كۆرۈش: 502|ئىنكاس: 0

iOS 5.1.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى Absinthe 2.0

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
iOS 5.1.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى Absinthe 2.0


ئەڭ يىڭى خەۋەرلەدىن مەلۇم بولىشىچە iOS 5.1.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى Absinthe 2.0 چۈشۈرۈشنى تەمىنلەپتۇ.بۇ قېتىم ئالاھىدە ھالدا Windows,Mac OS,Linux تىن ئىبارەت 3 چوڭ مەشغۇلات سىستىمىسىغا ئايرىم- ئايرىم نەشىر بولىقى تەمىنلىنىپتۇ. شۇنداقلا Absinthe ئارقىلىق تۈرمىدىن قاچۇرۇش ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان ئۇسۇللار ئىچىدە ئەڭ ئاسان (سىستىمىنى چۈشۈرۈپ بىرلا خەتنى بېسىپ) بولۇپ ھەرقانداق ئەقلى ئېقتىداردىكى ئادەملەر تولۇق ھۆددىسىدىن چىقىپ كىتىدۇ.  
مەن تېلفۇنۇمنى تۇرمىدىن قاچۇرۇش جەريانىمنى سۆزلەپ بىرەي:

ئالدىن بىلەن كومپيۇتېرىڭىزدا iTunes نىڭ ئەڭ يىڭى نەشرى قاچىلانغان بولسۇن. چۈشۈرۈڭ http://www.iTunes.com
قولىڭىزدىكى تېلفۇننىڭ 5.1 نەشرىنى 5.1.1 گە كۆتۈرۈڭ.

ئاندىن تۆۋەندىكى ئادېرىستىن ماس نەشىردىكى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېتالىنى چۈشۈرۈڭ. كۆپىنچەيلەن Windows نى چۈشۈرسەكلا تامام.

دېتالنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى: بولاقنى چۈشۈرۈپ، شۇ پىتىچىلا پىرىسىتىن يېشىپ (باش مۇندەرىجىسى absinthe-win-2.0 بولىدۇ. ئۇنىڭ ئېچىدە __MACOSX دېگەن ھۆججەت قاپچۇق ۋە absinthe-win-2.0.exe دېگەن ھۆججەت بولىدۇ. absinthe-win-2.0.exe نى ئىجرا قىلغاندىن كىيىن absinthe-win-2.0 دېگەن باش مۇندەرىجىنىڭ ئىچىگە absinthe-win-2.0 دېگەن مۇندەرىجىدىن يەنە بىرى پەيدا بولىدۇ. absinthe-win-2.0 نىڭ ئىچىدىكى absinthe-win-2.0نى) ئىجرا قىلىمىز. بۇ جەرياندا ئۈسكىنە قايتا قوزغىلىدۇ. ئۈسكىنە قايتا قوزغالسىلا ئىچىدە Cydia كۆرۈنىدۇ.
Absinthe.png

ئاخىردا ئۈسكىنىنى كومپيۇتېرغا چېتىپ چۈشۈرگەن دېتالنىڭ كۆرۈنمە بېتىدىكى JailBreak  دېگەن خەتنى(ئەمىلىيەتتە بۇ دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدە بىردىنبىر باسقىلى بولدىغان خەتمۇ شۇ) بېسىپلا كۈتۈپ ئولتۇرسىڭىز بولدى. خوش، ئىشىڭىزنىڭ مۇۋاپقىيەتلىك بولىشىغا تىلەكداشمەن.iPad2 WiFi R2 new model  ھازىرچە تۈرمىدىن قاچمايدۇ.


ئەسكەرتىش: تۈرمىدىن قېچىش سۈرىتىنىڭ تېز بولىشى ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ ئۈسكىنىنى قايتىدىن 5.1.1 غا كۆتۈرۈپ ئاندىن تۈرمىدىن قاچۇرۇشىنى تەكلىپ قىلىمىز. ئۇنداق بولمىغاندا Absinthe 2.0 نىڭ زاپاسلايدىغان ئۇچۇرلىرى بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ Windows شارائىتىدا ئوڭايلا مەغلۇب بولىشى مۇمكىن.

Absinthe 2.0 چۈشۈرۈش ئادېرسى تۆۋەندىكىچە: ئادېرىسلارنى 迅雷 كۆچۈرۈپلا چۈشۈرۈڭ.

Mac OS ئۈچۈن

https://sites.google.com/site/gr ... redirects=0&d=1

Linux ئۈچۈن

https://sites.google.com/site/gr ... redirects=0&d=1

Windows ئۈچۈن

https://sites.google.com/site/gr ... redirects=0&d=1

ھەممىنى بىراقلا 迅雷 دىن چۈشۈرۈڭ :http://kuai.xunlei.com/d/KWHSMMLEJYPU
پايدىلىنىش مەنبەسى: خالىستان بىلوگى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش