بايقاش ئەھلى ۋە بايقاش باشقۇرغۇچىلىرىغا تەكلىپ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بايقاش ئەھلى ۋە باشقۇرغۇچى ئۇستازلار... بايقاشتىكى جاپاكەش باشقۇرغۇچى ئۇستازلار ۋە بايقاش ئەزالىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بايقاش تورى تەرەققى قىلىپ بۈگۈنكىدەك ياخشى تەرەققىيات مۇساپىسىدە تۇرۋاتىدۇ... مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايقاش تورىدىكى بارلىق جاپاكەش باغۋەنلەرگە ئوتلۇق سالام يوللايمەن.. نەخ گەپكە كەلسەك: مەن بايقاش تورىنىڭ دائىملىق ئەزاسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرغا قۇيۇشنى توغرا تاپتىم... بايقاش تورىنىڭ ماتىرىيال بۇلىقى ناھايىتى مول، ھەقىقى قىممىتى بار بولغان ھەقلىق تىمىلارمۇ ئازا ئەمەس، بىراق مۇشۇ بىرەر يىلدىن بۇيان بايقاش تورىدىكى مەيلى ھەقلىق تىمىلاردا بولسۇن، ياكى ھەقسىز تىمىلاردا بولسۇن چۈشۈرۈش ئادرىسى بىنۇرمال تىمىلار كۈپىيىپ قېلىۋاتىدۇ. تەڭگە تۈلەپ سېتىۋالغان تىمىلار چۈشمەي قالسا سېتىۋالغۇچىغا بىر ئادىلسىزلىق بۇلامدۇ قانداق... شۇڭا بايقاش تورىدىكى باشقۇرغۇچى ئۇستازلارنىڭ ئېغىر كۆرمەي مۇشۇنداق مەسىللەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدا ئويلىشىپ كۈرىشىنى تۈۋەنچىلىك بىلەن سۇرايمەن... (بۇ ئىشتا مەن ئۈزەمنى مىسالغا ئالسام مەن سېتىۋالغان بىرقانچە تىمىمۇ مۇشۇنداق بۇلۇپ چۈشمەي قالدى... بۈگۈنمۇ يەنە بىر تىمىنى سېتىۋالغان ئىدىم. يەنە چۈشمەي قويدى.. شۇڭا بۇ تىمىنى يوللاشنى توغرا تاپتىم. خاپا بولمىغايسىزلەر..) |