| تىل-ئەدەبىيات (زۆرۈر دەرسلىك 2-كىتاب) ئىمتىھان ۋاقتى: 100 مىنۇت تولۇق نومۇر: 100 نومۇر I تاللاش سوئالى : تۆۋەندىكى تۆت خىل جاۋاب ئىچىدە پەقەت بىرسىلا سوئال تەلىپىگە ئۇيغۇن ، ماس كېلىدۇ دەپ قارىغان جاۋابنى جاۋاب كارتىسىغا تولدۇرۇڭ . (ھەر بىر تارماق سۇئالغا 2دىن جەمئىي 20 نومۇر ) 1. ‹‹كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكى›› ناملىق ئەسەردىكى ‹‹مەن›› نىڭ مۇسابىداشلىرىنىڭ قولىدىكى مېخانىزاتور ۋە كىتابنىڭ سىمۇۋۇللۇق مەنىسىنى توغرا ئېيتىپ بېرەلىگىنى: A . مېخانىزاتور ـــ قۇرال-ياراققا،كىتاب ــــ تېنچلىققا سىمۇۋۇل قىلىنغان. B . مېخانىزاتور ـــ پەن-تېخنىكىغا،كىتاب ــــ ئىلىم-پەن بىلىملىرىگە سىمۇۋۇل قىلىنغان. C . مېخانىزاتور ـــ يېڭىلىققا،كىتاب ــــ ئەنئەنىۋىيلىككە سىمۇۋۇل قىلىنغان. D . مېخانىزاتور ـــ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىگە،كىتاب ــــ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتكە سىمۇۋۇل قىلىنغان. 2. ‹‹دېڭىز سەپىرى›› ناملىق ئەسەرنى نەسىر دەپ ئاتىشىمىزدىكى سەۋەبنى توغرا ئېيتىپ بېرەلىگىنى: A . بۇ ئەەسەردە ئاپتۇر ھېس-تۇيغۇنى مەنزىرىگە سىڭدۈرۈپ،ئوي-پىكىرنى بايان-تەسۋىر ئارقىلىق ۋاستىلىك ئىپادىلىگەن. B . بۇ ئەسەردە ئاپتۇر ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىر قېتىملىق دېڭىز سەپىرىدە ھېس قىلغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. C . بۇ ئەسەردە ئاپتۇر ئوبرازلىق تىلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئىدىيىۋىي ھېسسىياتىنى بىۋاستە ئىزھار قىلغان. D .بۇ ئەسەردە ئاپتۇر كېمە باشلىقى بىلەن مايمۇننى خاراكتېرىنى سېلىشتۇرۇپ، ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلىگەن. 3. تۆۋەندىكى جۈملىلەردىن ئوخشىتىش قوللىنىلغانلىرىنىڭ تولۇق گۇرۇپپىلانغىنى: ① مايمۇن خۇددى قۇشلارنىڭ سايرىشىدەك ئېچىنىشلىق چېقىرايتتى. ② كېمە باشلىقىنىڭ ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن چىرايىدىن غەمكىنلىك ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. ③ ئۇ بىچارە مەخلۇقنىڭ يېقىن تۇغقانغا ئوخشاش ماڭا يېپىشقانلىقى مېنى خۇشال قىلاتتى. ④ يېڭى تىكىلگەن كۆچەتلەرگە كۇلا پاخالدىن كىيىم كىيدۈرۈلگەنىدى. ⑤ تولۇنئاي دەرىزەمدىن ماراپ تۇراتتى. ⑥ بارلىق ساۋاقداشلار قوشماق مېغىزدەك ئىناق ئۆتىمىز. A . ① ③ ⑤ B . ② ④ ⑥ C . ② ④ ⑤ D . ① ③ ⑥ 4. « ئەر قۇتى بەلىڭ،سۇۋ قۇتى تەرىڭ » دېگەن مىسرالار ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى : A . بۇ كوپلىت ‹‹ئاتىلار سۆزى›› ناملىق شېئىردىن ئېلىنغان. B . بۇ كوپلىتتىكى ‹‹قۇت ›› دېگەن سۆز ـــ بەخت،تەلەي،ئامەت دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.. C . بۇ كوپلېتتا ياۋۇزلۇق ۋە زومىگەرلىك تەنقىد قىلىنىپ،كىشىلەرنى رەھىمدىل بولۇشقا چاقىرغان. D . بۇ كوپلېتتا باتۇرلۇق ۋە قورقماسلىقنىڭ ئىنسان ئۈچۈن مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن. 5. تۆۋەندىكىلەردىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئوتتۇرىغا قويغان يامانلىقنىڭ ئادەمگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزىدىغانلىقىنى ۋە يامانغا يېقىنلاشماسلىقنىڭ لازىملىقى تەكىتلەنگەن كۇپلېت: A . ئۇيات كىمدە بولسا،سىلىق خۇيلۇق ئول، ناچار ئىشقا ھەرگىز سۇنمايدۇ ئۇ قول. B . يامانغا يىقىنلاشما قىلغاي زىيان، يامانلىق چاقار ئۇ بولۇپ بىر يىلان . C . ھەسەت بىر كېسەلدۇر داۋسى ئۇزاق، ئۆزىنى ئۆزى يەپ سىزەر ئۇ ئاداق. D . ھاۋاغا بېرىلمە، ئەقىل بىرلە كەس، تېنىڭ باش كۆتەرسە،بىلىم بىرلە باس. 6. ‹‹ئىنسان جىسمانىي جەھەتتە بىر ھايۋان بولۇپ،ئۇ ‹ئات› قا،مەنىۋىي جەھەتتىن بىر كامالەت مۇمكىنچىلىكىدىكى زات بولۇپ،ئۇنى ‹ئات مىنگەن كىشى› گە تەمسىل قىلىش مۇمكىن›› دېگەن جۈملىدىكى ‹‹ئات›› ۋە ‹‹ئات مىنگەن كىشى›› ئايرىم-ئايرىم ھالدا: A . تەن بىلەن روھقا قارىتىلغان. B . بىلىم بىلەن قابىلىيەتكە قارىتىلغان . C . ئۆز بىلەن باشقىلارغا قارىتىلغان . D . كىتابىي بىلىم بىلەن ئەمەلىي ئىقتىدارغا قارىتىلغان . 7. ‹‹مېنىڭ ئارزۇيۇم›› ناملىق تېكىست ھەققىدە ئېيتىلغان قاراشلاردىن توغرىسىنىڭ تولۇق گۇرۇپپىلانغىنى : ① بۇ تېكىست بىر پارچە نۇتۇق بولۇپ،بۇ نۇتۇق 1963-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى سۆزلەنگەن. ② بۇ نۇتۇقنىڭ ئاپتۇرى 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم -ئېينىشتىيىن. ③ ئاپتۇرنىڭ بۇ نۇتۇقتىكى ئارزۇسى ــــ سىياسىي،مەدەنىيەت،ئىقتىساد قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدۇ. ④ بۇ نۇتۇقتا ئاپتۇر ئادەمنىڭ ئادەم سۈپىتىدە ھۆرمەتلىنىشى،ھەر قانداق ئادەمنىڭ باشقىلار چۇقۇنىدىغان مەبۇد بولۇپ قالماسلىقىنى تەكىتلىگەن. ⑤ ئاپتۇر بۇ نۇتۇقىدا ئۆچمەنلىككە كەڭ قۇرساقلىق،سەۋر-تاقەت ۋە مېھرىبانلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇشنى تەكىتلىگەن. A . ① ② ④ B . ② ③ ⑤ C . ② ④ ⑤ D . ① ③ ⑤ 8. « ئۇرۇق-تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىل،ئۇلارنى ھۆرمەتلە » دېگەن جۈملىدىكى سۆزلەر ھەققىدە ئېيتىلغان قاراشلاردىن توغرىسى: A . بۇ جۈملىدە بىرىككەن سۆزدىن بىرى،جۈپ سۆزدىن بىرى بار. B . بۇ جۈملىدە جۈپ سۆزدىن بىرى بولۇپ، بۇ سۆز ئىسىم سۆز تۈركۈمىگە تەۋە. C . بۇ جۈملىدىكى سۆزلەردە ئەگەشمە مورفىما يوق. D . بۇ جۈملىدىكى ‹‹ياخشىلىق،ئۇلارنى›› دېگەن سۆزلەر ئىسىم سۆز تۈركۈمىگە تەۋە. 9. تۆۋەندىكى جۈملىلەر تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ تۈركۈملىرى ھەققىدە ئېيتىلغان قاراشلاردىن توغرىسى: A . ‹‹ياخشى ئەخلاق راستچىللىق ۋە پاكلىقتۇر›› دېگەن جۈملىدە سۈپەتتىن ئىككىسى،ئىسىمدىن بىرى،ياردەمچى سۆزدىن ئىككىسى بار.. B . ‹‹ئەقىللىق،بىلىملىك ئادەم خەلقنىڭ سەرخىلىدۇر›› دېگەن جۈملىدە ياسالما سۈپەتتىن ئىككىسى،تۈپ ئىسىمدىن بىرى بار. C . « بىزنىڭ سىنىپتىن ئۈچىمىز مۇسابىقىگە قاتناشتۇق » دېگەن جۈملىدىكى سان تۈزۈلۈشى جەھەتتىن ئاددىي سان،بىلدۈرگەن مەنىسى جەھەتتىن ئالماش سان. D .‹‹خويمۇ چىرايلىق كەلدى باھار›› دېگەن جۈملىدىكى سۈپەت تۈپ سۈپەت بولۇپ،ئۇ ئالدىدىكى سۆز بىلەن قوشۇلۇپ ئاشۇرما دەرىجىدىكى سۈپەت بولۇپ كەلگەن. 10. تۆۋەندە ئېيتىلغان قاراشلاردىن خاتاسى : A . ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى دېئالېكتلار:مەركىزىي دېئالېكت،خوتەن دېئالېكتى ۋە لوپنۇر دېئالېكتى دەپ ئۈچ دېئالېكت رايۇنىغا بۆلىنىدۇ. B . ‹‹تۇتېم›› چەت تىلدىن كىرگەن سۆز بولۇپ،ئۇ ‹‹ئۇرۇق،ئەجداد›› دېگەن سۆزدىن كەلگەن،بۇ سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ‹‹تۆز،ئۇران›› دەپ ئاتالغان. C. ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› نىڭ قوليازما نۇسخىسى ھازىر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسىدا ساقلانماقتا. D . ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› 82 باب،6644بېيىتتىن تەركىب تاپقان،مەزمۇنى كۆپ تەرەپكە چېتىلىدىغان قامۇس خاراكتېرلىك داستان. II سوئال بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ ( ھەر بىر بوش ئورۇنغا 1 دىن جەمئىي 10 نومۇر بېرىلىدۇ) 11. ‹‹كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكى›› ناملىق ئەسەردىكى بۇۋاي ‹‹مەن›› گە،‹‹مەن›، ئوغلىغا يەتكۈزگەن چىمەن دوپپا ـــــــــــــــــــــــــــــــ گە سىمۇۋۇل قىلىنغان. 12. ‹‹دېڭىز سەپىرى›› ناملىق ئەسەردىكى ‹‹مەن›› بىلەن مايمۇننىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىگە سەۋەب بولغان ئامىللار: ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ، ــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ، ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 13. ئاتىلار سۆزى›› دىن ئېلىنغان ‹‹ئەردەملىك كىشى ئەردىنى بىرلە تۈز ئول›› دېگەن مىسرادا ـــــــــــــــــــــــــــــــ كىشى ــــــــــــــــــــــــــــــــــــ گە ئوخشىتىلغان. 14. مورفولوگىيە ـــ سۆزلەرنىڭ ـــــــــــــــــــــــــــ ، ـــــــــــــــــــــــــ ۋە ــــــــــــــــــ ھەققىدىكى قائىدىلەرنىڭ يىغىندىسى. 15. ئىسىملارنىڭ چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى ‹‹ -دىن،-تىن›› بولۇپ،چىقىش كېلىشتىكى ئىسىملار جۈملىدە ــــــــــــــــــــــــ ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ. III سوئال : قىسقىچە جاۋاب بېرىش سۇئالى ( جەمئىي 15 نومۇر ) 16.سىز بۇ چارەكتە ‹‹كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكى››،‹‹دېڭىز سەپىرى›› قاتارلىق بىر قانچە ئىپىك نەسىرنى ئۆگەندىڭىز.مۇشۇلارغا ئاساسەن ئىپىك نەسىرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېقىڭ. (4نومۇر) ------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------ 17. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› ناملىق داستانىدىن ئېلىنغان ‹‹ ياخشىلىق ۋە يامانلىق توغرىسىدا›› دېگەن پارچىدا ئاپتۇر قايسى سۈپەتلەرنى يامانلىقنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە تىلغا ئالغان؟ (3نومۇر) ------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------ 18.‹‹يېقىنقى زامان ئىلىم-پېنىنىڭ جۇڭگوغا كىرىشى ۋە كەلگۈسىگە نەزەر›› ناملىق نۇتۇقتا بىر دۆلەتنى شانلىق پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا ئېرىشتۈرىدىغان تۆت زۆرۈر شەرتنى ئوتتۇرىغا قويغان،سىز بۇ تۆت زۆرۈر شەرتنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟ (4نومۇر) ------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------ 19.‹‹ياخشى ئاتقا قامچا لازىم ئەمەس››،‹‹ئۇ نۇتۇقنى ياخشى سۆزلىدى›› دېگەن ھەر ئىككى جۈملىدىكى سۈپەتنى ھالەت ۋەزىپىسىدە كەلگەن دەپ قاراشقا بولامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟ (4نومۇر) -------------------------------------------------------- IV كۆنۈكمە ئىشلەش ۋە تەھلىل قىلىش سۇئالى: (جەمئىي 25 نومۇر بېرىلىدۇ) 20.تۆۋەندىكى تەلەپلەرنى ئورۇنلاڭ: (جەمئىي 9 نومۇر بېرىلىدۇ) 1) تۆۋەندىكى سۆزلەرنى مورفىمىلارغا ئايرىپ نامىنى يېزىڭ: (4نومۇر) ئۈلگە: ساۋاقداشلارغا = ساۋاق (باش مورفىما) + ىداش + لار + غا (ئەگەشمە مورفىما) (1) ئوقۇغۇچىلارنى = (2) تىرىشچانلىق = 2) تۆۋەندىكى ئىسىملارنى ئىسىملارنىڭ كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەپ جۈملە تۈزۈڭ.ئىسىم كۆرسىتىلگەن ۋەزىپىدە كەلسۇن. (2نومۇر) (1) مەكتەپ (ھالەت ۋەزىپىسىدە كەلسۇن) -------------------------------------------------------- (2) ئايرۇپىلان (ئېنىقلىغۇچى ۋەزىپىسىدە كەلسۇن) -------------------------------------------------------- 3) تۆۋەندىكى پارچىنى ئوقۇپ،سۈپەتلەرنى كۆچۈرۈپ يېزىڭ ۋە قايسى دەرىجىدىكى سۈپەت ئىكەنلىكىنى يېزىڭ. كۆل سۈيى سۈزۈك بولىدۇ،ئۇ تېپتىنىچ ھالەتتە كۆرۈنسىمۇ،سىز ئۇنىڭغا سەل قارىماڭ،بەزىدە ئۇ يۇمىلاققىنە چەمبەر ھاسىل قىلىپ ، ئۆز ھاياتلىقىنى بىلدۈرىدۇ. (3نومۇر) 21. تۆۋەندىكى پارچىنى ئوقۇپ،سۇئال تەلىپىنى ئورۇنلاڭ: (جەمئىي 9 نومۇر بېرىلىدۇ) غەرىپ-پەقىر،يىتىملەرنى قىلغىن شادىمان، خۇلقلەر قىلىپ،ئەزىز جانىڭ قىلغىن قۇربان. تۆئىمە تاپساڭ جنىڭ بىلەن قىلغىن مېھمان، بۇ سۆزلەرنى ھەقدىن ئىشتىپ كەلدىم مانا. 1) بۇ كوپلېت ـــــــــــــــــــــــــــــ نىڭ شېئىرىدىن ئېلىنغان. (1نومۇر) 2)بۇ كوپلېتتىكى ‹‹تۆئىمە›› دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ. (1نومۇر) 3) بۇ كوپلېتتا ئاپتۇر نېمىنى تەشەببۇس قىلغان؟ (4نومۇر) ---------------------------------------------------------------------------------------------------------------- 22. تۆۋەندىكى پارچىنى ئوقۇپ،سۇئال تەلىپىنى ئورۇنلاڭ: (جەمئىي 10 نومۇر بېرىلىدۇ) تۇرمۇش سەھنىسىدە 30 يىل ياشىدىم.ئۆتكەن شۇ ھاياتىمنى يىراق ساھىلنى كۆزلەپ، بوران-چاپقۇنلار ئىچىدە شىددەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ كېتىۋاتقان قەيسەر دېڭىزچىنىڭ كېمىسىگە ئوخشىتىمەن. پەقەت ھاياتقا بولغان چەكسىز مۇھەببىتىملا ئۇنى سەپەر جەريانىدا يۇشۇرۇن خادا تاشلارغا ئۇرۇلۇپ.پاچاقلىنىش تەھتىدىدىن ۋە قەھرلىك دولقۇنلار قۇچىقىدا ھالاك بولۇش خەۋپىدىن ئامان ساقلاپ قالدى. 1) بۇ پارچە ــــــــــــــــــــــــــــــ نىڭ ‹‹ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــ›› ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىنغان،ژانىرى ـــــــــــــــــ. (3نومۇر) 2) پارچىدىكى ‹‹تۇرمۇش سەھنىسىدە 30 يىل ياشىدىم›› دېگەن جۈملىدىكى سان تۈزۈلۈشىدىن ــــــــــــــــــــــ سان، بىلدۈرگەن مەنىسىدىن ــــــــــــــــــ سان. (2نومۇر) 3) پارچىدىكى كېمە ۋە خادا تاش نېمىگە قارىتىلغان؟ (2نومۇر) ---------------------------------------------------------------------------------------------------------------- 4) ئاپتۇر ئەسەرنىڭ بېشىدا ئېپىگىراف قىلىپ ئالغان ئۇيغۇر ماقالنى يېزىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەسەر مەزمۇنى بىلەن قانداق زىچ باغلىنىشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىڭ. (3نومۇر) ------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------
|
|