| تەمسىل_خەلقنىڭ ئۇزاق تارىخى جەريانىدا بېشىدىن كەچۈرگەن تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنى بىۋاستە ئەمەس،بەلكى ۋاستىلىق،كۆچمە مەنىدە ئىپادىلەيدىغان،شىئېرى خۇسۇسىيەتكە ۋە چوڭقۇر تەربىيىۋىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان تۇراقلىق جۈملىلەردۇر. ئىدىئوم_كۆچمە مەنىدىكى تۇراقلىق سۆز بىرىكمىلىرىدۇر. گەرچە،تەمسىل بىلەن ئىدىئوم خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى«تۇراقلىق بىرىكمىلەر» ئائىلىسىدىكى قوشماقلاردىن بولۇپ، مەنە ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىن ئوخشاش شەكىلگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما تاشقى تۈزۈلۈش شەكلى،ئىچكى مەزمۇنى جەھەتتىن كۆپ پەرقلىق. تەمسىل تۇراقلىق جۈملە بولغاچ ،ئۇنىڭغا چوڭقۇر بىر ھېكمەت -پەلسەپەۋىي پىكىر ياپتا شەكىلدە خۇددى ساماننىڭ تېگىدىن سۇ يۈرگۈزگەندەك ئۇسۇلدا ئىپادىلىنىدۇ. ئىدىئومدا بولسا ،ئوي-پىكىر ئەمەس،بەلكى مەلۇم بىر ئۇقۇم كۆچمە مەنىدە يوشۇرۇن ،ئوبرازلىق رەۋىشتە ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ تاشقى تۈزۈلىشى «-ماق،-مەك» شەكىلدە بولىدۇ. ئىاىئوم ئادەتتە، تەسۋىرىي سۆز بىرىكمىسى ھېساپلىنىدۇ. مۇنداقچە ئىيتقاندا،ئىدىئوم ئىنتايىن ئوبرازلىق كۆچمە مەنىلىك تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى بولۇپ،خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ.بۇ جەھەتتىن ئۇ كۆچمە مەنە ئىپادىلەيدىغان بىرىككەن سۆزلەردىن، مېتالۇرادىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. |
|