baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

手机客户端
亲,还没下载论坛手机客户端?跟上潮流做时尚达人。掌中乐趣无处不在,快点下载吧。

كۆرۈش »

جەمئىي مىكروبلوگ 1189 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەھرا 7 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى سۆزلەر گويا جەننەت ،ئاتا-ئانام،يامان سۆزلەر خۇددى دوزاق ياكى ھارام.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 19:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلىمگە ئامراق كىشى ھەركۈنى باھاردىكى يېڭى مايسىلاردەك ئۆسۈپ تۇرىدۇ.كۆڭلى خۇددى باھاردەك ئىللىق

  • خانىدان تۈنۈگۈن 12:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار!

  • 艾尼。艾买提 ئۈلۈشكۈن 12:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    جەمئىيتىمىزدە ئادەم شەكىلگە كىرۋالغانلار خېلى كۇپتەك قىلامدۇ نىمە ؟

  • مەرىپەت 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئادەم بول!...لېكىن... ئادەم شەكلىگە كىرىۋالما!

  • دىلكەش 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بايقاش تورىدىكى بارلىق تورداشلار ،بايقاش ئەزاسى دىلكەشتىن سىلەرگە  ئوتلۇق سالام .

  • ئىلغار 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سەھراغا چىقسا ئىشىكىنى تۇنۇمايدۇ،شەھەرگە بارسا دوستىنى (تونۇمايدۇ)

كۆرۈش: 308|ئىنكاس: 2

ياپونىيىلىك باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىنىڭ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ماقا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

186

تېما

3

دوست

3928

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
894 سەر
تىللا
347 دانە
تۆھپە
647 سەر
شۆھرەت
790 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 20:45:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياپونىيىلىك باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىنىڭ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ماقالىسى


ياپونىيىلىك باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىنىڭ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ماقالىسى


بەزىدە مەن ئۆزۈمنى يىغلاڭغۇدەك ھېس قىلىپ قالىمەن، ياخشىراق بىر پارچە شېئىر ئوقۇساممۇ يىغلايمەن، كىشىنى تەسىرلەندۈرگۈدەك بىرەر يازما ئوقۇپ قالساممۇ مىشىلداپ كېتىمەن. ئالدىنقى ھەپتىنىڭ بىر كۈنىدىكى ئەتىگەنلىك ناشتىدا، گېزىتتىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بىر پارچە ياپونىيىلىك باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ماقالىسىنى كۆرۈپ قالدىم. «بۈيۈك ياپونىيە ئوقۇغۇچىلار ئاگېنتلىقى»نىڭ ئەڭ نادىر ئەسەرلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بۇ يەتتە ياشلىق ئوقۇغۇچىنىڭ ماقالىسىدە زادى نېمە يېزىلغاندۇ؟

ماقالىنى ئوقۇپ تۈگەتكىنىمدە، كۆز ياشلىرىم يۈزلىرىمنى يۇيۇۋەتكەن ئىدى.

نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ گېزىتنىڭ باش بېتىدە يەنە مۇنداق سۆزلەرنى ئۇچراتتىم: «باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ماقالىسىدىن تەسىرلىنىش داۋاملاشماقتا» ئەسلىدە ماڭا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان چوڭ كىشىلەرمۇ بۇ ماقالىدىن ماڭا ئوخشاش تەسىرلەنگەنىدى.

تۆۋەندىكىسى ياپونىيە خىروسىما شەھىرىدىكى يەتتە ياشلىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى كاتامايا يازغان ماقالە بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ماقالىسى «بۈيۈك ياپونىيە ئوقۇغۇچىلار ئاگېنتلىقى»نىڭ تۆتىنچى نۆۋەتلىك ماقالە يېزىش مۇسابىقىسىدە نادىر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ماقالىنىڭ نامى «مەن بىلەن دادامنىڭ تاماق قاچىسى» بولۇپ، «بۈيۈك ياپونىيە ئوقۇغۇچىلار ئاگېنتلىقى»نىڭ بۇ قېتىملىق ماقالە يېزىش مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى «تەشەككۈر بىلدۈرۈش» ئىدى.

تۆۋەندىكىسى  كاتامايانىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى:

دادام كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتۈپ كېتىپ ئۈچ يىلدىن كېيىن، مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولدۇم. گەرچە دادام مېنىڭ ھەممە ئىشىمنى بىلىپ تۇرالايدىغان بولسىمۇ، مەنچە بەزى ئىشلارنى يەنىلا دادامغا دەپ قويۇشۇم كېرەك، دەپ ئويلايمەن. مەن دادامنىڭ تاماق قاچىسىنى ئىشلەتتىم. تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ئۇ ئىشنى ئويلىساملا يۈرۈگۈم ھېلىھەم قاتتىق سوقۇپ كېتىدۇ. مېنىڭ تاماق قاچامغا چوكا تەگكەندە بەكمۇ يېقىملىق ئاۋاز چىقىرىدۇ. تۈنۈگۈنكى تامىقىم بەكلا ئالاھىدە ئىدى. گەرچە سائەت ئەمدى 10 بولغان بولسىمۇ، مېنىڭ كاللام يەنىلا چۈشتە يەيدىغان شۇ تامىقىمدا ئىدى.

تۈنۈگۈنكى تامىقىمنى ئالاھىدە دېيىشىمدىكى سەۋەب، چۈنكى مەن دادامنىڭ تاماق قاچىسىنى ئىشلەتكەن ئىدىم. دادام ئۆلۈپ كەتكەن ياقى مەن بەكلا يالغۇز قالدىم، كۆڭلۈم بەك يېرىم ئىدى.

دادام «تەمپۇراخانا»دا (بىر خىل يېمەكلىك ساتىدىغان دۇكان) ئىشلەيتتى. دادام مايدا پىشۇرغان ئۇ «تەمپۇرا» (بىر خىل مايدا پىشۇرۇلىدىغان يېمەكلىك) دۇنيا بويىچە ئەڭ مېزىلىك تەمپۇرا ئىدى. مەن ھەر قېتىم دادامنىڭ يېنىغا بارغىنىمدا، دادام ھەمىشە ماڭا ئوغۇرلۇقچە مېززىلىك تەمپۇرالارنى پىشۇرۇپ بېرەتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا مەن ئۆزلۈگۈمدىن ئۆزۈمنى ئالاھىدە بىر ئادەمدەك ھېس قىلىپ قالاتتىم، چۈنكى مەن ئۇنداق چاغدا بەكلا خۇش بولۇپ كېتەتتىم. شۇنىڭدىن باشلاپ مەن تاماقنى كۆپ يېدىم. تېخى يەنە كاراتى گۇمپىسى (قۇرۇق قول گۇمپىسى)مۇ مەشىق قىلدىم، شۇنداق قىلىپ ئاخىرى ئۆزۈمنىڭ تاماق قاچىسى كىچىك كېلىدىغان بولۇپ قالدى.

«چوڭراق تاماق قاچام بولسا ياخشىتى!» شۇنداق دېيىشىمگىلا ئاپام ئىشكاپتىن دادام ئىشلەتكەن تاماق قاچىسىنى ئېلىپ بەرگەچ: «ساڭا بەك چوڭلۇق قىلىپ قالارمۇ؟» دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرىدا يەنە ئىشلىتىشىمگە قوشۇلدى.

شۇنداق قىلىپ، ئەتىگەندىن باشلاپ چۈشلۈك تاماق ۋاقتىنى تەخىرسىزلەرچە كۈتۈشكە باشلىدىم. مەن چوقۇم تامىقىمنىڭ ھەممىنى يەۋېتىشىم كېرەك. تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن ئۆزۈمنى چوقۇم دادامدەك قامەتلىك ھەم مۇلايىم بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن. دادامنى بەكمۇ سېغىندىم. مانا ھازىرمۇ مۇشۇنداق مېزىلىك تاماقنى دادامنىڭ قاچىسىدا يەيدىغانلىقىمنى ئويلىسام يۈرۈگۈم سوقۇپ كېتىپ بارىدۇ. مۇبادا ئەگەر تەڭرى تىلەك تىلە، دېگەن بولسا، مەن دادام، ئاپا، سىڭلىم بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ بىر قېتىم تاماق يېيىشنى تىلەيتتىم. ئەمما دادام ھازىر ئاسماندا تۇرۇپ بىزنى قوغداۋاتىدۇ، ئۇ ئالدىراش. دادام يوق بەكمۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلساممۇ، ئەمما مەن ئۆيدىكى بىردىنبىر ئوغۇل بالا، شۇڭا مەن دادامنىڭ ئورنىدا ئاپام بىلەن سىڭلىمنى قوغدىشىم كېرەك. مەن دادامنىڭ تاماق قاچىسىدا تاماقنى ياخشى يەپ، ئېگىز ھەم مۇلايىم بىر ئوغۇل بالىغا ئايلىنىمەن. دادا، سىزنىڭ تاماق قاچىڭىزغا رەھمەت!

يۇسران تەرجىمىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەۋسەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-27 20:46  

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
زەپەر + 5 + 5 + 2 + 3بارىكاللار تېرىشىڭ!
تايلاق + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 10 تىللا + 10 تۆھپە + 7 شۆھرەت + 8  باھا خاتىرىسى

يېڭى يىلدا ھەممەيلەننىڭ يېڭى ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن .
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

29

تېما

11

دوست

1732

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
505 سەر
تىللا
109 دانە
تۆھپە
224 سەر
شۆھرەت
245 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 00:29:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن سەبىي، ئىنتايىن چۈچۈك تىل بىلەن يىزىلغان ماقالە ئىكەن، تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
ساڭا ياخشىلىق قىلغانغىمۇ ياخشىلىق قىل،يامانلىق قىلغانغىمۇ ھەم شۇنداق قىل.

529

تېما

26

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6373 سەر
تىللا
2146 دانە
تۆھپە
7106 سەر
شۆھرەت
4954 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 14:28:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ماقالە ئىكەن .يازمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي كەۋسەر ئەپەندىم .
باسقۇچلۇق ئىمتاھانمۇ يېقىنلىشىپ قالغاچقا خىزمەتلەر بەك ئالدىراش بۇلىۋاتىدۇ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-5-11 07:36, Processed in 0.522111 second(s), 44 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش