| مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇق،يىمەكلىك بىخەتەرلىگى جەھەتتىكى ئۆز ئۆزىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى مەكتىۋىمىز باشلانغۇچ مەكتەپ بولۇپ،جەمئىي 12سىنىپ،411نەپەر ئوقۇغۇچى، 35نەپەر ئوقۇغۇچىدىن تەشكىللەنگەن. بىز بۇماۋسۇمدا ئوقۇغۇچىلارنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشتە تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق. 1) مەكتىۋىمىز 411نەپەر ئوقۇغۇچىغا ئوزۇقلۇق تارقىتىۋاتقان بولۇپ، دەل ۋاختىدا سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا تارقىتىلدى. 2)دائىملىق كىلىۋاتقان ئوزۇقلۇقنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى،سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا تاپشۇرۇپ ئېلىندى.شۇ ئارقىلىق زەھەرلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدى ئېلىندى. 3)ھەر كۈنى 2-سائەتلىك دەرىس ئارلىقىدىكى چوڭ ئارام ئېلىش ۋاقتىدا ئوزۇقلۇقنى تارقىتىش، 3-سائەتلىك دەرىس ئارلىقىدىكى ئارام ئېلىش ۋاقتىدا يىگۈزۈش خىزمىتى دائىملاشتۇرۇلدى. 4)بۇ ماۋسۇم جەريانىدا 4قېتىم ئوزۇقلۇق بىخەتەرلىكى تەشۋىقاتى قىلىنىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھۇشيارلىقى ئۆستۈرۈلدى. 5) مەكتەپ رەھبەرلىكى نازارەتچىلىكنى كۇچايتىپ،ئېلىپ كەلگەن ئوزۇقلۇققا قارىتا قاراپ ئېلىش،مەسىلە كىلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 6) ئوزۇقلۇق ئالغاندا تالۇن كىسىپ بىرىش،تاپشۇرۇپ ئېلىش،تامغا بېسىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،بىخەتەر ئوزۇقلىنىشى ۋە ئوزۇقلىنىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىندى. 7) ئوقۇغۇچىلارغا بولغا تازىلىق ئادىتى ۋە يىمەكلىك تازىلىقىغا قارىتا تەشۋىقات كۈچەيتىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇجەھەتتىكى ئاڭلىق رىئايە قىلىش،ئاڭلىق يىيىشئادىتى يىتىلدۈرۈلدى. 8) مەكتەپ ئوزۇقلۇق بىخەتەرلىكى جەھەتتە بۇ ماۋسۇمدا بىر قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ،مەسىلە كىلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالدى. 9)ئوزۇقلۇق بىخەتەرلەكى جەھەتتە قانداق تارقىتىش،جىددىي ئەھۋاللارغا قانداق تاقابىل تۇرۇش تەييار لاھىيسىنى تۈزۇپ،مەسىلە كىلىپ چىقىشنىڭ ئالدى ئېلىندى. 10. نازارەتچىلىك قىلىش رەھبەرلىك گورۇپپىسى قۇرۇپ چىقىپ، دائىلىق تەكشۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ساقلاندى مەسىلە 1) مەكتەپ ئاشخانىسى پۈتكەن بولسىمۇ،ئەمما ئىشقا كىرىشتۈرۈلمىدى. 2) قۇرۇلۇش قىلىش مۇناسىبىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى قايناق سۇ بىلەن تەمىنلىيەلمىدۇق.
|
|