| يىڭيەر يېزا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ «ئوندا بىر» پائالىيىتىنى يولغا قۇيۇش لاھىيىسى
يىڭيەر يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
يىڭيەر يېزا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ «ئوندا بىر» پائالىيىتىنى يولغا قۇيۇش لاھىيىسى
ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ [2014]56-نۇمۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ رۇھىغا ئاساسەن مەكتىۋىمىزدە « ئوندا بىر » پائالىيىتىنى يولغا قۇيۇپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى، ئەقلى، گۈزەللىك قاتارلىق جەھەتلەردىن ئۇمۇمىيۇزلۇك تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنۋىرسال ساپاسىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈپ ، ساغلام بولغان مەدىنى مەكتەپ كەيپىياتى بەرپا قىلىپ، خەلق رازى بۇلىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۈۋەندىكىدەك كونكىرىت لاھىيە تۈزۈپ چىقىلدى. 1. يىتەكچى ئىددىيە ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ [2014]56-نۇمۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ رۇھىغا ئاساسەن ساپا مائارىپىنى ئۇمۇمىيۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئاساسلىق مۇددىئا قىلىپ ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھەر تەرەپلىمىلىك ۋە ئۆز ئالاھىدىلىكى بۇيچە تەرەققى قىلىشنى، جۇڭگۇچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان سۇتسىيالىزىم ئىشلىرنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىشنى تۈپ نىشان قىلمىز. 2. تەشكىلى رەھبەرلىك مەكتىۋىمىزدە قۇرۇلغان رەھبەرلىك گۇرۇپپا ئەزالىرى تۈۋەندىكىچە: گۇرۇپپا باشلىقى: غاپپار غۇپۇر مەكتەپ مۇدىرى (ئۇمۇمى خىزمەتلەرگە مەسئۇل) مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى: ۋەن يۆەن جاڭ مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ شۇجىسى (يىتەكچىلىك قىلىش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل) ئەزالىرى: غالىبىيەت ئىسمايىل مۇئاۋېن مەكتەپ مۇدىرى ( تەشكىللەش خىزمىتىگە مەسئۇل) مۇتەللىپ ھەمراجان ئەخلاقى تەربىيە مۇدىرى (كونكىرت خىزمەتلەرگە مەسئۇل) ئابدۇرەھىم مەتتۇرسۇن ئىلمى مۇدىر (تەشۋىقى تەربىيە خىزمىتىگە مەسئۇل) مەمەتجان غۇلام خۇجىلىق مۇدىرى (بىخەتەرلىك ، مۇقۇملۇق خىزمىتىگە مەسئۇل) خۇدابەردى رۇزتوختى ئەخلاقى تەربىيە ئىشخانا خادىمى (ئۇچۇر ئالاقە خىزمىتىگە مەسئۇل) تارماق مەكتەپ مەسئۇللىرى (ئۆز مەكتىۋىنىڭ ئوندە بىر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل ) 3. پائالىيەت مەزمۇنى 1) ھەر قايسى مەكتەپلەر مەكتەپتە قىزىل ناخشا ئامبىرى قۇرۇش . مەكتەپتىكى گۇئاڭبودىن پايدىلىنىپ قىزىل ناخشا ئاڭلىتىش ، مۇزىكا دەرىسىدە مۇھىم بولغان قىزىل ناخشىلارنى ئۈگۈتۈش ھەر كۈنى ئەتتىگەنلىك ۋە چۈشلۈك گىمناستىكىدىن قايتقاندا ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلار تەشكىللىنىپ يۇقىرى ئاۋازدا قىزىل ناخشا ئۇقۇش . ھەر قايسى تارماق مەكتەپلەردە ھەپتىنىڭ 1-كۈنى دۆلەت شىرى،ھەپتىنىڭ 2-كۈنى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىلبايراق، ھەپتىنىڭ 3-كۈنى بىز كومونىزىم ئىزباسارى،ھەپتىنىڭ 4-كۈنى مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى بولسا كۈچ،ھەپتىنىڭ 5-كۈنى سوتھىيالىستىك جەمىيئەت ياخشى قاتارلىق بەش قىزىل ناخشىنى ئۇقۇغۇچىلار گىمناستىكىدىن كىيىن سىنىپقا مېڭىشتىن بۇرۇن ئۇقۇيدۇ. 2) ھەر بىر مەكتەپ بىردىن رادىئو ئۇزىلى پونكىتى قۇرۇش . رادىئو تەشۋىقاتىنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇپ، تەشۋىقات ئۈيىنى مۇقۇمداپ ، ئۇقۇغۇچىلار ئارىسىدىن كىچىك دىكتور ، كىچىڭ مۇخپىر ، كىچىك تەھرىر يىتىشتۈرۈپ چىقىش ، ھەركۈنى ئەتتىگەندە ۋە چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا تەلەپ بۇيىچە سىستىمىلىق تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش. تەشۋىقات مەزمۇنىنى موللاشۇرۇش ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ، ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەش ، باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش ، ئاتا-ئانىلارغا ۋاپادار بۇلۇش توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى كۆپرەك ئاڭلىتىش . 3) ھەر ھەپتىدە بىر سىنىپ نۆۋەت بۇيىچە بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش . ھەر قايسى مەكتەپلەر ھەر بىر ھەپتىدە بىر سىنىپنى بايراق چىقىرىش سىنىپى قىلىپ بەلگىلەش ، دۆلەت شىئىرى ئۇقۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش . بايراق چىقىرىشنى ھەرھەپتىدە ، بايرام كۈنلىرىدە ، خاتىرلەش كۈنلىرىدە داغدۇغۇلۇق ئېلىپ بېرىش . قۇميايلاغ مەكتەپ 3-يىللىق 1-سىنىپ 1-ھەپتە ، قۇميايلاغ مەكتەپ 3-يىللىق 2-سىنىپ 2-ھەپتە ، قۇميايلاغ مەكتەپ 4-يىللىق 1-سىنىپ 3-ھەپتە ، قۇميايلاغ مەكتەپ 4-يىللىق 2-سىنىپ 4-ھەپتە ، قۇميايلاغ مەكتەپ 5-يىللىق 1-سىنىپ 5-ھەپتە ، قۇميايلاغ مەكتەپ 5-يىللىق 2-سىنىپ 6-ھەپتە ، قۇميايلاغ مەكتەپ 6-يىللىق 1-سىنىپ 7-ھەپتە ، قۇميايلاغ مەكتەپ 3-يىللىق 1-سىنىپ 8-ھەپتە ، قۇميايلاغ مەكتەپ 3-يىللىق 9-سىنىپ 2-ھەپتە ، قۇميايلاغ مەكتەپ 4-يىللىق 10-سىنىپ 3-ھەپتە ، قۇميايلاغ مەكتەپ 4-يىللىق 2-سىنىپ 11-ھەپتە ، قۇميايلاغ مەكتەپ 5-يىللىق 1-سىنىپ 12-ھەپتە ، قۇميايلاغ مەكتەپ 5-يىللىق 2-سىنىپ 13-ھەپتە ، قۇميايلاغ مەكتەپ 6-يىللىق 1-سىنىپ 14-ھەپتە ، قۇميايلاغ مەكتەپ 4-يىللىق 2-سىنىپ 15-ھەپتە ، قۇميايلاغ مەكتەپ 5-يىللىق 1-سىنىپ 16-ھەپتە ، قۇميايلاغ مەكتەپ 5-يىللىق 2-سىنىپ 17-ھەپتە ، قۇميايلاغ مەكتەپ 6-يىللىق 1-سىنىپ 18-ھەپتە بايراق چىقىرىش ئېلىپ بارىدۇ. تارماق مەكتەپلەر 1-ھەپتە 6-يىللىق، 2-ھەپتە5-يىللىق،3-ھەپتە4-يىللىق،4-ھەپتە 3-يللىق ،5-ھەپتە 6-يىللىق، 6-ھەپتە5-يىللىق،7-ھەپتە4-يىللىق،8-ھەپتە 3-يللىق،9-ھەپتە 6-يىللىق، 10-ھەپتە5-يىللىق،11-ھەپتە4-يىللىق،12-ھەپتە 3-يللىق،13-ھەپتە 6-يىللىق، 14-ھەپتە15-يىللىق،15-ھەپتە4-يىللىق،16-ھەپتە 3-يللىق،17-ھەپتە 6-يىللىق،18-ھەپتە5-يىللىق يۇقارقى تەرتىپ بۇيىچە بايراق چىقىرىش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 4) ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئەترەت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش . ھەر قايسى مەكتەپلەر ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە پىئونۇرلارنىڭ رولىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ ، ھەپتىدە بىر قىتىم ئوتتۇرا ئەترەتلەر بۇيىچە ، 15 كۈندە بىر قېتىم چوڭ ئەترەت بۇيىچە پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ ، پىئۇنۇرلارنىڭ بۇرۇچ تۇيغۇسى ، شەرەپ تۇيغۇسى ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرۈش ، ھەمدە ئۆتكۈزگەن پائالىيەت ئەھۋالىدىن رەسىملىك ئۇچۇر تەييارلاپ ، ئەخلاقى تەربىيە ئىشخانىسىغا يوللاش . ھەرھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى چۈشتىن كىيىنلىك ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ تارماق مەكتەپلەر 1-ھەپتە 6-يىللىق، 2-ھەپتە5-يىللىق،3-ھەپتە4-يىللىق،4-ھەپتە 3-يللىق ،5-ھەپتە 6-يىللىق، 6-ھەپتە5-يىللىق،7-ھەپتە4-يىللىق،8-ھەپتە 3-يللىق،9-ھەپتە 6-يىللىق، 10-ھەپتە5-يىللىق،11-ھەپتە4-يىللىق،12-ھەپتە 3-يللىق،13-ھەپتە 6-يىللىق، 14-ھەپتە15-يىللىق،15-ھەپتە4-يىللىق،16-ھەپتە 3-يللىق،17-ھەپتە 6-يىللىق،18-ھەپتە5-يىللىق يۇقارقى تەرتىپ بۇيىچە مەكتەپنىڭ ئىتىپاق ئەزالىرى ۋە پىئونىرلارنىڭ رولىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ ئوتتۇرا ئەترەت پائالىيىتى ئۈتكۈزۈپ ئەخلاقى تەربىيە ئىشخانىسىگە يوللاش. 5) ھەر ئايدا بىر قېتىم قىزىل مەزمۇندىكى كىنو كۈرۈش . ھەر قايسى مەكتەپلەر يىراق مۇساپىلىق تەربىيلەش ئۈسكىنىسىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ ، ئايدا بىر قېتىم ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلارنى قىزىل مەزمۇندىكى كىنو كۈرۈشكە تەشكىللەش . مەكتەپلەر ئالاقىدار ئۇرۇنلارنىڭ كىنونى يېزىلارغا يەتكۈزۈش تۈرىگە ئاكتىپ ماسلىشىش . ھەرقايسى تارماق مەكتەپلەر 3-ئاينىڭ 20-كۈنى جىۋاڭ شىھۋا شىپاگەر،4-ئاينىڭ 17-كۈنى لېڭفىڭ،5-ئاينىڭ22-كۈنى جۇئىنلەي،6-ئاينىڭ19-كۈنى 1977-يىلىدىكى ئالىىي مەكتەپ ئىمتانى قاتارلىق 4كىنۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىتىدا ھەرقايسى تارماق مەكتەپلەردىكى يەسلى يېغىن زالىدا يېغىلىپ كىنو كۈرەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. 6) ھەر ئايدابىر قىتىم مەخسۇس تىمىلىق تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش . ھەر قايسى مەكتەپلەر تەشۋىقات پائالىيىتىنى ئىلمىي ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ۋەتەننى سۈيۈش ، شىنجاڭنى سۈيۈش ، يۇرتنى سۈيۈش ، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى، پارتىيەنىڭ مىللەت-دىن سىياسەتلىرى ، ۋەزىيەت تەربىيەسى ، بىخەتەرلىك تەربىيەسى ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ، ھەققانىيەت ئۈچۈن باتۇرلۇق كۆرسىتىش ، خىزمەت ئورنىنى ، كەسپىنى سۈيۈش ، ئىلغار ئىش-ئىزلاردىن ئۈگۈنۈش ، قانۇن-تۈزۈم ، پەننى ئۇمۇملاشتۈرۈش تىمىسىنى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ ئايدا بىر قېتىم مەكتەپنى بىرلىك قىلىپ ، تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش . 3-ئايدا قەرقايسى تارماق مەكتەپلەر مەجبۇرى مائارىپ قانۇندىن تەشۋىقى تەربىيە ئېلىپ بېرىش ،4-ئايدا مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى توغرىسىدا تەشۋىقى تەربىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش ،5-ئايدا بىخەتەرلىك تەربىيىسى توغرىسىدا تەشۋىقى تەربىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش ،6ئايدا پارتىينىڭ مىللەت-دىن دىياسەتلىرىدىن تەشۋىقى تەربىيە ئېلىپ بېىرىش 7) ئايدا بىر قېتىم مەكتەپ خاراكتىرلىك مەدەنىي پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش . زامانىۋى مەدىنىيەتنى يىتەكچى قىلىپ ، مەكتەپلەرنىڭ مەدەنىيەت قۇرلىشىنى كۈچەيتەيلى دىگەن ھۆججىتىنىڭ تەلىپى بۇيىچە ھەر قايسى مەكتەپلەر ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ ئايدا بىرقېتىم ھەرخل مەدەنىي پائالىيەتلەر، ھەرخىل مۇسابىقىلەرنى ئۇيۇشتۈرۈپ ، مەكتەپلەرنى ئۈگۈنۈش باغچىسى ، كۈڭۈل ئېچىش باغچىسى ، گۈللۈك باغچىغا ئايلاندۇرۇپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇش . 3-ئاينىڭ 4-ھەپتىسىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئارغامچا تارتىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىش 4-ئاينىڭ 3-ھەپتىسىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئۇقۇغۇچىلار ئارا ئارقان تارتىش مۇسابىقىسى ئېلىو بېرىش ،5-ئاينىڭ 2-ھەپتىسى سەيشەنبە كۈنى ئۇقۇغۇچىلار ئارا ئۇرۇندا تۇرۇپ يراققا ھاكرەش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىش،6-ئاينىڭ 4-ھەپتىسىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئۇقۇغۇچىلار ئارا مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى توغرىسىدا زىچىن سىناش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېىرىش 8) ئايدا بىر قېتىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش . ھەر قايسى مەكتەپلەر ئايدا بىر كۈننى بەلگىلەپ ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە ئەمىلىيەت كۈنى قىلىپ بىكىتىش ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ، جەمىئەتكە تەشەككۈر ئېيتىشنى ئاساسى مەزمۇن قىلىپ ، شەكلى كۆپ خىل ، مەزمۇنى مول بولغان ئەمەلىي پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇپ ياخشى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش . 9) ھەر ئۇقۇش ماۋسۇمىدا بىر قېتىم ئۇمۇمىيۈزلۈك ئائىلە زىيارىتى ئېلىپ بېرىش . ھەر قايسى مەكتەپلەر ئائىلە زىيارەت تۈزىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلار نىسپىتىگە ئاساسەن ، ھەر بىر ئۇقۇتقۇچى ئائىلە زىيارىتى قىلىدىغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ رويىخېتىنى تۇرغۇزۇش ، ھەر ماۋسۇمدا بىر ئۇقۇغۇچى بىلەن ئاز دىگەندە بىر قېتىم ئائىلە زىيارىتى ئېلىپ بېرىش ، ھەر بىر ئۇقۇغۇچىنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى توغرا ئىگەللەش ، تىگى-تەكتىنى ئىنىقلاش ۋە كۆڭلىدە سان بۇلۇش . 10) ھەر ماۋسۇمدا بىر قېتىم ئىددىيە ئەخلاق جەھەتتە ياخشى بولغان ئۆسمۈرلەرنى مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىش . ھەر قايسى مەكتەپلەر ھەر بىر ئۇقۇغۇچىنىڭ ئىدىيە ئەخلاق ئىپادىسىگە دىققەت قىلىش ، ھەر قايسى ئۇقۇتۇش گۇرپا ۋە سىنىپ مۇدىرلىرى قاتلاممۇ قاتلام ياخشى ئۆسمۈرلەرنى تاللاشقا ئەھمىيەت بىرىپ ، ماۋسۇمدا بىر قېتىم تەقدىرلەش مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىش ، ئۇلاردا توغرا يۈلىنىش تۇرغۇزۇپ ، ئۇلارنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۈرۈش ، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ كەڭەيتىش .
4. خىزمەت تەلىپى ھەر قايسى مەكتەپلەر يۇقىردا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان «ئوندا بىر» پائالىيىتىنى چۆڭقۇر قانات يايدۇرۇپ ، پائالىيەتكە ھەممەيلەن قاتنىشىش ، تۈرگە ئايرىپ يىتەكچىلىك قىلىش ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بىرىش لازىم . پائالىيەت ئەھۋالىدىن ۋاقتىدا خۇلاسە ، رەسىملىك ئۇچۇر تەييارلاپ مەركىزى مەكتەپ ئەخلاقى تەربىيە ئىشخانىسىغا يوللاش لازىم . خۇلاسە ، ئۇچۇر ماتىريالىنى يوللىمىغانلار پائالىيەت ئۆتكۈزمىگەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
يىڭيەر يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
|
|