كۆرۈش: 349|ئىنكاس: 6

يۇرەكنىڭ ساق ۋە كىسەللىك ھالەتلىرىگەدىئاگنۇزقۇيۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يۈرەكنىڭ ساق ۋە كېسەللىك ھالەتلىرىگە دىئاگنوز قويۇش

يۈرەك مىزاجى ئىسسىقلىقىنىڭ ئالامەتلىرى، كۆكرەك تۈزۈلىشىنىڭ چوڭ، تومۇر ۋە نەپەس ھەركەتلىرىنىڭ كۈچلۈك، ئارقىمۇ- ئارقا، تېز، كۆكرەك بىلەن بەدەننى تۇتقاندا قىزىق بىلىنىشى، بەدەن، بولۇپمۇ كۆكرەكتە قاپقارا مويلارنىڭ كۆپ بولىشى ھەمدە ئاچچىقى بەك يامان بولۇش، جۈرئەتلىك، ئەمەلىيەتچىل، ئۈمىدۋار بولۇش، يۈرەك مىزاجىنىڭ تەبىئىي ئىسسىق بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.
يۈرەك مىزاجى سوغۇقلۇقىنىڭ ئالامەتلىرى: كۆكرەك شەكلىنىڭ كىچىك، تومۇرى ۋە نەپەس ھەركىتىنىڭ ئاجىز بولىشى ھەمدە بوشاڭلىق، كەم ماغدۇرلۇققا مايىل بولۇش، ئاجىزلىق، ھورۇنلۇق، ياۋاشلىق، زېھنى ئوچۇق بولماسلىق، ئۆلۈمدىن قورقۇش، قورقۇنچاقلىق، كىچىك ئىشلاردىن تەسىرلىنىپ كېتىش، كۆكرەك سوغۇق بولۇش، موي بولماسلىق قاتارلىقلار يۈرەكنىڭ تەبىئىي مىزاجىنىڭ سوغۇقلۇق تەرەپكە مايىللىقىنى بىلدۈرىدۇ.
يۈرەك مىزاجى قۇرۇقلۇقىنىڭ ئالامەتلىرى: تومۇردا قاتتىقلىق تېپىلسا ۋە روھىي كەيپىياتقا ئۆزگىرىشلەردىن تېز تەسىرلەنمىسە، سەپرا مىزاج بولسا، بەدىنىدە قۇرۇقلۇق ئارتىپ كەتكەن بولسا، يۈرەك تەبىئىي مىزاجىنىڭ قۇرۇقلۇققا مايىللىققنىڭ بەلگىسىدۇر.
يۈرەك مىزاجىنىڭ ھۆللۈكىنىڭ ئالامەتلىرى: تومۇرنىڭ يۇمشاق بولىشى، روھىي كەيپىياتتىكى ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا ئىنكاسنىڭ تېز بولىشى، تېرىنىڭ نەم ۋە يۇمشاق بولىشى ھەمدە كۆكرەكتە ئازراق يۇمشاق مويلارنىڭ بولىشى، يۈرەك تەبىئىي مىزاجىنىڭ ھۆللۈك تەرەپكە مايىللىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
يۈرەك مىزاجى قۇرۇق ئىسسىقلىقنىڭ ئالامىتى: تومۇرنىڭ ئارقىمۇ- ئارقا، تېز، كۈچلۈك سوقۇشى، نەپەس ھەركىتىنىڭ كۈچلۈك، تېز بولىشى، ھاۋائى دۇخانىنىڭ چىقىرىلىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بولىشى، تېز غەزەپلىنىدىغان بولىشى، كۆكرەك قىسمىدا مويلارنىڭ كۆپ ۋە بۈدۈر بولىشى، تېرىسىنىڭ قۇرغاق ۋە ئىسسىق بىلىنىشى يۈرەك مىزاجىنىڭ قۇرۇق ئىسسىق مىزاج ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
يۈرەك مىزاجىنىڭ ھۆل ئىسسىقلىقىنىڭ ئالامىتى: مويلارنىڭ ئاز، كۆكرەكنىڭ چوڭ بولۇشى، تومۇرنىڭ يۇمشاق بولۇشى ھەمدە بىرئاز تېز ۋە ئارقىمۇ- ئارقا، چوڭ، دولقۇنلۇق سېلىشى، بەدەن تېرىسىنىڭ ھۆل ئىسسىق بىلىنىشى ۋە ئۇپۇنەتلىك كېسەللىكلەرگە ئاسان مۇپتىلا بولۇش قاتارلىقلار يۈرەك تەبىئىي مىزاجىنىڭ ھۆل ئىسسىقلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
يۈرەك مىزاجىنىڭ قۇرۇق سوغۇقلۇقىنىڭ ئالامەتلىرى: نەپەسلىنىش ھەركىتىنىڭ ئاجىز، سۈرئىتىنىڭ تېز (ئەمما ئارقىمۇ- ئارقا ئەمەس)، يۇمشاق بولۇشى ھەمدە ئاچچىقلانماسلىق، كەمتەر، ئېغىر- بېسىق، شۇنداقلا ھورۇن، قورقۇنچاق بولۇش قاتارلىقلار يۈرەك تەبىئىي مىزاجىنىڭ ھۆل سوغۇقلۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ. تومۇرنىڭ ھۆل سوغۇققا نىسبەتەن ئىنچىكە بولىشى، ئاچچىقى تېز كەلمەسلىك، ئەمما ئاسان يانماسلىق، شۇنداقلا بەدەننىڭ قۇرۇق سوغۇق بولىشى، يۈرەك تەبىئىي مىزاجىنىڭ قۇرۇق سوغۇق بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
يۈرەكنىڭ كېسەللەنگەن ھالەتتىكى ئالامىتى:
1.يۈرەك مىزاجىنىڭ ئىسسىقتىن بۇزۇلىشى: بىمارنىڭ تومۇرىنىڭ كۈچلۈك، تېز ۋە ئارقىمۇ- ئارقا سېلىش ھالەتلىرى تەبىئىي ھالەتتىكىدىن زىيادە بولسا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كۆكرەك قىزىق بىلىنسە ۋە ئۇنىڭدا تەشنالىق بولسا، سوغۇق شامالدىن راھەت ھېس قىلسا، بەدەندە ئاشكارا سەۋەبسىز ئورۇقلاش بولسا، تىل ئومۇميۈزلۈك شەلۋەرىگەن بولسا، تېز غەزەپلەنسە، سۈيدۈك رەڭگى قىزىل بولسا، غەم- ئەندىشە ۋە ئاغرىقلارغا كۆپ مۇپتىلا بولسا، بۇ يۈرەك مىزاجىنىڭ ئىسسىقتىن بۇزۇلغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر.
2.يۈرەك مىزاجىنىڭ سوغۇقتىن بۇزلىشى :بىمارنىڭ نەپەسلىنىش ۋە تۇمۇر سۇقۇشىدا تەبىئى ھالەتكە نىسبەتەن ئىنچىكە سۇسلۇق بولسا ئسسىق تەبىئەتلىك نەر سىلەردىن راھەتلەنسە سۇغۇق تەبىئەتلىك نەرسىلەردىن بىئارامىق ھىس قىلسا چىرايى نۇر سىز سۈيدۈكى ئاق ئۇيىقۇسى زىيادە بولسا يۈرەكسىز بۇلۇپ قورقۇنچاقلىق ئالامەتلىرى بولسا بۇ يۈرەك مىزاجىنىڭ سۇغۇقتىن بۇزۇلغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر.
3.يۇرەك مىزاجىنىڭ ھۆللۇكتىن بۇزلىشى :بىمارنىڭ تۇمۇر ھەركىتى تەبىئى ھالەتكە نىسبەتەن سېلىشتۇرغانغا يۇمشاق ۋە غەيرىي تەبىئىيگە مايىل بولسا روھىي .ئۆزكىرىشلەردىن ناھايىتى تىز تەسىرلەنسە ھەمدە ئۇنىڭ تەسىرى ناھايىتى تىز يۇقالسا ئۇنىڭدا كۆپۇنچە ئۇفۇنەتلىك قىززىتما پەيدا بولسا بەدىنىدە بوشلۇق ۋە خامۇشلۇق بولسا ئېغىزدىن كۆپ شالۋاق ئاقسا ئىشتىھاسى كەم بولسا بۇ يۈرەك مىزاجىنىڭ ھۆللۈكتىن بۇزۇلغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر
4.يۈرەك مىزاجىنىڭ قۇرۇقلۇقتىن بۇزۇلىشى: بىمارنىڭ تۇمۇرى تەبىئىي ھالەتكە نىسبەتەن ئاجىز ئارقىمۇ - ئارقا سالسا ھەمدە قۇرۇق ۋە قېتىشقا مايىل بولسا روھىي ئۆزكىرىشلەردىن تىز تەسىرلەنمىسە بەدەندە ئۇرۇقلۇق،ماغدۇرسىزلىق ۋە ئۇيقۇسىزلىق بولسا، قۇرۇق يۆتەلنىڭ ئىپادىسى بولسا ئۇ يۈرەك مىزاجىنىڭ قۇرۇقلۇقتىن بۇزۇلغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-11-20 11:45:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساغلاملىققا ئائىت ياخشى تىما يوللاپسىز رەخمەت سىزگە
ۋاقتى: 2015-11-20 17:24:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، جاپا تارتىپىسز.
ۋاقتى: 2015-11-20 18:36:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساغلاملىق ھەققىدە كۆپ ياخشى بىلىملەرنى سۇنغانلىقىڭىزغا تەشەككۈر ،
ۋاقتى: 2015-11-20 22:52:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلارغا كۈيۈنۈپ، ياخشى تېببى ساۋاتلارنى سونغىنىڭىزغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.
ۋاقتى: 2015-11-25 11:15:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يوللاپسىز .
ۋاقتى: 2015-11-25 16:03:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساغلاملىق زور بايلىق ، مېنىڭ يىقىنىدىن بىرى ئىچىم قىزىغاندەك بولۇپ، كەيپىياتىم تازا ياخشى ئەمەس
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش