كۆرۈش: 539|ئىنكاس: 2

كۆللېكتىپ دەرس تەييارلىقى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۆللېكتىپ دەرس تەييارلىقى ھەققىدە
1. كوللىكتىپ دەرس تەييارلىقى دېگەن نىمە ؟  
كوللىلتىپ دەرس تەييارلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىلانلىق، تەشكىللىك ئاساسىدا ئىش تەقسىم قىلىنىش ، ھەم ھەمكارلىشىپ دەرس بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە  بولغان مائارىپ نەزەرىيىسىگە ماس كېلىدىغان دەرس لايىھەسىنى بارلىققا كەلتۇرۇش جەريانى .  
كوللىكتىپ دەرس تەييارلىقى يەككىنىڭ (يەنى شۇ دەرسنى بېرىۋاتققان ئوقۇتقۇچىنىڭ) بىر يىللىق ياكى ئوخشاش  بولمىغان يىللىقلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەلۇم خىل ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا ئاساسەن مۇنازىرە ۋە تەھلىل ئېلىپ بېرىپ، كۆپ نۇقتا ۋە تەرەپلەردىن ئويلىنىپ ئوقۇغۇچىلار ئوچرايدىغان قىيىن مەسەلىلەر ۋە ئوقۇتۇشتىكى قىيىن مەسەللەرنى ھەل قىلىشتىكى ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيىتى .  
كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشنىڭ پىرىنسىپ ۋە قائىدىسى بولىدۇ . ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپى جەھەتتىكى ئىلگىرىلىشىنى ئاساس قىلىشى ،يەككە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆللىكتىپ كۈچىگە  قوشۇپ ، دەرس بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ، باشقىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ئاساس سېلىشى ، مەكتەپ دەرىجلىك دەرسنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئاساس سېلىپ ، ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، كونكىرىت ئېيتقاندا قىيىن نۇقتىلارنى  ھەل قىلىش سورۇنى ھازىرلاشتىن ئىبارەت .  
بىز نېمە ئۈچۈن كۆللىكتىپ دەرس تەييارلىقى ئېلىپ بارىمىز ؟  
نوۋەتتە دەرسخانە ئوقۇتۇشىمىزدا ئۈچ چوڭ مەسىلە ساقلانماقتا  بىرىنچى ؛ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدىكى ۋاقىتنى بەك كۆپ ئىگىلىۋېلىش ، دەرسنىڭ بېشىدىن ئايىغىغىچە ئۆزى سوزلەپ چىقىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئكزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى تەربىيەلىمەسلىك  .  
ئىككىنچى ؛ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاپشۇرۇقى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇش ،دەرسخانىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيەت بوشلۇقىغا سەل قاراش ، ئوقۇتقۇچى بىرەر مەسىلىنى سوزلەش بىلەنلا دەرس ۋاقتىنى توشقۇزىۋېتىش ، دەرس بايلىقىنى ئاچماسلىق  ، سوزلەش پۇرسىتىنى ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئايلاندۇرۇۋېلىش .  
ئۈچىنچى ؛ھەر بىر سىنىپتا بىر تۈركۈم ئۆگىنىشتە قىىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ بولۇشى . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋاقىت يەتكۈزەلمىگەنلىكتىن ئاغرىنىشى ۋە دەرسخانىنىڭ كۆڭۈلسىز بولۇپ قېلىشى دەرسخانە ئوقۇتقۇشىنىڭ ئۈنۈمسىز ۋە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشى تۈسىنى ئېلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆىنىشكە بولغان قىزىقىشىنى قولغا كەلتۇرۇپش ، يەككىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆللىكتىپنىڭ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ ، كۆللىكتىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش، شۇ ئاساستا مائارىپنىڭ ئىلمى تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن كۆللىكتىپ دەرس تەييارلىقىنى كۈچەيتىش زۆرۈر  
3 . كوللىكتىپ دەرس تەييارلىقىدا نېمىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك ؟  
شەكلىۋازلىقتىن ساقلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسلىق ئورۇنغا قويۇپ ، مەسئۇلىيەتنى چوڭقۇر تونۇپ  يەككە جەڭ قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك . دەرسخانىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك  شۇ دەرستىكى ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىنى پەيدا قىلىدۇ . « ئەمەلى ئوقۇتۇش جەريانىدا ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپلەپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىزچىل ئاغرىتىپ كېلىۋاتقان مەسىلە . شۇنداقلا جۇڭگو ۋە چەتئەل پىداگوكلىرى ئۇزۇن مۇددەت باش قاتۇرۇپمۇ تېخى ھەل بولۇنمىغان قىيىن مەسىلە . ئۇلارنىڭ كاللىسى ئىشلىمەمدۇ ؟ياكى ئۇلاردا ئەقلى ئاجىزلىق مەۋجۇتمۇ ؟بۇ مەسىلىگە مائارىپ ئاخىرى جاۋاپ بېرىپ ئۇلارنى ئاجىز ئەمەس ، بەلكى بىلىمنىڭ رادىكال (مەنفى ـ-تەتۇر )يېقىلىشى پەيدا قىلىدۇ ، دېگەن ئىلمى يەكۇننى چىقاردى.  بۇ مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشتىكى تۈپ سەۋەپ ؛دەرسخانە ئوقۇتۇشىنى يەنى بىزنىڭ قانداق دەرس لايىھەسى تۈزۈپ ، قانداق ئىجرا قىلىشىمىز بىلەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ب.ئوقۇتۇشتىكى سەۋەنلىك جۇغلانمىسى كۆپەيگەنچە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئېشىپ بارىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن كوللىكتىپ دەرس تەييارلىقىنى ھەقىقى تەتقىقات دەرىجىسىگە كۆتىرىش ، باھالاش _قايتارما ئىنكاس _تۈزىتىش جەريانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش زۆرۈر . ئەڭ مۇھىمى ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش جەريانىدا قىيلىنۋاتقان نۇقتا بىلەن،ئوقۇغۇچى قىيلىنۋاتقان نۇقتىنى توغرا بەلگىلەش ۋە شۇ نۇقتىنى يېشىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك.
كوللىكتىپ دەرس تەييارلىقىنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى:  
1. كوللىكتىپ دەرس تەييارلىقىنىڭ پىلانىنى تۈزۈش. ھەر قايسى پەنلەرنى ياكى ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىلىرىنى بىرلىك قىلىپ، كوللىكتىپ دەرس تەييارلىقىنىڭ ئاساسى تېمىسىنى بەلگىلەش. دەرس ۋاقتى، مەزمۇنى، دەرس تەييارلىغۇچى، ئورنى قاتارلىقلارنى بەلگىلەش، ئاساسى پىلاننى ئوتتۇرىغا قويۇش.  
كوللىكتىپ دەرس تەييارلىقى ئادەتتە ھەپتىدە بىر قېتىم، ئىككى دەرس سائىتى تەييارلىنىدۇ. ئەگەر مەكتەپتە بىرەر يىللىقنى ئاساس قىلىپ دەرس تەييارلاش ئاساسى ئۇرۇندا تۈزىلىدۇ.  
2. دەرس تەييارلىقىنىڭ ئاساسى تىمىسىنى بىكىتىش، ئوقۇتقۇچى ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئۈزىگە ماس كېلىدىغان ئاساسى تېمىنى بەلگىلەش، بۇ ئاساسەن كىچىك تىپتىكى تەتقىقات تىمىسى ئارقىلىق ئەمەلىلىشىدۇ.  
3. يەككە ئالدىدىن تەييارلاش يەنى شۇ يىللىق سىنىپقا دەرس بىرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزى ئالدىن تەييارلاش، كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشتىن بۇرۇن، ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئاساسى مەزمۇننى چۆرىدىگەن ھالدا ئالدىن ئۆزى تەييارلاشنى كۆرسىتىدۇ. مەيلى يەككە تەييارلاش ياكى كوللىكتىپ تەييارلاش بولسۇن تۆۋەندىكىدەك «تۆتنى تەييارلاش»، «3نى ئىنىقلىۋېلىش» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.  
«تۆتنى تەييارلاش» دەرس ئۆلچىمىنى تەييارلاش، دەرسلىكنى تەييارلاش، ئوقۇغۇچىنى تەييارلاش، ئوقۇتۇش ئوسۇلىنى تەييارلاش، «3نى ئىنىقلاش» كونا ۋە يېڭى بىلىملەرنىڭ باغلىنىشى ئىنىق بىلىش، ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم، قىيىن نوقتىسىنى بىلىش، ئوقۇتۇشتىن قانداق نەتىجىگە ئېرىشمەچكى بولغانلىقىنى بىلىش.  
4. دەرس دوكلاتىنى قىلىش دەرس دوكلاتى شەكلى بويىچە قىلىنىدۇ.  
5. يەككىدىن كوللىكتىپلىققا ئايلاندۇرۇش.  
دەرس ئۆتۈشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن ئېلىپ بېرىلىدۇ. كوللىكتىپ دەرس تەييارلىقىدا شۇ سائەتلىك دەرستە ئۇچرايدىغان قېيىن مەسىلە ھەل قىلىنىشى ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ.(يەككە تەييارلاپ بولغاندىن كىيىن گۇرۇپپىدىكى باشقا مۇناسىۋەتلىك ئادەملەر ئۆز پىكرىنى قايتۇرما ئىنكاس شەكىلدە يازىدۇ).  
6. بىرلىككە كەلگەن دەرس پىلانىنى تەييارلىقىنى شەكىللەندۈرۈش ئاساسلىق تەييارلىغۇچى ئوقۇتقۇچى كۆپچىلىكنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، دەرسنى ئەتراپلىق پىلانلاپ، بىرلىككە كەلگەن دەرس تەييارلىقىنى شەكىللەندۈرۈش.  
سىغىمىسى:  
پىلان تۈزۈش: ئاساسلىق تەييارلىغۇچىنى بېكىتىش؛ بىر ھەپتە بۇرۇن تەييارلاش – گۇرۇپپا ئەزالىرىغا دوكلات بىرىش- گۇرۇپپا ئەزالىرى ئۆز كۆز قارىشىنى قوشۇش- دەرسخانىدا ئۆتۈش- دەرستىن كېىيىنكى تەسراتىنى سۆزلەش – گۇرۇپپا ئەزالىرى پىكىر قوشۇش- ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ مەشىقلەندۈرۈش شەكلىنى لاھىيىلەش- ئۆزىگە خاس ئوقۇتۇش لايىھەىسىنى شەكىللەندۈرۈش.  
خۇلاسە:  
دەرسكە بولغان چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەرسنى تەرتىپكە سېلىش ئىقتىدارىنى يوقىرى كۆتىرىش، كوللىكتىپنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، دەرس تەييارلىقىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، تۇلۇقلاپ ئۆزگەرتىش، ئومۇملاشتۇرۇش، قايتا ئىجاد قىلىش ئارقىلىق ئۆز ئالاھىدىلىگىنى يارىتىش.  
كۆللېكتىپ دەرس تەييارلاشنىڭ ئىشلەپ قويغان رامكا ۋە قىلىپلىرىنى جەدۋەل شەكلىدە يوللالماي قالدىم .  
ماتىريال توپلىغۇچى ؛ئۇزچاق مەنبە خەنزۇچە مائارىپ توغۇرسىدىكى تور بەتلىرى



baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-11-22 13:57:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى ياخشى يېزىپسىز .مەكتەپلەردە ھازىر يولغا قۇيلىۋاتقان دەپتەر بۇياش بىلەنلا بۇلۇپ، ئۇقۇغۇچىلارغا ھەقىقى كۈينۈپ بىلىم بىر ئىشكە سەل قارش ئەھۋاللىرى باش كۈتۈرۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ دەرىس تەييارلاش.دەرىس ئۈتۈش جەھەتتىكى كەسپى بىلىم سەۋىيەسى  توۋەنلەش باسقۇچىدا تۇرماختا. سىزنىڭ بۇ تىمىڭىز ۋىجدانى  بار مائارىپ سۈيەر ئەزمەتلەرنىڭ يۇرگىنى ئۇيغاتسا ئەجەپ ئەمەس....بولسا كوللىكتىپ دەرىس تەييارلاشنىڭ كونكىرىتنى ئۇسۇلى ئەكىس ئەتكەن جەدىۋەل شەكىللىك باھالاش ئولچىمى ئۈستىدە بىر ئىزدىنىپ باققان بولسىڭىز
ۋاقتى: 2016-2-26 03:14:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى  ياخشى  بايان  قىپتۇ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش