كۆرۈش: 11054|ئىنكاس: 47

مۇنبەر ئەزالىرى قائىدە تۈزۈمى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مۇنبەر ئەزالىرى قائىدە تۈزۈمى


1. ئەزالىرىمىزغا ساغلام،پاكىزە،بىخەتەر بولغان مۇنبەرموھىتى يارىتىپ بىرىش ئۈچۈن تېمىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ قاتتىق بولىدۇ .  ئەزالارنىڭ كىشىلىك ئەخلاق- پەزىلەتكە ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا ،سىياسەتلەرگەزىت بولغان تېمىلارنى ۋە ئېنكاسلارنى يوللىشى قەتئىي مەنئىي قىلىندۇ.


2. مۇنبىرىمىزگە يوللانغان تېمىلار چوقۇم ئۆز ئىجادىيتىنىڭ مەھسۇلى ياكى ئىزدىنىش تۈرتكىسىدە بارلىققا كەلگەن، ۋە ياكى كۆرۈنەرلىك پايدىلىق قىممىتى بولغان بولۇشى ،ھەرگىزمۇ تۆكمە بولۇپ كەتكەن ياكى پايدىلىق قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى بولمىغان تېمىلارنى يوللىماسلىق لازىم.باشقا مۇنبەرلەردىن كۆچۈرۈپلا چاپلاپ قويۇلغان تېمىلار بايقىلىپ قالسىلا ئۈچۈرلىدۇ ھەم شۇ ئەزاغا تېگىشلىك تەدبىر قوللىنىلىدۇ.

3. مۇنبىرىمىز ئانا تىلىمىزنى قوغدايدۇ ۋە قەدىرلەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنبىرىمىزگە يوللانغان تېمىلاردا ئېغىر دەرىجىدىكى ئىملا خاتالىقى كۆرۈلسە بىردەك ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدۇ، يىنىك دەرىجىدىكى (ئېھتىياتسىزلىقتن كىلىپ چىققان) ئىملا خاتالىقى كۆرۈلسە، بۇ ھالدا مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىمىز تەھرىرلەپ تۈزىتىش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن ئاندىن تەستىقلىنىدۇ،  تېما يوللىغاندا ئىملانىڭ توغرا بولىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.


4. مۇنبىرىمىزگە يوللانغان تېمىلار چوقۇم تېما يوللىغۇچىنىڭ ئەجىر-مېھنىتى ۋە ئەمگەك مېۋىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن تېمىلارغا ئىنكاس يازغاندا، شۇ تېمىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ قىممەتلىك پىكىر- تەكلىپلىرى ۋە تەسىراتىنى بايان قىلىشى، ھەرگىزمۇ قۇرۇق چىراي ئىپادىسى (ياخشى يېزىپسىز، رەھمەت، تېخىمۇ تىرىشىڭ،بارىكاللا.....)ۋە تېمىلارغا ئېنكاس يازغاندا تەكرار ئېنكاس يازماسلىقى لازىم.


5. يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار مەسىلىلەرنى تەل تۆكۈس ھەل قىلىش ئۈچۈن، مۇنبىرىمىزدە بۇرۇندىن بار بولغان بىراق كۆچۈرۈپ كېلىنگەن (ئەمما ئالاھىدە پايدىلىنىش قىممىتى بار تېمىلاردىن باشقا) ئەخلەت تېمىلارنىڭ ھەممىنى مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ تولۇق بايقىيالىشى ناتايىن، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنبىرىمىزىدىكى بارلىق ئەزالار ئاكتىپ ماسلىشىپ، تەڭ كۈچ چىقىرىپ مەلۇم قىلسا بولىدۇ.

6.تىللاغا ئېرىشىش مەقسىتىدە تەكرار ياردەم تېما يوللاشتىن ياكى چۈشۈرۈش ئادرىسى يوق تېما يوللاشتىن ،ۋە بىرسائەتلىك دەرسنى بىرتېما قىلىپ يوللاشتەك ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك.

7.كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان(دوستۇم بەرگەن ،توردىن چۈشۈرۋالغان) تېمىلارنى يوللىماسلىقى مەنبەسى ئېنىق بولغاندىنكىيىن ئاندىن يوللىشى كېرەك.

8.مۇنبىرىمىزدىكى تېمىلارنى چۈشۈرۈپ پايدىلىنشقا بۇلىدۇ ،لېكىن باشقا مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ .چۈنكى بۇ بىزنىڭ قان تەرىمىزنىڭ مەسئۇلى.

9.ئوخشاش بىر ئېنكاسنى بىرقانچە تېمىغا كۆچۈرۈپ چاپلاشقا ياكى ئۈستىدە باشقىلار يازغان ئېنكاسنى كۈچۈرۈپلا چاپلاپ قۇيۇشقا بولمايدۇ .

10.تېما يوللىغاندا چۈقۈم يوللىغان شۇ تېمىسىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا قىسقىچە بولسىمۇ چۈشەندۇرۇش بېرشى كېرەك ،بۇ سىزگە ۋە سىزدەك باشقا تورداشلارنىڭ تېخىمۇ ياخىشى چۈشۈنىشى ئۈچۈن پايدىلىق.

11.بىر تېمىنى بىرلا ۋاقىتتا بىرقانچە توربەتكە تەڭ يوللىماسلىق كېرەك!بۇنداق بولغاندا توربېكەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا دوستانە مۇناسىۋىتىگە تەسىر يېتىدۇ ۋە تېما پاخاللىقى كېلىپ چىقىدۇ .


بايقاش مائارىپ تورى
2012-يىلى3-ئاينىڭ 25-كۈنى

باھا سۆز

ياخشى بوپتۇ.  ۋاقتى: 2012-3-25 20:30

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-3-25 20:11:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئادمىن ئەپەندى:
   بۇ تۈزۈمنى بۇرۇنراق تۈزۈپ ئېلان قىلىش كېرەك ئىدى. دىمىسىمۇ مۇنبەرگە يوللانغان تېما ۋە ئىنكاسلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەسىلىلەر مەۋجۇت. مېنىڭچە بۇ مەسىلىلەر كۆپىنچە سەۋەنلىكتىن ياكى يېڭى ئەزالارغا نىسپەتەن تەجرىبىسىزلىكتىن كۆرۈلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مۇنبەر تىللاسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇلۇۋاتقان مەسىلىلەر بۇلۇشىمۇ مۈمكىن.
   سىز تۈزۈپ ئېلان قىلغان ئون ماددىلىق « مۇنبەر ئەزالىرى قائىدە تۈزۈمى›› ناھايىتى ئەتراپلىق بوپتۇ. بۇ تۈزۈم مۇنبەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇنبەردىكى يوللانمىلارنىڭ  مەزمۇنىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، پايدىلىنىش قىممىتىنى ئاشۇرۇش،  قېرىنداش مۇنبەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىناقلىققا كاپالەتلىك قىلىش... قاتارلىق جەھەتلەردە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. رەخمەت سىزگە. سىز تۈزۈپ چىققان بۇ تۈزۈملەرگە مەن يەنە تۈۋەندىكى تەرەپلەرنى قوشۇپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ:
   1. مۇنبەردە بۇلۇشقا تېگىشلىك بارلىق سەھىپىلەر تۇلۇق ئېچىلغان، شۇڭا مۇنبەرگە تېما يوللىغاندا يوللانمىلارنىڭ مەزمۇن جەھەتتىكى خاراكتىرىغا قاراپ، يوللانمىلارنى ئۆز سەھىپىسىگە يوللىساق. بۇ ئارقىلىق سەھىپىلەرنىڭ ئارلىشىپ، قالايمىقان بۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىپ، سەھىپىلەرنىڭ مەزمۇن جەھەتتىكى مۇكەممەللىكىگە كاپالەتلىك قىلساق.
   2. مۇنبەردە ‹‹ پايدىلىنىش رەسىملىرى ›› سەھىپىسى بار. ماتىرىيال يوللىغاندا  يوللانمىلارنىڭ مەزمۇنىغا ماس كېلىدىغان قىستۇرما رەسىملەرنى ئۆز لايىغىدا قىستۇرساق. بۇ ئارقىلىق مۇنبەرنىڭ شەكىل جەھەتتىكى رەڭدارلىقىنى، جەلىپكارلىقىنى ئاشۇرساق.
   بەلكىم مېنىڭ بۇ پىكىر- تەكلىپلىرىمگە باشقا تورداشلار غەيرى قاراشتا بولمايدىغۇ دەپ ئولايمەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-25 20:33  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +4تىللا +4يىغىشسەۋەبى
بايقاش + 4 + 4بارىكاللا!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2012-3-25 22:50:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ قوللايمەن@تېما پاخاللىقى ۋەمۇنبەرلەر ئارسىدىكى دوستانە مۇناسۋەتنى ساقلاپ بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشپ كەڭ مائارىپچىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ئورتاق تىرشچانلىق كۆرسىتەيلى!
ۋاقتى: 2012-3-26 11:13:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تۈزۈملەر تۈزۈلگىنى ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ ھەممىمىزنىڭ ماتىرياللاردىن پايدىلىنىش شۇنداقلا ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا پايدىسى بولغىدەك
ۋاقتى: 2012-3-26 12:16:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تۈزۈملەرنىڭ تۈزۈلىشى مۇنبرىمىزنىڭ تېخىمۇ مۇكەمملەشكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى دىيىشكە بۇلىدۇ. ھەممەيلەن بىرلىكتە يېڭىچە بايقاش قۇرۇپ چىقايلى.
ۋاقتى: 2012-3-26 12:55:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  قوللايمەن بۇنىڭ ئۆچۈن ھەممەيلەن ئورتاق كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەكقۇ دەيمەن ؟  بەزى تىمىلار ئۇنىڭغا كىرسىمۇ بار ، بۇنىڭغا كىرسىمۇ بار ياكى ئىسىمنى ئۆزگەرتىش قىلىپپلا يوللاپ قۇيىدىغانلار باركەن . مەن بەزى تىمىلارنى كۆرۈپ باقسام نەچچە قىتىم يوللىنىپ كىتىپتۇ پەقەت ئىسىملا ئوخشىمايدىكەن.  ئەمدى مۇشۇنداقلار غا زەربە بولىدىغان بوپتۇ دە!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +5تىللا +2يىغىشسەۋەبى
بايقاش + 5 + 2قوللايمەن!

باھا خاتىرىسى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-3-26 13:09:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى تىمىلار ئۇنىڭغا كىرسىمۇ بار ، بۇنىڭغا كىرسىمۇ بار ياكى ئىسىمنى ئۆزگەرتىش قىلىپپلا يوللاپ قۇيىدىغانلار باركەن .


بولسا مۇشۇنداق تېمىلارنى كۆرسەڭلا ۋاقتىدا ئىنكاس قىلغان بولساڭلار. بىز ۋاقتىدا  بىر تەرەپ قىلىۋەتسەك. رەھمەت سىزگە!
ۋاقتى: 2012-3-26 17:16:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ قوللايمەن.مۇشۇ قائىدە تۈزۈملەلا بولىدىكەن  ئەمدى بايقاش مۇنبىرى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ ، مەزمۇنى سەرخىل بولغان ،ھەقىقى بىلىم مائارىپ تورى بولۇپ چىققۇدەك...
ۋاقتى: 2012-3-26 19:49:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قائىدە -تۈزۈملەر  ناھايىتى ياخشى تۈزۈلۈپتۇ .شۇڭا بارلىق باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئېغىزدىلائەمەس ،بەلكى ئەمەلىي ھەركىتىمىز  ئارقىلىق قوللايلى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +2تىللا +2يىغىشسەۋەبى
بايقاش + 2 + 2قوللايمەن!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2012-3-28 19:48:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يەنە شۇ قېتىپ قۇيۇش لايىقمىكى دەپ قالدىم !
يەنى :ئەزالىققا تىزىملاتقاندا قالايمىقان،سەت ناملاردا،قالايمىقان ھەرىپلەردە ،سان سېپىرلاردا  تىزىملاتماسلىق ،تىزىملاتقاندا بىرە ئېغىز بولسىمۇ ئۇيغۇرچەيېزىش ،يەنى ھېچ بولمىسا مەقسىتى دىگەن يەرگە بولسىمۇ !دەپ قارايمەن !

باھا سۆز

ئۇرۇنلۇق!  ۋاقتى: 2012-3-29 10:00
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش