| كۆچۈرمىكەش نۇمۇسسىزغا بىر كەلىمە ھۆرمەتلىك تورداشلار، مەن بۆگۈن يازغىلى 17 يىل بولغان، ئۆز قەلىمىم بىلەن ، ساۋاقداشلىرىمغا بولغان ھەقىقى مۇھەببىتىم بىلەن يازغان ،« ساۋاقداشلىق شەجەرىسى» ناملىق شېئىرىمنىڭ «چۆلپانلار مۇنبىرى» ناملىق تور بېتىدە03 taklimakan 09 نامىدىكى بىر نۇمۇسسىزنىڭ نامىدا ئۆزگەرتىپ بۇزۇلغان ھالەتتە كۆرۈپ ، بەكمۇ ئازاپلاندىم، ئۆزەمنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنىڭ باشقىلارنىڭ قولىدا خار بولغىنىنى كۆرۈپ ، ۋۇجۇدۇمغا تىتىرەك ئولاشتى. بۇ شېئرىم 1997 –يىلى خوتەن ئالىي سىفەن تېخنىكومى( جۈۋەنكىدا ) ئوقۇۋاتقان چېغىمدا يېزىلغان. يەنى مەن(95- يىللىق 1- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئالىمجان ئابدۇللا تەرپىدىن يېزىلغان. يۇرتۇم چىرا ناھىيىسى. ھازىرقى خىزمەت ئورنۇم چىرا ناھىيىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ)، مەن بۇ شېئرىمنى ئەينى ۋاقىتتا ئەدەبىيات پاكولتىتى تەرپىدىن مەكتەپ بويچە مىللەتلەر ئىتپاقلىقى تىمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبئىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش پائالىيتىدە ئوقۇغان ھەم 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقىمۇ ئېرىشكەن . ئەينى ۋاقىتتىكى ساۋاقداشلىم بۇ شئېرىمنى بىلىدۇ. مېنىڭ يازغىنىم تۆۋەندىكىچە: ساۋاقداشلىق شەجەرىسى 1997-يىلى خوتەن جۈەنكې 95- يىللىق 1-سىنىپ ئالىمجان ئابدۇللا كۈرۈپتىمەن ئاجايىپ بىر چۈش، يۈرگىدەكمەن چۆللەردە لەيلەپ. ھىجرانلاردا تېپىپ تەسەللى، باغ ياسىدۇق ياشلاردا نەملەپ. چىمەن دوپپا ئەتلەس كۆينەكلىك، كەلدى ئايگۈل، گۇلنۇر ،مىھرىگۈل،... نامايەندۇر ئەجدات سۈرىتى ، قولدا باردۇر قىزىل ئەتىرگۈل. تاشقورغاندىن كەلگۈدەك كۈلۈپ، تاجىك قىزى ھەبىبە شۇدەم، ئۇ گۇياكى تاغدىكى چوغلۇق، باشلاپ كەپتۇ بۇ يەرگە كۆكلەم. قىرغىز قىزى دارىكە جۇماق، تۇرار قۇلدا ‹‹ماناس قىسىسى» تۇلپارىدىن ئۇچقان تۇزاندىن، ناماياندۇر ئۇنىڭ غايىسى. ئېچىلدۇق بىز رەڭدار گۈل بۇلۇپ، چاچتۇق چۆلگە ئۆزگىچە پۇراق، باغچا ھازىر بولدى چۆلدىمۇ، گۈل - چېچەككە پۈركەندى تۇپراق.. قول تۇتۇشۇپ توۋلىشىپ ناخشا، قىلىۋاتساق شاتلىقتىن ئويۇن. كۈمۈۋەتتى بىزنى تىۋىشسىز، تەقدىرىمىز چىقىرىپ قويۇن.. شۇندىن بۇيان بىر تېزىق مارجان، كىردى قۇمغا چېچىلدى ھەريان. تىمتاسلىقتا قالدۇق بىر مەھەل، چۈنىكى يۈرەك باغچىدا قالغان. خالىمىدىم تىنىچ يېتىشنى، قىلدىم شۇ ئان تەڭرىگە نىدا، يېرىلدى يەر، ئۇچتۇم قۇش بۇلۇپ، ئانا يەردىن كەلگەچكە سادا. . قونغىنىمدا قۇياش يۈزىگە، كۆرگىنىم دەل بولدى بىر باغچا، ھەمرالىرىم ئاللا بۇرۇنلا، چىقىپ بۇپتۇ ئەسلى بۇ جايغا. ئۇچراشتۇق مانا ئاشۇنداق، ئوتقاش بولغان قۇياش كۆكسىدە، ياسىدۇق بىزقوياشتا گۈلباغ، غەلبە باردۇر ھەممە كۆزىدە. چۆلپانلار مۇنبىرىدىكى(taklimakan0903 ) نامىدا تورغا يوللانغىنى تۆۋەندىكىچە: ساۋاقداشلىق شەجەرىسى
كۈرۈپتىمەن ئاجايىپ بىر چۈش، يۈگىدەكمەن كۆكلەردە لەيلەپ. ھىجرانلاردا تېپىپ تەسەللى، باغ ياسىدۇق ياشلاردا نەملەپ. چىمەن دوپپا ئەتلەس كۆينەكلىك، قەشقەر قىزى گۇلنۇر ،پاتىگۇل... نامايەندۇر ئەجدات سۈرىتى ، قولدا باردۇر قىزىل ئەتىرگۈل. كىرورەندەن كەلگۈدەك كۈلۈپ، كورلا قىزى ھۆرنىسا شۇدەم، ئۇ گۇياكى باغدىكى چوغلۇق، باشلاپ كەپتۇ بۇ يەرگە كۆكلەم. قارقاش قىزى ھۆرگۈل ، ئالىگۈل... تۇرار قۇلدا ‹‹يامان ئات قىسىسىى ››. تۇلپارىدىن ئۇچقان تۇزاندىن، ناماياندۇر ئۇنىڭ غايىسى. ئېچىلدۇق بىز رەڭدار گۈل بۇلۇپ، ئالىي مەكتەپ قوينىدا شۇدەم، چاچماق بۇپ چۆللەرگە پۇراق. ######## ھازىر بولدى چۆلدىمۇ گۈلباغ، گۈل - چېچەككە پۈركەندى تۇپراق. قول تۇتۇشۇپ توۋلىشىپ ناخشا، چاچار ھەريان ھەمكارلىق پۇراق. كۈمۈۋەتتى بىزنى تىۋىشسىز، ئالدىمىزدىن چىقىپ قارقۇيۇن. شۇندىن بۇيان بىر تېزىق مارجان، كىردى قۇمغا چېچىلىپ ھەريان. تىمتاسلىقتا قالدۇق بىر مەھەل، چۈنىكى يۈرەك گۈلباغدا قالغان. خلىمىدىم تىنىچ يېتىشنى، قىلدىم شۇ ئان تەڭرىگە نىدا، قۇۋەت بەردى ماڭا شۇ ھامان. يېرىلدى يەر، ئۇچتۇم قۇش بۇلۇپ، ئىلىم كۆكىدە قاناتلار قېقىپ، ####### بۇپ قاپتىمەن كۆكتە بىر سۇمرۇغ، تىك داۋانلار تۇسيالمايدىغان. چۈنىكى ئىرادەم بولغاچقا ئۇلۇغ، نىشاننىمدىن ئاداشمايدىغان. قونغىنىمدا قۇياش يۈزىگە، كۆرگىنىم دەل بولدى بىر باغچا، ھەمرالىرىم ئاللا بۇرۇنلا، چىقىپ بۇپتۇ ئەسلى بۇ جايغا. ئۇچراشتۇق بىز مۇشۇ گۈلباغدا، ئوتقاش بولغان قۇياش كۆكسىدە، ياسىدۇق بىز شۇ يەرگە بىر باغ، غەلبە باردۇر دوستلار كۆزىدە. 1997- يىلى 7- ئاي (قەشقەر بۇ بىر پارچە شئېىرنىڭ ئىككى خىل كۆرۈنىشنى ئوقۇغان ئادەم ھەقىقى ئەھۋالنى ھىس قىلالايدۇ. مېنىڭ شئېرىمدىكى ئادەم ئىسىملىرى مېنىڭ ساۋاقداشلىرىم بولىدۇ، ھەبىبە تاشقورغانلىق تاجىك ساۋاقدېشىم. دارىكە جۇماق ئۇلۇغچاتتىن قىرغىز، گۈلنۇر ئاتۇشتىن، ئايگۈل يەركەندىن، مىھرىگۈل ئاقسۇدىن. ئاخىرىدا مەن ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن، كۆچۈرمىكەشلىكتىن، ساختىلىقتىن خالىي بولۇشنى ئۈمۈد قىلىش بىلەن بىرگە . چۆلپانلار تورى ۋە شئېرىمنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان يولداشنىڭ مەندىن كەچۈرۈم سورىشىنى ، قەلبىمنى، ساۋاقداشلىرىمغا بولغان ھېسىياتىمنى قايتۇرۇپ بىرىشىنى سورايمەن. (ھەر قانداق ئادەمنىڭ باشقا تور بەتلىرىگە يوللاشقا قوشۇلىمەن.) |
|