كۆرۈش: 1018|ئىنكاس: 2

يىڭى تۇغۇلغان قوشكېزەك قىزغا ياردەم قىلايلى ....!!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قېرىنداشلارغا مۇراجەت

يۇسۇپ ئالدىنقى يىلى توي قىلغان بولۇپ ، بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئايالى بالدۇر يەڭگىپ ئىككى قوش كېزەك تۇققان ، بىرى بىركىلو ئالتە يۈز گىرام ، بىرى 900 گىرام چىققان . بۇ بالىلار 3 ئاي بۇرۇن تۇغۇلۇپ قالغان بولغاچقا ھاياتى جىددىي خەۋىپ ئىچىدە قالغان ،  ھازىر بالىلارنىڭ كۈندىلىك داۋالىنىش ھەققى 5 مىڭدىن 6 مىڭ يۈئەنگىچە پۇل كېتىپ بارغان ،  دوختىرنىڭ دىيىشىچە 300 مىڭدىن 400 مىڭغىچە پۇل بولغاندا بۇ قوشكىزەك قىزلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىكەن ، يۈسۈپجاننىڭ ئائىلىسى ئىشچى ئائىلىسى بولۇپ بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ بىشىنى قاتتۇرغان ..

يۈسۈپجان تور ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلاشقاندىن كىيىن  ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان داڭلىق رىياسەتچىلىرىمىزدىن مۇنىرە غوپۇر ۋە شەمسىيە ئەبەيدۇللا قاتارلىقلارنىڭ تەشكىلىشى بىلەن ئاخبارات ۋە سەنئەت ساھەسىدىكىلەر ئاپتونۇم رايونلىق خەلىق دوختىرخانىسىدا يىغىلىپ ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ باردۇق ، ھەمدە نەق پۇلنى يۇسۇپجانغا تاپشۇرۇپ بەردۇق ، يۇسۇپجان تەسىرلەنگەن ھالدا ، بالىلىرى ساقايغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭمۇ ساخاۋەت يولىغا ماڭىدىغانلىقىنى سۆزلەپ  بىزنى قاتتىق تەسىرلەندۇردى ، ھەرقايسى قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئىككى قوشكىزەككە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز......

دادىسى يۇسۇپنىڭ تېلىفۇن نومۇرى :15292457311


تېخىمۇ تەپسىلى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ ئادىرستىن كۆرۈڭ: http://www.tap114.com/yusuf/



baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-7-5 01:41:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ، ئاللا رىسقى بىلەن بەرگەن بولسا چۇقۇم چوڭ بۇلىدۇ، مەنمۇ يۇسۇپجان بىلەن ئوخشاش ئىشقا ئۇچرىغان مىنىڭ ھازىر 2ياشقا كىردى، مەنمۇ بەك ئەنسىرىگەن، ئاللاھ رىسقىنى بەرسە چۇقۇم چوڭ بۇلىدۇ.
ۋاقتى: 2012-7-9 02:50:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىمنى كۆرۈپ بەكمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولدى ئاشۇ نارسىدە بالىلارغا ئىچىم ئاغرىدى .چارىسىز قالغان ئاتا - ئانىلارغا  تەسەللى بەرگۈم كەلدى . ھەم ئاشۇ ساخاۋەتچىلەرگە  ھۆرمىتىم قوزغالدى .  شۇنداق ئويلاپ قالدىم بىزمۇ نىمىشقا بۇ ئاتا - ئانىلارغا ياردەم قىلىپ بۇ قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە ھەل قىلمايمىز . بىزدە « كۈچ بىرلىكتە ، ئىش ئۆملۈكتە» دەيدىغان ماقالا بارغۇ .  قەدىرلىك تورداشلار ھەممىمىز  بۇ نارسىدىلەرگە  ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى  .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش