كۆرۈش: 467|ئىنكاس: 5

تۇنجى ئۇيغۇر ئۇچقۇچىسى-- ئەخمەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                        تۇنجى ئۇيغۇر ئۇچقۇچىسى-- ئەخمەت

    ياڭ زېڭشىن شىنجاڭدا ھۆكۈمرانلىىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە،شىنجاڭ بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەر ئوتتۇرىسىدا ھاۋا يولى ئېچىش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كېيىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى گېرمانىيىدىكى مەشھۇر رونكى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بىلەن ياۋروپا -ئاسىيا ھاۋا يولى ئېچىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان .1929-يىلى بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن،قۇمۇل،ئۈرۈمچى،چۆچەكلەردە ئايرودرۇم ياسالغان.1932-يىلى (مىنگونىڭ 21-يىلى)11-ئاينىڭ 14-كۈنى ،لىۇ سى دېگەن ئۇچقۇچى ھەيدىگەن يونكىر;ماركىلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى سىناق تەرىقىسىدە ئۈرۈمچىگە تۇنجى قېتىم قونغان.
       شۇنىڭدىن كېيىن جىن شۇرېن ئۇچقۇچى تەربىيىلەش مەقسىتىدە شۇ يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۇچقۇچى تەكلىپ قىلىپ،ئاۋىئاتسىيە مەكتىپى قۇرغان. بۇ مەكتەپكە ئۇيغۇرلاردىن خەنزۇچىنى پۇختا بىلىدىغان ئەخمەت(خەنزۇچە ئىسمى يۇئەنجاڭ) ئىسىملىك بىر بالا  قوبۇل قىلىنغان. ئەخمەت ئەسلىدە خوتەنلىك بولۇپ،20-يىللارنىڭ باشلىرىدا دادىسى بىلەن تىجارەت قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەن ۋە ياڭزېڭشىن ئاچقان شۆتاڭدا ئوقۇغان .ئۇ شۇ جەرياندا خەنزۇچە تىل -يېزىقلارنى پۇختا ئىگەللەپلا قالماستىن ،بەلكى شۇ زاماندىكى خەنزۇ ىەتتاتلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئەخمەت ئۇچقۇچىلىققا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ،تېخنىكىنى تىرىشىپ ئۆگەنگەن ۋە 1936-يىلى شىنجاڭ خەلقىنىڭ سۇييۇئەن ئالدىنقى سېپىگە قىلغان ئىئانە -ياردەملىرىنى ئايروپىلان بىلەن لەنجۇغا يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن .
       1938-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى شىنجاڭ ئۇچقۇچىلار ئەترىتىگەئەۋەتكەن 43 كۇرسانتتىن لۇيلىپىڭ (ئەسلى ئىسمى لى ۋەنشەن )باشلىق 25 كىشى ئۇچقۇچىلار سىنىپىغا كىرگەن .لۇي لىپىڭ سىنىپ مۇدىرى بولغان .ئۇيغۇر ئۇچقۇچى ئەخمەت بۇ كۇرسانتلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغان،ئۇلارغا ئۇچقۇچىلىق تېخنىكىسى ۋە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن ھەمدە بۇ ھەقتە دەرس ئۆتكەن .ئۇ يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن (ئاۋىئاتسىيە تېىخنىكىسىدىن دەرس بېرىدىغان ) ئۇچقۇچىلارنىڭ ياردەمچىسى بولغان.1939-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى شىنجاڭ خەلقى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشىئۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە ئىئانە قىلغان شىنجاڭ     ئەخمەتنىڭ ئىقتىدارى ۋە جامائەەت ئىچىدىكى شۆھرىتى شىڭ شىسەينى ئۇنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە مەجبۇر قىلغان .شۇنىڭ بىلەن ئەخمەت توققۇز ئايروپىلان باشقۇرىدىغان ئۇچقۇچىلار  ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان .ھايات شاھىتلارنىڭ ئېيتىشىچە،ئۇ ھەر قېتىم ھاۋاغا  كۆتۈرۈلگەندە ،ئۈرۈمچى ئاسمىنىدا بىر قانچە مىنۇت ماھارەت كۆرسىتتىپ، ئاندىن يولغا راۋان بولىدىكەن .
      1939-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنقى قېتىملىق ھەربىي مانېۋىردا ئەخمەت ناھايىتى يۇقىرى ماھارەت كۆرسەتكەن ،ئۇ، لاچىندەك ئاسمانغا تىك ئۆرلەپ، يەرگە قاراپ شۇڭغۇپ ،يەنە ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەندە،يەردىكى توپىلار قۇيۇن ئۇچقاندەك يەردىن كۆتۈرۈلگەن .بىر دەم جىمجىتلىق باسقان مەيدان ئەخمەتنىڭ ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ ھۇررا ساداسىغا تولغان .  ئەخمەتنىڭ ماھارىتى ،خەلقنىڭ ھۇررا ئالقىشىدىن شىڭ شىسەي قاتتىق چۆچۈگەن ،شۇنىڭ ئەتىسىلا ئەخمەت قاتارلىق بىر قانچە ئىلغار ئۇچقۇچى ;زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتى بار دېگەن باھانە بىلەن قولغا ئېلىنغان .
      ئەخمەت جۇڭگو  كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ،ئۇچقۇچىلىرى بىلەن بىللە 1942-يىلى شىڭشىسەي تۈرمىسىدە يېتىپ ئاخىر پۇت-قولى كىشەنلەنگەن ھالدا ئېغىر ئازاب ئىچىدە ئۆلتۈرۈلگەن.ھازىر ئەخمەتنىڭ رەپىقىسى ۋە پەرزەنتلىرى بار.

    مەنبە: ;شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەر --شىرىپ خۇشتار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-21 15:17  


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-7-21 16:38:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشھال بولدۇم،بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىنمۇ جىڭ شۇرىن،ياڭ زىڭ شىن،شىڭ سىسەيلەر دەۋرىدىمۇ ئۇچقۇچىلار چىققان ئىكەن.ناھايىتى ياخشى تىما يوللاپسىز.
ۋاقتى: 2012-7-21 19:36:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلۋالدۇق. ياخشى تېما  ئىكەن بۇ!!
ۋاقتى: 2012-7-21 22:10:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋالدىم .رەھمەت سىزگە !
ۋاقتى: 2012-7-21 23:16:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىمى بولغان بولسا يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن !
ۋاقتى: 2012-7-22 07:09:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئۇيغۇرلاردىنمۇ ئۆتمۈشتە بۇنداق كىشىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى بىلىۋالدىم.رەھمەت.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش