كۆرۈش: 627|ئىنكاس: 1

تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك(2)دىن ئىمتىھان سوئالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك(2)دىن ئىمتىھان سوئالى
Iتاللاش سوئالى پەقەت بىرىلا توغرا ،توغرا دەپ قارىغان جاۋابنى گرافىكقا تولدۇرۇڭ.(20نومۇر)
1.<<ئات بىلەن ئات مىنگەن كىشى>>ناملىق ئەسەردە:
.A ئىنسان ھەربىر كۈنىنى قەدىرلەش كېرەك دېگەن قاراش ئوتتۇرغا قويۇلغان؛
.B ئىنساننىڭ مەنىۋىي جەھەتتىن يېتىلىشىنىڭ زۆرۇرلىكى ئوتتۇرغا قويۇلغان؛
.C ئىنسانلار ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنىڭ زۆرۇرلىكى تەكىتلەنگەن؛
.D كىشلەر ئارىسىدا ئىنساپنىڭ يوقۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقى سۆزلەنگەن.
.2يۈسۈپ خاس ھاجىب :
.A قاراخانىيلار خانلىقىدا ياشاپ ئۆتكەن،<<تۈركىي تىللار دىۋانى>>ناملىق ئەسىرى بار؛
.B قۇجۇ خانلىقىدا ياشاپ ئۆتكەن،<<قۇتادغۇ بىلىگ>>ناملىق ئەسىرى بار؛
.C قاراخانىيلار خانلىقىدا ياشاپ ئۆتكەن،<<قۇتادغۇ بىلىگ>>ناملىق ئەسىرى بار؛
.D قۇجۇ خانلىقىدا ياشاپ ئۆتكەن،<<تۈركىي تىللار دىۋانى>>ناملىق ئەسىرى بار؛
.3تۆۋەندىكىلەردىن ئەسەر نامى،ئاپتۇرى،ژانېرى خاتا گۈرۈپپىلانغىنى:
.A <<دېڭىز سەپىرى>>،تۈرگېنىف،ئىپىك نەسىر؛
.B <<ئىنساپ سودىگىرى>>،مۇھەممەت ئابلىز بۆرەيار،مۇھاكىمىلىك نەسىر؛
.C <<كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكى>>،نۇرمۇھەممەت توختى،ئىپىك نەسىر؛
.D <<مېنىڭ ئارزۇيوم>>،مارتىن لۇتىر كىڭ،ھېكايە.
4.تۆۋەندىكىلەردىن <<ئارىف>>دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى توغرا ئىزاھلاپ بەرگىنى:
.A ئات مىگەن كىشى دېگەن مەنىدە.B سوغدىچە سۆز بولۇپ،ياخشى نىيەت،ياخشى سۆز دېگەن مەنىدە؛
.C ئىنساپ،ئىنساپلىق ئادەم دېگەن مەنىدە؛.D ئەرەبچە سۆز بولۇپ،بىلگۈچى،تونۇغۇچى،دانا،مەرىپەتلىك دېگەن مەنىدە.
5.<<ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن ئەمگەك مەيدانىغا ماشىنىدا ئېلىپ ماڭدى>>دېگەن جۇملىدىكى كېلىش قوشۇمچىلىرى ھەققىدىكى خاتا جاۋاب:
.A جۇملىدە كېلىش قوشۇمچىسىدىن تۆتى بار؛            .B ئورۇن-پەيىت كېلىش قوشۇمچىسىدىن بىرى بار؛
.C يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىسىدىن ئىككىسى بار؛ D        . جۇملىدە ئىگىلىك كېلىش قوشۇمچىسى يوق؛
6.<<ئۇ بىلىملىك،ئاقىل،تەدبىرلىك-ئىقتىدارلىق كىشى>>دېگەن جۇملىدىكى سۈپەتلەر ھەققىدىكى توغرا جاۋاب:
.Aجۇملىدە سۈپەتتىن ئۇچى بار؛ .C ياسالما سۈپەتتىن ئۇچى بار؛.B تۈپ سۈپەتتىن ئىككىسى بار؛ .Dجۇملىدىكى سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى تەڭداش مۇناسىۋەتتە كېلىپ،ھالەت ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن
7.يېزىقچىلىق بىلىمىگە ئائىت توغرا جاۋاب؛
.A ئەدەبىي ئەسەرگە ئېلىنغان ماتىرىيال چىن بولۇش كېرەك،ھەرگىز توقۇلما قىلىشقا بولمايدۇ؛.B ئەسەردىكى توقۇلما،تەسەۋۋۇرنىڭ رىئاللىق بىلەن مۇناسىۋىتى بولمايدۇ؛.C تەسەۋۋۇر،توقۇلمىمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق،ھېسياتقا ئۇيغۇن بولۇش كېرەك؛.D گۈزەل شەيئىيلەرنى ئىپادىلەشتە كۆپىنچە ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن مۇھاكىمە قوللىندۇ.
8.نۇتوق ۋە نۇتوق تېكىستلىرى ھەققىدە ئېيتىلغان تۆۋەندىكى جاۋابلاردىن خاتاسى:
.A نۇتۇق كۈچلۈك سەپەرلىك رولىغا ئىگە بولۇش كېرەك؛.B ياڭ جېننىڭ نۇتۇقىدىكى ئاساسىي نۇقتىنەزەر ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىن ئىبارەت؛
.C <<مېنىڭ ئارزۇيۇم>>ناملىق نۇتۇقتا ئاپتۇر ئامېرىكا نېگىرلىرىنىڭ ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكىنى قولغا كەلتۇرۇش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن؛
.D نۇتۇق ئېنىق مەقسەتچانلىققا ئىگە بولۇش كېرەك.
9.<<قار ئۈچقۈنلىرى ئاشۇ ئاپئاق كېپىنەكلەردەك ئۈستىۋېشىمغا قونۇشقا باشلىدى>>دېگەن پارچە ھەققىدە ئېيتىلغان توغرا جاۋاب:
.A پارچىدا ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىدىن سۈپەتلەش،ئوخشىتىش،ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن بايان،تەسۋىر قوللىنىلغان؛
.B پارچىدا ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىدىن مۇبالىغە،ئوخشىتىش،ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن بايان ،تەسۋىر قوللىنىلغان؛
.C پارچىدا ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىدىن سۈپەتلەش،ئوخشىتىش،ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن چۇشەندۇرۇش،لېرىكا قوللىنىلغان؛
.D پارچىدا ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىدىن سۈپەتلەش،جانلاندۇرۇش،ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن بايان،مۇھاكىمە قوللىنىلغان.
10.تۆۋەندىكىلەردىن سۈپەتنىڭ كېمەيتمە دەرىجىسىگە تەۋە بولىدىغىنى:
.A كىچىك .B كۆكۈچ .C ئاپئاق .D پاكارغىنە
IIبوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇڭ (17نومۇر)
1.<<ياخشىلىق ۋە يامانلىق توغرىسىدا>>ناملىق ئەسەر(1)نىڭ(2)ناملىق داستانىدىن ئېلىنغان بولۇپ،داستان ئارۇز ۋەزىندە،شېئىر شەكلىدىن(3)شەكىلدە يېزىلغان.ئاپتۇرى(4)دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن.
2.<<-ئۇنىڭغا ئېيتىپ قوي،بۇ ئىشنى ئۆزلىرى قىلسۇن>>دېگەن جۈلىدىكى ئاستى سىزىلغان سۆزگە(5)
ۋە(6)قوشۇمچىسى قوشۇلغان.
3.گرامماتىكا مەزمۇنىغا ئاساسەن(7)ۋە(8)دېگەن ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ.
4.<<مۇشۇلارنى ئويلاپ،يەنە ھايات توغرىسىدىكى ئۆز خىياللىرىمغا قايتتىم،ئىككى خىل ئادەم،ئىككى خىل ھايات.پەرق نېمىدە؟...>>دېگەن پارچە(9)نىڭ(10)ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىنغان بولۇپ،ژانېرى(11).<<خىياللىرىمغا>>دېگەن سۆزدە(12)نىڭ قوشۇمچىسى،<<نېمىدە>>دېگەن سۆزدە( 13 )نىڭ قوشۇمچىسى بار.
5.مورفىملار سۆزنى تەشكىل قىلىپ تۇرۇشتىكى رولىغا قاراپ(14)ۋە(15)دېگەن ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ.<<نائىنساپ>>دېگەن سۆزدىكى باش مورفىم(16)ئەگشمە مورفىم(17)بولىدۇ.
IIIكۆنۈكمە ئىشلەڭ
1. تۆۋەندىكى سۆزلەرگە قانداق قوشۇمچە قوشۇلغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭ.(قوشۇمچە نامىنى يېزىڭ) (6نومۇر)
(1) سۆزلەر (2)كىتابى (3)ئوقۇشقا (4)ئەركىنلىك (5)كۈنلەر (6)سەھەردە
2. تۆۋەندىكى ماقال-تەمسىللەرنى تولۇقلاپ يېزىڭ؛ (5نومۇر)
(1) ئەمگەك بىلەن ئەر كۆكۈرەر،---(2)يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس،----
(3)ئاتاڭنىڭ بالىسى بولغىچە،----(4)بۇغداي نېنىڭ بولمىسىمۇ،-----
(5)بۇغداينىڭ باھانىسىدە----
3.تۆۋەندىكىلەردە قانداق ئىپادىلەش ئۇسۇلى قوللىنىلغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭ: (3نومۇر)
(1)بىلم-ئوزۇقتۇر.ئۇنى ئۆزۈڭ ئۇچۇن رىزىق قىلىشىڭ،ئاۋام ئوچۇن مەئىشەت قىلىشىڭ مۇمكىن.ئوزۇق يەنىلا ۋاستە ۋە بايلىق.---
(2)بۈگۈن بىز تىل-ئەدەبىياتتىن ئىمتىھان بەردۇق.---
(3)ئۇنىڭ تىنىق كۈل رەڭ كۆزلىرىدىن كىشىنى تەپ تارتقۇزىدىغان ئۆتكۈر نۇر چىقىپ تۇراتتى.ئۇزۇن ھەم قوپال قاڭشىرى،چىڭ يۇمۇلۇپ تۇرغان ئاغىزى،گەۋدىلىنىپ تۇرغان چاسا ئېڭىكى ئۇنىڭ قەتئىي ئىرادىلىك كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى.---
4.<<ۋاقىت-ئېقىپ تۇرغان① بىر② ئۇلۇغ دەريا.ئېقىن بىلەن بىللە كەتكەنلەر شۇبھىسىزكى③ بەخىتكە ئېرىشىدۇ.>>دېگەن پارچىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىگە جاۋاب بېرىڭ: (5نومۇر)
(1)پارچىدا قانداق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە قوللىنىلغان؟
(2)پارچىدا قانداق ئىپادىلەش ئۇسۇلى قوللىنىلغان؟
(3)ئاستى سىزىلغان سۆز قايسى سۆز تۈركۈمىگە تەۋە؟
5.تۆۋەندىكى جۇملىنىڭ ئاخىرىنى مۇۋاپىق جۇملىلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇڭ،تۆت جۇملىدىن ئېشىپ كەتمىسۇن3نومۇر)
ئالىيجاناپلىق بىلەن پەسكەشلىكنىڭ پەرقى نېمىدە؟مېنىڭچە.............................
6.تۆۋەندىكى سۆزلەرگە قايسى كېلىشنىڭ قوشۇمچىسى قوشۇلغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭ: (6نومۇر)
(1)بازاردا (2)بولقا (3)جاننى (4)ياتاققا (5)مەكتەپتىن (6)شەھەرگە
Vجاۋاب بېرىڭ؛
1.<<مەن باش-ئايىقى يوق بۇ بازارغا كەلدىم...ھەربىر ئادەمگە پەقەت بىرلا قېتىم تەقسىملىنىدىغان كۆز گۆھىرى،يۇرەك پارىسى ئىنساپنى جۇغلاپ،ئىنساپنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ئاشۇرۇش،ساۋابلىق ئىش قىلىش مەقسىتىدە بىر ئالاھىدە كەسىپ ئېگىسى بولغان<<ئىنساپ سودىگىرى>> بولۇپ قالاي.
(1)پارچە كىمنىڭ قايسى ئەسىرىدىن ئېلىغان؟ژانېرى نېمە؟ (3نومۇر)
(2)<<مەن>>نېمە ئۇچۇن ئىنساپ سودىگىرى بولماقچى بولدى ؟بۇنىڭدىن نېمىنى چۇشەنگىلى بولىدۇ؟ (4نومۇر)
(3)پارچىدا ئىشلىتىلگەن تۆۋەندىكى سۆزلەر تۈزۈلۈش جەھەتتىن قانداق سۆز؟ (3نومۇر)
قەدىر-قىممەت-①- يۈرەك-②- سودىگەر-③-
2.<<دېڭىز سەپىرى>>ناملىق ئەسەردە ئاپتۇر قانداق ئىدىيىنى ئوتتۇرغا قويغان؟ (5 نومۇر)
Vيېزىقچىلىق سوئالى: (20 نومۇر)
<<ئالەمدىكى مەۋجۈدات تۇرىۋەرمەس شاش پېتى،
پەقەت ئىككى نەرسىلا قالار مەڭگۇ ياش پېتى.
بىرى ئىلىم ھېكمىتى،بىرى تۆھپە مېھنىتى،
شۇنىڭ بىلەن ئاشمايدۇ ئادىمىيلىك قىممىتى.
تەلەپ:1) ماۋزۇنى،ژانېرىنى ئۆزىڭىز بەلگىلەپ بىر پارچە ئەسەر يېزىڭ؛2)يازغىنىڭىز ماتىرىيال مەزمۇنىدىن چەتنەپ كەتمىسۇن؛3)خەت چىرايلىق،ئىملا توغرا،ئابزاسلار ئايرىلغان،باش-ئاخىرى باغلانغان بولسۇن؛4)ھەجىمى ئىككى بەتتىن كەم بولمىسۇن.




baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-6-19 12:49:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇلۇپ ئوتتۇرا مەكتەپ ماتىرىياللارنىڭ تۇلۇقلىنىشىغا كۆپ كۈچ چىقىرۋاتىسىز. سىزگە كۆپ رەھمەت ئېيىتىمەن. سىزگە تەكلىۋىم بولسا ئىمتىھان سۇئاللىرىنى قۇشۇمچە ھۆججەت شەكىلدە يوللىغان  بولسىىڭىز . بۇنداق بولغاندا باشقىلار چۈشۈرۈپلا ئىشلىتەلەيدۇ. تەھرىرلەشتىمۇ قۇلاي بۇلىدۇ دەپ قارايمەن. ياردەم كېرەك بولسا بۇ چ چ بىلەن ئالاقىلىشىشىڭ: 360805095 ، مەن ھەرۋاقىت ياردەمدە بۇلىمەن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش