كۆرۈش: 359|ئىنكاس: 1

دىننىڭ مائارىپقا ئارلىشىش

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
دىننىڭ مائارىپقا ئارلىشىش، مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چەكلەش تۈزۈمى

دىننىڭ مائارىپقا ئارلىشىش، مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشنىڭئالدىنى ئېلىش ۋە چەكلەش تۈزۈمى

مەكتەپ ياش ئەۋلاتلارنى سوتسىيالىزىمنىڭ ياراملىقئىزباسارلىرىدىن، قۇرغۇچىللىرىدىن قىلىپ تەربىيەلەيدىغان مۇھىم بازا. ئوقۇتقۇچىلارئوقۇغۇچىلارنى ماركىسىزىم-لېنىنىزىم، ماۋزېدوڭ ئېدىيىسى، دىڭشىياۋپىڭ نەزىرىيىسى،«3 كە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسى ئارقىلىق تەربىيەلەشتىن ئىبارەت شەرەپلىكمەسئۇليەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ئۇلار دىنغا ئىشەنسە، دىنى پائالىيەت بىلەنشۇغۇللانسا ئوقۇتقۇچىلارغا خاس ئەقەللى شەرتنى يۇقاتقان بۇلىدۇ. ئەگەر ئوقۇتقۇچىلارماركىسىزىم-لېنىنىزىم، ماۋزېدوڭ ئىدىيىسىگە ئىتىقات قىلماي، دىنىغا ئىشەنسە، دىنىپائالىيەت بىلەن شۇغۇللانسا دىنى ئەسەبىيلىكنى تەرغىپ قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنى تۇيۇقيولغا باشلىسا، جەمىئيەت مۇقۇملىقىغا، ئىجىتمائى، ئىختىسادى، سىياسى مۇقۇملىقائېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دىنغا ئىشىنىشكە ، دىنى پائالىيەتكەقاتنىشىشقا ، خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ دىنى ئەقىدىلەرنى تەرغىپ قىلىشقاقەتئى يول قۇيۇلمايدۇ.

ئوقۇغۇچىلار ۋەتەننىڭ كېلىچىگى، سوتسىيالىزىم،كوممۇنىزىم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىللىرى ۋە ئىزباسارلىرى. ئۇلارنىڭ ماركىسىزىملىقئىتقاد ۋە ئىلىم-پەن بىلىملىرى ئارقىلىق قۇراللىنىپ، ياراملىق ئىختىساسئىگىللىرىدىن بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ دىنغائىشىنىشكە، دىننى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا قەتئى بولمايدۇ.

مەكتىۋىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەئوقۇغۇچىلار، پارتىيە، ئىتىپاق ئەزاسى بولسۇن ياكى بولمىسۇن ھەممىسى بىردەك دىنغائىتىقاد قىلماسلىقى دىنى پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىقى كىرەك. ئۇقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى دىنى پائالىيەتلەرگەقاتنىشىشى قانۇنسىز ھىساپلىنىدۇ.

مەكتىۋىمىزدە يۇقارقى تەلەپلەرنى تۇلۇق ئۇرۇنلاشقاكاپالەتلىك قىلىش، دىننىڭ مائارىپقا ئارلىشىشنىڭ، مەكتىۋىمىزگە سىڭىپ كىرشنىڭئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى چەكلەش ئۈچۈن تۈۋەندىكى تۈزۈم يولغا قۇيىلىدۇ ۋە شەرتسىزئىجرا قىلنىدۇ.

1) مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى، مەمۇرىيىتى پارتىيىنىڭدىنى سىياسىتىگە ئالاقىدار قانۇن، نىزام، بەلگۈلىمىلەرنى ئۈگۈنىش،ئىزچىللاشتۇرۇشنى كۈندىلىك خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم تەركىۋىگە كىرگۈزۈپ، دىننىڭمائارىپقا ئارلىششنىڭ، مەكتىۋىمىزگە سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چەكلەش خىزمىتىنىچىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيدۇ. مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى ۋە سىياسى خىزمەت بۈلىمنىڭيىتەكچىلىكىدە دىننىڭ مائارىپقا ئارلىشىشى ۋە مەكتىۋىمىزگە سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنىئېلىش ۋە چەكلەش خىزمىتىنى كۈچلۈك قانات يايدۇرىدۇ.

2) ئالاقىدار قانۇن-نىزام، بەلگۈلىمىلەرنى ئۆگۈنىش،خاتىرە قالدۇرۇش، تەسىرات يېزىش، تەشۋىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى كەڭ قاناتيايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ، ئاتا-ئانىلارنىڭ پارتىيىنىڭ دىنى سىياسىتىھەققىدىكى چۈشەنچىسنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

3) ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتا دىنغائىشىنىشى، يەر ئاستى دىنى مەكتەپتە ئوقۇشى، ھەر خىل قول يازمىلارنى يېنىدا ساقلىشىقاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. قانۇنسىز ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى، نەشىر بۇيۇملىرىنىساقلىشىغا، ئۇقۇشىغا، تەشۋىق قىلىشغا يول قۇيۇلمايدۇ.

4) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت قۇلايلىقىدىن، ئوقۇتۇشمۇنبىرىدىن، باشقا شەكىلەردىن پايدىلىنىپ، دىنى ئەقىدىلەرنى، خۇراپاتلىقنى تەشۋىققىلىشقا، دىنى مەزمۇندىكى كىتاپ، قول يازما، ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى كۈرۈشكە،ئاڭلاشقا، تارقىتىشقا، دىنى تۈس ئالغان كىيىم-كىچەكلەرنى كىيىشكە، مىللەتبۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنى تارقىتىشقا، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلايدىغان، مىللەتلەرئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، سۆز ھەركەتلەرنى قىلىشقا يول قۇيۇلمايدۇ.

5) «مەخسۇس تۈزەش» بۇيىچە تىگىنى تېپىش، ئارخىپلاشتۇرۇش،تەربىيە بىرىش خىزمىتىنى ئىشلەپ، قانۇنسىز دىنى ھەركەتلەرنى چەكلەش، زەربە بىرىشبۇيىچە قاتلاممۇ-قاتلام مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاپ مەسىلە كۈرۈلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشخىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيدۇ.

6) مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ھەيئەتلىرى، سىنىپمۇدىرلىرى ۋە باشقا خادىملارنىڭ ھەممىسى دىننىڭ مائارىپقا ئارلىشىشىنى،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئىدىيىسىگە سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەش، ئالدىنى ئېلىش مەخسەتقىلىنغان، مەخسۇس تىمىدىكى ئاتىزىم تەربىيىسى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئۈنىمىگەكاپالەتلىك قىلىدۇ.

7) نوختىلىق ئائىلە پەرزەنتىللىرى ۋە گۇمانلىقئوقۇغۇچىلارغا قارتا نازارەتچىلىك قىلىش، ئايرىم سۆھبەتلىشىش، ئائىلە سۆھبىتىئېلىپ بېرىش ئارقىلىق دىنغا ئىشىنىش، دىنى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئەھۋالىنىڭ باريوقلىقىنى ئىنىقىلاش ئارقىلىق دىنى سىڭدۈرمىچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىكۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

8) تۈزۈم تەدبىرنىڭ ھەقىقى ئىزچىللىشىشىغا كاپالەتلىكقىلىش ئۈچۈن مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى ۋە سىياسى خىزمەت بۈلىمى بىلەن ئوقۇتقۇچى،ئىشچ-خىزمەتچىلەر ئوتتۇرىسىدا، سىنىپ مۇدىرلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارئاتا-ئانىللىرى ئوتتۇرىسىدا مەسئۇليەتنامە ئىمزالىنىدۇ. رامىزان مەزگىلىدە،قىشلىق، يازلىق تەتىلنىڭ ئالدىنى كەينىدە ئايرىم-ئايرىم مەسئۇليەتنامە ئىمزالاپتۈزۈمنىڭ ئەمىللىشىگە بولغان يىتەكچىلىكنى كۈچەيتىدۇ.

9) قانۇنسىز دىنى پائالىيەت ۋە دىندىن پايدىلىنىپبۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلارنى قانات ئاستىغا ئالغانلار،يۇشۇرغانلارنىڭ مەسئۇليىتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلنىدۇ. ئەگەر بۇجەھەتتىكى بەلگۈلىمىگەئەمەل قىلماي، قەستەنگە ياكى بىپەرۋالىق قىلىپ مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقارغانلاركۈرۈلسە مەسئۇليەت قاتتىق سۈرۈشتۈرلىدۇ ۋە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

10) ئوقۇتقۇچىلار ئاتا-ئانىلار مەكتىۋى ۋە تۈرلۈكشەكىلدىكى ئاتا-ئانىلار سۆھبىتى ئارقىلىق ئاتا-ئانىلارغا پارتىيىنىڭ دىنىسىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش، پەرزەنتىللىرىگە دىنى سىڭدۈرمىچىلىك ئېلىپ بارماسلىق،دىنى تەلىم ئېلىشقا، رۇزا تۇتۇشقا، ناماز ئوقۇشقا، قاۋادە، قۇرئان ئوقۇشقازورلىماسلىق ۋە يول قويماسلىق توغرىسىدا تەربىيە ئىشلەيدۇ، ئەگەر ئاتا-ئانىلارئىچىدە بۇنداق ئەھۋال كۈرۈلسە ۋاختىدا مەكتەپ تەشكىلى ئارقىلىق ئالاقىدارئۇرۇنلارغا مەلۇم قىلىنىپ مۇناسىۋەتلىك تۈزۈم-تەدبىرلەر ئارقىلىق بىر تەرەپقىلنىدۇ.

يۇقارقى تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىپ ياكى مەسئۇليەتسىزلىكقىلىپ ئادەتتىكىچە مەسىلە سادىر قىلغانلارغا قارتا تەنقىد-تەربىيە بىرىلىدۇ،ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش پىرىنسىپى بۇيىچە  بۇندىن كىيىن دىققەت قىلىش، قايتا سادىرقىلماسلىق ھەققىدە تەربىيە بىرىلىدۇ.

مەسىلىسى ئېغىرراق بولغانلارغا قارتا يۇقۇرى دەرىجىلىكئۇرۇنلارنىڭ دىن باشقۇرۇش مەسئۇليەتنامىسىنىڭ روھى بويىچە ئىختىسادى، مەمۇرىجەھەتتىن چارە كۈرۈلگەندىن سىرت ئالاقىدار ئۇرۇنلارنىڭ بىر تەرپ قىلىشىغايوللىنىدۇ.

ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا بۇنداق ئەھۋال كۈرۈلسە مەسىلنىڭئېغىر يىنىكلىكىگە قاراپ مەۋسۇم، يىللىق باھالاشتا خىزمەت ئىلغارى، مۇنەۋۋەر بۇلۇپسايلىنىش سالاھىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ. 2يىلغىچە ئۈنۋان دەرىجىسى ئۆستۈرۈلمەيدۇ.مەسىلىسى ئېغىر بولغانلار شۇ يىللىق سىناپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز باھالىنىدۇ.تەنقىد-تەربىيە بەرگەندىن كىيىنىمۇ تۈزەتمەي قايتا مەسلە سادىر قىلسا، ئۈنۋاندەرىجىسى تۈۋەنلىتىش ياكى خىزمىتىنى ئويلۇشۇپ كۈرۈش ھەققىدە يۇقۇرى دەرىجىلىكئۇرۇنلارغا تەكلىپ بىرىلىدۇ.



baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-10-24 13:32:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايتا تەھىرلەپ يوللاپ قويغان بولسىڭىز
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش