| روبائىيلار
ئېيتايكى خۇشامەتكە نەپرەتتە مەن ، بولمايمەن ئاڭا ھەرگىز شەپقەتتە مەن . كۆيۈشكە رازىمەنكى، جەھەننەمدە، يۈرگىچە خۇشامەتتە جەننەتتەمەن.
تۇغۇلۇپ ئۆلگىچە ھەر ئادەم، ئىنسان، كېلەركەن بېشىغا كۈرمىڭلاپ قىسمەت. ياشىسا ئىنساندەك، ياشىسا ئادەم، بولمىسا ھاياتتىن ئۆلۈم مىڭ قىممەت.
ئەجەپ بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن، ھەر تەندە ئۇ ھەرخىل ،ھەرياڭزا ئىكەن. ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابى، ئىلغىدا ئېسىقلىق سېسىق گۆش ئىكەن.
زور بەخىت ئاناڭنىڭ ھايات تۇرغىنى ، «ئادەم بول» دىگىنى تىللاپ تۇرغىنى . بۇرچۇڭنى ئادا قىل ، ھايات چېغىدا ، ئۆلگەندە ھۇ تارتىپ چالماي بۇرغىنى .
قايغۇ ھەم شاتلىق بولغاچ قوشكىزەك ، ئىنسانغا ياشاشقا بەرداشلىق كېرەك . ھايات دولقۇنلىرى كېتەر چۆكىرىپ ، بولمىساق مەردانە، سەۋىرچان،زېرەك.
ھاياتلىق سەپىرى مۈشكۈل ۋە ئوزاق ، مەنزىلگە يەتكۈچە باردۇر كۆپ توزاق . قورقمىساڭ جاپادىن ئۆمرۈڭ باغىدا ، لالىلەر ئېچىلىپ چاچقاي حۇشپۇراق . بەزىلەر قولىدا كۆتۈرۈپ سامسا ، باشقىلار ئالدىدا ئوينايدۇ تانسا . قانداقمۇ بولاركىن ئۇلارنىڭ ھالى ، قولىدىكى سامسىدىن ئايرىلىپ قالسا .
ھەزەر ئەيلە ئادەم سىياق تۈلكىدىن ، رەزىللىكى نىقاپ بولغان كۈلكىدىن . ھىجايسىلا كۈلدى دىمە ئۇ قاپقان ، دەسسىسەڭلا بوشالماق تەس ئىلكىدىن .
بولغىن خاقان ۋە ياكى گاداي ، ياتقان يېرىڭ داق يەر يا ساراي. ئۇنۇتمىغىن دېيىشنى ھەر كۈن، ئىنسانكەنمەن ئىنسانچە ياشاي .
رىزقىمنى ھالالدىن تاپىمەن دوستلار، ھارامغا ئىشىكىنى ياپىمەن دوستلار. پارىخور ئامبالغا ھەمدەم بولغىچە، زاھىدلىق يولىغا چاپىمەن دوستلار.
قۇياشنى ئېتەكتە ياپىمەن دېمە، قۇشقاچنى زەمبىرەكتە ئاتىمەن دېمە. ناۋادا بېشىڭغا قونسا بىر چىۋىن، چىۋىننى پالتىدا چاپىمەن دېمە.
مېڭىنى ئويلاشقا بەرگەندۇر پەلەك، كىمىكى ئويلىسا بولغۇسى زىرەك. تەپەككۇر قىلمىسا مېڭە باش دېگەن، قاپاققا ئېلىنغان قېتىقتىن دېرەك.
ئالتۇن ھەل يالاتساڭ كېسەكتۇر كېسەك، گەر ھالۋا بەرسەڭمۇ تېزەكلەر ئېشەك. كۆرۈمسىز شۇ پىلە قۇرىتىغا باق، يەپ ئاددىي يۇپۇرماق بېرىدۇ يىپەك.
مەنسەپكە چىققاندا ئۈلپەت كۆپەيدى، مەدىھىيە، ئالقىش، ھۆرمەت كۆپەيدى. كەتكەندە ئىلكىدىن مەنسەپ ۋە ھوقۇق، ھەممىسى دومسايدى تۆھمەت كۆپەيدى.
كەلدۇققۇ دۇنياغا باردۇر كەتمىكى، خۇشاللىق قايغۇنىڭ بىزگە يەشمىكى. بىر كۈنى كۈلدۈرسە راسا غىدىقلاپ، بىر كۈنى دۈشكەللەپ خارزار ئەتمىكى.
ئادەم گۈزەللىكى چىرايىدىن ئەمەس، ئادەمنىڭ خۇلقىدىن گۈزەل ئۇ ئەلا، چىرايى گۈزەل گەر خۇلقى سەت بولسا، بىر گۈزەل خەتتۇر ئۇ ئىملاسى خاتا.
مۇھاببەت شادلىقى ۋاپادىن كېلۇر، بەخت تەلەي قان تەردىن جاپادىن كېلۇر. ئەۋلادقا ئىپتىخار بەرگۈدەك تۆھپە، تىنىمسىز ئىزدىنىش ساپادىن كېلۇر.
مەيلى سەن شاھ بولغىن ۋەياكى گاداي، ماكانىڭ داق توپا ياكى خان ساراي. ھىممەت قىل قول بەرگىن ساڭا مۇھتاجغا، ئويلىغىن ئىنسانمەن ئىنسانچە ياشاي.
ھاياتىڭ تۆت كۈنلۈك بۇنى بىل ئاداش، بىل يەنە كىم دۈشمەن ۋە كىملەر ئاداش. بىراق قاچ ناداندىن، ئەخلاقسىزدىن ھەم، ئۇلاردا ھېچ ۋاخ يوق بىراۋنى ئاياش.
ھەركىمنىڭ ئۆزگىچە خۇيى بولىدۇ، كاللىدا خىلمۇخىل ئويى بولىدۇ. ئوخشىماس ئادەملەر، ئوخشايدۇ پەقەت، بىر ئۆلۈم، بىر تۇغۇم،تويى بولىدۇ.
پارلىمىسا قوياش كۆكتە كۈندۈز بولماس، كەلمىسە كۈز گۈل ئۆزىچە توزۇپ بولماس. سەۋەپ ئاتلىق قىل ئۇستىدە تۇرار ئادەم، سەۋەپسىزلا تىرنىقىڭغا كىرمۇ كىرمەس .
بولغاچقا قامغاقنىڭ يىلتىزى تېيىز، بورانلار قومۇرۇپ ئاتىدۇ بەك تېز. قۇمۇشنىڭ يىلتىزى بولغاچقا چوڭقۇر، قەد كىرىپ مەردانە تۇرىدۇ ئىگىز.
بولمىسا ئادەمدە زەرىچە ۋىجدان، دېگىلى بولمايدۇ ئۇنى چىن ئىنسان. ۋىجدانسىز مەلئۇنلار نەپ ئۈچۈن سېنى، ساتىدۇ بەرسە كىم بىرەر بۇردا نان.
«گۈزەللىك»دەپ بۇلبۇل ئۇرغاچقا خەندان، گۈلىستان باغلارنى ئەيلىگەن ماكان. شۇملۇقنى تىلىگەچ ھۇۋقۇش ۋە قاغا، چۆللەردە ماكانسىز يۈرىدۇ سەرىسان.
ھاياتتا ئۇتتۇرغان ئۇتقانلىرىم بار، گاھ زەمزەم، گاھ زەھەر يۇتقانلىرىم بار. مەنىلىك ھەر كۈنۈم تەڭدۇر يۈز يىلغا، ھاياتتا توغرا يول تۇتقانلىرىم بار.
كېتىدۇ بىر كۈن چوقۇم كەتمىگەنلەر، مۇرادقا يەتكەن يەتمىگەنلەر. «ھەممىسى ئۆلدى» دېمەڭ ئۆلەر پەقەت، ئۆمرىدە مېھنەتتىن باغ ئەتمىگەنلەر.
ئالتۇن قەپەس، كۈمۈش قەپەس، بەرىبىر قەپەس، قەپەس ئىچىدە ئالالماس بۇلبۇل شاد نەپەس. قويۇۋەتسە ئۆز ئەركىگە قىلغاي ئۇ پەرۋاز، بۇلبۇل ئۈچۈن يوق ئۇنىڭدىن باشقىچە ھەۋەس.
دۇئا قىلساڭ ھەرۋاخ مۆمىن مۇسۇلمان، تىلەيدۇ دوزاختىن بولماقنى ئامان. ۋە لېكىن دوزاخنىڭ ئۆزى ئېيتارمىش: «مەن ئۆزۈم قورقىمەن ناداندىن يامان.»
ئاشىقلار سۆيگۈچۈن كەچسە جېنىدىن، بەزىلەر كېچەلمەس بىر تال نېنىدىن. ئادەملەر توپىدا جىن ۋە شەيتان بار، جىنلىرى كەچمەيدۇ ئادەم قېنىدىن.
ناۋادا پاقىلار ئاشۇ پىلىدەك، چىقىرالايدىغان بولسىدى يىپەك. قولاقنى يەپ جانغا جازا سالاتتى، كوكىراپ جاھاننى باشقا كىيگىدەك.
دۇنياغا بىر قېتىم كېلىدۇ ئادەم، ئادەمنى ئۇزۇتۇپ قويىدۇ ئالەم. مەيلى ئۇ شاھ بولسۇن ۋەياكى گاداي، كېلىشى خۇشاللىق ،كېتىشى ماتەم.
"تاللانغان روبائىي"لاردىن
|
|