| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-30 10:39
يىڭيەر يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ ھەر جۈمە كۈنى چۈشتىن كىيىنلىك پائالىيەت ئۇرۇنلاشتۇرۇش لاھىيەسى
يىڭىيەر يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار پائالىيتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى 2015-يىلى8-ئاينىڭ 15-كۈنى
يىڭيەر يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ ھەر جۈمە كۈنى چۈشتىن كىيىنلىك پائالىيەت ئۇرۇنلاشتۇرۇش لاھىيەسى
كەڭ ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ جۈمە كۈنى چۈشتن كىيىنكى تەنتەربىيە -مەدەنىيەت پائالىيتىنى موللاشتۇرۇش ،ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەننى سۈيۈش ۋە كوللىكتىۋىزىملىق كۆز قارشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ،ئۇقۇغۇچىلارنى پەن مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئۈگۈنۈش ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ يىڭىلىق يارتىش ۋە ئەمەلىيەتچىللىق ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ،دەرستىن سىرتقى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتىش،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كۈزۈتۈش ئىقتىدارىنى ئەقلى قابىليىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ھۆججىتى،خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىىسىنىڭ ھۆججىتى ،قاراقاش ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ جۈمە كۈنى چۈشتىن كىيىنكى ئىككى سائەت دەرسنىڭ بىرىنچى سائىتىنى ھەپتىنىڭ بىرىنجى كۈنى(دۈشەنبە) 7-سائەتكە ،ئىككىنىچى سائىتىنى ھەپتىنىڭ تۆتىنچى كۈنى(پەيشەنبە)7-سائەتكە ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى. ھەر جۈمە كۈنى چۈشتىن كىيىنكى پائالىيەتنىڭ ئۇتۇقلۇق ،ئۈنۈملۈك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يىڭيەر يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ بۇ پائالىيەتكە رەھبەرلىك گۇرۇپپا قۇرۇپ چىقتۇق.
رەھبەرلىك گۇرۇپپا ئەزالىرى تۈۋەندىكىچە ئىسىم - فامىلىسى ۋەزىپسى گۇرۇپپىدىكى ۋەزىپىسى ۋەن يۇۋەنجاڭ ياچايكا شۇجىسى گۇرۇپپا باشلىقى غاپپار غۇپۇر مەكتەپ مۇدىرى گۇرۇپپا باشلىقى غالىبىيەت ئىسمايىل مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى ئابلىمىت سەيدىمەمەت مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى مۇتەللەپ ھەمراجان ئەخلاق تەربىيە مۇدىرى تەشكىللەش، ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئابدۇرەھىم مەتتۇسۇن ئىلمى مۇدىر ئەزاسى مەمەتجان غۇلام خۇجۇلۇق مۇدىر ئەزاسى ئاپىيەت بارات كوجى ئارقا سەپ خىزمىتىگە ھەر قايسى تارماق مەكتەپنىڭ مەكتەپ مەسئۇللىرى ۋە تەنتەربىيە ئۇقۇتقۇچىلىرى. رەھبەرلەك گۇرۇپپا مەسئۇل خادىملار جۈمە كۈنىدىكى پائالىيەتنىڭ لاھىيەسىگە مەسئۇل بۇلىدۇ .پائالىيەت مەزگىلىدىكى ئۇچرىغان قىيىنچىلىق ۋە مەسلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ بىرىدۇ ،پائالىيەتنىڭ قىزغىن ئۇتۇقلۇق بۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ . رەھبەرلىك گۇرۇپپا ئاستىدا مەخسۇس ئىشخانا بىكىتىلدى ،ئەخلاقى تەربىيە مۇدىرى مۇتەللىپ ھەمراجان باش مەسئۇل بۇلىدۇ ،قۇشۇمچە مۇھەممەت ئەخمەت مەسئۇل بۇلۇپ 2014-يىل مەزگىلىدىكى ھەر جۈمە كۈنىدىكى پائالىيەتنىڭ كونكىرىت خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بۇلىدۇ . پائالىيەت مەزمۇنى ئاكتىپچانلىقى يۇقىرى، ساغلام ھالەتتە ئېلىپ بېرىلىدۇ . پائالىيەت مەزگىلىدە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى توك،سۇ ،ئوتتىن مۇداپىيەلىنىش ،ئۇقۇغۇچىلار يارلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى قوللىنىلىدۇ ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەر خۇشال ھالدا پائالىيەتكە قاتنىشىشغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ . پائالىيەت مەزگىلىدە ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلار بىردەك مەكتەپ فورمىسى كىيىدۇ ،مەكتەپنىڭ پاكىزلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ . پائالىيەت ئاياغلاشقاندىن كىيىن مەكتەپ ماددى بۇيۇم سېتىۋېلىپ پائالىيەتتىكى ئىپادىسى كۈرنەرلىك بولغان ئۇقۇغۇچىلارغا رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى بىرلىدۇ ،مۇكاپاتلىغان ئۇقۇغۇچى سانى مۇشۇ پائالىيەتتىكى ئۇقۇغۇچىنىڭ 20%نى بۇيىچە ،مۇكاپات سوممىسى 80 يۈئەن ئىچىدە كونتىرول قىلىنىدۇ . ئەخلاقى تەربىيە ئىشخانىسى ،ئىلىمى بۈلۈم ئىشخانىسى ،قوغداش ئىشخانىسى ،مالىيە ئىشخانىسىدىكى خادىملار ئۆز-ئارا قوللاپ ،ئۆز-ئارا زىچ ماسلىشىپ ھەر جۈمە كۈنىدىكى پائالىيەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇتۇقلۇق بۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ . پائالىيەت مەزگىلىدە ئۇقۇتقۇچى ئىشچى خىزمەتچىلەر يوقلىما قىلىنىدۇ ،بارلىق ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلار يوقلىمىغا تۇلۇق قاتنىشىدۇ . پائالىيەتتىكى ئىپادىسى ياخشى بولغان ئىلغار ئۇقۇتقۇچىلارغا مەكتەپتە مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ ،پائالىيەتكە قارشى چىققان ،پائالىيەتكە سەۋەبسىز قاتناشمىغۇچىلار مەكتەپنىڭ بەلگلىمە تۈزۈملىرى بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ . مالىيە ئىشخانىسى ئالدىن كىرەكلىك بولغان ماددى بۇيۇملارنى تەييارلاپ نەخ ۋاقىتىدا ئەمىللەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ . ئەخلاقى تەربىيە ئىشخانىسى پائالىيەت خۇلاسىسىنى مائارىپ ئىدارىسىغا يوللايدۇ ھەمدە مۇشۇ پائالىيەتتىن تەجرىبە توپلايدۇ ۋە كىلەر ھەپتىدىكى پائالىيەتكە ئاساس سالىدۇ .
يڭىيەر يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار پائالىيتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى 2015-يىلى8-ئاينىڭ 15-كۈنى
|
|