كۆرۈش: 515|ئىنكاس: 2

مەكتەپلەرنىڭ يىللىق خىزمەت خۇلاسسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئومۇمى ئەھۋال
مەكتىۋىمىزنىڭ قورۇ كۆلمى㎡ 12507 ،قۇرۇلۇش كۆلمى㎡ 1194،سىنىپ سانى8(بۇنىڭ ئىچىدە 7قوش تىل سىنىپ بار)، ئوقۇغۇچى سانى218 (بۇنىڭ ئىچىدە قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىسى184نەپەر). ئومومى ئوقۇتقۇچى 22نەپەربولۇپ  ،بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرۇس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇتقۇچى 5نەپەر ، مەخسۇس كۇرۇس ئوقۇش تارىخغا ئىگە ئوقۇتقۇچى12نەپەر ،ئوتتۇرا تىخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە ئوقۇتقۇچى2نەپەر.ئالىي ئۈنۋانغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلار 3نەپەر، 1-دەرىجىلىك  ئوقۇتقۇچى8نەپەر، 2-دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى 2نەپەر،3-دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى 1نەپەر ئۈنۋانى يوقلار7نەپەر.
2014-يىلدا پارتىيە 18–قۇرۇلتاي روھى ،پارتىيە 18-نۆەتلىك 3-ئومۇمى يىغىن رۇھى ۋە باش شۈجى شى جىنپىڭنىڭ موھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئەستايدىل ئۈگۈنۈپ  ئىزچىللاشتۇرۇپ،ئوزگىرىش ياساش ،ئىسلاھات ئىلىپ بىرىش ،يىڭىلىق يارىتىش ئىددىيسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ،"ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئەلا سۈپەتلىك بولۇش،تەكشى بولۇش" تەرەققىيات پىكىر يولى بويىچە، مەكتەپلەرنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرلىشنى تىزلىتىپ،مەجبۇرىيەت مائارىپنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسى لىنىيە قىلىپ، مائارىپنىڭ ئىلمىي تەرەققىي قىلشىنى ئالغا سىلجىتىپ ، پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ،ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ 11-نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ رۇھىنى ئەستايدىل ئۈگۇنۇپ مائارىپ سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ ،مەكتەپ پارتىيە تەشكىلاتنى بۆلگۈنچىلىككە ،سىڭدۈرمىچىلىككە  قارشى تۇرۇشتىكى مۇستەھكەم ،جەڭگىۋار قورغان قىلىپ ،خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى قۇرۇپ چىقىپ، ئەخلاقى، ئەقلى، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرەققى قىلغان سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يىتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشپ ئىشلەش.
بۇئوقۇش مەۋسۇمدامەكتىۋىمىز ناھىيلىك مائارىپ ۋە پەن تىخنىكا ئىدارىسى كومىتتى تارقاتقان ‹‹2014-يىلى ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغانلىق توغرىسىدىكى ھۆججىتى›› نىڭ تەلىۋى بويىچە ھۈججەتنىڭ رۇھىنى ئەستايىدىل ئۈگىنىپ  ئەمەلىيىتىمىزگە بىرلەشتۇرۇپ  تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي قول سىلىپ ئىشلىدۇق
بىرىنجى ، مەكتەپنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ،مەكتەپ پارتىيە تەشكىلاتنىڭ سىياسى – ئىدىيىۋى  تەربىيە  خىزمىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردۇق .
1. پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ دىمۇكىراتىيە مەركەزلەشتۇرۇش پىرىنسىپىنى ئەستايىدىل ئەمىللەشتۇرۇپ مەكتەپنىڭ چوڭ–چوڭ مەسىلىلىرىدە پارتىيە ياچىيكىسى قارار قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ يادرۇلۇق رولىنى جارى قىلدۇردۇق.
2.پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىلەرنى تىخىمۇ مۇستەھكەملەپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى تىگى –تەكتىدىن تۇزۇتۇپ سىياسى جەھەتتە مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى رۇشەن ھالدا پارتىيە مەركىزى كومتىتى بىلەن بىردەك بولىدىغان ،تۆتنى قوغداپ،ئىككىگە ھەقىقى قارشى تۇردىغان ،ئۆزىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان پارتىيە ياچىيكىسى، ئۆزىنىڭ ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنىي جارى قىلدۇرالايدىغان پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى بارپا قىلىپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆسىتىمىز.بۇ يىل 1نەپەر كاندىدات پارتىيە ئەزاسىنى رەسمىيلەشتۇرۇش،1نەپەر ئاكتپنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدۇق.
3.مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسىنى يادرۇ قىلغان ئاساستا مەكتەپنىڭ سىياسى ئددىۋى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گورۇپپىسى قۇرۇپ ماۋسۇم بىشىدا ئوقۇتقۇچى ئىشچى –خىزمەتچىلەر ئارا ئىلىپ بىرىلىدىغان  سىياسى    ئۈگىنىش   ۋە   سىياسى  ئىدىۋى   تەربىيە  ھەپتىلىكى  پىلانىنى   تۇزۇپ   يولغا     قويۇپ ئەمەلىي ئۈنۇمنى قولغا كەلتۇردۇق.
4. بارلىق ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ئارا سىياسى ئىددىۋى تەربىيە ھەپتىلىكى پائالىيتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرىمىز. پائالىيەت جەريانىدا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسى ئاڭ سەۋىيسى ،تۇزۇم كۆز قارشىنى كۈچەيتتۇق.
5. تۇرلۇك شەكىللەر ئارقىلىق ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ 11-نومۇرلۇق ھۆججەت  روھىنى ،ئىزچىللاشتۇرۇش ئەستايىدىل ئۈگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئىلغار نەمۇنىچىلاردىن ئۈگىنىش پائالىيتىنى ‹‹ئۈچ قانۇنسىز››غا زەربە بىرىش ،‹‹ئىككىنى قىلماسلىق ›› ‹‹بەشنى قەتئي چەكلەش ››پائالىيتىنى ‹‹تۆتنى ئىگەللەش ،تۆتنى چۇشىنىش ››خىزمىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ سىياسى ئاڭ سەۋىيسىنى ۋەزىيەت ۋەزىپىلەرگە بولغان تونىشىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇپ ،سىياسى جەھەتتە مۇستەھكەم، ئىدىيدە ئلغار بولغان ئوقۇتقۇچى ئىشچى–خىزمەتچىلەر قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق.
6.مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسىنى يادرۇ قىلغان ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گورۇپپىسى قۇرۇپ مەسئۇلىيەتنى كىشى بىشىغىچە ئەملىلەشتۇرۇپ ماۋسۇملۇق ،ئايلىق پىلان تۇزۇپ پىلان بويىچە خىزمەتلەرنى يولغا قويۇپ قانات يايدۇردۇق.
7.ئەخلاقى تەربىينى دەرىسخانىغا ،دەرىسكە ،ئوقۇغۇچىلار مىڭىسىگە كىرگۇزۇشنى ھەقىقى ئىشقا ئاشۇرۇپ ،ئوقۇغۇچىلارغا بولغان سىياسى ئىدىيە ،ئەخلاق پەزىلەت تەربىيسىنى كۈچەيتىپ،ماركىسىزىملىق ئاتىئىزىم تەربىيسىنى ئاڭلىق قۇبۇل قىلىدىغان ،دىنغا ئىتقات قىلمايدىغان ،ھەر قانداق دىنى پائالىيەتكە قاتناشمايدىغان بولۇشقا يىتەكلەشنى كۈچەيتىمىز.
8. مەكتەپ ھويلا ئارام مەدەنىيەت قۇرىلىشىنى ،ساغلام ئالغا ئىنتىلىدىغان مەكتەپ ھويلا ئارام كەيپىياتى ۋە پىسخىك ساغلاملىق موھىتى  بەرپا قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆسۇپ يىتىلىش ،ئۆگۇنۇش، تۇرمۇش جەھەتتىكى ئىھتىياجىغا ئاساسەن پىسخىك ساغلاملىق بىلىملىرى سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ چىقتۇق.
9.پىئونىرلار باش ئەتىرتىنىڭ مەكتەپ سىياسى ئىددىيۋى خىزمىتى ۋە ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىدىكى ياردەمچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ،ئۇلارنىڭ ئۈگىنىشىنى ۋە تۇرلۇك پائالىيتىنى پىلان بويىچە ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۆز رولىنى بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىپ ئۆز تەشكىلى ئۈچۇن شان-شەرەپ كەلتۇرۇش ئۈچۈن تىرشىپ ئۈگىنىش ئادىتىنى قولغا كەلتۇرىمىز.بۇ ئوقۇش مەۋسۇمدا مەكتەپ پىئۇنىرلار باش ئەترەتنىڭ يىتەكچىلكىدە 6قىتىم باش ئەترەت پائالىيتى،12قىتىم ئوتتۇرا ئەترەت پائالىيتى ئىلپ بىرىشقا كاپالەتلىك قىلمىز.پىئۇنىرلار نىسبىتنى %100گە يەتكۇزدۇق.ياخشى ئىش ياخشى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش كىچىك ئەتىرەتلىرى بەرپا قىلىدۇق
10. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يىغىنىنى چاقىرىپ رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى قايتىدىن تەشكىللەپ چىقىپ ،مەسئۇلىيەتنى كىشى بىشىغىچە ئەمىللەشتۇردۇق .
11. ئىشچىلار ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ سىياسى ئاڭ سەۋىيسى ۋە قانۇن تۇزۇم كۆز قارشىنى  يۇقۇرى كۆتۇرۇش ئۈچۈن ئۈگىنىش پائالىيتىنى ياخشى ئىلىپ باردۇق.
12. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ مەكتەپ ئىشلىرىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يىتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىكى ئاستىدا ۋاقتىدا ئاشكارىلاپ ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇق
13.كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ، ئىتتىپاق ئەزالىرى ئوقۇتقۇچىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ قېيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ، پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەر فوندىغا ئايرىم – ئايرىم ھالدا 1700يۈەندىن ئارتۇق ياردەم قىلىنىدى .
ئىككىنجى ، پارتىيىنىڭ ئاممىۋى لۇشىيەن تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ ، ئەمەلى ئۈنۈم قانات يايدۇرۇلدى .
1.پارتىينىڭ ئاممىۋى لۈشىيەن تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋە يۇقىرى كۆتىرىپ ، مەكتەپ پارتىيە ياچايكىسىنىڭ ئىچىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق .
2.چوڭقۇر ئۈگىنىپ ، كەڭ تۈردە پىكىر قوبۇل قىلىپ ، تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىي ىتىنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىگە كاپالەتلىك قىلىنىدى .
3.قاتتىق تەلەپ قويۇپ ، چوڭقۇر قېزىپ چېقىپ ، مەسىلىلەرنى بايقاش تۈزىتىشتىن ئىبارەت ئالدىن كۆزلەنگەن نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى .
4.ساقلانغان مەسلىلەرگە قارىتا ، مەخسۇس تۈزىتىش ئەمەلىلەشتۈرۈش پىلان ۋەزىپە لاھىيىسى تۈزۈپ چېقىلىپ ھەم تۈزىتىلىپ ، پائالىيەتنىڭ ئەمەلى ئۈنۈمى قولغا كەلتۈرۈلدى  

ئۈچىنجى، مۇقىملىق ،بىخەتەرلىك خىزمىتى پۇختا ئىشلىنىپ ، مەكتىپىمىزنىڭ ۋە يېزىمىزنىڭ ئىجىتمائى مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدى .
1. سوتسىيالىستىك دەرىس مۇنبىرىنىڭ پاكلىقىنى قوغداپ مەكتەپنىڭ سىياسى ئىجتىمائى مۇقۇملۇقىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلدۇق
2.‹‹3قانۇنسزنى ›› چەكلەش،‹‹ئىككىنى قىلماسلىق ››‹‹بەشنى قەتئىي چەكلەش›› خزمىتىنى ئەتراپلىق قانات يايدۇرۇپ مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىددىيۋى ھالىتىنى ھەر ۋاقىت ئىگەللەپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىپ ئانالىز قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىددىيسىگە دىنى خۇراپاتلىق ،مىللى بۆلگۇنچىلىك ئىددىيلىرنىڭ سىڭىپ كىرشىنىڭ ئالدىنى ئالدۇق.بۇ جەھەتتە 3قىتىملىق مەخسۇس تىمىلىق لىكسىيە،5قىتىملىق زىھىن سىناش مۇسابىقىسى،6قىتىملىق قارا دوسكا ئىشلىدۇق
3.‹‹تۆتنى ئىگەللەش تۆتنى چۇشىنىش ››داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيمىز.دىنى ئىددىيسى كۈچلۇك ئائىلىلەر ۋە دىنى  زاتلار ھەمدە دىنى زاتلار ئائىلىسى بىلەن ھەر ۋاقىت سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇلارنى پارتىينىڭ دىنى سىياسىتى بويىچە ئىش ئىلىپ بىرىشقا يىتەكلەپ ئوقۇغۇچىلارغا ۋە  قورامىغا يەتمىگەنلەرگە دىنى ئىددىيلەرنى سىڭدۇرۇپ قويىشىنىڭ ئالدىنى ئالدۇق.
4.مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى بارلىق ئوقۇتقۇچى ئىشچى –خىزمەتچىلەر بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچى ۋە ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن مۇقۇملۇق خىزمىتى مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاش ئارقىلىق مۇقۇملۇق جەھەتتەمەسلە كۆرۇلمەسلىككە كاپالەتلىك قىلدۇق.
5. 24سائەتلىك دىجۇرنىلىك تۇزۇمىنى ھەقىقى كۇچەيتىپ مەكتەپنىڭ ئامانلىقىنى ھەقىقى قوغداش ئۈچۈن تىرىشتۇق.
6.بىخەتەرلىك خىزمىتى گورۇپپىسى ۋە خىزمەت پىلانىنى تۇزۇپ مەسئۇلىيەتنى كىشى بىشىغىچە ئەمىللەشتۇرۇپ پىلان بويىچە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردۇق.
7.ئوقۇتقۇچى ئىشچى–خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارغا قاتناش بىخەتەرلىكى ،ئوت،سۇ، توك بىخەتەرلىكى يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ قىلىشتىن ساقلىنىش بىخەتەرلىكى ئوغرىدىن ،يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئالداپ كىتىشىدىن ساقلىنىش بىخەتەرلىكى قاتارلىق تەربىيلەرنى ۋە ھەپتىدە بىر قىتىم مەخسۇس تىمىلىق بىخەتەرلىك تەربىيسىنى قانات يايدۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك ئاڭ سەۋىيسىنى يۇقۇرى كۆتۇرىمىز قاتلاممۇ –قاتلام مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاش ئارقىلىق بىخەتەرلىككە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلدۇق  .
8.ئوقۇتقۇچى  ئوقۇغۇچىلارنى قاتناشتۇرۇپ تۇرلۇك بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيتى ئىلىپ بارىمىز، بىخەتەرلىككە دائىر بىلىملەرنى تەشۋىق قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ،10پارچە بىخەتەرلىككە دائىر قارا دوسكا ئىشلەپ ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچلارنىڭ بىخەتەرلىك بىلىملىردىن ھەرۋاقىت خەۋەردار بولۇپ تۇرشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق.
9.مەكتەپتىكى بارلىق ئۇقۇتقۇچى ئوقۇغۇچلارنى قاتناشتۇرۇپ 5قىتىم يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش مانۋىرى،6قىتىم ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش مانۋىرى ئىلىپ بىرىشقا كاپالەتلىك قىلدۇق.
10. مەكتىۋمىزنىڭ 550مىتىر چۆرە تام توپا–لاي قۇرۇلمىلىق بولۇپ، چۈشۈپ كەتكەن 110مىتىر ئورننى ۋەختنچە مۇداپىئە قىلىپ تۇرلۇك بىخەتەرلىك ھادسسى يۇز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئالدۇق.
11.ئوقۇغۇچىلارنى كۈتىۋىلىش،كەچتە ئۇزىتىپ قويۇش خزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلدۇق.
12.مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىككە ئىشلىتىدىغان تۇرلۇك ئەسلىھەلەرنى ياخشى ئاسىراپ بىخەتەرلىك ئۈچۇن خىزمەت قىلدۇردۇق.
تۆتىنجى ، ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ،  ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىدە ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپ قۇرۇش قەدىمى تېزلىتىلدى .
1.        ئىدىيە – سىياسى تەربىيە  قۇرۇلۇشنى ئالدىنىقى ئورۇنغا قويۇپ ،  ھەركۈنى ھەر سائەتتە  10مىنۇتلۇق ئەخلاقى تەربىيە بىرىش خىزمىتىنى سىستىمىلىق ئىلىپ بىرىپ ئەخلاقى تەربىينىڭ ھەقىقى  ئۈنۈمىنى ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈردۇق .
2.        مەكتەپ پارتىيە تەشكىلاتى قۇرلۇشىنى كۈچەيتىپ، ياچايكىنىڭ « 3يىغىن بىر دەرىس تۈزۈمى ››بويىچە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەگە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ  «1113 خىزمەت مىخانىزىمى›› ،‹‹4نى ئېنىق بىلىش،4نى ئىگەللەش›› خىزمەت مىخانىزىمىنى كۇچايتىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىدە مەكتەپ مودىرى مەسئول بولۇش تۈزۈمىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، موھىم ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىپ، تەدبىر بەلگىلەش تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پىنسىيەگە چىققان پارتىيەلىك ئوۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇشنى كۇچايتىپ، ئايدا بىر قېتىم تەشكىلى تۇرمۇش ئۆتكۈزۈپ، ئىددىيە ،سىياسى تەربىينىڭ تولۇق قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇلدى .
3.        ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ ، ئەخلاقى تەربىيە بىرىش خىزمىتىنى سېستىمىلىق ئىلىپ بىرىپ ئەخلاقى تەربىينىڭ ھەقىقى  ئۈنۈمىنى ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈپ بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپ چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدىغان ،تازلىقنى ئاسراپ ،قوغدايدىغان تاپششۇرۇقنى ۋاقتىدا ئىشلەيدىغان ،ۋەتەننى ،خەلقنى قىزغىن سۆيىدىغان ،ئەخلاغلىق بولغان ئوقۇغۇچىلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشمىز. ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ‹‹بەشتە ياخشى›› كىچىك پۇقرا ، ‹‹گۈزەل جۇڭگۇ››، ‹‹مېنىڭ ئارزۇيۇم  ›› ئاساسىي تېمىلىق يۈرۈشلۈك پائالىيتىنى قانات يايدۇردۇق.
4.         ‹‹ مەكتەپ مەدەنيىتى قۇرۇلۇشى ››دا مەكتەپ مەدەنىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ ، مەكتەپنىڭ ھازىرىقى ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ ،  ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش موھىتى بىلەن تەمىن ئېتىمىز . تەشۋىقات دوسكىلىرىنى يېڭلاش، مەكتەپ ئىچىدىكى 300مىتىر تامنى ئاقارتىپ رەسىم سىزىش ، خەت يىزىش ئارقىلىق ياخشى بولغان مەكتەپ ئىچى مەدەنىيتى بەرپا قىلىندى .
5.        تۈرلۈك مەكتەپ ئىچى پائالىيەتلەرنى موللاشتۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىستىن سىرىتقى تۇرمۇشنى بىيتىمىز . شۇ ئارقىلىق ،ئوقۇشتىن قىلىشنى تىزگىنلەپ ، ئوقۇشقا كىرىشكە كاپالەتلىك قىلىش مىخانىزىمىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرىمىز .
6.        مەنىۋىي-مەدەنىيەت خىزمىتىدە ‹‹ بەش بىر ›› قۇرلۇشى  پۇختا ئىلگىرى سۈرلدى .
7.        پارتىينىڭ 18-نۆۋە تلىك 4-ئومۇمى يىغىننڭ روھىنى ئەمىلىلەشتۈرۈپ ،  مەكتەپنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ، ئوقۇتۇشنى قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ، ‹‹ 6- بەش يىللىق ›› قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇن –تۈزۈم تەربىيسىگە مەسئول مۇئاۋېن مەكتەپ مودىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرھەپتىدە بىر سائەت دەرس ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىندى . قانۇن –تۈزۈم تەربىيسىدىكى ‹‹ 10 بىر ››  پائالىيەتنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇن ئاڭ سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ،  قانۇن ئارقىلىق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش ئېقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىردۇق .
8.        پىسخىلىك ساغلاملىق تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بېرىپ ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تولۇقلاپ ، پىسخىك مەسلىھەت بېرىش ئۆيىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ، مەكتىپىمىزدىكى ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق .
9.        ئائىلە باشلىقلىرى كومىتېتى ، ئائىلە باشلىقلىرى مەكتىپىنىڭ رولىنى ھەقىقى جارى قىلدۇرۇپ ، ماۋسۇمدا بىر قېتىم ئائىلە باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىش ، ماۋسۇمدا بىر قېتىم بارلىق ئاتا – ئانىلار بىلەن سۆھبەتلىشىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردۇق . مەكتەپنىڭ ئېچىۋىتىلگەن ھەپتىلىك پائالىيىتى ۋە ئېچىۋىتىلگەن كۈن پائالىيىتىنى پائال يولغا قويۇپ ، كەڭ ئاتا – ئانىلارنىڭ مەكتەپ خىزمىتى ئۈستىدىن نازارەت قىلىش ۋە پىكىر تەكلىپ بېرىشى قولغا كەلتۈرۈلدى .
10.        مەكتەپ ئىچى مەدەنيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ، مەكتەپ ھويلا – ئارام مەدەنىيىتى ، مەدەنىيەت تېمى ، مەدەنىيەت كارىدورى شەكىللەندۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ھەر بىر سىنىپنى بىرلىك قىلىپ ، سىنىپ مەدەنىيىتى ۋە سىنىپ خاسلىقى شەكىللەندۈرۈپ ، ياخشى بولغان ئادەم تەربىيلەش موھىتى بەرپا قىلىنىپ . مەكتىپىمىزنىڭ تۈرلۈك تەشۋىقات مەزمۇنلىرى بىر قېتىم يېڭىلاندى ۋە ئەسلىھەلەر خىلى تولۇقلاندى .
11.        ئوقۇغۇچىلارنى ھەر جەھەتتىن تەربىيلەشنى كۈچەيتىپ ، ئۇلارغا ياخشى بولغان ئۈگىنىش ئۇسۇللىرىنى ، ياخشى بولغان تازىلىق ئادىتىنى ، تۇرمۇش ئادىتىنى ئىگەللىپ ، ھەر ۋاقىت رىئايە قىلىدىغان ئادىتىگە ئايلاندۇرۇپ ، ئادەت يېتلدۈرۈش تەربىيىسىدە ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى .
12.        «ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قانۇن-تۈزۈم تەربىيسىگە يىتەكچىلىك قىلىش پروگىراممىسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتتۇق  ۋە ‹‹6-بەش يىللىق قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇمىلاشتۇرۇش››خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدۇق. يېزىلىق ساقچىخانا ،ئەدىلىيە پونكىتى قاتارلىق ئورۇنلارنى ئايدا بىرقىتىم مەكتىپىمىزگە كىلىپ قانۇن بىلىملىرىدىن لىكسىيە سۆزلەپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىپ ، ئوقۇتقۇچى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇن سەۋىيسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشتۇق.
13.        پارتىيە ھۆكۇمەتنىڭ پىلانىلىق تۇغۇت سىياسىتگە قاتتىق ئەمەل قىلدۇق . بۇجەھەتتىكى تەشۋىقى تەربىينى كۈچايتىمىز .پىلانلىق تۇغۇت جەھەتتىكى قانۇن تۇزۇملەرنى مۇكەممەللەشتۇردۇق.‹.نەمۇنىلىك ئىشچى خىزمەتچىلەر ئائىلىسى ››قۇرۇش خىزمىتنى ياخشى ئىشلىدۇق.
14.        ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەتنى قانۇن بويىچە قوغىداشتا چىڭ تۇردۇق .تۇرلۇك ئەرز شىكايەتلەرنىڭ بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدۇق.
15.        مەكتەپنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئوقۇتۇش سۇپىتىنى ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ئۈنىمنى ئۆستۇرۇشكە،ئۆلچەملەشتۇرۇپ قۇرۇشقا ئالاقىدار تۇزۇم تەدبىرلەرنى تۇزۇپ يولغا قويۇپ ،ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۇن تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق.

بەشىنجى، تەلىم – تەربىيە ئوقۇتۇش خىزمىتى چىڭ تۇتۇلۇپ ، ئوقۇتۇش سۈپتى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى
1. مەكتەپنىڭ ئوقۇ–ئوقۇتۇش تەلىم تەربىيە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گورۇپپىسى قۇرۇپ مەسئۇلىيەتنى كىشى بىشىغىچە ئەمىللەشتۇرۇپ پىلاننى ئەتراپلىق تۇزۇپ پىلان بويىچە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردۇق .                                                                                                                                          
2. دۆلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن ئورۇنلاشتۇرغان بارلىق پەنلەرنى تولۇق تەسىس قىلىش بىلەن بىرگە دەرىس سائىتىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلدۇق .
3. بارلىق پەنلەرنىڭ كالىندارنى پىلانىنى مەۋسۇم بىشىدا  ئىلمىي تۇزۇپ يولغا قويدۇق .
4. دەرىس لاھيەسى  تۇزۇشتە ھەپتە بۇرۇن تۇزۇپ تەستىقلىتىپ دەرىسكە كىرىش تۇزۇمىنى چىڭ تۇتۇپ تەييارلىقسىز ،تەستىقسىز دەرىسكە كىرىشنىڭ ئالدىنى ئىلىپ خاتا دەرىس تەييارلىنىپ قىلىش خاتا دەرىس ئۆتۇلۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالدۇق.
5. دەرىسخانا ئوقۇتۇشىدا بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۇزلىنىپ ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە ئومۇمىيۇزلۇك يىتەكلەش خىزمىتىنى بىرلەشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزىريە بىلىمى بىلەن ئەمىليەتنى بىرلەشتۇرۇش ماھارىتىنى يىتىلدۇرۇشكە ئەھمىيەت بىرىمىز.مەكتىۋىمىزدىكى2نەپەر ساۋاتسىز ۋە3نەپەر چالا ساۋات  ئوقۇغۇچىنىڭ ساۋادىنى چىقىرىشقا تىرىشتۇق.
6. بارلىق  پەنلەرنىڭ تاپشۇرقىنى ئۆلچەملىك ئورۇنلاشتۇرۇپ ئەستايىدىل تەكشۇرۇپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىسخانىدا ئۇگەنگەن بىلىمىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىشى ئۇچۇن شارائىت ياراتتۇق.
7.ئوقۇ–ئۇقۇتۇش خىزمىتىدە ئىلغارلاردىن ئۈگۈنۈپ يىڭىچە ئوقۇتۇشنى بارلىققا كەلتۈردۇق، بۇ مەۋسۇملۇق مەكتىۋىمىزنىڭ ئوتتۇرچە  لاياقەتلىك نىسبىتىنى%65 گە يەتكۈزۇپ ئالدىنقى مەۋسۇمدىن %7ئاشۇرۇشقا ئوقۇغۇچىلار داۋامىنى %99دىن تازلىق خىزمىتنى %100 گە يەتكۇزۇش ئۈچۇن تىرىشتۇق.
8. ھەر بىر پەننىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە4قىتىم ئايلىق ئىمتىھان ،1قىتىم باسقۇچلۇق ئىمتىھان ئىلىشنى ھەرئايدا سىنپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ %33بويچە ئەلاچىلار ئىمتىھانى ئىلشنى يولغا قويۇپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش ئەھۋالىنى باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدۇق.
9. ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز مەكتەپ ئىچىدە ئۆزئارا ئوچۇق دەرىس ئۆتۇش ئارقىلىق تەجىربە ئالماشتۇرۇش پائالىيتىنى ئىلىپ بىرىپ ئۇلارنىڭ كەسپى سەۋىيسىنى يۇقۇرى كۆتۇرۈش ئۈچۈن تىرىشتۇق.بۇ مەۋسۇمدە 16قىتم ئوچۇق دەرس ۋە ئۈلگىلىك دەرس ئورۇنلاشتۇردۇق.
10.رايۇن ئىچى تولۇقسىز سىنىپىغا ئوقۇغۇچى يىتىشتۇرۇش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بىرىپ كۇچايتىش سىنىپىغا بۇقىتمدا كەم دىگەندە 15نەپەر ئوقۇغۇچىنى تەربىيلەپ يىتىشتۇردۇق.
11. ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلارنى ھەر كۈنى بىر جۈملە ئۆگۈنۈش ،بىر پارچىدىن ئاددى ماقالىلارنى يادىلاش ،خەنزۇ تىلى دەرىسلىكىدىكى تىكىسىت جۈملە ،سۆز بىرىكىمىسى ،سۆزلۈكلەرنى يادقا ئىلىشقا يىتەكلەپ ئۇلارنىڭ ئىغىز تىلى مەشقىنى كۈچەيتىشكە  شارائىت ھازىرلاپ بەردۇق.
12.قوش تىل ئوقۇتقۇچىلرى ۋە خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلرىنى دەرىس تەييارلىقىنى چوقۇم خەنزۇ تىلى بويىچە تەييارلاش تەلىپىنى كۈچەيتىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيسنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز.قوش تىل ئوقۇتقۇچىللىرىنىڭ دەرىسخانىدا ئورتاق تىلدا سۆزلەشنى %85دىن كەم بولماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردۇق.
13.قوش تىل ئوقۇتۇش تەتققاتنى كۈچەيتىپ ،ئىككى ھەپىتىدە بىر قىتىم تەتققات پائالىيتى ئىلىپ بىرىش ،ھەپىتىدە بىرقىتىم ئوچۇق دەرىس ئۆتۈشكە تەشكىللەش ،تۈرلۈك زىھىن سىناش، پائالىيەتلىرىنى ئاكىتىپ يولغا قۇيۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مەكتىپىمىزنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇش جەريانىدا كۆرۈلگەن مەسىللەرنى دەل ۋاقتىدا تۈزۈتۈشكە ئەھمىيەت بىرىپ ،مەكتىپىمىزنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇش خىزمىتىدە ياخشى نەتىجلەرنى قولغا كەلتۇرىمىز.بۇ جەھەتتە بىز ئايدا بىر قىتىم ئوقۇغۇچلار ئارا قوش تىلدا نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقسى،كىتاب ئوقۇش مۇسابىقسى قاتارلىق مەزمۇنى سەرخىل بولغان پائالىيەتلەر ئارقىلىق  ئوقۇغۇچلارنىڭ قوش تىل ئۈگۈنۈشگە بولغان قىزغىنلىقنى يۇقىرى كۆتىرىپ ، ھەركۈنى شاگىرىتلار دەستۇرنى يادىلاشنى چىڭ تۇتتۇق.
ئالتىنجى، ئارقا سەپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ، كۆكەرتىش خىزمىتى ئەستايدىل ئىشلەندى .
1..مائارىپ خىراجىتى خامچوت تۇزۇش ۋەئىشلىتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گورۇپپىسى قۇرۇپ پىلان بويىچە دوكىلات يوللاپ تەستىقلانغاندىن كىيىن چىقىم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. پىلانسىز ياكى ئارتۇق چىقىم قىلىنىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىپ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىساتچانلىق مەكتەپ باشقۇرۇش تىرىلغۇ بازىسىنى ياخشى باشقۇرۇپ،كىرىمنى يىلمۇ-يىل ئاشۇرۇپ،مەكتەپ ئارقاسەپ خىزمىتىنىڭ ئوقۇتۇش تەلىم تەربىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق .
2.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىپ ،مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ كىرىم چىقىم ھىساباتىنى ئىنىق خاتىرلەپ قول قويۇپ ئىلىش،ئوقۇغۇچىلارنى تۇلۇق تەمنلەش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىغا تۇلۇق تىگىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.ھەرقانداق باھانە سەۋەپلەر بىلەن تارقىتلماي قىلشنىڭ ئالدىنى ئالدۇق.ھەركۈنى تەكشۇرۇپ نازارەتچىلىك قىلىشنى كۇچايتتۇق.
3.مەكتەپنىڭ ئارقا سەپ خىزمىتىگە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ، مەكتەپنىڭ مۇقىم مۆلكىگە بولغان باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ ، تېزىملىك بولۇش ، مەسئۇل خادىم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ، ھەر قايسى ئورۇنلاردىكى مۆلۈكلەرنى مەسئۇل كىشى بېشىغىچە كۆتۈرە بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشتۇق  .
4.ئوقۇغۇچىلار ئوزۇقلۇقىغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ، ماتېرىياللارنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز . ئامبار باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ، ۋاقتى – ۋاقتىدا ئستاتىستىكا قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلار ئوزۇقلۇقىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا تولۇق يېتىپ بېرىشىغا كاپالەتلى ك قىلدۇق .
5.مەكتەپنىڭ كۆكەرتىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ، يېشىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز . كۆچەتلەرنىڭ تۇتۇش نىسبىتىنى %96 ىدىن يۇقىرى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ ، ھەر بىر تۈپ كۆچەتكە مەسئۇل خادىم بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى .
  يەتتىنجى، مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ قۇرۇش خىزمىتى موھىم نۇقتا قىلىنىپ ، تەكشى تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىلدى .     
1.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ 5-بەش يىللىق باشقۇرۇش مەزگىلىدىكى دائېملىق تەربىيە خىزمىتى چىڭ تۇتۇلۇپ ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخى ئۆلچەمگە يەتمەسلىك ، دائېملىق تەربىيە ئۆلچەمگە يەتمەسلىك مەسلىسى ھەل قىلىشقا تىرىشتۇق .
2.ئوقۇشتىن قېلىشنى تېزگىنىلەپ ، ئوقۇشقا كىرىشگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى مېخانىزىمىدا ھالقىشنى قولغا كەلتۈرۈپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇراقلىشىشغا  كاپالەتلىك قىلىندى .
     2015-يىلدا سۈپەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئالدىنىقى شەرت قىلىپ ، ئوقۇتۇشنىڭ ھەر بىر ھالقىسىنى چىڭ تۇتۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈنۋىرىسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، شىنجاڭ رايۇن ئىچى سىنىپلىرىغا يەتكۈزۈپ ، بېرىدىغان ئوقۇغۇچى سانىنى ئۈچتىن بەشكىچە يەتكۈزۈشكە تىرىشىمىز ، مەكتىپىمىزنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە تەكشى تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق .  







baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-8-11 22:41:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى بار ئىكەن ، يوللاپ تۇرۇڭ !
ۋاقتى: 2015-8-18 11:21:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىگە  تەشەككۈر  ،  پايدىلىنىپ ئىشلەتسەك بولغۇدەك  ،  رەخمەت  
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش