كۆرۈش: 140|ئىنكاس: 0

باشلانغۇچ5-يىللىق1-مەۋسۈم ئەدەبىيات دەرىس تەييارلىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىككى  سائەتلىك دەرس لايىھەسى
       2015-  يىلى  - ئاينىڭ   - كۈنى                                  دەرس تەييارلىغۇچى:
    ئالتىنچى  بۆلەك: مېھىر ۋە ئىشەنچ
17.يەر تەۋرەش ئاپىتىدىكى  ئاتا-بالا
(1-سائەتلىك)        دەرس تېمىسى
    بۇ  تېكىستتە 1994-يىلى ئامرىكىنىڭ  لوس-ئانجىلىس شەھىرىدە يۈز  بەرگەن چوڭ يەر  تەۋرەش  ئاپىتىدە بىر ئاتىنىڭ خىيىم-خەتەر  ۋە باشقىلارنىڭ  توسۇشىغا  قارىماي كۈچلۈك ئىشەنچ بىلەن خارابىلىكنى قۇرۇق  قول  38سائەت كولاپ ئاخىر خارابىلىك  ئىچىدىن ئوغلى ۋە ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرىنى  قۇتقۇزۇپ چىققانلىقى بايان  قىلىنىپ،ئاتا مېھرىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە  ئاتا - بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ ھەم چوڭقۇر  مۇھەببەت مەدھىيەلەنگەن.        دەرس مەزمونى
1.        بىلىم ۋە قابىلىيەت نىشانى:
تېكىستنى توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇش ۋە‹‹خارابىلىك››،‹‹كاھىش››قاتارلىق
يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى  ئىگەللىۋېلىش. تېكىستتىن ئالغان تەسىراتىنى ئوتتۇرىغا
قويۇش  ۋە  يېزىش.
2. ئۇسۇل ۋە جەريان نىشانى:
    تېكىستنى ھېسسىياتلىق ئوقۇپ،پىرسۇناژلارنىڭ تاشقى  قىياپىتى،ھەركىتى، تىلى تەسۋىرلەنگەن جۈملىلەرنى  جۇغلاش. ئاپتورنىڭ پىرسۇناژلارنىڭ تاشقى قىياپىتى، تىلى، ھەرىكىتىنى تەسۋىرلەپ، پىرسۇناژلارنىڭ ئىدىيىۋى پەزىلىتىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى  ئىگەللەش.
3. ھېسسىيات، پوزىتسىيە نىشانى:
     ئاتىنىڭ ئوغلىغا  بولغان مۇھەببىتىنى ۋە بالىنىڭ ئاتىسىدىن قوبۇل  قىلغان كۈچىنى  ئاتا مېھرىنىڭ ئۇلۇغ  كۈچىنى  ھېس  قىلىش.        ئۇمومى ئوقۇتۇش نىشانى  



  تېكىستنى توغرا ۋە ھېسسىياتلىق  ئوقۇپ،يېڭى  سۆزلەرنىڭ  مەنىسىنى  ئىگەللەش.
ئاتىنىڭ ئوغلىغا  بولغان مۇھاببىتىنى ۋە بالىنىڭ ئاتىسىدىن قوبۇل  قىلغان كۈچىنى  ھېس  قىلىش.        ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم نۇقتا


  پىرسۇناژلارنىڭ تاشقى  قىياپىتى ،ھەركىتى،تىلى  تەسۋىرلەنگەن جۈملىلەرنى  تېپىش،بۇ جۈملىلەردە قانداق مەنە ئىپادىلەنگەنلىكىنى سۆزلەش.   ئاپتورنىڭ پىرسۇناژلارنىڭ ئىدىيىۋى پەزىلىتىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى  ئىگەللەش.
          ئوقۇتۇشتىكى قىيىن نۇقتا



  ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشكە يېتەكلەش، قىسقا سىناق ئېلىش، تېكىستنى گورۇپپىلاردا ھېسسىياتلىق ئوقۇشقا، مەزمونىنى سۆزلەشكە، تەسۋىرىي جۈملىلەرنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، ئەسەردە ئىپادىلەنگەن ئىدىيىۋى ھېسسىياتنى چۈشىنىشكە يېتەكلەش، قوزغىتىش، ئىلھاملاندۇرۇش، گۇرۇپپىلار ئارا ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىشكە يىتەكلەش.
مۇستەقىل ئۆگىنىش، ئىزدىنىپ ئۆگىنىش، ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش، ئۆز ئارا باھالاش        ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش شەكلى



رەسىم، دوسكا، بور، دەرسلىك كىتاب، دەرسلىك دېتالى        كېرەكلىك ئوقۇش قۇراللىرى
1-سائەتلىك
ئوقۇتۇش جەريانى: (يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش، تېكىستنى ئوقۇش، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشكە قۇيۇلىدىغان تەلەپ، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشتىن ئىلىنىدىغان سىناق، ئوقۇتقۇچى ئىزاھلاپ قۇيۇشقا تىگىشلىك نۇقتىلار، نىشانغا يىتىش سىناق سۇئاللىرى)
1.        يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش:
  1.ساۋاقداشلار،سىلەر يەر  تەۋرەش توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغانمۇ ياكى تېلىۋىزوردا  كۆرگەنمۇ؟
2.شۇ چاغدا  نېمىلەرنى ئويلىدىڭىز؟


2.        ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش باسقۇچى:
1.ساۋاقداشلار، تېكىستنى ئۆز ئالدىمىزغا ئورتاق ئەدەبىي تىلدا توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇپ باقايلى.( ئىكراندا يەر تەۋرىگەن چاغدىكى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېكىست  ئوقۇش قىزغىنلىقى يوقۇرى كۆتىرىلىدۇ.)

ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشنىڭ تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
1) تېكىستنى ئورتاق ئەدبىي تىلدا توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇش.
2) تېكىست ئىچىدىكى  چۈشەنمىگەن سۆزلەرنىڭ ئاستىغا سىزىش، تېكست ۋەقەلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە چۈشىنىۋېلىش .
ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشتىن قىسقا سىناق:
تېكىستتە قانداق ئىش بايان قىلىنغان ؟ بۇ ئىش قانداق يۈز بەرگەن ؟
بۇ ئىشنىڭ جەريانى قانداق بولدى ؟ ئاقىۋىتىچۇ ؟

3.        بىللە ئۆگىنەيلى.
1)        ئوقۇغۇچىلار تېكىستنى گورۇپپىلاردا ھەر خىل شەكىلدە مۇسابىقىلىشىپ ئوقۇيدۇ. گورۇپپا باشلىقلىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئوقۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. (ئوقۇش جەھەتتە باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.)
2)        تېكىست ئىچىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ھەل قىلالمىغان يېڭى سۆزلەرنى گورۇپپىلاردا بىرلىكتە مۇزاكىرىلىشىپ ھەمكارلىشىپ، مەنىسى جەھەتتە ئورتاقلىشىدۇ ۋە يېڭى سۆزلەرگە جۈملە تۈزۈش مەشقىنى ئېلىپ بارىدۇ. (گورۇپپا باشلىقى تەكشۈرۈپ خۇلاسىلەيدۇ)
ئوقۇشقا قويۇلىدىغان تەلەپ:
تېكىست ئىچىدىكى تەسۋىرلەرنى تېپىپ چىقىش .
ئاتىنىڭ ئوغلىغا  بولغان مۇھەببىتىنى ھېس قىلىش .
گۇرۇپپا پائاليىتى:
1.ئاپتور تېكىستتە قانداق تەسۋىرلەرنى قوللانغان ؟
2.ئاپتورنىڭ بۇ تېكىستنى يېزىشتىكى مۇددىئاسى نېمىدۇ ؟
3.ئەتراپتىكى كىشىلەر بۇ ئاتىغا قانداق پۇزىتسىيەدە بولدى ؟
يۇقىرىدىكى سۇئال ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلار گورۇپپا باشلىقلىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە گورۇپپا ئىچىدە بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىدۇ ۋە بايقىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. گورۇپپىلار ئارا باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
كوللىكتىپ مۇلاھىزە:
تېكىستنىڭ قايسى جايىدىن ئاتىنىڭ بالىسىغا  بولغان چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببىتىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ؟

5. ئوقۇتقۇچى تولۇقلايدىغان مەزمونلار:
ئوقۇغۇچىلار ھەمكارلىشىپ ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى سۆزلەر ھەققىدە ئوقۇتقۇچى تولۇقلاش ئېلىپ بارىدۇ.

يېڭى سۆزلەر:
خارابىلىك-ئەسلىدە يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كونىراپ،بۇزۇلۇپ ئەسلىي ھالىتىنى  يوقاتقان ئۆي-ئىمارەت،قۇرۇلۇشلارنى كۆرسىتىدۇ.تېكىستتە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆي-ئىمارەتلەرنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن قوللىنىلغان.
كاھىش--ئۆي-ئىمارەتلەرنىڭ،تاملارنىڭ ئۈستىگە نەقىش ئۈچۈن قويۇلىدىغان  خش.
قەتئىي--كەسكىن.
جىددىيلىشىش--نېمە  قىلارىنى  بىلمەي.
ئەقلىدىن  ئېزىش--ئەقلىنى  يوقىتىش، ساراڭ  بولۇش.


     6. دەرستىن كېيىنكى سىناق:
تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى يېزىپ باقاي :
   خارابىلىك ـ                                           ئاق نىيەتلىك -               
     كاھىش -                                             بەختىيارلىق -     
                     
جاۋاپ بېرەلەيمەن :
ئاپتور تېكىستتە قايسى ۋاستىلەرنى قوللانغان ؟



بۇسائەتلىك دەرس ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئاتا مېھرىنىڭ ئۇلۇغلۇقى دەسلەپكى قەدەمدە ھېس  قىلدۇرۇلىدۇ.
        دەرستىن خۇلاسە
تېكىستنىڭ ئاخىرقى  قىسىملىرىنى قايتا-قايتا ئوقۇپ،چۈشەنچىڭىزنى  يېزىپ  بېقىڭ.
تېكىست ئىچىدىكى ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ئابزاسنى يادلىۋېلىڭ.
        تاپشۇرۇق

دوسكا لايىھىسى:

  ئالتىنچى  بۆلەك: مېھىر ۋە ئىشەنچ
17.يەر تەۋرەش ئاپىتىدىكى  ئاتا-بالا
(1-سائەتلىك)
يېڭى سۆزلەر:
خارابىلىك-ئەسلىدە يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كونىراپ،بۇزۇلۇپ ئەسلىي ھالىتىنى  يوقاتقان ئۆي-ئىمارەت،قۇرۇلۇشلارنى كۆرسىتىدۇ.تېكىستتە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆي-ئىمارەتلەرنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن قوللىنىلغان.

                                      تىل تەسۋىرىي
         تەسۋىرلەر               ھەرىكەت تەسۋىرى
                                     تاشقى قىياپەت تەسۋىرىي



                                                                                                                                                               
ئوقۇتۇش  گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ پىكىرى:






      2015- يىلى- ئاينىڭ  - كۈنى                             دەرس تەييارلىغۇچى:

   ئالتىنچى  بۆلەك: مېھىر ۋە ئىشەنچ
17.يەر تەۋرەش ئاپىتىدىكى  ئاتا-بالا
(2-سائەتلىك)
ئوقۇتۇش جەريانى: (يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشكە قۇيۇلىدىغان تەلەپ، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشتىن ئىلىنىدىغان سىناق، تېكىست مەزموننى تەھلىل قىلىش، ئوقۇتقۇچى ئىزاھلاپ قۇيۇشقا تىگىشلىك نۇقتىلار، نىشانغا يىتىش سىناق سۇئاللىرى)
1.        يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش:
  سىز ئەمەلىي تۇرمۇشىڭىزدا بىرەر قىيىنچىلىققا ئۇچراپ باققانمۇ ؟ نەتىجىدە قانداق بولغان؟ سىزگە ئەڭ تەسىر قىلغان بىرەر سۆز ، ياكى ئىش- ھەرىكەت بارمۇ ؟


2 . ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش باسقۇچى:
   ساۋاقداشلار، تېكىستنى ئۆز ئالدىمىزغا ئورتاق ئەدەبىي تىلدا توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇپ چىقايلى.
ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشنىڭ تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
تېكىستنى ئورتاق ئەدبىي تىلدا توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇش.تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە دىققەت قىلىش .
«مەيلى قانداق ئىش يۈز بەرسۇن، مەن ھامان سەن بىلەن بىللە » دىگەن سۆزنىڭ قانچە قېتىم تەكرارلانغانلىقىغا دىققەت قىلىش .
ئاچقۇچلۇق سۆز- جۈملىلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋېلىش .
ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشتىن ئېلىنىدىغان قىسقا سىناق:
تېكىستتە «مەيلى قانداق ئىش يۈز بەرسۇن، مەن ھامان سەن بىلەن بىللە » دىگەن سۆزقانچە قېتىم تەكرارلانغان؟ بۇنداق تەسۋىرلەشنىڭ قانداق رولى بار ؟

3 . بىللە ئۆگىنەيلى.
ئوقۇغۇچىلار تېكىستنى گورۇپپا باشلىقلىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە گورۇپپىلاردا ئەسلەش خاراكتىرىدە بىر قېتىم ھەر خىل شەكىلدە مۇسابىقىلىشىپ ئوقۇيدۇ. (ئوقۇش جەھەتتە باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.)
گورۇپپىلارغا تۆۋەندىكى سۇئاللار تارقىتىپ بېرىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى گورۇپپا ئىچىدە ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىشكە يىتەكلەيمەن. ئوقۇغۇچىلار بېرىلگەن سۇئال ئاساسىدا ئويلىغانلىرىنى،كۆز قاراشلىرىنى گورۇپپىدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ قالغان ساۋاقداشلار باھالاش ۋە تۈزىتىش پىكىرلىرىنى بېرىپ، پىكىر بىرلىكىدە ئورتاقلىشىدۇ.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇرلىرىغا ئاساسەن تولۇقلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
1.  ئاپتور نىمە ئۈچۈن بۇ ئاتا- بالىنى « قالتىس ئاتا- بالا » دەپ تەرىپلەيدۇ ؟
2.باشقا تېكىستلەرگە سېلىشتۇرغاندا ، بۇ تېكىستنىڭ تىنىش بەلگىلىرىدە قانداق ئالاھىدىلىك بار ئىكەن ؟
3. سىزنىڭچە بالىلارنىڭ ھايات قىلىشىغا نېمە سەۋەپ بولدى ؟
گۇرۇپپا مۇلاھىزىسى:
كىشىلەر بۇ ئاتىنى «ئەقلىدىن ئېزىپ قاپتۇ » دېيىشتى سىزنىڭچە بۇ ئاتا راستتىنلا ئەقلىدىن ئېزىپ قالدىمۇ ؟ نېمە ئۈچۈن؟
4.        كىڭەيتىلگەن دەرس تەييارلىقى:
يەر تەۋرەش – يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسىملىرىدىكى ماددىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلىنىشى ۋە ئۆزگىرىشى يەر شارى سىرتقى پوستىنىڭ بولۇپمۇ يەر پوستىنىڭ داۋاملىق ھەرىكەتلىنىشى ، ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇزاق گىئولوگىيىلىك يىللار داۋامىدا غايەت زور ئېنىرگىيە توپلىنىدۇ . يەر پوستىنىڭ بەزى نېپىز بەلۋاغلىرى غايەت  زور كۈچنىڭ تەسىرىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن ۋاقىتتا ياكى يەر پوستىدىكى تاش قاتلاملىرى توساتتىن ئۈزۈلىدۇ ياكى ئەسلىدىكى ئۈزۈك قاتلاملارنىڭ سۈرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . مانا بۇنىڭ بىلەن يەر تەۋرەش يۈز بېرىدۇ .
5. دەرستىن كېيىنكى سىناق:
  ئويلىنىپ باقاي :
بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىنىڭ كېتىپ قېلىشىدىكى سەۋەب نېمە ؟

ئەگەر بۇ دادىمۇ كېتىپ قالغان بولسا قانداق ئاقىۋەت بولاتتى ؟   
                                            
داۋاملاشتۇرۇپ يېزىڭ :
دادا ئوغلىغا دائىم: ‹‹                                                                             ›› دەيتتى.
بۇ ئاتا- بالىنى قالتىس دەپ تەرىپلەشتىكى سەۋەب ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
  ــــــــــــــــــ ئىبارەت.   
بۇ تېكىستنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا  ئاتا مېھرىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە  ئاتا - بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ ھەم چوڭقۇر  مۇھەببەتنى ھېس قىلدۇرۇش .         دەرستىن خۇلاسە
‹‹ئاتا مېھرى ››دېگەن تېمىدا بىر  ئابزاس  ماقالە  يېزىپ  كېلىڭ.        تاپشۇرۇق
دوسكا لايىھىسى:
ئالتىنچى  بۆلەك: مېھىر ۋە ئىشەنچ
17.يەر تەۋرەش ئاپىتىدىكى  ئاتا-بالا
(2-سائەتلىك)
                  ئازاپلاندى  
ئاتا        ھۆڭرەپ يىغلىدى
               ھاياجانلاندى
              
ئوقۇتۇش  گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ پىكىرى:




دەرستىن كىيىنكى قايتا ئويلىنىش:











مەكتەپنىڭ ئۆگىنىشكە يېتەكلەش لايىھىسى
5-يىللىق      -  سىنىپ          پەن تۈرى: تىل-ئەدەبىيات    ۋاقتى :  -يىلى     -ئاي   -كۈن
      ئىسىم-فامىلىسى:                                                                1  -سائەتلىك دەرس
         17.يەر تەۋرەش ئاپىتىدىكى  ئاتا-بالا

         1. ئۆگىنىش نىشانى:
بىلىم ۋە قابىلىيەت نىشانى:

تېكىستنى توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇش ۋە‹‹خارابىلىك››،‹‹كاھىش››قاتارلىق يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى  ئىگەللىۋېلىش. ئۆزى ياقتۇرغان جۈملىلەرنى يادلىۋېلىش.
ئۇسۇل ۋە جەريان نىشانى:
تېكىستنى مۇستەقىل ئوقۇپ ئالدىن ئۆگىنىش سىنىقىنى ئىشلەش،گۇرۇپپىلاردا ھەمكارلىشىپ  مۇلاھىزە قىلىش،ئىزدىنىپ ئۆگىنىش،ئەمەلىي مىسال ئېلىپ سۆزلىيەلەيدىغان بولۇش ھەم يازالايدىغان بولۇش.
ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشكە يېتەكلەش  : (7مىنۇت)
تېكىستىكى يېڭى سۆزلەرگە ئىزاھات:
خارابىلىك-ئەسلىدە يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كونىراپ،بۇزۇلۇپ ئەسلىي ھالىتىنى  يوقاتقان ئۆي-ئىمارەت،قۇرۇلۇشلارنى كۆرسىتىدۇ.تېكىستتە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆي-ئىمارەتلەرنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن قوللىنىلغان.
كاھىش--ئۆي-ئىمارەتلەرنىڭ،تاملارنىڭ ئۈستىگە نەقىش ئۈچۈن قويۇلىدىغان  خش.
ئۆگىنىش تەلەپلىرى :
1) تېكىستنى ئورتاق ئەدبىي تىلدا توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇش.
2) تېكىست ئىچىدىكى  چۈشەنمىگەن سۆزلەرنىڭ ئاستىغا سىزىش، تېكست ۋەقەلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە چۈشىنىۋېلىش .   
3. ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشتىن سىناق 5مىنۇت)
تېكىستتە قانداق ئىش بايان قىلىنغان ؟ بۇ ئىش قانداق يۈز بەرگەن ؟
بۇ ئىشنىڭ جەريانى قانداق بولدى ؟ ئاقىۋىتىچۇ ؟

    4. گۇرۇپپىدا بىرلىكتە ئۆگىنىش10مىنۇت)
    1.ئاپتور تېكىستتە قانداق تەسۋىرلەرنى قوللانغان ؟
2 .ئاپتورنىڭ بۇ تېكىستنى يېزىشتىكى مۇددىئاسى نېمىدۇ ؟
3 .ئەتراپتىكى كىشىلەر بۇ ئاتىغا قانداق پۇزىتسىيەدە بولدى ؟
5.گۇرۇپپا مۇلاھىزىسى5مىنۇت)
تېكىستنىڭ قايسى جايىدىن ئاتىنىڭ بالىسىغا  بولغان چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببىتىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ؟
     5. نىشانغا يېتىش سىنىقى5مىنۇت)
تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى يېزىپ باقاي :
   خارابىلىك ـ                                           ئاق نىيەتلىك -               
     كاھىش -                                             بەختىيارلىق -     
                     

جاۋاپ بېرەلەيمەن :
ئاپتور تېكىستتە قايسى ۋاستىلەرنى قوللانغان ؟

   








  مەكتەپنىڭ ئۆگىنىشكە يېتەكلەش لايىھىسى
5-يىللىق      -  سىنىپ          پەن تۈرى: تىل-ئەدەبىيات    ۋاقتى : -يىلى    -ئاي   -كۈن
      ئىسىم-فامىلىسى:                                                                2  -سائەتلىك دەرس
           17.يەر تەۋرەش ئاپىتىدىكى  ئاتا-بالا
            1. ئۆگىنىش نىشانى:
بىلىم ۋە قابىلىيەت نىشانى:
1)تېكىستنى ئورتاق ئەدەبىي تىلدا توغرا، راۋان ھىسىياتلىق ئوقۇشنى ئۆگىنىۋېلىش
2) ئاتىنىڭ ئوغلىغا  بولغان مۇھەببىتىنى ۋە بالىنىڭ ئاتىسىدىن قوبۇل  قىلغان كۈچىنى  ئاتا مېھرىنىڭ ئۇلۇغ  كۈچىنى  ھېس  قىلىش.
       2)ئۇسۇل ۋە جەريان نىشانى:
تېكىستنى مۇستەقىل ئوقۇپ ئالدىن ئۆگىنىش سىنىقىنى ئىشلەش،گۇرۇپپىلاردا ھەمكارلىشىپ  مۇلاھىزە قىلىش،ئىزدىنىپ ئۆگىنىش،ئەمەلىي مىسال ئېلىپ سۆزلىيەلەيدىغان بولۇش ھەم يازالايدىغان بولۇش.  
2.ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشكە يېتەكلەش 7 مىنۇت )
تېكىستنى ئورتاق ئەدبىي تىلدا توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇش.تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە دىققەت قىلىش .
«مەيلى قانداق ئىش يۈز بەرسۇن، مەن ھامان سەن بىلەن بىللە » دىگەن سۆزنىڭ قانچە قېتىم تەكرارلانغانلىقىغا دىققەت قىلىش .
ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشتىن سىناق 5مىنۇت)
تېكىستتە «مەيلى قانداق ئىش يۈز بەرسۇن، مەن ھامان سەن بىلەن بىللە » دىگەن سۆزقانچە قېتىم تەكرارلانغان؟ بۇنداق تەسۋىرلەشنىڭ قانداق رولى بار ؟
2.        گۇرۇپپىدا بىرلىكتە ئۆگىنىش10مىنۇت)
3.        1.  ئاپتور نىمە ئۈچۈن بۇ ئاتا- بالىنى « قالتىس ئاتا- بالا » دەپ تەرىپلەيدۇ ؟
4.        2.باشقا تېكىستلەرگە سېلىشتۇرغاندا ، بۇ تېكىستنىڭ تىنىش بەلگىلىرىدە قانداق ئالاھىدىلىك بار ئىكەن ؟
3. سىزنىڭچە بالىلارنىڭ ھايات قىلىشىغا نېمە سەۋەپ بولدى ؟
        4.گۇرۇپپا مۇلاھىزىسى5مىنۇت)
كىشىلەر بۇ ئاتىنى «ئەقلىدىن ئېزىپ قاپتۇ » دېيىشتى سىزنىڭچە بۇ ئاتا راستتىنلا ئەقلىدىن ئېزىپ قالدىمۇ ؟ نېمە ئۈچۈن؟
5.        نىشانغا يېتىش سىنىقى5مىنۇت)
ئويلىنىپ باقاي :
بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىنىڭ كېتىپ قېلىشىدىكى سەۋەب نېمە ؟


ئەگەر بۇ دادىمۇ كېتىپ قالغان بولسا قانداق ئاقىۋەت بولاتتى ؟   
         
                                 
داۋاملاشتۇرۇپ يېزىڭ :
دادا ئوغلىغا دائىم: ‹‹                                                                             ›› دەيتتى.
بۇ ئاتا- بالىنى قالتىس دەپ تەرىپلەشتىكى سەۋەب ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
  ــــــــــــــــــ ئىبارەت.   

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش