baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

手机客户端
亲,还没下载论坛手机客户端?跟上潮流做时尚达人。掌中乐趣无处不在,快点下载吧。

كۆرۈش »

جەمئىي مىكروبلوگ 1189 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەھرا 6 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى سۆزلەر گويا جەننەت ،ئاتا-ئانام،يامان سۆزلەر خۇددى دوزاق ياكى ھارام.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 19:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلىمگە ئامراق كىشى ھەركۈنى باھاردىكى يېڭى مايسىلاردەك ئۆسۈپ تۇرىدۇ.كۆڭلى خۇددى باھاردەك ئىللىق

  • خانىدان تۈنۈگۈن 12:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار!

  • 艾尼。艾买提 ئۈلۈشكۈن 12:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    جەمئىيتىمىزدە ئادەم شەكىلگە كىرۋالغانلار خېلى كۇپتەك قىلامدۇ نىمە ؟

  • مەرىپەت 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئادەم بول!...لېكىن... ئادەم شەكلىگە كىرىۋالما!

  • دىلكەش 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بايقاش تورىدىكى بارلىق تورداشلار ،بايقاش ئەزاسى دىلكەشتىن سىلەرگە  ئوتلۇق سالام .

  • ئىلغار 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سەھراغا چىقسا ئىشىكىنى تۇنۇمايدۇ،شەھەرگە بارسا دوستىنى (تونۇمايدۇ)

كۆرۈش: 379|ئىنكاس: 6

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە ئېيى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈ

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

125

تېما

21

دوست

3362

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1069 سەر
تىللا
237 دانە
تۆھپە
423 سەر
شۆھرەت
422 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 21:46:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئۈچتىن ئايرىلالماسلىق» ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتپاقلىقىنى قوغداپ ، ۋەتنىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ، پارلاق كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتايلى!




(XXX  مەكتەپتىن ـــــXXXXXXXX)


ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچى –ئۇستازلار ، ساۋاقداشلار ، بۈگۈن ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن « XXX-قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە ئېيى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش قايتا تەربىيىسى تەشۋىقات لىكسىيە يىغىنى » ئۇيۇشتۇرۇلدى . مەن مۇشۇ لىكسىيە يىغىنى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ، ««ئۈچتىن ئايرىلالماسلىق» ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتپاقلىقىنى قوغداپ ، ۋەتنىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ، پارلاق كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتايلى!» دېگەن تېمىدا لىكسىيە سۆزلەيمەن .
كىشلەر ھەمىشە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز خەرتىسىنىڭ تەبىئى ھالىتىنى خۇددى تاڭ سەھەردە چىللايدىغان خورازغا ئوخشاش دۇنىيانىڭ شەرىق تەرىپىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ دىيىشىدۇ . شىنجاڭ بولسا ئاشۇ خورازنىڭ قۇيرۇقىغا ئوخشاش ۋەتىنىمىز بىلەن« قان بىلەن گۆشتەك» زىچ باغلانغان .
ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىدە بىرلىكتە ياشاۋاتقان 56 مىللەت خەلقى بىرلىكتە رەڭگارەڭ ئېچىلغان 56 تال گۈلدىن تەركىپ تاپقان بىر دەستە گۈلگە ئوخشاش بۇلۇپ ، ئۆز – ئارا بىر – بىرىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى تۇلۇقلايدۇ . بىرى كەم بولسا بولمايدۇ . بۇ 56 ھەر مىللەت خەلقى بىرلىكتە ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات ، ئىقتساد ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى پارلاق نەتىنجىلەرنى بىرلىكتە ياراتقان .
شىنجاڭ بولسا ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربى شىمالى قىسىمىغا جايلاشقان بۇلۇپ مەملىكەت بويىچە چىگىرا لىنىيىسى ئەڭ ئۇزۇن ئاپتۇنۇم رايون ھېساپلىنىدۇ . شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە مىللەت تەركىبى ئەڭ كۆپ بولغان مەمۇرى ئۇرۇنلارنىڭ بىرى شۇنداقلا يېڭى جوڭگو قۇرۇلغاندىن كىيىن بىرىنچى بۇلۇپ مىللى تىرىتورىيىلىك ئاپتۇنۇمىيىنى يولغا قويغان ئۆلكە دەرىجىلىك مىللى ئاپتۇنۇمىيىلىك جاي .
شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتىراقلاشقان رايون . 1949- يىلى دۆلتىمىز ئازاد بۇلۇپ  جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغان چاغدا شىنجاڭنىڭ نۇپۇسى 4 مىلىيۇن 333 مىڭ بۇلۇپ ، ئاساسلىقى ئۇيغۇر ، خەنزۇ ، قازاق ، قىرغىز ، خۇيزۇ ، مۇڭغۇل ، شىبە ، تاجىك ، مانجۇ ، ئۆز بىك ، رۇس ، داغۇر ، تاتار قاتارلىق 13 مىللەت بار ئىدى . ئۇلار ئۆز – ئارا ھەمكارلىشىپ ، ئۆز – ئارا ياردەملىشىپ ، ئۆز – ئارا ئۆگىنىپ ، بىرلىكتە راۋاجىلىنىپ ، بىرلىكتە ئالغا بېسىپ ، سوتىيالستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى داۋامىدا شىنجاڭنىڭ ھازىرقى گۈزەل كېلەچىگىنى بىرلىكتە ياراتقان . شىنجاڭنىڭ تەرەقىقى قىلىشىغا ئەگىشىپ ، شىنجاڭنىڭ نۇپۇسى تىز سۈرئەتتە كۆپەيدى . 2000- يىلدىكى 5- قېتىملىق نۇپۇس تەكشۈرۈش سىتاسىتىكىسىدىن قارىغاندا 2000- يىلى شىنجاڭنىڭ نۇپۇسى 19 مىليۇن 250 مىڭ بۇلۇپ ، مىللەتلەر سانى 47 گە يەتكەن .
دۆلتىمىز ئازات بۇلۇپ ، يېڭى جوڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان ، ئىسلاھات ، ئېچۋىتىشنىڭ تۈرۈتكىسىدە سىياسى ، ئىقتساد ، مەدەنىيەت تىز تەرەققى قىلىدى . خەلىقنىڭ تۇرمۇشى تىز سۈرئەتتە ياخشىلاندى . جەمئىيەتنىڭ تىز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىشى ، خەلىقنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تىز سۈرئەتتە ياخشىلىنىپ ، ھاللىق سەۋىيسىگە يۈرۈش قىلىشى ، دۆلتىمىزنىڭ تىنىچ ، خاتىرجەملگى ، زامانىۋىلاشقان سوتىيالىستىك چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىشى ــ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇيۇشچانلىغىنىڭ ، بىرلىكتە تىز تەرەققى قىلىشىنىڭ مۇقەرەر نەتىنجىسى .
ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىگە نەزەر سالدىغان بولساق جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ھەقىقەتەن تەقدىرداش ، ھەمنەپەس ، قەلپىداش ئىكەنلگىنى ، قان بىلەن گۆشتەك مەڭگۈ بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدىغانلىغىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز . دۆلىتىمىز ئازات بۇلۇشتىن ئىلگىرى ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ زورلۇق – زۇمبۇلۇق بىلەن ئىزىشى ، ئېكسپالاتاتسىيە قىلىشىغا ئۇچىرىغان . ئېغىر ھاشار ، ھەددى – ھېساپسىز ئالۋاڭ – ياساقلار خەلىقنى ھالسىراتقان . كىشلەر ئىنتايىن نامىرات بۇلۇپ ، يىمەك – ئىچمىگى كەمچىل ، تۇرمۇشى ئىنتايىن غۇربەتچلىكتە ئۆتەتتى . يەيدىغان ئاش – نېنى يوق ، ئاچزارلىقتا ئۆلۈپ كېتىدىغانلار ، كېيىم – كېچىگى ، ئولتۇردىغان ئۆيى يوق ، سوغۇقتا توڭلاپ ئۆلۈپ كىتىدىغانلار ، ئاغىرىپ قالسا كېسلىنى داۋالاتماي ئەجەل ئېلىپ كىتىدىغانلار ، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمران كۈچلەرنىڭ ئېزىشى ، زۇلىمىتىدىن ناھەق ئۆلۈپ كىتدىغانلار سان – ساناقسىز ئىدى . مانا مۇشۇنداق ئەكسىيەتچى ھۆكۈمران كۈچلەرنىڭ خەلىقنى دەھشەتلىك تۈردە ئېزىشى ، ھۆكۈمىران مىللەتلەر ، مۇستەبىتىلەر ۋە يەرلىك پومىشچىكلارنىڭ ئېغىر زۇلىمى ، كۈچلۈك مىللەتلەرنىڭ ئاجىز مىللەتلەرنى ئىزىشى ، ھۆكۈمىران مىللەتلەرنىڭ ھەر قايسى مىللەتلەرگە باراۋەر مۇئامىلىدە بولماسلىغى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيدىلىدىن جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيسى ھەر مىللەت ئەمگەكچى خەلىقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ، ئەكسىيەتچى ، مۇستەبىت ھۆكۈمىرانلىقنى ئاغدۇرۇپ ، خەلىق ئۆز – ئۆزىگە خوجا بولدىغان ، ھەققانى ، باراۋەر ، ئادىل بولغان سوتىيالىستىك تۈزۈمدىكى دۆلەت ــ جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتىنى قۇرۇپ چىقتى . مۇستەبىت ھاكىميەتىنى ئاغدۇرۇپ ، خەلىقنى ئازات قىلىپ ، يېڭى جوڭگونى قۇرۇش ئۈچۈن 56 مىللەت خەلقى بىرلىكتە كۈرەش قىلغان . 56 ھەر مىللەت خەلىقنىڭ نۇرغۇنلىغان قەھىرىمان ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ ئىسىق قانلىرى ئاققان . ئىسىق قېنى ۋە ئۆز ھاياتى بەدىلىگە خەلىقنى ئازادىلىققا ، باراۋەرلىككە ، خاتىرجەملىككە ، باياشاتلىققا ئېرىشتۈرگەن . ھەر مىللەت قەھىرىمانلىرىنىڭ مانا مۇشۇنداق تەسىرلىك ، قەھىرىمانلىق ھېكايلىرى ئېغىزدىن – ئېغىزغا كۆچۈپ داۋاملىشىپ كەلمەكتە  ھەم مەڭگۈ داۋاملاشقۇسى .
دۆلتىمىز ئازات بۇلۇپ ، يېڭى جوڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان ئەزەلدىن جىنچىراغنى ئىشلىتىپ كىلۋاتقان  خەلىقمىز توك ئىشلىتىپ ،ئالەمچە خوشالىققا ئېرىشتى . يىمەك – ئىچمەك ۋە كىيىم – كېچەكنىڭ غېمىدە يۈرگەن خەلىقمىز ھاللىق سەۋىيىگە يىتىپ ، قورسىقى توق ، كىيىم – كېچىگى پۈتۈن بۇلۇپ ، باياشاتلىققا ئېرىشتى . ئەسكى توپلىق يوللاردىن چىقىپ كەڭىرى كەتكەن ئاسفالىت يوللاردا مېڭىپ ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتتىن دىللىرى سۆيۈندى . ئۆزىگە ئۆزى خوجا بۇلۇپ ، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەپ ، پارتىيە ھۆكۈمەتىنىڭ سىياسەتلىرى ، تەدبىر بەلگىلىشىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ ، بارەۋەرلىكنىڭ ، ئاددىلىقنىڭ ، ئۆزىگە – ئۆزى خوجا بۇلۇشنىڭ چىن مەنسىنى ھەقىقى ھېس قىلىشتى . ئىلىكتىرون ئۇچۇر دەۋىرىگە قەدەم قۇيۇپ ، يېڭىلىقلاردىن ئۆز ۋاقتىدا خەۋەردار بۇلۇپ ، پەن – تېخنىكىنىڭ كۈچ – قۇدىرىتىگە ئاپىرىن ئېيتىشتى . قىسقىسى ھەر مىللەت خەلىقى ئىناق – ئىتتپاق بۇلۇپ ، ئۆز – ئارا ھەمكارلىشىپ ، ئورتاق تىرشىپ  بارلىققا كەلتۈرگەن بەختىيار ، شات – باياشات ، ئىناق – خاتىرجەم زاماندىن چىن كۆڭلىدىن رازى بۇلۇپ كەلمەكتە . مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەر مىللەت خەلىقنىڭ ئىناق-ئىتتپاق بۇلۇپ ، ئۆز – ئارا ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە تىرشقانلىغىنىڭ نامايەندىسى . جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ، شىنجاڭنىڭ خەلىق ئىگىلىگى ، دىھقانچلىق – چارۋىچلىقنى ئاساسى گەۋدە قىلغان ناتۇرال ئىگىلىك بۇلۇپ ، سانائىتى ئىنتايىن قالاق ئىدى . بىر سۇڭمۇ تۈمۈر يولى ، بىرەر زاۋۇت ۋە كېنىمۇ يوق ئىدى . ئاشلىق قەھەتچلىگى ئۈزلۈكسىز يۈز بىرىپ تۇرغاچقا خەلىق تۇرمۇشى ئىنتايىن نامىرات ئىدى . 1949- يىلى 9- ئاينىڭ 25- كۈنى شىنجاڭ تىنىچ يول بىلەن ئازات بولدى . 1955- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى قۇرۇلۇپ ، شىنجاڭنىڭ تارىخى تەرەققىياتىدا يېڭى سەھىپلەر ئېچىلىدى . ئىسلاھات ، ئېچىۋىتىش يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيانقى تەرەققىيات ۋە قۇرۇلۇش ئۈسكۈنلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيسى ئۆستى . ئۆزگىچە باغۋەنچلىك ، تېرىقچلىق تىز تەرەققى قىلىدى . داڭلىق تۇرپان ئۈزۈمى ، كورلا نەشپۈتى ، قۇمۇل قۇغۇنى قاتارلىقلار مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلاردا سېتىلىدى . شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ تاۋار پاختا ، قۇلماق ۋە پەمىدۇر ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ھەم مەملىكەت بويىچە مۇھىم چارۋىچىلىق ۋە شىكەر ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بۇلۇپ قالدى . قاتناش – تىرانسىپورىت ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىدى . مائارىپ – مەدەنىيەت ، پەن – تېخنىكا ، سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى تىز بولدى . خەلىقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيسى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆستى . مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنىڭ توغىرلىغى ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۆز – ئارا ئىتتپاقلىغى ، ئۆز – ئارا قوللاپ ، ئۆز – ئارا ئۆگىنىپ ، ئورتاق تىرشقانلىغىنىڭ نەتىنجىسىدۇر .
جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئېلىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەتلىرىنىڭ ئۇمۇمى نامى . ئۇ ھەر قايسى مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان بىر پۈتۈن گەۋدە . شۇڭا جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىلەن ھەر قايسى مىللەت ئارسىدا ھەم ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى(جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى) ۋە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدە مەنپەئەتىنمۇ ماۋجۇت .
جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى بىلەن ھەر بىر مىللەتنىڭ مەنپەئەتى تۈپتىن بىردەكىلىككە ئىگە . جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەنپەئەتى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان . جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەنپەئەتى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى . ئېلىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تەقدىرى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان . ئېلىمىزدىكى 56 مىللەت جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىدە تۇرمۇش كەچۈردۇ . ئائىلىنىڭ ھەر بىر ئەزاسى بۇ چوڭ ئائىلە بىلەن قان بىلەن گۆشتەك زىچ باغلانغان ، تەقدىرداش بۇلۇپ ، ئۈنى ئايرۋىتىش مۇمكىن ئەمەس . جۇڭخۇا مىللەتلىرى گۈللەنسە دۆلەت گۈللەپ- ياشنىسا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ، ئىززەت – ئابرويى كاپالەتكە ئېرىشەلەيدۇ . شۇڭا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئۇرۇنغا قويۇش لازىم . جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىدە چىڭ تۇرۇش شەرتى ئاستىدا ئۆز مىللىتىنىڭ ئالاھىدە مەنپەئەتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم . ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدىغان ھەر قانداق قىلمىش خاتادۇر .
ۋەتىنمىزنىڭ كەڭ زىمىنىنى ھەر قايسى مىللەتلەر ئورتاق ئاچقان . چەتئەل تاجاۋۇزچىلىقىغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ ، ۋەتىنىمىزنىڭ چىگىرىسىنى ئورتاق قوغدىغان . جۇڭخۇا مەدەنىيتىنى ئورتاق ياراتقان . جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتىنى  ھەر مىللەت خەلىقى ئورتاق بەرپا قىلغان . ۋەتىنىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەر مىللەت خەلىقى ئورتاق كۈچ چىقارغان .
ئېلىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئارسىدا ئىقتساد ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاقە ئۇزۇن تارىخىققا ئىگە . بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى ــ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى سەۋىيسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ھەر مىللەت خەلىقنىڭ ماددى تۇرمۇشى ، مەنۋى تۇرمۇشىنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكىلىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى . ھەر مىللەت خەلىقى ئوتتۇرسىدا زىچ مۇناسىۋەت شەكىللەندى .
دۆلتىمىز ئازات بۇلۇپ ، جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغاندىن بۇيان مىللەتلەر باراۋەرلىگى ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقنى قوغداش ، بۆلگۈنچلىككە قارشى تۇرۇش كۈرۈشى بىلەن ، بۆلگۈنچلىك ھەرىكەتلىرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى . دۆلەت ئىچىدىكى ئەكسىيەتچى ، زوراۋان ، تىرورچىلار ، مىللەت بۆلگۈنچى كۈچلىرى ۋە دىنى ئەسەبى كۈچلەر چەتئەل ئەكسىيەتچى كۈچلىرى ۋە زوراۋان تىرورچى كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ، دۆلتىمىزنىڭ بىرلىكىگە ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتپاقلىقىغا ، خەلىقنىڭ خاتىرجەملىكىگە ، جەمئىيەتىنىڭ مۇقىملىقىغا قارشى چىقىپ كەلدى . مىللەت - دىن بايرىغىنى كۆتۈرۋېلىپ ، قۇتراتقۇلۇق قىلىپ ، ئاممىنىڭ نادانلىغىدىن ، دىندىن پايدىلىنىپ ، ئاممىنى خەنزۇلارغا قارشى تۇرۇشقا قۇتىرتىش ، بۆلگۈنچلىكنى تەرغىپ قىلىپ ، ھەر خىل ماجىرالارنى تۇغدۇرۇپ ، مىللى ئۆچمەنلىك ۋە قارىمۇ – قارشىلىقنى پەيدا قىلىپ ، كوممۇنىستىك پارتىينى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ، سوتىيالىزىمغا قارشى تۇرۇش ، خەلق ھاكىمىيتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ، ۋەتەننىڭ بىرلىگىنى پارچىلاشتىن ئىبارەت جىنايى مەقسىتىگە يىتىشىكە ئۇرۇنۇپ كەلدى .
بۆلگۈنچى كۈچلەر جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ، ھەر كەسىپ كىشلىرىدىن سىياسى مەيدانى مۇستەھكەم ، خەلىقنى توغىرا يولغا باشلىيالايدىغان ، بۆلگۈنچلىككە قارشى تۇرۇپ ، ۋەتەننىڭ بىرلىگىنى قوغدايدىغان ۋەتەنپەرۋەر خەلىق ئاممىسىغا ۋەھىشىيىلىك بىلەن زىيانكەشلىك قىلىدى . ئوت قويۇش ، ئادەم ئۆلتۈرۈش ، زەھەر تاشلاش ، بۇلاڭچلىق قىلىشتەك ھەممە ئەسكىلىكلەرنى قىلىپ ، ھەر مىللەت خەلىقىگە ئىنتايىن زور كۈلپەتلەرنى كەلتۈردى ۋە ئۆزىنىڭ رەزىل ئەپتى – بەشىرسىنى ئاشكارلىدى .
بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار خوتەن شەھەرلىك سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى ناسىر ھاجى ، ھاكىم سىدىق ھاجى ۋە ئاپتۇنۇم رايونلۇق سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى ، قەشقەر ھېيتىگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى ھارۇنخان ھاجى ۋەكىللىگىدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنى زاتلار ، بىر قىسىم ئاساسى قاتلام پارتىيە ياچېيكا شۇجىلىرى ، خەلىق ساقچىلىرى ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ۋە بىگۇناھ ئاممىنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈردى .
90- يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن ئاقتۇ ناھىيسى بارىن يېزىسىدىكى  ئەكسىل ئىنقىلابى قۇراللىق توپلاڭ ، ئۈرۈمچىدىكى بىر قاتار ئاپتۇبۇس پارتىلىتىش دىلولىرى ، غۇلجىدىكى «5-فىۋرال» ئۇرۇش – چېقىش پاراكەندىچىلىك دىلوسى ، يېقىنىدا قەشقەر ۋىلايتىدە يۈز بەرگەن خەلق پەرزەنىت ئەسكەرلىرىگە ئاشكارە ھۇجۇم قىلىش …… قاتارلىق ۋەقەلەرنى سادىر قىلىپ ، ھەر مىللەت خەلىق ئاممىسنىڭ ھاياتى ۋە ئىجتمائى مۇقىملىقىغا زور زىيانلارنى كەلتۈردى .
جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتىنىڭ بۈگۈنكى پارلاق مەنزىرسىنى جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق ياراتقان . ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئوغلانلىرىمىز ئىسسىق قېنىنى تەقدىم قىلغان . جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيسى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئۇرۇنغا قويۇپ ، ھەر مىللەت خەلىقنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغدىدى . بۆلگۈنچلىكنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيتىنىڭ ئەپتى بەشىرسىنى ئېچىپ تاشلاپ ، خەلىقنى ئويغىتىپ ، بايرىغى روشەن ھالدا بۆلگۈنچلىككە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا چاقىردى . پەقەت ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئامما سەزگۈر بۇلۇپ ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىدىغانلا بولساق ، ھەر قانداق ئەكسىيەتچىل كۈچلەرنىڭ سۈيقەستى ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ .
بۆلگۈنچلىككە قارشى تۇرۇپ ، ۋەتەننىڭ بىرلىگىنى قوغداش ــ ھەر مىللەت خەلىقنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى . ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ، خەلىق ئاممىسى ۋەتەننىڭ بىرلىگىنى قوغداپ ، بۆلگۈنچلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلەرگە قەتئى قارشى تۇرۇشىمىز لازىم .
بىز بۇ يەردە ئولتۇرۋاتقانلار ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ھەم خەلىق ئوقۇتقۇچىسى بۇلۇش سالايىھىتىمىز بىلەن «ئۈچتىن ئايرىلالماسلىق» ئىديىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنى توغىرا يىتەكلەپ ، پارتىينىڭ رەھبەرلىگىنى قەتئى ھىمايە قىلىپ ، مائارىپ فاڭجىنىنى ھەقىقى ئىزچىللاشتۇرۇپ ، بۆلگۈنچلىككە قارشى تۇرۇپ ، ۋەتەننىڭ بىرلىگىنى قوغداش كۈرشىنىڭ بىر تۈرلۈك تەخىرسىز ، كەسكىن سىياسى كۈرەش ئىكەنلىگىنى تۇللۇق تۇنۇپ ، مىللى بۆلگۈنچلىككە قارشى تۇرۇش كۈرشىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرشىمىز لازىم .
بىزنىڭ ياش – ئۆسمۈرلىمىز ، ئوقۇغۇچىلىرىمىز ــ سوتىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ ئىز – باسارلىرى ، مىللى بۆلگۈنچلىككە قارشى تۇرۇش كۈرشىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ھەق -ناھەق مەسىلىسىدە كاللىسىنى سەگەك تۇتۇپ ، مەيدانى مۇستەھكەم ، بايرىغى روشەن ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىگىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتپاقلىغىنى ئاڭلىق ھالدا قوغداپ ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تىگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇشى لازىم .
يولداش جىياڭ زىمىن ئوتتۇرغا قويغان «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيسى پارتىينىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى . بىز پارتىينىڭ رەھبەرلىگىدە دىڭ شىياۋپىڭ نەزىرىيسى ئۇلۇغ بايرىغىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ، جوڭگوچە سوتىيالىزىم يولىدا قەتئى تەۋرەنمەستىن مېڭىپ ، «ئۈچتىن ئايرىلالماسلىق ئىدىيسى» نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ، مىللەت بۆلگۈنچلىرىگە قارشى كۈرەشنى ئاداققىچە ئېلىپ بېرىپ ، ۋەتەننىڭ بىرلىگى ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتپاقلىغىنى قەتئى قوغداپ ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تېخممۇ گۈزەل ، پارلاق كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتايلى .
سۆزۈم تۈگىدى ، كۆپچلىككە رەھمەت !
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

808

تېما

13

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
8486 سەر
تىللا
6722 دانە
تۆھپە
5583 سەر
شۆھرەت
6102 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 22:43:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ بۇ ماتېريالمۇ تەييار بوپتۇ مانا كۆپ رەھمەت ئىشىمىزنى ئاسان قىپسىز بۇرادەر!

65

تېما

28

دوست

8094

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1952 سەر
تىللا
238 دانە
تۆھپە
1523 سەر
شۆھرەت
1389 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 09:44:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە!
كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر !

143

تېما

15

دوست

4702

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
956 سەر
تىللا
743 دانە
تۆھپە
727 سەر
شۆھرەت
820 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىبايقاش قوغدىغۇچىسىتۆھپىكار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 16:17:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز دائىم مۇشۇنداق لىكسىيە ماتىرىياللىرىغا مۇھتاج بۇلىمىز. يەنە بامۇ

125

تېما

21

دوست

3362

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1069 سەر
تىللا
237 دانە
تۆھپە
423 سەر
شۆھرەت
422 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 21:31:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىزدەپ باقاي،كومپۇيۇتىردا خىلى جىق بار ئىدى.

0

تېما

1

دوست

40

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
8 سەر
تىللا
3 دانە
تۆھپە
9 سەر
شۆھرەت
9 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 00:18:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە، يەنە بار بولسا يوللاپ بىرىڭ.

0

تېما

0

دوست

105

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
19 سەر
تىللا
13 دانە
تۆھپە
19 سەر
شۆھرەت
18 سەر
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماتىريال ئىكەن.چۈشۈرۈپ پايدىلىنىۋالدىم . رەھمەت.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-5-11 06:35, Processed in 0.401177 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش