كۆرۈش: 207|ئىنكاس: 0

تىببىي تۇرمۇش ساۋاتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


  تېببىي بىلىملىرى --- تېببىي تۇرمۇش ساۋاتلىرى


قاندا ماي تەركىبى يۇقىرى بولۇش ئوتتۇرا ۋە ياشانغانلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، كۆپ مىقداردىكى ياغنىڭ قان تومۇر دىۋارىدا تىنىپ قېلىشتىن پەيدا بولىدۇ. بۇ كېسەل يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلىغ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، مېڭىگە قان چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى مۇنداق ئېلىش كېرەك:
1. دائىم چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بەدەن چېنىقتۇرغاندا قاندىكى تىنىپ قالغان ياغنىڭ پارچىلىنىشىنى تېزلەتكىلى، ئۇزاق مۇددەت چېنىققاندا ياغنى بىراقلا يوقاتقىلى بولىدۇ.
2. يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىش كېرەك. ھەر كۈنلۈك تاماق مىقدارىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، بەك كۆپ يېمەسلىك، بولۇپمۇ ياغلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش. مەسىلەن، تۇخۇم سېرىقى، سېرىق ياغ، سېمىز گۆش قاتارلىقلارنى ئاز يېيىش، يەنە بەدەندىكى ئوشۇق مىقداردىكى قەنتلەر ياغقا ئايلىنىدىغانلىقدىن، قەنتلىك يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش، مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.
3. قاندىكى ياغ مىقدارىنى بەلگىلىك مۇددەتتە تەكشۈرتۈپ تۇرۇش لازىم.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش