كۆرۈش: 335|ئىنكاس: 1

ئاتۇش شەھەر ئاغۇ يېزا ياقا ئاچچىق باشلانغۇچ مەكتەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


ئاتۇش شەھەر ئاغۇ يېزا ياقا ئاچچىق باشلانغۇچ مەكتەپ 2014-2015-يىللىق ئوقۇتقۇچىلار ئۇنۋان باھالاش لاھىيەسى















ئاتۇش شەھەر ئاغۇ يېزا ياقا ئاچچىق باشلانغۇچ مەكتەپ
2015-يىل3-ئاينىڭ 25-كۈنى


ئاتۇش شەھەر ئاغۇ ياقا ئاچچىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇنۋان باھالىنىشىنى نومۇر ئارقىلىق ھېساپلاشىنى سىناق قىلىپ يولغا قويۇش چارىسى
  مەكتەپ ئىش ئورنىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ،رىقابەت مىخانىزىمى ۋە قوزغۇتۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىتاپ ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئاكتىپلىقى ۋە ئىجاتچانلىقىنى تولۇق قوزغاش، باراۋەر-ئادىل ئوببىكتىپلىق پىرىنسىپقا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان باھالاشىنى نومۇر ئارقىلىق ھېساپلاش سىناق نۇسخىسىنى يولغا قويۇش چارىسى ئالاھىدە تۈزۈپ چىقىلدى.                                                                             
1.ئىدىيە-پەزىلەت جەھەتتە:
  مەكتەپ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشى،سىياسىي ئۈگىنىشكە تولۇق قاتنىشىشى،قانۇنسىز دىننىي پائالىيەتكە قاتناشمىغان بولۇشى،دىنغا ئىشەنمەسلىگى،رامىزان تۇتمايدىغان بولۇشى،ئىش ئورنىنى سۆيۈپ كەسىپنى قەدىرلىشى،كىتاپ ئوقۇتۇپ ئادەم تەبىيەلەش ۋە ئۆزلۈكسىز ئۈگىنىش روھىغا ئىگە بولغان بولۇشى، قانۇن-تۈزۈمگە رىئايە قىلىشى،ئىستىلى دورۇس بولۇشى،ئىنىتىزامدا قاتتىق بولۇش،پاك-دىيانەتلىك بىلەن ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشى، مەكتەپ رەھبەرلىگى ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن ئورۇندىغان بولۇش، خىزمەتداشلار بىلەن مۇناسىۋەتتە ياخشى بولۇش ئۆز-ئارا ئارازىلىق پەيدا قىلمايدىغان بولۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز سۆزلەرنى قىلماسلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئىش-ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىق، مەكتەپنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا شەرىتسىز بوي سۇنۇش، خىزمەت ۋاقتىدا شەخسى ئىش قىلماسلىق، باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن بولۇشى، ھۆكۈمەت خىزمىتى، دۈجۈرنىلىك ۋە تۈرلۈك بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىىدە مەسىلە كۆرۈلمىگەن بولسا 5نومۇر بېرىلىدۇ.بۇ تۇرنىڭ بىرەرسىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئىنۋانغا تەكلىپ قىلىنمايدۇ.
  ئىزاھات:ئوقۇتقۇچىلار كەسپى-ئەخلاق ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئوقۇتقۇچىلار ياكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بەلگىلىك يامان تەسىر پەيدا قىغۇچىلاردىن بىر قېتىمدا 10نومۇر، خىزمەتداشلار بىلەن تاكاللىشش،ئۇرۇشۇپ قېلىپ يامان تەسىر پەيدا قىلغۇچىلاردىن 10نومۇر تارتىلىدۇ.مەكتەپ فۇرمىسى كەيمىگەن، يۈرۈش –تۈرۈشى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇرۇقىغا ماس كەلمەيدىغان كېيىم-كېچەكلەرنى كەيگەن ئەھۋاللار كۆرۈلسە 5نومۇر تارتىلىدۇ،بۇرۇت قويغان،ياغلىق ئارتىش ئەھۋالى كۆرۈلسە 5نومۇر تارتىلىدۇ.
بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىدە مەسىلە كۆرۈلگەن ۋە سەۋەپسىز دۈجۈرنىلىكتە تۇرمىغان ئەھۋاللارغا بىر قېتىملىغى ئۈچۈن 5نومۇر تارتىلىدۇ.
2.ئوقۇتۇش ھالقىللىرى جەھەتتە:
دەرس لاھىيەسى (كونسىپىك) ئۆلچەملىك يېزىلغان بولۇشى، ئوقۇتۇش ھالقىللىرى مۇكەممەل بولۇشى، گۇرۇپپا باشلىقلىرىنىڭ ئىمزاسى بولۇشى، مەكتەپنىڭ تەلىپى بويىچە تاپشۇرۇق بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن بولسا 5نومۇر بېرىلىدۇ.
ئىزاھات:يۇقارقىلاردىن بىرى ئۆلچەمگە يەتمىسە 5نومۇر تارتىلىدۇ.ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇق تەشكۈرۈتگۈزگەن بولسا بىر قېتىملىغى ئۈچۈن 5نومۇر تارتىلىدۇ. بىر قېتىم تاپشۇرۇقنى كەم بەرگەن ياكى ئۆزگەرتىمىگەن،تاپشۇرۇقنى خاتا ئۆزگەرتكەن بولسا ھەر بىر تۈر ئۈچۈن 3نومۇر تارتىلىدۇ.
3.ئەمەلىي دەرس ئۆتكەن سائىتى 240سائەت.ھەر ماۋسۇمدا ئەدەبىيات،ماتېماتېكا،خەنزۇتىلى دەرس ئوقۇتقۇچىللىرىغا240سائەت دەرسنى ئاساس قىلىپ، دەرس مىقدارىنى 240سائەت ئۆلچەم بويىچە ئورۇندىغان بولسا 5نومۇر بېرىلىدۇ.
ئىزاھات:ماۋسۇمدا 10سائەت دەرسىنى ئارتۇق ئۆتكەن بولسا 1نومۇر (يوقۇرىسى چەكلەنمەيدۇ) 10سائەت دەرسىنى ئاز ئۆتكەن بولسا 1نومۇر تارتىلىدۇ، ئۆتمىگەن بولسا نومۇر بېرىلمەيدۇ.
4.ئوقۇتۇش ئىنتىزامى:
ئوقۇتقۇچىلار دەرسكە ئەزەلدىن كېچىكمىگەن بولۇشى، دەرس ئوقۇۋېتىپ دەرسخانىدىن ئايرىلمىغان بولۇشى، دەرسخانىدا خەۋەرلىشش قوراللىرىنى (تېلفۇن) ئىشلەتمىگەن بولۇشى، ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بەرمىگەن بولۇش، ئوقۇغۇچىلارغا كىنايە ۋە زەخمە سۆزلىرىنى ئىشلەتمىگەن بولۇش دەرسخانا ئىنتىزامى ياخشى بولۇش، دەرس قالايمىقان بولمىغان بولۇشى مۇۋاپىق بولغان بولسا 5نومۇر بېرىلىدۇ.يۇقارقىلارغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا نۇمۇر بىرىلمەيدۇ.چەرە بويۇنچە بىر تەرەپ قىلىندۇ.
ئىزاھات:دەرسكە كېچىكىپ كىرگەن ياكى دەرستىن بالدۇر چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ بىر قېتىملىقى ئۈچۈن 2نومۇر تارتىلىدۇ. دەرس ئىنتىزامىغا خىلاپ ھادىسە كۆرۈلسە ھەر قېتىملىقى ئۈچۈن بىر قېتىمدا 5نومۇر تارتىلىدۇ. دەرس ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلار خالىغانچە كىرىپ چىقسا ھەر قېتىملىغى ئۈچۈن 2نومۇر تارتىلىدۇ.
5.دەرس قالدۇرۇش ۋە خالىغانچە دەرس ئالماشتۇرۇش
سىناپ تەكشۈرۈش مەزگىلىدە دەرس قالدۇرماسلىغى،ياكى خالىغانچە دەرس ئالماشتۇرماسلىغى كېرەك.(ھۆكۈمەت خىزمىتى بۇنىڭ سىرىتىدا) يۇقارقىدەك ئەھۋال كۆرۈلسە 5نومۇر تارتىلىدۇ.
6.ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيىتى:
تۈرلۈك ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان بولۇشى مەسلەن:ئوقۇتۇش مۇھاكىمە يىغىنى،ئوقۇتقۇچلارنى تەربىيەلەش،ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيىتى،ئوچۇق دەرىس،تىما تەتقىقاتى، كومسىيەلىك ۋە كۆللۈكتىپ دەرس تەييارلاش پائالىيىتى قاتارلىقلار.
ئىزاھات:سەۋەپسىز بىر قېتىم قاتناشمىغان بولسا 2نومۇر تارتىلىدۇ. دەرس ئاڭلاپ خاتىرە قالدۇرمىغان بولسا ھەر سائىتى ئۈچۈن 2نومۇر تارتىلىدۇ. پىلاندىكى دەرس ئاڭلىشى بىر سائەت كەم بولسا 5نومۇر تارتىلىدۇ.
7.ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىلمىي ماقالىسى:
ئىلمىي ماقالىسى قانۇنلۇق نەشىر قىلىنغان ژورناللاردا ئاشكارە ئىلان قىلىنغان نەشىر نومۇرى بار ياكى 2-دەرىجىدىن يوقۇرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولسا (گۇۋاھنامىسى بولۇشى) ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم يازغان بولسا نومۇر بۆلۈپ بېرىلىدۇ.
ئىزاھات:دۆلەت دەرىجىلىك مەتبۇئاتتا ئىلان قىلىنسا 5نومۇر بېرىلىدۇ. ئۆلكە،ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك بولسا 4نومۇر بېرىلىدۇ. ئوبلاسىت،ۋىلايەت دەرىجىلىك بولسا 3نومۇر بېرىلىدۇ.شەھەر دەرىجىلىك بولسا 2نومۇر. مەكتەپ دەرىجىلىك بولسا 1نومۇر بېرىلىدۇ.
دۆلەت دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولسا 8 نومۇر بېرىلىدۇ. ئۆلكە،ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولسا 4نومۇر بېرىلىدۇ. شەھەر دەرىجلىك بولسا 2نومۇر.مەكتەپ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرشكەن بولسا 1نومۇر بېرىلىدۇ.
8.ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىجدىمائىي پائالىيەتلىرى جەھەتتە:
تېما تەتقىقاتى ۋە سۇئال چىقىرىش، مۇسابىقە باھالاش ئىشلىرىغا قاتناشقان ياكى رىياسەتچىلىك قىلغان بولسا 5نومۇر بېرىلىدۇ.
ئىزاھات: دۆلەت دەرىجىلىك تىما تەتىقىقات پائالىيىتى ياكى سۇئال چىقىرىشقا، تەكشۈرۈشكە قاتناشقان بولسا 5نومۇر بېرلىدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىككە 4نومۇر،ئوبلاسىت دەرىجىلىككە 3نومۇر،شەھەر دەرىجىلككە 2نومۇر، مەكتەپ دەرىجىلىككە 1نومۇر  بېرىلىدۇ.
9.ئوقۇتۇش ماھارەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشش جەھەتتە:
مەكتەپكە ۋاكالىتەن  ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلغان ياكى مۇسابىقە پائالىيىتىگە قاتناشقان،ئوقۇتۇش ماھىرى بولۇپ تاللانغان بولۇشى (گۇۋاھنامىسى بولۇشى) 10نومۇر بېرىلىدۇ.
ئىزاھات:دۆلەت دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولسا 10نومۇر بېرىلىدۇ. ئوبلاسىت،ۋىلايەت دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولسا5 نومۇر بېرىلىدۇ. شەھەر دەرىجىلىك بولسا 3نومۇر.مەكتەپ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولسا 2نومۇر بېرىلىدۇ.
10.ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش قابىليىتى:
مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش كەسپىنى لاھىيەلەش خىزمىتىگە قاتناشقان بولۇشى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، تەتىقىقاتچى، دەرسلىك ماتېرىيالى تەھرىرلەشكە (تۈزۈتۈشكە)،يومىشاق دىتال تەييارلاشقا، ئىمتىھانغا سۇئال چىقارغان بولسا 5نومۇر بېرىلىدۇ.
ئىزاھات: دۆلەت دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولسا10نومۇر بېرىلىدۇ.ئۆلكە،ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولسا 5نومۇر بېرىلىدۇ.ئوبلاسىت ۋىلايەت دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولسا 4نومۇر بېرىلىدۇ.شەھەر دەرىجىلىك بولسا 2نومۇر بېرىلىدۇ.مەكتەپ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولسا 1نومۇر بېرىلىدۇ.
لاھىيە تۈزگەن تەتقىقات نەتىجىسى بولسا، ئانالىز دوكىلاتى بولسا 2نومۇر خەنزۇتىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى، خەنزۇتىلى ئۆلچەملىك تىل ئىمتىھانى كومپىيوتېردىن ئىش ئورنىغا چىقىش گۇۋاھنامسى بولسا 2نومۇر بېرىلىدۇ.
11.باشقۇرۇش ئىقتىدارى جەھەتتە:
سىنىپ مەسئۇلى بولغان،ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىسى بولسا،پەن گۇرۇپپا باشلىقى بولسا 5نومۇر بېرىلىدۇ.
ئىزاھات:مەكتەپتە سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئىشلىسە،ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىك ئورۇندا بولسا ھەر يىلىغا 2نومۇر،پەن يېتەكچىسى بولسا ھەر يىلىغا 1نومۇر بېرىلىدۇ.
12.ئوقۇش تارىخى:
سىفەن خاراكتىردىكى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ياكى غەيرى سىفەن تۈردىكى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن بولسا 3نومۇر بېرىلىدۇ.
ئىزاھات:سىفەن خاراكتىردىكى مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كورۇسىنى پۈتتۈرگەن بولسا 5نومۇر بېرىلىدۇ.مەخسۇس كورۇس 4نومۇر،ئوتتۇرا تېخنىكوم بولسا 3نومۇر بېرىلىدۇ.غەيرى كەسىپتىن تولۇق كورۇس بولسا 4نومۇر،مەخسۇس كورۇس بولسا 3نومۇر، ئوتتۇرا تېخنىكوم 2نومۇر بېرىلىدۇ.
13.ئوقۇتقۇچىلىق تارىخى،خىزمەت تارىخى، مەكتەپ تارىخى:
كادىرلار ئىدارىسى ئېتىراپ قىلغان بولۇشى، مەكتەپ تارىخى 1992-يىلى9-ئايدىن باشلاپ ھېساپلىنىدۇ.
ئىزاھات:ئوقۇتقۇچىلىق تارىخى  2نومۇر،خىزمەت تارىخى ھەر يىلى 1نومۇر،مەكتەپ تارىخى ھەر يىلى 1نومۇر بېرىلىدۇ.
14.ئالاھىدە تۆھپىسى، مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالى:
مەكتەپ ۋە جەمىيەتكە ئالاھىدە تۆھپە ياراتقان شەرەپكە ئېرىشكۈچىلەرگە 10نومۇر بېرىلىدۇ.
ئىزاھات:قان تەقدىم قىلغانلارغا ھەر قېتىملىغى ئۈچۈن 2نومۇر بېرىلىدۇ.كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشكە قاتناشقان، ھەققانىيەت ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسەتكەن قاتارلىق جەمىيەتكە پايدىلىق پالىيەتلەرگە 5نومۇر بېرىلىدۇ.مەكتەپنىڭ زور كۆلەملىك پائالىيەتلىرىدە تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولسا 4نومۇر بېرىلىدۇ.دۆلەت دەرىجىلىك شەرەپكە ئېرىشكەن بولسا 10نومۇر بېرىلىدۇ. ئۆلكە،ئاپتۇنۇم رايۇندەرىجىلىك شەرەپكە ئېرىشكەن بولسا8نومۇر بېرىلىدۇ. ئوبلاسىت،ۋىلايەت دەرىجىلىك شەرەپكە ئېرىشكەن بولسا 6نومۇر بېرىلىدۇ. شەھەر دەرىجىلىك شەرەپكە ئېرىشكەن بولسا 4نومۇر. مەكتەپ دەرىجىلىك شەرەپكە ئېرىشكەن بولسا 2نومۇر بېرىلىدۇ.
15.ئونۋېرسال سىناپ باھالاش:
مەكتەپ مەمۇرىيەت ئەزالىرىنىڭ باھاسى %60نى ئىگەللەيدۇ،ئاممىنىڭ باھاسى%40نى ئىگەللەيدۇ.5نومۇر.
ئىزاھات:ئوتتۇرىچە نومۇرى 5نومۇر بېرىلىدۇ.
16.ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىرى:
ئۆز دائىرىسىدىكى خىزمەتلەرنى تولۇق ئىشلىگەندىن سىرىت يەنە ئوقۇتۇش خىزمىتىنىمۇ ياخشى ئېلىپ بارغان بولسا 5نومۇر بېرىلىدۇ.
ئىزاھات:ئوتتۇرا قاتلام خىزمەتچىللىرىنىڭ خىزمەت مىقدارى، دەرىس ئوقۇتقۇچىللىرىنىڭ خىزمەت مىقدارى بىلەن بىلەن ئوخشاش ھېساپلىنىدۇ. ھەر قايسى ئىشخانىلار تەۋەلىگىدىكى مەكتەپ ئىشغا قويغان ئىشخانا ئەزالىرىنىڭ خىزمەت مىقدارى تولۇق ھېساپلىنىدۇ.
17.مەكتەپ رەھبەرلىك خىزمەتلىرى:
مەكتەپ مودىرى ۋە مەكتەپ سېكىرتارلىق، مەكتەپ ئىلمىي مودىرلىق خىزمىتى خىزمىتىگە ھەر يىللىغى ئۈچۈن 3نومۇر بېرىلىدۇ.مەكتەپ ئەخلاق-تەربىيە مودىرلىق خىزمىتى ۋە مەكتەپ مالىيە خىزمىتىگە مەسئۇل خادىمغا ھەر يىللىغى ئۈچۈن 1نومۇر بېرىلىدۇ. قوشۇمچە خىزمەتلەرگە باش مەسئۇل بولۇپ ئىشلىسە ھەر يىللىغى ئۈچۈن 0.5نومۇر بېرىلىدۇ.
ئىزاھات:يېقىنقى بەش يىللىق خىزمىتى ئەھۋالىغا قارىلىدۇ.
18.تۇرمۇش ئوقۇتقۇچىللىرى:
ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئامانلىقىغا ۋە موقۇملىقىغا، ئىش ھەركىتىنىڭ قېلىپلىشىغا، ئۇرۇشماسلىقىغا، تىللاشماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.مەكتەپنىڭ تۇرلىك قىيىنچىلىق ئىشلىرىنى ئوز ئۇستىگە ئالىدۇ.
ئىزاھات:خىزمەت مىقدارى دەرس ئوقۇتقۇچىللىرىنىڭ خىزمەت مىقدارى بىلەن ئوخشاش ھېساپلىنىدۇ.باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت مەسىلىسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى، موقۇملىقى ۋە ئىش ھەركەتلىرىدە ئېغىر مەسىلە سادىر بولسا بىر قېتىملىغى ئۈچۈن 5نومۇر تارتىلىدۇ.
شەنبە،يەكشەنبە،ئىمتھان مەزگىللىرىدە ئىشلىگەن تۇرمۇش ئوقۇتقۇچىللىرىنىڭ ۋاقتى ئارتۇق مىقدار ھېساپلىنىدۇ.ھەر كېچە-كۈندۈز ئۈچۈن 1نومۇر بېرىلىدۇ.
19.يىللىق سىناپ تەكشۈرۈشتە 3يىل ئۇدا مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان بولسا شەرتى تولۇق ھازىرلانغان بولسا، بىۋاستە ئۇنۋان دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ.
ئىزاھات:ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇددىتىنى ئۆتەش جەريانىدا يىللىق سىناپ تەكشۈرۈشتە مۇنەۋۋەر بولۇپ باھالانسا ھەربىر يىلى ئۈچۈن 4نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ.1-بولۇپ باھالانسا 2نومۇر،2-بولۇپ باھالانسا نومۇر بېرىلمەيدۇ،3-بولۇپ باھالانغانلاردىن 2نومۇر تارتىلىدۇ.
ئۇدا ئىككى يىل 3-بولۇپ باھالانسا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ.ئۇدا ئۈچ يىل 3-بولۇپ باھالانسا تەكلىپ قىلىنمايدۇ ۋە ئۇنۋان بېرىلمەيدۇ.
(يىللىق سىناپ تەكشۈرۈشتە مۇنەۋۋەرلەر مۇنەۋۋەرلەر%10نى،1-دەرىجە%20نى،2-دەرىجە %60نى،3دەرىجە %10نى تەشكىل قىلىدۇ.)
ئۇنىڭدىن باشقا ئوقۇتقۇچىلۇق خىزمەت تارىخى 30يىلدىن ئاشقان (30يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) لارنىڭ ئۇنۋان ئۆستۈرۈش تەكلىىپ قىلىش ئىشىغا ئالاھىدە ئىتىبار بېرىلىدۇ.








ئاتۇش شەھەر ئاغۇ يېزا ياقا ئاچچىق باشلانغۇچ مەكتەپ
2015-يىلى3-ئاينىڭ 25-كۈنى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-6-10 16:22:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسۋەتلىك تېما يوللاپىسز،ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر،
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش