كۆرۈش: 200|ئىنكاس: 0

بادام دوپپىلق بۇلبۇل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇرۇنقى زاماندا قىزىلگۈل بىلەن بۇلبۇل بىر-بىرىگە ئاشىق ئىكەن.شامال غېرىپ بۇلبۇلنىڭ  قىزىلگۈلنى سېغىنىپ ئۇزاق-ئۇزاق مۇڭلۇق سايراشرلىرىنى قىزىلگۈلنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزگەندە،قىزىلگۈل قاتتىق تەسىرلىنىپ قات-قات بەرگىلىرىنى ئاچىدىكەن ھەم ئادەمنى  مەس قىلغۇدەك خۇش پۇراقلارنى ئەتىراپقا تارقىتىدىكەن.شامال بۇ خۇش پۇراقلارنى پەقەت  بۇلبۇلغىلا يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن.بىراق بۇلبۇل بىر قېتىممۇ قىزىل گۈلنىڭ ئېچىلىشىنى كۆرەلمىگەن ئىكەن.چۈنكى،بۇلبۇل قىزىلگۈلنى دەپ  كېچە-كۈندۈز تىنماي سايراپ تاڭ ئېتىش پەيتىدە ھاردۇق يېتىپ ئۇخلاپ قالدىكەن،دەل مۇشۇ چاغدا قىزىل گۈل ئېچىلىدىكەن.
غېرىپ بۇلبۇل ئۆزى سۆيگەن قىزىلگۈلنىڭ قانداق ئېچىلىدىغانلىقىنى شۇنچە بەك كۆرگۈسى بار ئىكەن.بىراق ئەسىرلەرنى ئەسىرلەر قوغلاپ،شۇنچە ۋاقىتلار ئۆتۈپتۇ-يۇ بۇلبۇل ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئۇزاق يىللىق ئارزۇسىغا يېتەلمەپتۇ.بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ ھەي،ئوماق  بالىلار  چۆچەك دەل مۇشۇ يەرگە كەلگەندە سىلەرگە ئاستا ئاۋازدا شۇنى ئەسكەرتىپ قويماقچىمەن،بۇ كەچتە،ھازىر ئاسماندىكى ئاي ھەم يۇلتۇزلار ئۇخلاۋاتىدۇ،زىمىندىكى دەريالار ھەتتا شاقىراشتىن توختاپ،سوزۇلۇپ يېتىپ مۈگدەۋاتىدۇ،تاغلار بولسا ئاللىقاچان شېرىن ئۇيقۇغا كەتتى،ئورمانلارمۇ شىلدىر-شىلدىر قىلىشتىن توختاپ،ئارام ئالماقتا.بىز ئۇلارنى ئۇيغۇتىۋەتمەيلى.مەن پىچىرلاپ تۇرۇپ سىلەرگە چۆچەكنىڭ داۋامىنى داۋاملىق سۆزلەپ بېرەي....بۇندىن بەك يىراقتا ھەم يىراق زاماندا، تەكلىماكان ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان  بىر قەدىمىي باغ بولۇپ،بۇ باغدا ساقاللىرى ئاپپاق بىر باغۋەن بوۋاي بار ئىكەن.ئۇ ھەر كۈنى بالىلارغا بىر چۆچەك ئېيتىپ بېرىدىكەن.بۈگۈن دەل  ھېلىقى ھۆرمەتلىك ھەم پاراسەتلىك بوۋاي دوڭغاق سۆگەت ئاستىدا ئولتۇرۇپ،ئەتىراپىغا نۇرغۇن بالىلارنى يىغىۋېلىپ،بۇلبۇل بىلەن قىزىل گۈلنىڭ تەسىرلىك ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقان چاغدا،كۆزلىرى يوغان،قوشما قاشلىق بۇلبۇل ئىسىملىك بالا توساتتىن بوۋايدىن :
-بوۋا بۇلبۇل نېمە ئۈچۈن قىزىلگۈلنىڭ ئېچىلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىدۇ-يۇ ئۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرەلمەيدۇ؟ -دەپ سوراپتۇ.
-ھا.ھا ...
بوۋاي ئاچچىق كۈلۈپ قويۇپ،يىراقلارغا كۆز تىكىپتۇ،بوۋاينىڭ كەڭ پىشانىسىكى يول-يول قورۇقلار ئارىسىدا تەر تامچىلىرى يالتىرايتتى،قاشلىرىمۇ ئاپپاق بولۇپ ئۇنىڭ نۇرلۇق بىر جۈپ كۆزىدىن بىر خىل ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز غەم ۋە قايغۇ جىلۋىلىنىپتۇ.
-بالىلىرىم بۇ بىر قىسمەت .بۇلبۇل ئەسلىدە ئۆزى بەرگەن بىر ۋەدىگە ئەمەل قىلمىغان ئىكەن دەپ سۆزىنى داۋام قىلىپتۇ بوۋاي .ئۇنىڭ ئېغىزىدىن يەنە قانداق ئېسىل ۋەقەلەر تۆكۈلەركەن دەپ ھەتتا ئېغىر تىنىشتىنمۇ ئىھتىيات قىلىپ ئولتۇرغان بالىلار بوۋاينىڭ ئاپپاق شېكەر سېپىلگەن پىرەنىكتەك ئاق ۋە سۈزۈك بۇرۇتلىرىغا ،ئاندىن ھېكمەت تۆكۈلىدىغان مۇبارەك ئېغىزىغا جىمجىت ئولتۇرۇپ دىققەت قىلىپتۇ.بوۋاينىڭ تىمتاس كېچىدىكى ۋەزمىن ئاۋازى قۇلاقلارغا ئاڭلىنىپتۇ:
بۇلبۇل ئەسلىدە شىمالدىكى بىر قەبىلىنىڭ شاھزادىسى ئىكەن، قىزىلگۈل بولسا جەنۇپتىكى بىر قەبىلىنىڭ مەلىكىسى ئىكەن.بىر كۈنى شاھزادە بۇلبۇل ئوۋدىن قايتىپ كېلىپ، ئۆز چېدىرىدا ئوڭدىسىغا يېتىپتۇ.ئۇ تۈڭلۈكتىن تۇرنىلارنىڭ جەنۇپقا قاراپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،ئۇلارغا قاراپ:
-ئەي تۇرنىلار سىلەر جەنۇپقا بارغاندا قىزىلگۈلگە مېنىڭ سالىمىمنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭلار.ئۇنىڭغا «بۇلبۇلۇڭ سېنى سېغىنماقتا.» دېگەن گەپنى دېيىشنى ھەرگىز ئەستىن چىقارماڭلار،مەن ۋەدەمدە تۇرالمىدىم –دەپتۇ ئاھ ئۇرۇپ.
شاھزادە بۇلبۇل نېمىشقا شۇنچە ئاھ ئۇرىدۇ؟ چۈنكى ئەسلى ئىش مۇنداق بولغان ئىدى:
مەلىكە قىزىلگۈل شاھزادە بۇلبۇلنىڭ چۈشىدە  ئۇدا ئۈچ كۈن ئايان بولۇپتۇ. قىزىلگۈل ئاي دېسە ئاي ئەمەس،كۈن دېسە كۈن ئەمەس ھۆسنى-لاتاپەتتە يىگانە مەلىكە ئىكەن،ئۇ ئۆزىنىڭ ھەرەم بېغىدا كېنىزەكلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرىدىكەن.ئۇ بۇلبۇلنى كۆرۈپ،شۇنداق بىر قىزىرىپ كېتىپتىكەنكى ،ھەتتا پۈتۈن ئاسمان ۋە يەر-زىمىنمۇ قىزىرىپ كېتىپتۇ.بۇلبۇل قىزىلگۈلگە قاراپ،ئۆزىنىڭ قەلپ ئىزھارىنى ناخشا ئارقىلىق ئىپادىلەپتۇ.شاھزادە بۇلبۇلنىڭ ناخشىسى شۇنچە تەسىرلىك ھەم يېقىملىق ئىكەن،بەلكىم قىزىلگۈل ئۇنىڭ ناخشىسىغا ئاشىق بولسا كېرەك.شاھزادە بۇلبۇل بىلەن مەلىكە قىزىلگۈل ھەرەمباغدا ئۇچراشقان ئاشۇ گۈزەل مىنوتلاردا ،مەلىكە قىزىلگۈل يەرگە قاراپ تۇرۇپ شاھزادە بۇلبۇلغا پەس ئاۋازدا :
-        ئەي يىگىت سىزنىڭ تەسىرلىك ناخشىڭىزدا پۈتكۈل تەبىئەتتىكى يېشىللىققا بولغان مۇھەببەت بار ئىكەن.ناۋادا سىز بۈگۈندىن تارتىپ ھېساپلىغاندا قىرىقىنچى كۈنى قۇياش چىقماستا مېنىڭ بۇ ھەرەم بېغىمغا كەلسىڭىز سىزگە جاھاندىكى گۈزەل بىر مەنزىلنى كۆرسىتىمەن-دەپتۇ.
ھاياجان ئىچىدە تۇرغان شاھزادە بۇلبۇل مەلىكە قىزىلگۈلگە  دەرھال :
-مەن ۋەدە بېرەي.دەل قىرىقىنچى كۈنى سۈبھى پەيتىدە سىزنىڭ ھەرەمبېغىڭىزدا پەيدا بولىمەن-دەپتۇ.
-ۋەدىڭىزدە تۇرۇڭ،ئەمىسە –دەپتۇ مەلىكە قىزىلگۈل .
شاھزادە بۇلبۇل ئۇدا ئۈچ كۈن مۇشۇ بىر خىل مەزمۇندىكى چۈشنى كۆرۈپ،مەلىكە قىزىلگۈلگە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياقىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپتۇ.كۈنلەرنى ساناپ،ئاشۇ ۋاقىتنىڭ تېز كېلىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپتۇ.
شاھزادە بۇلبۇل چۆرىسىگە گۈلدىن جىيەك تۇتۇلغان چىرايلىق بادام دوپپىسىنى كىيىپ،چۈشىدە كۆرگەن مەلىكە قىزىلگۈلگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئېسىگە ئېلىپ، ھەر كۈنى جەنۇپقا قاراپ قىزىلگۈلگە تەلپۈنۈپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مۇڭلۇق ناخشىسىنى باشلايدىكەن. شاھزادىنىڭ مۇڭلۇق ناخشىسى شىمالدىكى تاغ-دەريالارنى لەرزىگە ساپتۇ.شاھزادە بۇلبۇل ناخشا ئېيتقاندا،سۈت قىمىزغا،غورا مېۋىگە،يۇپۇرماق ئەتلەسكە،تاۋۇز دوپپىغا،تايچاق تۇلپارغا ئايلىنىپ قالىدىكەن.سازەندە ۋە ناخشىچىلار ئۇنىڭ ناخشىسىغا مەپتۇن بولۇپتۇ ھەتتا بىرەر كۈن شاھزادە بۇلبۇلنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىمىسا كۆزىگە ئۇيقۇ  كەلمەيدىغان،گېلىدىن  تاماق ئۆتمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ.شاھزادە بۇلبۇل تۇرغان يۇرتتىكى سازەندە-ناخشىچىلار ئاشۇ يېقىملىق ناخشىلارنى كېچە-كۈندۈز بۇلبۇلغا بىلدۈرمەي ئەگىشىپ ئاڭلاپ يۈرۈپ،ئۇنىڭدىن ئاران ئون ئىككى ناخشىنى ئۆگىنىۋاپتۇ. بۇ ئون ئىككى ناخشا كېيىنكى دەۋىرلەردە «ئون ئىككى مۇقام»دەپ ئاتىلىپتۇ. بۇلبۇلنىڭ يەنە نۇرغۇن ناخشىلىرى كەڭ دالىلاردا تارقىلىپ كەتكەن بولۇپ،ئۇلارنى ئۇچقۇر شامال مەلىكە قىزىلگۈلگە يەتكۈزۈپ تۇرغان ئىكەن.بەلكىم مەلىكە قىزىلگۈل بىلەن شاھزادە بۇلبۇل سانسىز ئېسىل ناخشىلارنىڭ  گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە كىشىلەرنى مەڭگۈ  شادلاندۇرۇپ،ئۇلارغا ئۈمىد ۋە بەخت تۇيغۇلىرىنى سوغات قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن يارىتىلغان بولسا كېرەك.
كۈنلەر ئۆتۈپتۇ،شاھزادە بۇلبۇل مەلىكە قىزىلگۈلگە ۋەدە بەرگەن ۋاقىتمۇ يېتىپ كەپتۇ.39 كۈن ئۇدا ناخشا ئېيتىپ،ھاردۇق يەتكەن شاھزادە بۇلبۇل قۇياش كۆتۈرۈلگەندە،ئاندىن مەلىكە قىزىلگۈلنىڭ ھەرەم بېغىدا پەيدا بولۇپتۇ.
مەلىكە قىزىلگۈلنىڭ رۇخسارى سۇلغۇن ئىكەن،ئۇ بەلكىم ئۆزى ياقتۇرغان شاھزادە بۇلبۇلنىڭ ۋەدىسىدە تۇرالماي قالغانلىقىغا قاراپ كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولغان بولسا كېرەك. ئۆكسۈپ يىغلىغان ھالدا :
-ئەمدى بىزنىڭ ۋىسال پەيتىمىز يوققا چىقتى،سىز ماڭىمۇ قىلدىڭىز،ئۆزىڭىزگىمۇ قىلدىڭىز-دەپتۇ .
نېمە قىلارىنى بىلمەي،قاتتىق پۇشايماندا قالغان شاھزادە بۇلبۇلنىڭ يىگىتلىك غورورى پارە-پارە بولۇپ كېتىپتۇ.مەلىكە قىزىلگۈل ئالدىدا، ئۇنىڭغا چىقاي دېسە ئاسمان يىراق، كىرەي دېسە يەر قاتتىق تۇيۇلۇپتۇ. شاھزادە بۇلبۇل ئاشۇ دەقىقىدە،بىردىنلا  مەلىكە قىزىلگۈلنىڭ ھەرەم باغنىڭ ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىدە چوغدەك ئېچىلغان بىر تۈپ چىرايلىق ھەقىقىي قىزىلگۈلگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ،ئاھ ئۇرۇپتۇ.ئۇ ئۆزىنىڭ مۇڭلۇق ناخشىسى بىلەن مەلىكە قىزىلگۈلنى تەسىرلەندۈرمەكچى بولۇپ،ناخشا ئېيتىپتۇ،بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ بىر گۈزەل قۇش بولۇپ،دەرەخ شېخىدا سايراۋاتقانلىقىنىلا ھېس قىلىپتۇ- دە بۇ مۆجىزىدىن ھەيران قاپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ شاھزادىدىن ھەقىقىي بىر بۇلبۇلغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، قىزىلگۈلنىڭ  مەلىكىدىن چىرايلىق بىر قىزىلگۈلگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپتۇ.شاھزادە بۇلبۇل مەلىكە قىزىلگۈلنىڭ ئۆزىگە قانداق بىر گۈزەل مەنزىلنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلەلمەي.شۇنچىلىك ئاھ ئۇرۇپ كېتىپتىكەنكى،ئۇنىڭ يامغۇردەك تۆكۈلگەن كۆز ياشلىرىدىن بىر پارچە قۇملۇق يەر  يېشىللىققا ئايلىنىپ كېتىپتۇ.بۇلبۇل « مەن بۇ قېتىم   شىمالدىكى يۇرتۇمغا بېرىپ،قىرىقىنچى كۈنى قۇياش چىقماستا قىزىلگۈلنىڭ يېنىدا يەنە بىر نۆۋەت پەيدا بولساملا،چوقۇم ھەممە ئەھۋال ئۆزگىرىدۇ.»دەپ ئويلاپ شىمالغا قاراپ ئۇچۇپتۇ،ئۇچۇپتۇ.لېكىن نېمىشقىدۇر بۇ بۇلبۇلنىڭ بېشىدا بادام دوپپا كىيىكلىك ئىكەن.كىشىلەر ئۇنى كۆرۈپ«قاراڭلار،بادام دوپپىلىق بۇلبۇل بار ئىكەن»دېيىشىپتۇ. شۇندىن تارتىپ بۇلبۇل  شىمالدا قاپتۇ. قىزىلگۈل جەنۇپتا ئۇنى كۈتۈپتۇ.
ئەي،بالىلار،سىلەر  ئاپپاق ساقاللىق باغۋەن بوۋاينىڭ دوڭغاق سۆگەت ئاستىدا  ئېيتقان بۇ چۆچىكى مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ۋەدىسىدە تۇرالماي قالغان بادام دوپپىلىق شاھزادە بۇلبۇلنىڭ ئازابىنى ھېس قىلدىڭلارمۇ؟  سىلەر بەلكىم « شاھزادە بۇلبۇل قەستەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمىغان تۇرسا،ئۇنىڭغا قىزىلگۈلنىڭ قاتتىق ئازاپلىنىپ،ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويۇشىنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟»دەپ ئويلىشىڭلار مۇمكىن.
بىراق ئېسىڭلاردا بولسۇنكى،بەزى گۈزەل مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن پۇرسەتنى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويماسلىق كېرەك. مانا  شۇ تاپتا، ئاپپاق ساقاللىق بوۋاينى چۆرىدەپ،ئۇنىڭ چىرايلىق چۆچىكىنى ئاڭلاۋاتقان بالىلار ئىچىدىكى  ھېلىقى كۆزى يوغان،قوشما قاشلىق بۇلبۇل ئىسىملىك  بالا قوشمىسىنى تۈرگەن ھالدا:
-بوۋا ،مېنىڭ ئىسمىممۇ بۇلبۇل،  مەن بادام دوپپىلىق بۇلبۇلدىن ساۋاق ئېلىپ،قېرىنداشلىرىمغا بەرگەن ۋەدەمنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمەن-دەپتۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، بوۋايمۇ، بالىلارمۇ  تىمتاس ئولتۇرۇپ قاپتۇ.
چۈنكى،بادام دوپپىلىق بۇلبۇل ئۇلارنى چوڭقۇر ئويغا سالغان ئىكەن.دۇنيادا مېھىر-مۇھەببەتنى دەپ نۇرغۇن ئۇرۇشلار بولغان.مەيلى ھايات ئادەملەر بولسۇن مەيلى بىز ياد ئېتىۋاتقان ئادەملەر بولسۇن ھەممىسى بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز.ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ قەلبىدە بادام دوپپىلىق بۇلبۇلدەك
ئېسىل، گۈزەل ئارزۇلىرى بولۇشى مۇمكىن.گەرچە بادام دوپپىلىق بۇلبۇل ھازىرغىچە قىزىلگۈلنىڭ تاڭ سەھەردىكى قات-قات بەرگىلىرىنى يېيىپ،ئېچىلغان گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرەلمىسىمۇ،ئۇ ئۆزىنىڭ ئاشۇ گۈزەل ئارزۇسىدىن تېخىچە ۋاز كەچمەپتۇ.بۇ-بادام دوپپىلىق بۇلبۇلنىڭ بىزنى خوش قىلالايدىغان  يېقىملىق بىر ئارتۇقچىلىقى.
راستىنى ئېيتقاندا، ۋاز كەچمەسلىك بىر گۈزەل خىسلەت،بىز ئۇنى ئۆز دوستىمىز ياكى بىر قېرىندىشىمىز دەپ بىلەيلى.
دېمەك،ئارزۇ-ئارمان ياكى غايە دېگەنلەر پەقەت تىنماي ئىزدىنىۋاتقان،ئازراقمۇ بىخوتلۇق قىلمايدىغان   ئىرادىلىك ۋە ئىشچان بالىلارغىلا  مەنسۈپ!
بالىلار بىزمۇ بادام دوپپىلىق بۇلبۇلغا ئوخشاش ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇر بېغىمىزدا «ئاچىل،ئاچىل گۈل ئاچىل »دەپ سايرايلى. بەلكىم بىز كۆزلىگەن  قەلبىمىزدىكى مۇۋاپىقىيەت گۈللىرى چوقۇم بىر كۈنى پورەكلەپ ئېچىلغۇسى!

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش