كۆرۈش: 431|ئىنكاس: 4

مائارىپتىكى بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىمىز؟

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ياخشىمۇسىز قېرىندىشىم ، بۇ تېمىنى چەككىنىڭىزنىڭ ئۆزىدىن مائارىپقا كۆڭۈل بۆلىدىڭىزنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ .

ئەمدى نەق گەپنى قىلسام ، مەن مۇشۇ يىلى (2016.09)ئۆز ئارزۇيۇم بويىچە قاتمۇقات سىناقلاردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ  ئوقۇتقۇچىلىق سېپىگە قوشۇلدۇم . ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان كەسپىم  زامانىۋى مائارىپ تېخنىكىسى بولۇپ  ئوقۇتقۇچۇلۇق ئىمتاھان بەرگەن پەن تۈرى بولسا  ئۇچۇر -تېخنىكىسى .
مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بىنائەن ھازىر خوتەن شەھىرىنىڭ مەلۇم بىر مەكتەپنىڭ تارماق مەكتىپىدە ئىشلەۋاتقىلى بىر ھەپتە بولدى ، ئۆتىدىغان دەرىسىم  ئادەتتىكى 3-4-يىللىقلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرسلىكى .  مەن يولۇققان ئەڭ نېگىزلىك مەسىلە شۇكى :بۇ ئىككى سىنىپتىكى 84 نەپەر ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن دېگۈدەك ساۋاتسىز قالغان ئوقۇغۇچىلار بولۇپ  ، خەنزۇتىلى پىنيىن نى يامان ئەمەس ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى 5 نەپەرگىمۇ يەتمەيدۇ .   بۇنداق بولۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا مەكتەپ ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچى تولۇقلاپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۆۋەن يىللىقتىن باشلاپ نورمال دەرس ئاڭلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرەلمىگەن . ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرىسىگە قاتنىشىشى بەك ئاز ھەم تەرتىپسىز بولغان .   يەنە بىر سەۋەبى ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ  بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلمىغان ، يەنە باشقا سەۋەبلەرمۇ بار بولىشى مۇمكىن .
مەن بىر ھەپتە سەر ئۆتۈش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى ئۆگۈنۈش ئىشتىياقىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى  پەقەت شۇ  قانغۇدەك دەس ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولالمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم .   دەرسلىك كىتابقا قارىسام كىتابنىڭ مەزمۇنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلى خەنزۇتىلى ئاساسىغا قەتئى ماس كەلمەيدىكەن ، ئېنىقىنى دېگەندە  ئوقۇغۇچىلارغا  بۇ كىتابنى ئۆتىمەن دېيىش ئەما ئادەمگە كىنو قويۇپ بەرگەندەكلا ئىشكەن ،  شۇڭا  مەن  ئايرىم بىر ئوقۇتۇش پىلانى تۈزۈپ  ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى دەسلەپكى ئاساسىنى يېتىلدۈرۈپ ئۆزى ئۆگەنگۈدەك دەرىجىگە ئەكىلىپ بولۇپ ئاندىن  دەرسلىك كىتاب بويىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ باراي دېگەن  ، لېكىن  باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دېيىشىچە  يۇقىرىدىن تەكشۈرۈپ كەلگەندە  مېنىڭ قىلغىنىمنى توغرا كۆرمەيدىكەن .
مەن  ھەم  ئوقۇغۇچىلارنى  ئايرىم يېتەكلەپ  ھەم  كالىندار پىلانى بويىچە دەرس تەييارلاپ ، تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇپ   ھەممىنى قىلىمەن دېسەم  يېتىشەلمەيدىكەنمەن ، شۇڭا ھەممە ئادەمنمىڭ قولى ئىچىگە ئېگىلسە كېرەك ، مەن يېڭى خىزمەتكە چىقىپلا  يامان ئاتاققا قېلىشنى خالىمىدىم ، ئامالسىز ئوقۇغۇچىلارغا پىلان بويىچە تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇردۇم ، لېكىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇنچە قىنىلىپ ئىشلىگەن بۇ تاپشۇرىقى ئەمەلىيەتتە ئوقۇغۇچىلارغا ھېچقانچە ئۈنۈم ئېلىپ كېلەلمەيتتى ، ئۇلار خەنزۇچە خەتنى خۇددى بىر پارچە رەسىم سىزىۋاتقاندەك نەچچە رەت قاراپ ئاندىن يازاتتى ، نە ئۇلارنىڭ كاللىسىدىكى  بىخۇا تەرتىپ  ، يان بۆلەك ، ھەممىسى ئۇلار ئۈچۈن ناتونۇش .
مەن شۇتاپتا تەكشۈرۈش كېلىپ  ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئىشلىگەن تاپشۇرىقىنى كۆرۈپ  ، مېنى سۈپەتسىز دەپ باھالاپ قويۇپ كېتىشىنى ساقلاپ ئولتۇرىۋاتىمەن .   
شۇنچە ئارزۇلاپ قولغا كەلتۈرگەن بۇ خىزمەت ئىچىمنى بەك ئاچچىق قىلىپ قويدى ، مەن بۇ خىزمىتىمنى بەكلا سۆيىمەن ، ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقى بىلىم يەتكۈزۈش نىيىتىم بار ئىدى ، لېكىن مەن گاڭگىراپ قالدىم ، كېيىنكى قەدەملەرنى قانداق بېسىش ماڭا تېخى قاراڭغۇ  ، زادى قانداق قىلىش كېرەك ...


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-9-14 00:56:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ خىزمىتىمنى بەكلا سۆيىمەن ، ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقى بىلىم يەتكۈزۈش نىيىتىم بار ئىدى ، لېكىن .....
سىز ئىككىلەنمەڭ ،پەقەت تىرىشىڭىزلا بۇ ئەھۋال تەدىرىجى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ ،مەيۈسلەنمەڭ ،غەيرەت قىلىڭ
ۋاقتى: 2016-9-14 22:34:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەسىپداشلىرىڭىزنىڭ دېگىنى توغرا ... سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىز ئەمەلىيەتتە توغرا ھازىر مائارپىمىزدا قېلىپبازلىق ئېغىر ... قېنى بۇ ھەقتە باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغىنىنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقسۇن ...
ۋاقتى: 2016-9-30 15:57:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3-4-يىللىققا خەنزۇ تىلىنى 0دىن باشلاپ ئۇتۇشكە توغرا كەلسە بەلكىم باشلانغۇچنى پۇتتۇرۇپ بولغۇچە چۇقۇم خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى  مەلۇم دەرىجىدە يۇقۇرى كۆتەرگىلى بۇلۇدۇ.بۇرۇنمۇ بىز باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا 3-يىللىقتىن باشلاپ ھەپتىسىگە 4 سائەت دەرس ئاڭلاپ ئوقۇغان.شۇنداقتىمۇ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى يۇقۇرى ئىدى.ئەمما بۇگۇنكى كۇندە 3-4-يىللىققا خەنزۇ تىلىنى 0دىن باشلاپ ئۆتۇشكە توغرا كەلسە ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن بىر ياخشى پۇرسەت.چۇنكى ئۇلار بۇرۇن ئۇگۇنەلمىگەن بىلىمىنى تۇلۇقلىۋالىدۇ.سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز ئاساسىدا خەنزۇ تىلى ئۇگنۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇگنگىنى يۇقۇرى دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ تەكشۇرۇشىگە.دەرسلىك كىتاپقا .ئىنتاھانغا ماس كەلمەيدۇ.سىز ئامالسىز يەنىلا ئاشۇ 1-2-يىللىقتا خەنزۇ تىلى ئۇتۇلمىگەن شۇ ئوقۇغۇچىلارغا يەنىلا 3-4-يىللىقنىڭ خەنزۇ تىلى دەرسلىكىنى ئۇتۇشكە مەجبۇرسىز.بۇنداق ئەھۋاللار دىيارىمىزنىڭ چەت يېزا قىشلاقلىرىدا ھېلىمۇ مەۋجۇت.مىنىڭ تەۋسىيەرىم سىز ئۇزىڭىز ئويلىغان خەنزۇ تىلىنى باشتىن باشلاپ ئۆتسىڭىز بىرەر يىل قىينالسىڭىزمۇ تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىز ئاشۇ بالىلار مەلۇم خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىگە ئىگە بولسا مانا بۇ  سىزنىڭ نەتىنجىڭىز.يۇقۇرىنىڭ تەكشۇرۇشلىرىگە ھەقىقى ئەھۋالنى ئېيتسىڭىز ئۇلارمۇ سىزنى كەچۇرۋىتىشى مۇمكىن.لىكىن بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئىمتاھاندا ئامال يوق.سۇئال بىر تۇتاش چىقىرىلدىغان بولغاچقا .سىزنىڭ داۋاملىق تىرىشىشىڭىزغا توغرا كىلىدۇ.داۋاملىق تىرىشىڭ.سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.









ۋاقتى: 2016-10-10 16:08:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر مائارىپتا شەكىلۋازلىق ئاۋۇپ قالدى،خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىڭ.
ئايرىم كونسۇلتاتسىيەنى چىڭ تۇتقايسىز
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش