كۆرۈش: 1069|ئىنكاس: 6

تويدىن كىيىنكى 7 يىلدا ئەرلەردە بولىدىغان ئاجايىپ ئۆزگىرىشلەر

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تويدىن كىيىنكى 7 يىلدا ئەرلەردە بولىدىغان ئاجايىپ ئۆزگىرىشلەر


توي قىلغان بىرىنچى يىلى:

تۇرمۇشىمىز شۇنچىلىك ئىناق ، باشقا ئەر - خوتۇنلارنىڭ ئۇرۇشۇپ بىر - بىرىنى يەۋەتكۈدەك بولۇپ كەتكىنىنى
كۆرسەك ، خۇددى بۇنداق ئۇرۇشلار بىزدىن يىراقتەك ئۇرۇشۇپ قانداقمۇ بىر ئۆيدە بىللە ياشاپ ئۈتۈلەيدىغاندۇ دەپ
   ئەجەپلەندۇق .

ئىككىنچى يىلى

بىزمۇ ئۇرۇشىدىغان بولدۇق . ئۇرۇشقان ۋاقتىمىزدا مەن ئىنتايىن قىممەتلىك بىردانە سائەتنى چاقتىم ۋە 40 مىنۇت
يىغلىدىم ئاندىن ئاپامنىڭ ئۈيىگە يامانلاپ بېرىپ بۇنداق ئادەم بىلەن ئۆي تۇتمايمەن دەپ تۇرىۋالدىم . ئۇ ھەركۈنى
ئىشتىن چۈشۈپ مېنىڭ ئىدارەمگە كېلىپ ئاكتىپلىق بىلەن مەندىن كەچۈرۈم سوراپ مېنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىشكە
ئۇرۇندى .

ئۈچىنچى يىلى

ئۇرۇشقىنىمىزدا مەن بىر نەچچە تال ئەينەك رومكىنى يەرگە ئېتىپ چېقىۋەتتىم ۋە 30 مىنۇت يىغلىدىم ، ئاندىن
دوستۇمنىڭكىگە بېرىپ بىر نەچچە كۈن تۇردۇم ، ئۇمۇ مېنى يېنىپ كەل دەپ بىر قانچە قېتىم تىلفۇن قىلدى .
مەنمۇ تارتىشمايلا قايتىپ كەلدىم  ، ئۇ يەردىكى ئەينەك پارچىلىرىنى ئۆزى تازىلىغان بولسىمۇ مېنىڭ قىلچىلىك
  كارىم بولمىدى . تاماق يەيدىغان ۋاقىت بولغاندا مەن ياتاق ئۆيدىن چىققىلى ئۇنىمىدىم ، ئۇ ئىشىك سىرتىدا تۇرۇپ
تاماقنى تەييار قىلىپ قويدۇم ، بۇ ياققا چىقىڭ » دېدى ، مەن چىقىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماق يىدىم ، ئۇ خاتالىقىنى تونۇپ مېنىڭ كەچۈرۈشۈمنى ئېيتتى ،  مەن بولسام سۈكۈتتە تۇردۇم .

تۆتىنچى يىلى

ئۇرۇشقىنىمىزدا ئۆزۈم پەرۋىش قىلغان قىزەنگۈلۈمنى چىقىۋەتتىم ۋە 20 مىنۇت يىغلىدىم ، ئاندىن سىرتتا بىر كۈن
ئايلىنىپ يۈردۈم . كەچتە ئۆيگە قايتىپ كەلسەم ئۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك تېلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ ، مېھمانخانا ئۆيدە ئەتىگەندە چاققان تەشتىكىمنىڭ پارچىلىرى شۇپېتى . مەن ئاكتىپلىق بىلەن قالايمىقانچىلىقنى تازىلاپ يىغىشتۇردۇم ئۇ بولسا كەچلىك تاماقنى ئىتىپ ئۆزى ئۇسۇپ يىدى . مەنمۇ ئۆزۈم ئۇسۇپ كېلىپ ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇپ كىمنىڭ توغرا كىمنىڭ خاتالىقىنى ئايرىدۇق .

بەشىنچى يىلى

ئۇرۇشقىنىمىزدا مەن كىرسلودىن ياستۇقنى ئېلىپ يەرگە ئاتتىم ۋە 10 مىنۇت يىغلىدىم ، ئاندىن مېھمانخانا
ئۆيدىن ياتاق ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىرىپ كەتتىم . كەچلىك تاماقنى ھېچكىم ئەتمىدى ، ئۇمۇ بالكوندا تاماكىسىنى
چىكىپ تۇرىۋەردى . مەن ئۆزۈم ئاكتىپلىق بىلەن ياستۇقنى يەردىن ئېلىپ ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان تاماقتىن
بىرنى ئېتىپ يەپ بولۇپ ئۇخلىدىم ئۇ سىرتقا چىقىپ يىدى . قايتىپ كەلگەندىن كىيىن مەن ئاكتىپلىق
بىلەن ئۇنىڭغا گەپ قىلدىم ئۇ بولسا ئىنتايىن كەسكىنلا : »مەندە خاتالىق يوق » دېدى .

ئالتىنچى يىلى

ئۇرۇشقىنىمىزدا مەن ھېچنىمىنى ئاتماي پەقەت 5 مىنۇتلا يىغلىدىم  . ئۇ بولسا ئاغىنىسنىڭ ئۆيىدە بىر قانچە
كۈن تۇرۇپ ئۆيگە قايتىپ كەلمىدى ، مەن ئاكتىپلىق بىلەن ئۇنىڭغا تېلىفۇن ئۇرۇپ قايتىپ كېلىشىنى ئېيتتىم ۋە ئۇنىڭ ئامراق تامىقىدىن بىرنى ئېتىپ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدىم .

يەتتىنچى يىل

ئۇرۇشقىنىمىزدا يىغلىمىدىم بەلكى بىردەمدىن كىيىنلا ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدىم ھەمدە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ
توپ مۇسابىقىسى كۆرۈشۈپ بەردىم ، ئۇ بولسا مېنىڭ« جىنايەتلىرىمنى » سۆزلەپ ئاخىرىدا : « بۇنىڭدىن كىيىن
  بۇنداق قىلساڭ سېنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن » دېدى .
      مەنبە:نۇر تورى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-6-6 21:57:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ قىسقىغىنا كارتىنىسىكەن بۇ . تۇرمۇش مۇرەككەپ بولىدۇ.
ۋاقتى: 2012-6-6 23:21:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇش نىمە دېگەن مۇرەككەپ...
ۋاقتى: 2012-6-6 23:50:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇش شۇنداق  مۇرەككەپ بولىدۇ.
ۋاقتى: 2012-6-7 13:31:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا..ھا..ھا..، ئەر ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى خىلىلا ھەقىقى ئەكس ئەتتۇرۇلۇپتۇ،
رەھمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2012-6-7 20:01:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپىنچىسى شۇنداق ،لىكىن ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىگىلى بولمايدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىلكەش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-7 20:02  

ۋاقتى: 2012-9-18 17:17:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توي قىلغان دەسلەپكى ۋاقىتتا قىزلار(ئاياللار)بېشەم، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئەرلەر بېشەم بولىدىكەندە.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش