كۆرۈش: 90|ئىنكاس: 0

باشلانغۇچ مەكتەپ5-يىللىق 1-مەۋسۈم تىل-ئدەبىيات دەرىس تەييارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىككى  سائەتلىك دەرس لايىھەسى
       2015-  يىلى  - ئاينىڭ   - كۈنى                                  دەرس تەييارلىغۇچى:
    تۆتىنچى  بۆلەك: تۇرمۇش-ئىلھام بۇلىقى
15. مەڭگۈلۈك سۇئال
ئاپتۇرى : ئابباس مۇنىياز         دەرس تېمىسى
    بۇ  تېكىست  بايان  خاراكتىرلىق  نەسرىي  ئەسەر  بولۇپ،تېكىستتە، ھاياتنىڭ  قىممىتى  راھەت-پاراغەتلىك تۇرمۇشنىڭ  پەيزىنى  سۈرۈشتە  ئەمەس،  بەلكىئىنسانىي  بۇرچنى مەسئۇلىيەتچانلىق  بىلەن ئادا  قىلىشتا  ئىكەنلىكى،ئادەم ئۆزىگە<<سېنىڭ  بۇرچۇڭ  نېمە؟سەن  كىم  ئۈچۈن ياشايسەن؟>>دېگەن  سۇئالنى  قويۇپ ياشىشى كېرەكلىكىدىن ئىبارەت ئىدىيە  ئالغا  سۈرۈلگەن.
        دەرس مەزمونى
1.        بىلىم ۋە قابىلىيەت نىشانى:
تېكىستنى توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇش ۋە يېڭى سۆزلەرنىڭ، نۇقتىلىق جۈملىلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋېلىش. ئۆزى ياقتۇرغان جۈملىلەرنى يادلىۋېلىش.
2. ئۇسۇل ۋە جەريان نىشانى:
   تېكىستنى  روللارغا  بۆلۈنۈپ  ئوقۇپ،ئۆزىگە تەسىر  قىلغان  قىسمىنى كۆچۈرۈپ يېزىۋېلىش ۋە  ساۋاقداشلىرى  بىلەن  پىكىر  ئالماشتۇرۇش.
3. ھېسسىيات، پوزىتسىيە نىشانى:
   پۇلدىنمۇ  مۇھىم نەرسىنىڭ بار  ئىكەنلىكىنى دەسلەپكى  قەدەمدە ھېس  قىلىش شۇنداقلا قانداق ئادەم بولۇش تەربىيەسىگە ئىگە بولۇش .         ئۇمومى ئوقۇتۇش نىشانى  

ئاپتورنىڭ قەلبىنىڭ قات – قېتىدا نېمە ئۈچۈن يەنىلا شۇ مەڭگۈلۈك سوئالنىڭ ياڭرايدىغانلىقىنى ، كارخانىچىنىڭ سۆزىدىكى چوڭقۇر مەنىنى ھېس قىلدۇرۇش ، قانداق ئادەم بولۇش قائىدىسىنى بىلدۈرۈش .         ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم نۇقتا


   ئوقۇغۇچىلارغا تىلنىڭ قايىل قىلىش كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇش ، تەپسىلىي يېزىش بىلەن قىسقارتىپ يېزىش ۋە ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى مۇۋاپىق ئىشلەتسە ئەسەرنىڭ قايىل قىلىش كۈچىنىڭ تېخىمۇ يارقىنلىشىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش .         ئوقۇتۇشتىكى قىيىن نۇقتا


  ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشكە يېتەكلەش، قىسقا سىناق ئېلىش، تېكىستنى گورۇپپىلاردا ھېسسىياتلىق ئوقۇشقا، مەزمونىنى سۆزلەشكە، تەسۋىرىي جۈملىلەرنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، ئەسەردە ئىپادىلەنگەن ئىدىيىۋى ھېسسىياتنى چۈشىنىشكە يېتەكلەش، قوزغىتىش، ئىلھاملاندۇرۇش، گۇرۇپپىلار ئارا ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىشكە يىتەكلەش.
مۇستەقىل ئۆگىنىش، ئىزدىنىپ ئۆگىنىش، ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش، ئۆز ئارا باھالاش        ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش شەكلى


رەسىم، دوسكا، بور، دەرسلىك كىتاب        كېرەكلىك ئوقۇش قۇراللىرى
1-سائەتلىك
ئوقۇتۇش جەريانى: (يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش، تېكىستنى ئوقۇش، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشكە قۇيۇلىدىغان تەلەپ، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشتىن ئىلىنىدىغان سىناق، ئوقۇتقۇچى ئىزاھلاپ قۇيۇشقا تىگىشلىك نۇقتىلار، نىشانغا يىتىش سىناق سۇئاللىرى)
1.        ئاپتورنى تونۇشتۇرۇش:
ئابباس مۇنىياز ــ تولۇق ئىسىم – فامىلىسى ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان . ئۇ 1966-يىلى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئېگەرچى يېزىسىدا توغۇلغان . ئۇنىڭ ‹‹ئاخىرقى ئوۋ ›› ناملىق رومانى ، ‹‹خاراباتى ›› ناملىق قىسسىسى ، ‹‹رازى بولغىن ،رازىيە ››، ‹‹ئازماس ئېزىتقۇلار ›› ناملىق ھېكايە – پوۋېست توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان .

2.        يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش:
پۇلنىڭ قانداق رولى بار ؟ سىزنىڭ قارىشىڭىزچە ، پۇل ھەممىگە قادىرمۇ ؟ پۇل ، ھاياتلىق، تەن سالامەتلىك ، ۋىجدان، ئىنسانىي بۇرچ،ئەخلاق قاتارلىقلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش بولۇپ قالسا قايسىسىنى تاللايسىز ؟ قايسىلىرى ئەڭ قىممەتلىك ؟ نېمە ئۈچۈن ؟



3.        ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش باسقۇچى:
ساۋاقداشلار، تېكىستنى ئۆز ئالدىمىزغا ئورتاق ئەدەبىي تىلدا توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇپ باقايلى.
ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشنىڭ تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
1) تېكىستنى ئورتاق ئەدبىي تىلدا توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇش.
2) تېكىست ئىچىدىكى يېڭى سۆزلەرنى تېپىپ ئاستىغا سىزىش.

ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشتىن قىسقا سىناق:
ئىلگىرى ئوقۇتقۇچىلار نېمە توغرىلىق مۇلاھىزە قىلىشىدىغان ؟ ھازىرچۇ ؟

4. بىللە ئۆگىنەيلى.
1) ئوقۇغۇچىلار تېكىستنى گورۇپپىلاردا ھەر خىل شەكىلدە مۇسابىقىلىشىپ ئوقۇيدۇ. گورۇپپا باشلىقلىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئوقۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. (ئوقۇش جەھەتتە باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.)
ئوقۇشقا قويۇلىدىغان تەلەپ:
تېكىستنى ئوقۇش جەريانىدا ئاپتورنىڭ پۇلغا بولغان كۆز قاراشلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭلار.
2)        تېكىست ئىچىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ھەل قىلالمىغان يېڭى سۆزلەرنى گورۇپپىلاردا بىرلىكتە مۇزاكىرىلىشىپ ھەمكارلىشىپ، مەنىسى جەھەتتە ئورتاقلىشىدۇ ۋە يېڭى سۆزلەرگە جۈملە تۈزۈش مەشقىنى ئېلىپ بارىدۇ. (گورۇپپا باشلىقى تەكشۈرۈپ خۇلاسىلەيدۇ)
يۇقىرىدىكى سۇئال ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلار گورۇپپا باشلىقلىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە گورۇپپا ئىچىدە بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىدۇ ۋە بايقىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. گورۇپپىلار ئارا باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

3)        ئاپتور ئەتراپىدىكىلەرگە قاراپ قانداق قىلىش خىيالىغا كەلدى ؟ كېيىن نېمە ئۈچۈن خىيالىدىن ۋاز كەچتى ؟

5. ئوقۇتقۇچى تولۇقلايدىغان مەزمونلار:
ئوقۇغۇچىلار ھەمكارلىشىپ ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى سۆزلەر ھەققىدە ئوقۇتقۇچى تولۇقلاش ئېلىپ بارىدۇ.
يېڭى سۆزلەر:
كەسكىن-ئۈزۈل-كىسىل،قەتئىي، جىددىي.
ۋەزىيەت---مەۋجۇت بولغان ياكى  بىرەر  پەيتتە پەيدا  بولغان شەرت-شارا.ىت،ئەھۋال.
كارخانا—ئىشلەپچىقىرىش، تىرانسىپورت، سودا  قاتارلىق ئىقتىسادىي  پائالىيەتلەر  بىلەن
  شۇغۇللىنىدىغان  تارماق
كارخانىچى-كارخانا  باشقۇرۇش كەسپى  بىلەن  شۇغۇللانغۇچى
ۋاستە-1)بىرەر  مەقسەتكە  ئېرىشىش ياكى  بىرەر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش  ئۈچۈن  دەستەك  
بولۇپ  خىزمەت  قىلىدىغان  نەرسە قۇرال. ئىش-ھەرىكەت  قۇرالى.2)ئوتتۇرىدا  تۇرۇپ تونۇشتۇرۇش  رولىنى  ئوينىغۇچى.
مىزان –تارازا،جىڭ.


     6. دەرستىن كېيىنكى سىناق:
بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ :
1)        ئىگىرى مىللىي مائارىپىمىزنىڭ (           ) ۋە (           ) توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىشىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ، مانا ئەمدى پۇل تېپىش توغرىسىدىلا (                ) بولۇپ قالدى .
2)        ‹‹ياشاش ھۇزۇر سۈرۈشتىن ئەمەس ، بۇرچتىن دېرەك بېرىدۇ ›› دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى (                                                     
                                              ) .


ئوقۇغۇچىلارغا توغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا يۇرتىغا بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆز يۇرتىنى سۆيۈش، يۇرتىدىكى ھەر بىر ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلىش، كۆزىتىشكە ماھىر بولۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىلىدۇ.

        دەرستىن خۇلاسە
1) تېكىستتىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى تېپىپ، كۆچۈرۈپ كېلىڭ.
2) تېكىست ئىچىدىكى ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ئابزاسنى يادلىۋېلىڭ.
        تاپشۇرۇق
  دوسكا لايىھىسى:                  
  1. بۆلەك: گۈزەل تەبىئەت
1. باغداشقا سەپەر
ژانىرى: نەسىر
ئاپتورى:بەگمەت يۈسۈپ
يېڭى سۆزلەر:
1) باغداش –                                                      7) ئەرك _
     2)   ئىستەك _                                                         8)قۇببە-                                                                    
3)  قۇرام تاش_                                                       9) پاراڭخۇمار-                                                   
        4) قۇتلۇق _                                                         10)  يىلان باغرى-                                    
         5) غۇبارسىز _                                                       11) كاھىش _     
      6)غول ئېقىن-                                                          12) ئەلۋەك-   
                                                                                                                                                               
ئوقۇتۇش  گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ پىكىرى:




         



      2015- يىلى- ئاينىڭ  - كۈنى                             دەرس تەييارلىغۇچى:

  1. بۆلەك: گۈزەل تەبىئەت
1. باغداشقا سەپەر
ژانىرى: نەسىر
ئوقۇتۇش جەريانى: (يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشكە قۇيۇلىدىغان تەلەپ، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشتىن ئىلىنىدىغان سىناق، تېكىست مەزموننى تەھلىل قىلىش، ئوقۇتقۇچى ئىزاھلاپ قۇيۇشقا تىگىشلىك نۇقتىلار، نىشانغا يىتىش سىناق سۇئاللىرى)
1.        يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش:


ئۆگىنىش نىشانى:
1)        بىلىم ۋە قابىلىيەت نىشانى:
ئاپتورنىڭ باغداشقا بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتىنى چۈشىنىش
2)        ئۇسۇل ۋە جەريان نىشانى:
تېكىستتە قانداق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ قوللىنىلغانلىقىنى بىلىش.
3)        ھېسسىيات، پوزىتسىيە نىشانى:
ئاپتورنىڭ تەسىرلەش ئۇسۇلىدىن پايدىىنىپ، تەبىئەتنى قىزغىن سۆيۈش، تەبىئىي گۈزەللىككە يېقىنلىشىش ھېسسىياتىنى قوزغاش
2 . ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش باسقۇچى:
   ساۋاقداشلار، تېكىستنى ئۆز ئالدىمىزغا ئورتاق ئەدەبىي تىلدا توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇپ چىقايلى.
ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشنىڭ تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
تېكىستنى پىششىق ئوقۇپ، تېكىستتە قوللىنىلغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ ئاستىغا سىزىڭلار، قانداق ۋاستە قوللىنىلغان؟
ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشتىن ئېلىنىدىغان قىسقا سىناق:
تېكىستتىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرگە تەقلىد قىلىپ، ئۆزى خالىغان ۋاستىگە جۈملە تۈزۈش.


3 . بىللە ئۆگىنەيلى.
ئوقۇغۇچىلار تېكىستنى گورۇپپا باشلىقلىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە گورۇپپىلاردا ئەسلەش خاراكتىرىدە بىر قېتىم ھەر خىل شەكىلدە مۇسابىقىلىشىپ ئوقۇيدۇ. (ئوقۇش جەھەتتە باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.)
گورۇپپىلارغا تۆۋەندىكى سۇئاللار تارقىتىپ بېرىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى گورۇپپا ئىچىدە ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىشكە يىتەكلەيمەن. ئوقۇغۇچىلار بېرىلگەن سۇئال ئاساسىدا ئويلىغانلىرىنى، كۆز قاراشلىرىنى گورۇپپىدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ، قالغان ساۋاقداشلار باھالاش ۋە تۈزىتىش پىكىرلىرىنى بېرىپ، پىكىر بىرلىكىدە ئورتاقلىشىدۇ.
1-،2- نومۇرلۇق ئوقۇغۇچى:  تېكىستتىكى قايسى جۈملىلەردىن ئاپتورنىڭ باغداشقا بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ؟ تېكىست ئىچىدىن تېپىپ، كۆز قاراشلىرىڭلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇڭلار.
3-، 4- نومۇرلۇق  ئوقۇغۇچى: تېكىستكە نىمە ئۈچۈن «باغداشقا سەپەر» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان؟
5-، 6- نومۇرلۇق ئوقۇغۇچى:  يۇرتىڭىزدا قانداق مەنزىرىلىك جايلار بار؟ تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى قايسى مەنزىرىلەر ئارقىلىق بىزگە ھوزۇر ئاتا قىلىدۇ؟

گۇرۇپپا مۇلاھىزىسى:
ئاپتور باغداشتا ئالدى بىلەن نېمىنى ھېس قىپتۇ ۋە نېمىنى كۆرۈپتۇ؟ بۇنى تېكىستنىڭ قايسى مەزمونلىرىدىن ھس قىلدىڭلار، شۇ مەزمون ئىپادىلەنگەن جۈملىلەرنى تېپىپ، مۇلاھىزە قىلىڭلار.


4.        كىڭەيتىلگەن دەرس تەييارلىقى:
باغداش- تارىختا 233 يىل ھاكىمىيەت سۈرگەن توققۇز ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئارامگاھى بولغان جاي.


ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇرلىرىغا ئاساسەن تولۇقلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
5. دەرستىن كېيىنكى سىناق:
تۆۋەندىكى جۈملىلەرنى داۋاملاشتۇرۇڭ.
1)        ئەتراپقا نەزەر سالسىڭىز،-------------------------------------------------
2)        خېلى ماڭغاندىن كېيىن--------------------------------------------------
تېكىستتىكى جۈپ سۆزلەرنى تېپىپ كۆچۈرۈپ يېزىڭ.
بۇ تېكىستنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا يۇرتىغا بولغان تونۇش ۋە ئۇنى چۈشىنىشكە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش، توغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىنى سۆيۈش، ھەر بىر چىمدىم تۇپىسىنىمۇ قەدىرلەش، تەبىئەتنى. تەبىيلىكنى قىزغىن سۆيۈش توغرىسىدا تەربىيە بېرىلىدۇ.        دەرستىن خۇلاسە
1)        تەبىئەتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تەسۋىرلەپ، بىر پارچە رەسىم سىزىپ كىلىڭ.
2)        تېكىستتىكى ئۆزىڭى ياقتۇرغان ئوبرازلىق سۆز-جۈملىلەرنى يادلىۋېلىڭ.         تاپشۇرۇق
دوسكا لايىھىسى:

                                        ھاۋاسى ساپ
                                         سۇلىرى ئەلۋەك
باغداش -                           مەنزىرىسى گۈزەل
                                       خەلقى مېھماندوست
                                    
ئوقۇتۇش  گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ پىكىرى:




دەرستىن كىيىنكى قايتا ئويلىنىش:









ئۆگىنىشكە يېتەكلەش لايىھىسى
1)        ئۆگىنىش نىشانى: (ئۈچ ئۆلچەملىك نىشان)
بىلىم ۋە قابىلىيەت نىشانى:
ئاپتورنىڭ باغداشقا بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتىنى چۈشىنىش
ئۇسۇل ۋە جەريان نىشانى:
تېكىستتە قانداق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ قوللىنىلغانلىقىنى بىلىش.
ھېسسىيات، پوزىتسىيە نىشانى:
ئاپتورنىڭ تەسۋىرلەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، تەبىئەتنى قىزغىن سۆيۈش، تەبىئىي گۈزەللىككە يېقىنلىشىش ھېسسىياتىنى شەكىللەندۈرۈش
2)        ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش نىشانى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشتە ئوقۇغۇچىلار نېمىلەرنى ئۆگىنىدۇ؟ تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.)
تېكىستنى پىششىق ئوقۇپ، تېكىستتە قوللىنىلغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ ئاستىغا سىزىڭلار، قانداق ۋاستە قوللىنىلغان؟
3)        ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشتىن سىناق :
تېكىستتىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرگە تەقلىد قىلىپ، ئۆزۈڭلار خالىغان ۋاستىگە جۈملە تۈزۈپ بىقىڭلار.


4)        گورۇپپىدا ئۆگىنىش ئۈچ خىل ئوقۇغۇچىغا سوئال بېرىلىپ، شۇ بويىچە ئۆز ئارا ئۆگىنىشكە يېتەكلىنىدۇ)
1-،2- خىل ئوقۇغۇچى:  تېكىستتىكى قايسى جۈملىلەردىن ئاپتورنىڭ باغداشقا بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ؟ تېكىست ئىچىدىن تېپىپ، كۆز قاراشلىرىڭلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇڭلار.
3-، 4- خىل ئوقۇغۇچى: تېكىستكە نىمە ئۈچۈن «باغداشقا سەپەر» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان؟
5-، 6-خىل ئوقۇغۇچى:  يۇرتىڭىزدا قانداق مەنزىرىلىك جايلار بار؟ تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى قايسى مەنزىرىلەر ئارقىلىق بىزگە ھوزۇر ئاتا قىلىدۇ؟
گۇرۇپپا مۇلاھىزىسى:
ئاپتور باغداشتا ئالدى بىلەن نېمىنى ھېس قىپتۇ ۋە نېمىنى كۆرۈپتۇ؟ بۇنى تېكىستنىڭ قايسى مەزمونلىرىدىن ھس قىلدىڭلار، شۇ مەزمون ئىپادىلەنگەن جۈملىلەرنى تېپىپ، مۇلاھىزە قىلىڭلار.

5)        دەرستىن كېيىنىكى قىسقا سىناق:
تۆۋەندىكى جۈملىلەرنى داۋاملاشتۇرۇڭ.
ئەتراپقا نەزەر سالسىڭىز،-------------------------------------------------
خېلى ماڭغاندىن كېيىن--------------------------------------------------
تېكىستتىكى جۈپ سۆزلەرنى تېپىپ كۆچۈرۈپ يېزىڭ.




baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش