كۆرۈش: 173|ئىنكاس: 0

بالىلىغىمدا دادامنىڭ دىگەن گەپلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
       يۆلەنچۈگۈم،تۈۋرۈگۈم،قەدىرلىك دادا،‹كىچىكىڭدە ئۈگەنگىنىڭ تاشقا مۆھۈر باسقاندەك،قېرىلىغىڭدا ئۈگەنگىنىڭ  قاشقا ئوسما قويغاندەك.›دىگەن سۆزۈڭنىڭ مەنىسىنى خىزمەتكە چىقاندىلا چۈشىنىۋاتىمەن.سەۋەبى ،كىچىكىمدە غەمسىز،بېسىمسىز بولغاچقا،ئۈگۈنۈشنىڭ دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش جەھەتتە يوقىرى نىسبەتنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى چۈشەندىم.
       ئوقۇتقۇچى كىشىنىڭ ھاياتىدىكى ئىككىنچى ئوقۇتقۇچىسى بولسا،ئاتا-ئانىنىڭ كىشى ھاياتىدىكى تۇنجى ئۇلۇغ ئۇستازى ئىكەنلىكىنى بالىلىق بولغاندىلا ھەقىقىي چۈشەندىم.
       مەن ھەقىقەتەن تەلەيلىك ھەم بەخىتلىك ئىكەنمەن،سەۋەبى،ماڭا ئۇلۇغ ئاللاھ ئاتا قىلغان ساغلام بەدەن بولۇپلا قالماي،سىلەرنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىڭلارھەم تەربىيەڭلار ئاتا قىلغان ساغلام روھىي دۇنيا بار،بۇنىمۇ ھازىرقى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان جەمىيىتىمىزدە،روھىي بېسىمنىڭ ئېغىرلىغى مەن-مەن دىگەن ئادەمنى يىقىتىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ،روھىي ساغلاملىقنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم.
    ئېسىمدە قېلىشىچە،سىڭلىم مېنىڭ يېڭى ئالغان ئايىغىمنى كىيىپ قاچتى،مەن رەنجىپ سىڭلىم بىلەن سوقۇشتۇم،شۇ چاغدا،سىز ماڭا رەنجىپ:- ئاياغنى كىيىپ كەتسە،بەلكىم ئازىراق ئۇپىرار،بىراق،سىڭلىڭنىڭ دىلى ئازار يىسە،سەن خوش بولارسەنمۇ؟كىچىكىنە ئىشنى دەپ سىڭلىڭنىڭ دىلىغا ئازار بەرمە!چوڭلاردا،‹ تىغ يارىسى ساقىيار،تىل يارىسى ساقايماس.›دىگەن گەپ بار، دىگەنىدىڭىز.
    ئېسىمدە قېلىشىچە،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلىم بولسا كېرەك،مەن ئۆينىڭ چوڭى،ئۇكا-سىڭلىرىم تېخى كىچىك بولغاچقا،سىز ماڭا:-چوڭ چاق قانداق ماڭسا،كىچىك چاق  شۇنداق ماڭىدۇ،سەن ھەر قايسى جەھەتتە ئىلغار بولساڭ،ئۇكا-سىڭىلىرىڭ سېنى دوراپ ياخشى يولغا ماڭىدۇ،دىگەنىدىڭىز،شۇنىڭ تۈرتكىسى بولسا كېرەك،مەن ئۈگىنىشنى ياخشى قىلاتتىم.ئەپسۇس،ئۇلار تېخى  كىچىك بولغاچقا،غەلۋىسى جىق،مەن ئۇلار ئۇخلاپ تىنىچلانغاندا،
ئۈگىنىشنى ياخشى كۆرەتتىم.بىراق سىز يەنىلا :-سائەت ئوندا چوقۇم ئۇخلىشىڭ كېرەك،ھايات بەئەينى مالاسۇڭ(ئاستائۇزۇنغا يۈگۈرۇش)مۇسابىقىسى،سېنىڭ باشتا ئوزۇپ چىقىنىڭ ھىساپ ئەمەس،ئاقىۋەت ئەڭ ئاخىرقى پەللىگە ئوزۇپ بارغىنىڭ ھىساپ.ناۋادا،كېچىدە ئۇزۇنغىچە دەرس تەكرارلاپ،چىڭخۇا،بېيدا(بېيجىڭ ئۇنىۋېرىسىتى)دىگەندەك،دۆلەت دەرىجىلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولغىنىڭ بىلەن،جەمىيەتكە چىققاندا،تېنى ئاجىز،كۆزى ئاجىز، ئاغىرىقچان بولۇپ قالساڭ،ھىچبىر خىزمەت ئورنى ئالدىراپ سېنى قوبۇل قىلمايدۇ،دىگەنىدىڭىز.
     كىچىكىمدە،‹زۇمرەت بىلەن قىممەت›تېمىسىدىكى بالىلار چۆچىكىنى ھەدىيە قىلىپ،ماڭا زۇمرەتتەك ئەقىلىق،ئىشچان،كۆيۈملۈك بولۇشۇمنى،قىممەتتەك لايىغەزەل،ياسانچۇق،ھورۇن ،شەخسىيەتچى بولماسلىقىمنى ئۈگەتكەن ئىدىڭىز.
      كىچىكىمدە،‹ساڭا ئوخشايدۇ› دەپ، شۇ چاغدا مودا بولىۋاتقان‹星子›دىگەن ئارتىسنىڭ رەسىمىنى ئېلىپ بەرگەنىدىڭىز،ھازىر ئويلىسام،شۇ ئارقىلىق ئاق قان راكى بىلەن ئېلىشىپ،نىجىس كېسەل ئالدىدا باش ئەگمەي، ئەزرائىل بىلەن قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ ،ئاخىرقى  تىنىقىغىچە  كۇلۇپ ياشىغان باش رول شىڭزىنىڭ،چىدامچانلىغى،قەيسەرلىگى،قىيىنچىلىق ئالدىدا باش ئەگمەسلىگى،چۈشكۇنلەسمەسلىگىنى ئۈگەتكەن ئىدىڭىز  .
     ھېلىھەم ئېسىمدە،كىچىكىمدەئۇكىلىرىم بىلەن رەنجىشىپ،ئۇلارنى گەپ ئاڭلىمىدى دەپ ئۇرسام،ئۇلارنىڭ ئالدىدا :-ھەدەڭنىڭ توغرا بولسىمۇتوغرا،خاتا بولسىمۇتوغرا. دەپ مېنىڭ ئىززىتىمنى قىلاتتىڭىز،بىراق ئۇلار يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،ماڭا ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەپ:-جېنىم قىزىم ،ئامال بار ئۇرما،ناۋادا ئاچچىغىڭغا پايلىماي ئۇرغۇنۇڭدا،ئويلىمىغان يەردىن ئۇلارنىڭ كۆزى ياكى قولى ناكا بولۇپ قالسا،سەن بىر ئۆمۈر پۇشايمان قىلساڭمۇ،ئورنىغا كەلمەيدۇ،شۇڭا،‹يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس،ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر›.دەپ، ماڭا سالماق بولۇشنى،ئېغىر-بېسىق بولۇشنى ئۈگەتكەن ئىدىڭىز  .ھازىر ئويلىسام،گەرچە مەن  ئۇكىلىرىمنى ئۇرغۇنۇمدا،ئۇلار ئۈچۈن يۈرۈكىڭىزدىن قان ئاقسىمۇ،ئۇكىلىرىمنىڭ ئالدىدا مېنىڭ غورۇرۇمنى دەپسەندە قىلماپتىكەنسىز.
ھېلىھەم ئېسىمدە،كىچىكىمدە ، مەن ئۆيدە يوتقان-كۆرپىلەرنى مىڭ تەستە يىغدىم،ئەپسۇس،ئاپام كۆرۈپلا ياراتماي ئۆرۈۋەتتى، شۇ چاغدا سىز ئاپامغا رەنجىپ:-ئۇ بىر قېتىم چىرايلىق قاتلىيالمىسا،ئىككى قېتىم، ئىككى قېتىم بولمىسا ھەتتا ئون  قېتىم قاتلاپ،ئاخىرى نەتىجە قازىنىدۇ،دەپ مېنى رىغبەتلەندۇرۇپ،مېنى قىينچىلىققا باش ئەگمەي،بىر ئىشتىن ئاسان ۋاز كەچمەسلىگىمنى ئۈگەتكەن ئىدىڭىز  .
   جېنىم پاسىبانىم دادا،مېھرىۋان،كۆيۈملۈك ئانا،دۇنيادىكى مەڭگۈ ئۆزگەرمەس،سۇنماس،توزىماس، مىننەتسىز مۇھەببەتنىڭ ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ئىكەنلىكىنى تىلىم بىلەن تەسۋىرلەشكە ئاجىزمەن،ھەم بۇنىمۇ ئۆزۇم ئانا بولغاندىلا ھەقىقىي چۈشەنگەندەك بولدۇم.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش