىدۇ.
دىمەك، بۇ قىتىم1986- يىلى تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىسىدە مورفۇلىگىيىلىك پىرىنسىپ ئاساسى ئورونغا قويولغان بولوپ، سۆز لەرنىڭ تۇراقلىق شەكلى ۋا تۈرلىنىش قائىدىلىرى مورفۇلوگىيىلىك پىرىنسىپ ئاساسدا بىكىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تارىخي پىرىنسىپ بىلەن فۇنتىكىلىق پىرىنسىپقا ئايرىش پىرىنسىپىغىمۇ موۋاپىق ئىتىبار بىرىلگەن.
2§. تەلەپپۇز قائىدىسى
ئەدەبىي تىلنىڭ دىئالىكىتلاردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان موھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئەدەبىىي تىل مەلۇم بىر دىئالىكىتنى يىتەكچى قىلىپ ئىلمى يۇسۇندا قىلىپلاشتۇرۇلغان بولىدۇ. ئەدەبىي تىلنى قىلىپلاشتۇرش بىر تىلنىڭ ئاغزاكى شەكلى بىلەن يىزىق شەكلىنى قىلىپلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىملا قائىدىسى بىر تىلنىڭ يىزىق شەكلىنى قىلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلسە، تەلەپپۇز قائىدىسى بىر تىلنىڭ ئاغزاكى شەكلىنى قىلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزىلىدۇ. تىلدا ئالاقە شارائىتىنىڭ ۋە ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تىلنى بۇ ئىكى جەھەتتىن قىلىپلاشتۇرشنىڭ زۆرۆرلىكىنى بەلگىلىگەن.
ئىغىز تىلى شەكلىنى قىلىپلاشتۇرش _ مەلۇم بىر تىلنىڭ سۆز ئىبارىلىرىنى، گىرامماتىكىلىق شەكىللىرىنى ۋە جۈمىلىدىكى باغلىنىشلارنى تۇغرا تەلەپپۇز قىلىش نورمىلىرىنىڭ بىكىتىلگەنلىكىدە ، يەنى تەلەپپۇز قائىدىسىدە كونكىرت ئىپادىلىنىدۇ.
مەلوم بىر ئەدەبئى تىل ئارقىلىق ئالاقە قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ توغرا تەلەپپۇز قىلىشنى تەمىن ئىتىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئاغزاكى نۇتۇققا ئورتاق ئەمەل قىلىشى زۆرۆر بولغان قائىدىلەر سىستىمىسى تەلەپبۇز قائىدىسى دىيىلىدۇ. تەلەپپۇز قائىدىسى ئادەتتە«توغرا سۆزلەش قائىدىسى» دەپمو ئاتىلىدۇ.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسى _ ئۇيغۇر تىلىنى توغرا سۆزلەش، ئۆلچەملىك تەلەپپۇز قىلىش قائىدىسى دىگەنلىكتۇر. ،يەنى ئويغۇر تىلدا سۈزلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ توغرا تەلەپپۇز قىلىشنى قىلىشنى تەمىن ئىتىدىغان ۋەئۇلارنىڭ ئاغزاكى نوتوقتا ئورتاق ئەمەل قىلىشى زۇرۇر بولغان قائىدىلەر سىستىمىسىدۇر .
تەلەپپۇز قائىدىسى ئەدىبى تىل ئولچەملىرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى.موكەممەل بولغان تەلەپپۇز قائىدىسى ئەدەبى تەلەپپوز قائىدىلىرىگە مواپىق كەلمىگەن ئايرىم خوسۇسىي ھادىسلەردىن ،يەرلىك دئىالىكىت ياكى شىۋىگە خاس ئامىللاردىن خالى بولغان ھالدا تۈزىلىدۇ ۋە ئەدەبى تىلنىڭ ئاغزاكى شەكلىنى مەلوم بىر ئۆلچەملىك تەلەپپۇز ئاساسىدا تخخىمۇ بىرللىككە كەلتۈرۈش ۋە قىلىپلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. شۇڭا تەلەپپۇز قائىدىسىنى ئوموملاشتۇرۇش ئەدەبى تىلىمىزنى قىلىپلاشتۇرۇش، مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشتە موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ.
3ئۆلچەملىك تەلەپپۇز
مەلوم بىر ئەدەبى تىلدا ئالاقە قىلىدىغان كىشىلەر ) مىللەت ( نىڭ ئاغزاكى تىلىدا ئۆلگىلىك رول ئوينىيالايدۇ، بىررايۇنىڭ تەلەپپۇزى ئۆلچەملىك تەلەپپۇز دىيىلىدۇ. ئۆلچەملىك تەلەپپۇز ئەدەبى تەلەپپۇزنىڭ ئاساسى بولوپ، ئەدەبى تەلەپپۇزنىڭ شەكىللىنىشىدە موھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا، مەلوم بىر تىلنىڭ ئۆلچەملىك تەلەپپۇز رايۇننى بىكىتمەي تۇرۇپ ئەدەبى تەلەپپۇزنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش مومكىن ئەمەس. ئۆلچەملىك تەلەپپۇز بىكىتىش كىشىلەرنىڭ سوبىكتىپ ئارزۇسىغا بىقىنماستىن، بەلكى ئوبىكتىپ شەرت شارائىتلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنڭ ئۆلچەملىك تەلەپپۇزى
ئۆرۈمچى تەلەپپۇزى دەپ موقىملاشتۇرۇلغان .چۈنكى، بىرىنچىدىن، ئۈرۈمچى شىۋىسى مەركىزى دىئالىكتقا تەۋە بولوپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبى تىلنىڭ شەكىلىنىشىدە موھىم رول ئوينىغان شىۋىلەرنىڭ بىرى ھىسابلىندۇ. ئىككىنچىدىن، ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئىتىبارەن ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئۈرۈمچى رايۇنغا توپلىنىشى ئارقىلىق ھەر قايسى يەرلىك دىئالىكىت ۋە شىۋىلەرنىڭ موۋاپىق ئالاھىدىلىكلىرى يىغىنچاقلىنىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبى جانلىق تىلىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغاب بىر تەلەپپۇز ئادىتى شەكىللەنگەن. ئۈچىىنچىدىن ، ئۈرۈمچى يىقىنقى بىر ئەسىردىن بۇيان ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ سىياسى، ئىختىساتى ۋە پەن مەدەنىيەت مەركىزى بولوپ كەلدى. بولوپمۇ كىيىنكى يىرىم ئەسىردىن ئىتبارەن بۇ رايۇندا پەن_ مەدەنىيەت ،مائارىپ ئىشلىرى كۈن سايىن گۈللىنىپ ، كىنىو، تىياتىر، رادئىو _ تىلىۋىزىيە ۋە نەشىرياتچىلىق ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ھەر دەرىجىلىك مەكتەپ ۋە پەن _ تەتقىقات ئورونلىرى ھەسسىلەپ كۆپەيدى. مانا بۇ تارىخى ، ئىجتىمائى شەرت شارائىتلار ئۈرۈمچى تەلەپپۇزىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبى تىلنىڭ ئۆلچەملىك تەلەپپۇزى بولوش سالايىتىگە ئىگە قىلغان. ئۆلچەملىك تەلەپپۇز بىكىتىلگەندىن كىيىن، شۇ ئاساستا ئەدەبى تەلەپپۇزنى تىخىمۇ قىلىپلاشتۇرۇپ ۋە ئوموملاشتۇرۇش دىئالىكىتلار ئوتتورسىدىكى پەرىقلەرنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
ئورتاق ئەدەبى تىلنى قىلىپلاشتۇرۇش شۇ تىلنىڭ ئىملاسى بىلەن تەلەپپۇزنى قىلىپلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەلوم بىر تىلنىڭ ئاغزاكى شەكىلنى قىلىپلاشتۇرپ شۇ تىلغا موۋاپىق كىلىدىغان تەلەپپۇز قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقىش زۈرۈر. تەلەپپۇز قائىدىسىمۇ بەلگىلىك پىرىنسىپنىڭ يىتەكچىلىكىدە تۈزىلىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبى تىلنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسىنى تۈزۈشتە تۆۋەندىكىدەك پىرىنسىپلار ئاساس قىلىنغان:
ئومومىي جەھەتتىن ئەدەبىي تەلەپپۇزنىڭ يىزىق تىلى نورمىلىرىنى ئۆلچەم قىلىشى،يەنى يىزىق تىلى بىلەن بىردەك بۇلىشنى تەكىتلەپ. گەرچە ئەدەبىي يىزىق تىلىنى جانلىق تىل ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولسىمۇ، لىكىن ئۇ شەكىللىنىپ بولغاندىن كىيىن يىزىقنىڭ چەكلەش رولى ئارقىلىق جانلىق تىلغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇنىڭ نورمىلىرىنىڭ بىر قىلىپقا چۈشىشى ئۈچۈن تۈرتكۈلۈك رول ئوينايدۇ. ئەگەر ئىملا قائدسى بىلەن تەلەپپۇز قائىدىسىنىڭ بىردەك بولىىشى تەكىتلەنمىسە، ئۇلار ئوتتورسدىكى پەرىق چوڭىيىپ كىتىپ، ئوقو_ئوقوتوش، ساۋات چىقىرىش ئىشلىرىغا، ئومومەن، ئىجتىمائى ئالاقەدە مەلۇم قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ نوقتىدىن ئالغاندا، ئەدەبى تەلەپپۇزنىڭ ئىلمى قائىدىسى بىلەن بىر خىلدا بولوشنى تەكىتلەش موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئايرىم ئەھۋاللاردا جانلىق تىلنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىگەىمۇ ئىتىبار بىرىش. مەلوم جەھەتتىن ئالغاندا، جانلىق تىلمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىكلەرگە ئىگە بولىدۇ. يەنى كونكىرت ئالاقە شارائىتىدا، يىزىقتا مەلۇم بەلگىلەر بىلەن ئىپادىلەنمەيدىغان ياكى ئىپادىلەنسىمۇ تەلەپپۇزدىكى راۋانلىق ۋە ئاسانلىقنى قوغلىشىشى زۈرۈرىيىتىدىن يىزلغىنى بىلەن ئوخشىمايدىغان تەلەپپۇز قىلىنىدىغان فۇنتىكىلىق ھادىسىلەرمۇ بولىدۇ.بۇ خىل ئەھۋاللارغا قائىدە بىكىتىشتە يىزىق تىلى بىلەن ئوخشاش بولوشنى تەلەپ قىلغىلى بولمايدۇ.ئەگەر ئۇنداق قىلىنسا جانلىق تىلنىڭ سىلىقلىقى ۋە يىقىملىق بولوشىغا تەسىر يىتىدۇ.
دىمەك ،ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلنىڭ تەلەپپۇزىغا ئائىت قائىدىلەرنى بىكىتىشتە يەنىلا مۇشۇ دەۋىرنىڭ فونتىكىلىق ئالاھىدىلىكى بىلەن نىسپىي مۇقىملىق كۆزدە تۇتۇلغان.ئۇيغۇر تىلى دىئالىكتىلىرى ئارا پەرقلىق بولغان،لىكىن يىزىق تىلى ئۆلچىمى بويىچە تەلەپپۇز قىلىنسىمۇ ،نۇتۇقنىۇڭ راۋانلىقى ۋە يىقىملىق بولوشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغان فونتىكىلىق ھادىسلەردە يىزىق تىلى ئۆلچىمى ئاساس قىلىنغان .مەسلەن ،»ق،ك،پ«تاۋۇشلىرىنىڭ ئىككى سوزوق تاۋۇش ئارلىقىدا »غ،گ،ۋ«تاۋۇشلىرىغا نۆۋەتلەشتۇرۇلمەي ،يىزىلىشى بويىچە تەلەپپۇز قىلىنغىنىغا ئوخشاش .ھەر قايسى دىئالىكىتلاردا ئوخشاش كۆرۈلىدىغان .نۇتۇق ئىقىمىدا فونىمىلارنىڭ ب3ىرىكىشىدىن ھاسىل بولىدىغان تەبىئى فونتىكىلىق ھادىسلەردە يىزىق تىلى ئۆلچىمى ئاساس قىلىنماي ،جانلىق تىلنىڭ ئالاھىدىلىكى نەزەرگە ئىلىنغان.
تەلەپپۇز قائىدسىنىڭ مەزمۇنى
تەلەپپۇز قائىدسى ئىلمى يوسۇندا بىكىتىلگەن مەلۇم بىر ئۆلچەملىك تەلەپپۇزنى ئاساس يىتەكچى قىلىپ تۈزۈلىدۇ. لىكىن ئۇ ئۆزىگە ئاساس قىلغان ئۆلچەملىك تەلەپپۇزنىڭ نەق ئۆزى ئەمەس ،چۇنكى تەلەپپۇز قائدىسى بىر تىلنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنىڭمۇ نەزەرگە ئالغان ھالدا باشقا دىئالىكىت ۋە شىۋىلەردىكى مۇۋاپىق بولغان تەلەپپۇز ئامىللىرىنى قۇبۇل قىلىپ ئۇزىنى تۇلۇقلايدۇ شۇڭا ئۇ تىخىمۇ مۇكەممەل تىخمۇ ئۇمۇمىيلىققا ئىگە دائىرسى كەڭ ،مەزەۇنى مول ۋە ئۇلچەملەشكەن بۇلىدۇ .
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبى تىلنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسى ؛سۇزۇق ۋە ئۇزۇك تاۋۇش فونىمىلىرىنىڭ نۇتۇق ئىقىمىدا كۇرۇلىدىغان ئۇزگىرىش ھادىسلىرىنىڭ تەلەپپۇزدا ئىپادىلنىش ئەھۋاللىرى ؛كىشى ئىسىملىرىنىڭ تەلەپپۇزى؛ بىرىككەن سۆز ياكى بىرىكىپ ئوقۇلۇشى مۇقۇم بولغان سۆز بىرىكمىلىرىدا كۇرىلىدىغان بوغۇم تەۋەلىگىدىكى ئۆزگىرىشىنىڭ تەلەپپۇزىدا ئىپادىلنىش مەسىلىسى ؛ چەتئەل تىللىرىدىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەر تەلەپپۇزى؛ قىسقارتىلما سۆزلەرنى قانداق تەلەپپۇز قىلىش مەسىلىسى ھەم ئۇرغۇ ،ئىنتوناتسىيە قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
تەلەپپۇز قائىدىسى مەزمۇنلىرىنىڭ ئىلمى ۋە مۇكەممەل بۇلۇش _بولماسلىقى ھەمدە ئۇنى قوللانغۇچى ئىجتىمائى كوللكتىپ ئەزالىرىنىڭ تەلەپپۇز ئۆلچىمىگە يىتىش دەرىجىسىنىڭ قانداقلىقى شۇ مىللەت ئىجتىمائى كوللىكتىپنىڭ پەن _مەدەنىيەت سەۋىيسىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان يەنە بىر مۇھىم ئامىل ھىساپلىنىدۇ .
شۇڭا بىز تەلەپپۇز قائىدىسنى ئۆگىنىشىمىز ،تەشۋىق قىلىشىمىز ۋە پۈتۇن مىللەت دائىرسىدە ئومۇملاشتۇشقا تىرىشىشىمىز كىرەك.
تەكرارلاش سۇئاللىرى :
1) ئىملا قائىدىسى ۋە تەلەپپۇز قائىدىسى دىگەن نىمە؟
2) ئۇلارنىڭ قانداق رولى بار؟
3) ئىملا قائىدىسى تۈزۈشنىڭ پىرىنسىپى نىمە؟
4) تەلەپپۇز قائىدىسى تۈزۈشنىڭ پىرىنسىپى نىمە؟
5) ئۆلچەملىك تەلەپپۇز دىگەن نىمە؟
6) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسى قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
7)ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى قايسى پرىنسىپلار ئاساسىدا تۈزۈلگەن؟
سەمىمي ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى ماتېرىيال ئۆزەم تەييارلىغان ئەمەس بەلكى ئەينى ۋاقىتتا ئۆزەمنىڭ كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن يىغىپ ساقلاپ قويغان ،ئوقۇتقۇچى بولۇش نىسىپ بولمىدى ،、 ئۇيغۇر مائارىپ سىپىدىكى دوستلارنىڭ پايدىلنىشنى ئۈمۈت قىلىمەن! ھۇقۇقۇمغا دەخلىي يەتتى دەپ قارىسىا ۋاقتىدا يۇيۇۋېتىشكە بۇلىدۇ،ھەم بايقاشتىن باشقا مۇنبەرگە چاپلاشقا بولمايدۇ. |
ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5 تىللا + 2 تۆھپە + 5 باھا خاتىرىسى
|