كۆرۈش: 914|ئىنكاس: 7

ئۇيغۇر تىلنى قوغداش لاھىيسى مەركەزگە ئېلان قىلنىپتۇ. [كۆچۈرۈلمە]

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىلھام توختى"ئانا تىل قايغۇسى ۋە قوش تىللىق مائارىپقا تەلەپ" ناملىق تەكلىپ لايىھىسىنى ئېلان قىلدى.  
          بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفىسورى ئىلھامتوختى ئەپەندى قاتارلىقلار تەرىپىدىن تەييارلانغان "ئانا تىل قايغۇسى ۋە قوش تىللىق مائارىپقا تەلەپ" ناملىق تەلەپنامىدە، ئۇيغۇرئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ھازىر رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان مائارىپ سىياسىتى، تىل-يېزىق سىياسىتى ۋە مىللىي سىياسىتىگە قارىتا ئالتە تۈرلۈك چاقىرىق ھەم 12 ماددىلىق كونكرېت تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.   
   ئىلھام توختى ئەپەندى ئېلان قىلغان قوش تىللىق مائارىپ ئىسلاھاتى ھەققىدە ھۆكۈمەتكە سۇنۇلماقچى بولغان بۇ تەلەپ لايىھىسى 2010- يىلى 11-نويابىر كۈنى ئىلھام توختى ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلىپ، 12-نويابىر كۈنى تۇنجى قېتىم ئىلھام توختى ئەپەندى تەرىپىدىن لېكسىيە تەرىقىسىدە بېيجىڭدىكى ئوقۇغۇچى زىيالىيلار ئارىسىدا سۆزلەنگەن ھەم شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدىلا تەلەپنامىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىغا 200 دىن ئارتۇق كىشى ئىمزاسىنى قويغان.  
        بۈگۈن ئىلھام توختى ئەپەندى بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتى تورىدا بۇ تەلەپنامىنىڭ، تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ قارارىغا قارشى نامايىشىدىن كېيىن، بېيجىڭدا ئۇيغۇر، خەنزۇ، تىبەت، قازاق ئوقۇغۇچىلىرى، زىيالىيلار شۇنداقلا ئىتالىيە، گېرمانىيە، كورىيە، ياپونىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن چەتئەللىكلەر ھەم جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىمۇ قاتناشقان 400 كىشىلىك چوڭ زالدا سۆزلەنگەن مەخسۇس تېمىدىكى لېكسىيە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.  
      ئىلھام توختى ئەپەندى قاتارلىقلار تەييارلىغان تەلەپنامىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ ھازىر رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ ھەم تىل-يېزىق سىياسىتىگە قارىتا ئالتە تۈرلۈك چاقىرىق 12 ماددىلىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.  
      تۈرلۈك چاقىرىقتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1951-يىلى، 1995-يىلى ھەم 1996-يىللاردا ئېلان قىلىنغان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئانا تىلىنى ئىشلىتىش، ئانا تىل مائارىپىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىنى قوغداش ھەققىدىكى چاقىرىقى مىسالغا ئېلىنىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى جۇڭگودىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئىشلىتىش، ئانا تىل مائارىپىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىرغان. Av[jFk  

ئالتە تۈرلۈك چاقىرىقنىڭ ئاساسى مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:  
  
  تەلەپنامىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان 12 ماددىلىق تەلەپتە دائىرىلەردىن تۆۋەندىكى ئالتە مەزمۇن تەلەپ قىلىنغان:  >4  

   1. دائىرىلەر خەلقئارا قانۇندا بەلگىلەنگەن مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىق ھەم مائارىپتا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىنى رايوندا كاپالەتكە ئىگە قىلىشى ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.     
  
       2. ھازىر تەكىتلەۋاتقان ھەم ئىجرا قىلىۋاتقان يەككە تىللىق يەنى خەنزۇ تىلىنى ئاساس قىلغان مائارىپ سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مىللەتلەر مائارىپىنىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق ھەم ئەركىن تەرەققىياتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەك.   

      3. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن مائارىپ قانۇنى، دۆلەتنىڭ مىللىي تىل-يېزىق قانۇنى، مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنى قاتارلىقلارغا ئەمەل قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەر تىلىدىكى يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىقلارنى كۆپەيتىپ، بالىلارنىڭ ئانا تىل مائارىپىدا تەربىيىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.  
       4. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ھازىرقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتارلىق جايلاردا يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار زىيادە جىق بولۇپ كېتىش، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان ئوقۇتقۇچىلار زىيادە كەمچىل بولۇشتەك شارائىتنى ئۆزگەرتىشى كېرەك.  

       5. ھۆكۈمەت مىللىي تىل مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى، دەرسلىك كىتاب، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى قاتارلىقلار تەرەققىياتىنى كۈچەيتىش كېرەك.   
  
      6. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھازىر تەرىپلەۋاتقان قوش تىللىق يەسلى ۋە مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇش ئىقتىدارى بولمىغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشلىتىشنى توختىتىشى، ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىنىڭ ئەنئەنىۋى پرىنسىپلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى، مىللەتلەرنىڭ مائارىپ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن قانۇنى ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكەئىگە قىلىشى كېرەك.   
  1 .  تىل ھەم مەدەنىيەتنىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق بولۇش پرىنسىپى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارارىدىن ئۆتكەن، ھەرقايسى دۆلەتلەر بۇ پرىنسىپ بويىچە ئىش قىلىشى كېرەك.   

   2 . ئانا تىل مائارىپىنى بىلەن تەربىيىلىنىش ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مىللىي ھوقۇقى ھەم قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاساسى ھوقۇقى، چوقۇم مائارىپ قانۇنىدا ئىجرا قىلىنىشى كېرەك.   
   3. دۆلەت تىلىنىڭ ئورنى جەزىملەشتۈرۈلۈشى، بۇ خەلقئارا تىل-يېزىق قانۇنىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، ئەمما بۇ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىق ھوقۇقىغا دەخلى قىلىنمىغان ئاساستا بۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلى مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئەھۋالدا يولغا قويۇلۇشى كېرەك. دۆلەت ئىچىدىكى تىل-يېزىقنىڭ كۆپ خىل بولۇشىغا يول قويۇلۇشى كېرەك.   
  
  4. ئانا تىل - ئۇ بىر مىللەتنىڭ روھى، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئاساسى، مىللەتنىڭ بەلگىسى، مىللەتنىڭ غۇرۇرى ۋە ئورنى، شۇڭا ئانا تىل مائارىپىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ھەم ئۇنىڭ مىللەتلەر باراۋەرلىكى ئاساسىدا ئەركىن تەرەققىي قىلىشىغا يول قويۇش كېرەك.
   5. ئانا تىل مائارىپى ئەڭ بىۋاسىتە ئۈنۈم بېرىدىغان مائارىپ، ئۇ مىللەتنىڭ مىللىي غۇرۇرىنى تەربىيىلەيدۇ. مىللىي ئىپتىخارىنى كۈچەيتىپ مىللىي روھىنى ئۇرغۇتىدۇ. شۇڭا مىللەت ئەۋلادلىرى ئۆز ئانا تىل مائارىپىدىن ئايرىلىپ قالسا بولمايدۇ.   
   6. ھازىرقى رېئال ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى تىل-يېزىق، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىقلاردا خەنزۇ تىلىنى ئاساس قىلغان يەككە تىللىق مائارىپنى تەشەببۇس قىلىش ھەم مىللەتلەرنىڭ ئانا تىلىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى پەقەتلا مىللەتلەر ئارىسىدىكى بۆلۈنۈشنى ھەم ئۆچمەنلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ؛ ئەكسىچە كۆپ تىلنىڭ كۆپ خىللىقىغا يول قويۇش، ھەم باشقا تىللارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىلھام توختى ئەپەندى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىدا، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلى ھەم مەدەنىيىتىنى قوغداشنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن قانۇنى ھوقۇقى ھەم دۆلەتنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ بۇ ھوقۇقىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
مەنبە :چوغلۇق تورى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-5-31 14:32:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خورازدىكى خو دەك ئىش بوپتۇ. بىر مىللەت ئۆزىنىڭ تىلىنى پۇختا ئىگەللىمەي تۇرۇپ قانداقمۇ باشقا مىللەتنىڭ تىلىنى چۈشەنسۇن
    4. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ھازىرقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتارلىق جايلاردا يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار زىيادە جىق بولۇپ كېتىش، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان ئوقۇتقۇچىلار زىيادە كەمچىل بولۇشتەك شارائىتنى ئۆزگەرتىشى كېرەك.  

       5. ھۆكۈمەت مىللىي تىل مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى، دەرسلىك كىتاب، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى قاتارلىقلار تەرەققىياتىنى كۈچەيتىش كېرەك.   
  
      6. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھازىر تەرىپلەۋاتقان قوش تىللىق يەسلى ۋە مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇش ئىقتىدارى بولمىغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشلىتىشنى توختىتىشى، ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىنىڭ ئەنئەنىۋى پرىنسىپلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى، مىللەتلەرنىڭ مائارىپ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن قانۇنى ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكەئىگە قىلىشى كېرەك.   
  1 .  تىل ھەم مەدەنىيەتنىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق بولۇش پرىنسىپى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارارىدىن ئۆتكەن، ھەرقايسى دۆلەتلەر بۇ پرىنسىپ بويىچە ئىش قىلىشى كېرەك.
ۋاقتى: 2012-5-31 15:46:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەر بالىسى مۇنداق بولماس ، تىما بالىسى بۇنداق بولماس .     ئالامەت خەيرىلىك ئىشتىن بىرنى قىپتۇ ، ماڭغان يولى تۈز ، راۋان بولغاي . تېما يوللىغۇچىغىمى رەھمەت . ھەممىڭلارنىڭ ئەجرىگە رەھمەت ئاتا قىلغاي .
ۋاقتى: 2012-5-31 16:19:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئىش بوپتۇ بۇ!
ۋاقتى: 2012-7-26 22:14:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ھاياجان ئىلكىدە خەت يىزىۋىتىپتىمەن ،بۇ ماتىريالنى يوللاپ بەرگەن قىرىندىشىمىزغا ھەم تۆھپەكارلارغا كۆپ رەھمەت .ئەمدى بارلىق ئىقتىدارىمىزنى چىقرىپ دەرس ئۆتەلەيدىغان بولۇپتۇق.
ۋاقتى: 2012-7-27 00:16:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىڭغىز ئايتىماتوفمۇ : ‹‹ كۆپ تىللىق بۇلۇش ياخشى ئەمما ئانا تىلنى بىلمەسلىك نۇمۇس .›› دەپ ناھايتى توغرا ئېيتىپتىكەن .
ۋاقتى: 2013-5-8 22:16:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا شۇنداق بەلەن ئىش بوپتۇ. ئانا تىلنى تاسقالدۇق ئۇنتۇپ قالغىلى.
ۋاقتى: 2013-5-8 23:14:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىش بوپتۇ،ئاناتىلنى قەدىرلەيلى.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش