كۆرۈش: 213|ئىنكاس: 0

تەرەققىياتتا يىڭىلىق يارتىش كىرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىياتنى ماسلاشتۇرۇش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چۇڭچىڭ، 6 – يانۋار تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا چۇڭچىڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىياتنى ماسلاشتۇرۇش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسى دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى تەرەققىيات تەجرىبە – ساۋاقلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەش، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات قانۇنىيىتى توغرىسىدىكى چوڭقۇر مۇلاھىزە مۇجەسسەملەنگەن ھەم ‹‹13 – بەش يىل››، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق مەزگىللىك دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى، تەرەققىيات يۆنىلىشى، تەرەققىياتتىكى كۈچەش نۇقتىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. پارتىيەلىك يولداشلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ھۆرمەت قىلىپ، ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېشىل بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئوچۇقلۇق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    شى جىنپىڭ 4 – يانۋاردىن 6 – يانۋارغىچە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سۈن جېڭسەي ۋە شەھەر باشلىقى خۇاڭ چىفەننىڭ ھەمراھلىقىدا، پورت، كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 5 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا يېتەكچىلىك قىلدى.

    شى جىنپىڭ 4 – يانۋار چۈشتىن كېيىن لياڭجياڭ يېڭى تەرەققىيات رايونىدىكى گويۈەن پورتىغا كەلدى. گويۈەن پورتى ھازىر قۇرۇلۇۋاتقان زامانىۋى ئىچكى دەريا پورتى بولۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك تۆمۈريول، تاشيول، سۇ يولىدىن ئىبارەت كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى. شى جىنپىڭ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى تىرانسپورت مەركىزى قۇرۇلۇشى، زامانىۋىلاشقان پورت توپى ئورۇنلاشتۇرمىسى، چۇڭچىڭ – شىنجاڭ – ياۋروپا تۆمۈريولىدا قاتناش باشلاش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، چۇڭچىڭنىڭ چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىنى ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەم فۇنكسىيەلىك رايونلارنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى چۇڭچىڭنى تېخىمۇ چوڭ ‹‹چىقىرىش›› سەھنىسى بىلەن تەمىنلىدى، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش چۇڭچىڭنى ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسىمغا تېخىمۇ ياخشى سىڭىپ كىرىشتە مۇھىم ۋاسىتە بىلەن تەمىنلىدى، چۇڭچىڭنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور، ئىستىقبالى پارلاق.

    شى جىنپىڭ پورتنىڭ ئالدىدىكى سۇپىغا كېلىپ، چاڭجياڭ دەرياسىدىكى تىرانسپورت ئەھۋالى ۋە پورتنىڭ يۈك بېسىش ۋە يۈك چۈشۈرۈش مەشغۇلاتىنى كۆزدىن كەچۈردى. نەق مەيداندا مەشغۇلات قىلىۋاتقان خادىملار، يۈك پاراخوت ئىگىلىرى، پورت پىلانلىغۇچى، قۇرۇلۇش قىلغۇچى خادىملار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەلگەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن، بەس – بەستە كېلىپ باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى، ئۇلارغا پورتنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى باشقۇرۇپ، سۇ تىرانسپورتىنى جانلاندۇرۇپ، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى، غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى جېكىلىدى.

    شى جىنپىڭ گويۈەن پورتىدىن ئايرىلىپ، چۇڭچىڭ ‹‹جىڭدۇڭفاڭ›› فوتوئېلېكتىر پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى. تەتقىقات مەركىزىدىكى بىر قانچە ياش تەتقىقاتچى باش شۇجىغا ئۆزلىرىنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تارىخىي جەريانى ۋە نەتىجىلىرىنى ئىپتىخارلىق بىلەن تونۇشتۇردى، شى جىنپىڭ بېشىنى لىڭشىتىپ مەمنۇنلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن تۈردە يېڭىلىق يارىتىپ شەكىللەندۈرگەن بىر قەدەر گەۋدىلىك تېخنىكا ئەۋزەللىكى ۋە ماركا ئۈنۈمىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ۋە بازاردا غەلىبە قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى، يادرولۇق تېخنىكىنى باشقىلار بەرمەيدۇ، باشقىلارغا ئەگىشىپلا يۈرۈشكە بولمايدۇ، شۇڭا توختىماستىن كۈرەش قىلىپ، دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك.

    شى جىنپىڭ كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ چۇڭچىڭنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ۋە چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىياتىغا پائال سىڭىپ كىرىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا يېڭى شانلىق نەتىجە يارىتىشنى ئۈمىد قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىياتنى ماسلاشتۇرۇش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسى ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نورمال ھالەتكە كىرگەنلىكىگە ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىنىڭ ئاستا بولۇشىغا قارىتا يېزىلغان رېتسېپ. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى دېرىژورلۇق تايىقى دېيىشكە بولىدۇ، ئۇنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى ئايرىلماس بىر گەۋدە بولۇپ، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك، ئۆزئارا تۇتىشىدۇ، ئۆزئارا بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇڭا بىر گەۋدىلىكتە چىڭ تۇرۇپ ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك، ئۇنى دەپ بۇنىڭدىن قۇرۇق قېلىشقا، بىرىنى بىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ.

    شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان ئامىل تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ ھەر ئىككىلىسىدىلا مەۋجۇت، لېكىن زىددىيەتنىڭ ئاساسلىق تەرىپى يانداش تەمىناتتا. تەمىناتتىكى يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات سالمىقىنى زورايتىشتا ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك كېمەيتىش، كەسىپنى ئەلالاشتۇرۇپ قايتا تەشكىللەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كارخانا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، ئىستراتېگىيەلىك گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ۋە زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش، جامائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى تەمىناتىنى ئاشۇرۇش، تەمىنات سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش، ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش مۇھىم.

    شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي تەرەققىيات جەريانىدا، خەلق تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل يەتكۈزۈپ، ئاممىنى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، تەرەققىياتتا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىدىن باشلاپ ھەل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەتلەندۈرۈش خاراكتېرىدىكى، ئاساس خاراكتېرىدىكى، ئاشكارىلاش خاراكتېرىدىكى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، جامائەت مۇلازىمىتىنى ئورتاق قۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئورتاق بەھرىلىنىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ كۆپ خىل خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش تورى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

    شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: بىخەتەرلىك، مۇقىملىق خىزمىتى ھەممە ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا ئىزچىل چىڭ تۇتۇشقا بولىدۇكى، بىر كۈنمۇ بوشاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. جامائەت بىخەتەرلىكى ھادىسىلىرىگە قارىتا مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، بۇنىڭ ئارقىسىدىكى ئورتاقلىققا ئىگە مەسىلىلەرنى جەزمەن رەتكە تۇرغۇزۇپ، بىر تەرەپتە ئىش چىقسا، كۆپ تەرەپ ساۋاق ئېلىش، بىر جايدا يوشۇرۇن خەۋپ بولسا، مەملىكەت بويىچە ھوشيار بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يەنىلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل. بەلگە خاراكتېرى، يېتەكچىلىك خاراكتېرى، تايانچلىق خاراكتېرىگە ئىگە ئىسلاھات، ۋەزىپىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، مەركەزلىك چۆرىدەپ، دەل جايىدا كۈچەش كېرەك. يەرلىك ئىسلاھاتنى تۇتۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، بىر تەرەپتىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات، ۋەزىپىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يەنە بىر تەرەپتىن يېڭىلىق يارىتىشتا ئىزدىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. پۈتۈن مەملىكەتنى ‹‹بىر تاختا شاھمات›› دەپ بىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە، ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، چىقىش يولى، تەرتىپى، ئۇسۇلىنى ياخشى مۇقىملاشتۇرۇپ، مەركەز روھىنى ئىجادىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى تەرەققىيات ئېھتىياجى، ئاساسىي قاتلامنىڭ كۈتكىنى، ئەلنىڭ ئارزۇسىغا تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇش كېرەك.

    شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى تايانچ كادىرلار، شۇڭا ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش››تا باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئارزۇ، ئېتىقادنى شوئار سۈپىتىدە توۋلاپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئىنتىزام، قائىدىنى چىڭىتىشتا جەزمەن سەگەك بولۇش كېرەك. ئىشلارنى قانۇن بويىچە بېجىرگەندىلا، ھوقۇقنى توغرا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار ئارزۇ، ئېتىقادنى ھەر ۋاقىت، ھەممە يەردە ھەرىكەت كۈچىدە ئىپادىلەپ، كۆرگىلى، ھېس قىلغىلى بولىدىغان ئارزۇ، ئېتىقاد ئۆلچىمىنى تىكلەش كېرەك. ئىنتىزام، قائىدىنى چىڭىتىشتا مەزمۇنى مۇكەممەل، قاراتمىلىقى كۈچلۈك قائىدە – قانۇن ۋە تۈزۈم بولۇپلا قالماي، يەنە پىرىنسىپتا چىڭ تۇرىدىغان، ئىنتىزامنى تولۇق ئىجرا قىلىش جەريانى بولۇش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىشنى مۇھىم ئۆلچەم قىلىپ، ئىدىيەدە بۇنىڭغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ھەرىكەت جەھەتتە ھەر ۋاقىت يۆنىلىش قىلىپ، ھەر قانداق ۋاقىتتا ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىكى، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتماسلىقى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار قەدەمنى پۇختا بېسىپ، ئەمەلىي، جاپالىق ئىشلەپ، ھەقىقەتنى كۆزلەپ، ھەق سۆزلەپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش