كۆرۈش: 328|ئىنكاس: 2

تارىخ ئىزلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                تارىخ ئىزلىرى
************************
( 1944   ____  2015  )
تارىخ _  ئادەم ۋە   ۋەقەلەردىن  تەركىپ تاپقان بولۇپ،  تارىخ تىلغا ئېلىنسىلا  رەڭگا- رەڭ  ۋەخىلمۇ- خىل ۋەقەلەردىن  باشقا تارىخى شەخسىلەرمۇ بىرگە تىلغا ئېلىنىدىكەن  :- بەزىلىرى تارىخنى ئىلگىرى سۈرگۈچى بولۇپ ئىنسانلارغا تۆھبە ياراتقۇچى بولىدۇ ،  بەزىلىرى تارىخقا توسقۇنلۇق قىلغۇچى بولۇپ ، ئىنسانلارغا بالايى ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىپ،  جەمىيەت مەدىنىيىتىنى ئارقىغا سۆرۋېتىدۇ.
تارىخ  توختاۋسىز سىناقلاردا  نېمىنىڭ مېغىز ، نېمىنىڭ شاكال  ئىكەنلىكىنى  بىلدۈرۈدۇ .
  كىشىلەر  جاپالىق ،  بەرداشلىق  كۆزۈتۈشلىرى  جەريانىدا  نۇرغۇنلىغان ئەمەلىيەتلىك ئىشلارنى بىلىۋالالايدۇ . دېمەك نۇرغۇن ۋاقىتلاردا تارىخ كىشىلەرنى بۆگۈنكى كۈندەك  گۆزەل ئېنسانى پەزىلەتلەرگە  ئۆندەيدىغان  جەمىيەتنى ،  ماددىۋى  ۋە مەنىۋى جەھەتتىن يۆكسەللىككە يېتەكلەيدىغان  ، گۆزەللىك ،  ياخشىلىق ،  ساداقىيەت – سەمىمىيەتلىك  ، ئىناقلىق ؛   ئىلىم- مەرىپەت  ، ئادالەت ،  مېھرى مۇھاببەتنى تەشەببۇس  قىلىدىغان بۆگۈنكى دانىشمەنلەرنىڭ __  كەڭقوساق ،  خەلقپەرۋەر ئىش ئېزلىرى تارىختا مەڭگۆ ساخلانغۇسى .
ھەممىمىزگە مەلۇمكى :__ مۇقۇملۇق تېنېچلىق بىلەن  تەرەقىياتنىڭ بىرلىگى  :__ مۇقۇملۇق –گۆللۆنۆش  ،  مۇقۇملۇق _ غەلىبە  ، مۇقۇملۇق ھەممىدىن ئەلا ...
     مەيلى ئۆيۈمىزدە، مەيلى يۇرتىمىزدا، مەيلى ئۆلكىمىزدە، مەيلى دۆۋلىتىمىزدە ،  شۇنداقلا يەر شارىدا بۇلسۇن مۇقۇملۇق بۇلمىسا ،  خەلق تېنېچ ، بەخىتلىك بۇلالمايدۇ -  دە راھەت تۇرمۇش كۆچۈرەلمەيدۇ  .
    تارىخ  تەجىربىلىرىمىز بىزگە شۇنى بىلدۈردىكى : -  قاچان __قەيەردە مۇقۇملۇق بۇلسا شۇ جاينىڭ ئېختىسادى ، مەدېنىيىتى ،  قۇرلۇش ئىشلىرى ، خەلق تۇرمۇشلىرى جۇش ئۇرۇپ رېۋاجلىنىدۇ .ئۇنداق  بۇلمىسا ،  جەمىيەت قالايمىقانلىشىپ،  ئېختىساد   ۋەيرانە بولۇدۇ ،  خەلق گادايلىشىدۇ ،  دېمەك مۇقۇملۇق ئومۇمى ۋەزىيەتنى تەڭشەپ تۇرۇدىغان  ھەركەتلەندۈرگۇچ __كۈچ...
     قەيەردە ئېزىلىش بولۇدىكەن ،  شۇيەردە قارشىلىق كۆپۈيىدۈ   
تارىخ   شۇنى ئىسپاتلىدىكى  1944 –يىلى  8- ئايلاردا ( ئىلى ،  ئالتاي ، تارباغاتاي)  قاتارلىق جايلاردا تەڭلا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى ئىنقىلاپ پارتلىدىدە  1945_ يىلى9 _ ئايغىچە ئۆچ ۋېلايەت ئازاد بولدى .
  بۇنى ‹‹  ئۆچ ۋېلايەت ئىنقىلاۋى ››  دەپ ئاتالدى .
       1949 _ يىلى9 _ ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا بىر تۈركۈم زىيالىلار ئىنقىلاپنى قولىغا ئېلىپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى بىلەن قوشۇلۇپ، خەلقنىڭ داغ- دۇغىلىق قارشى ئېلىشىغا  مۇيەسسەر بولدى.
     1950 __ يىلى خەلق  خوشاللىقىنى مۇقۇملاش ئۆچۈن ‹‹ئېجارە كەمەيىتىش  ›› - نى يۈرگۈزۈپ بايلارنىڭ بەزى ئۆزىدىن  ئارتۇق مال_ مۆلىكىنى كەمبەغەللەرگە  ئېلىپ بەرگەن بۇلسىمۇ يەنىلا  باي_ باي، گا داي _  گاداي  بولۇپ ھەممە  تەكشى تۇرمۇش كۆچۈرەلمىدى  .
      1952 _ يىلى 10 _11 _ ئايلاردا دېھقانلارنىڭ يەرگە بولغان ئېھتىياجىنى  قاندۇرۇش ئۆچۈن  ‹‹ يەرئىسلاھات ›› نى يۆرگۈزۈپ  ، يەرلەرنى كۆپ  ئىگەللەۋالغانلارنىڭ  يەرلىرىنى ئېلىپ،  ھەر يېزا_ كەنىت  ئەزالىرىنىڭ يەرگەبولغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ئۆچۈن  ھەر- بىر جانغا  تەكشى بۆلۆپ بېرىپ،  يەرسىزلەرنى  يەرگە ئىگە قىلدى .بۇنىڭدىن  دېھقانلار بەك خوشال بولدى شۇنداقتىمۇ  ھۇرۇنلار يەرگە ئىشلىمەي يەرلىرىنى ئاق قالدۇردى .
1953 _ يىلى ‹‹  ھەمكارلىشىش كوئوپىراتىۋى ››  نى قۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى ئىش قىلىپ ، خەلقنى بەك خوشاللاندۇردى، چۈنكى ئات ئۇلىقى يۇق  يەرگەئىشلەشكە  كۈچى يەتمىگەن دېھقانلار  ئات_ ئۇلىقى بار دېھقانلار بىلەن بىرلىشىپ يەرلەرنى تولۇق تېرىش ئارقىلىق دېھقانلار تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ، خەلق باياشات  تۇرمۇش كۆچۈردى،
1958 _ ئىلى9 _ ئاينىڭ ئاخىرلىرى  ‹‹خەلق گوڭشېسى ››  قۇرۇلۇپ ،  ‹‹ چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش››  ،‹‹تەڭ ئورتاقچىلىق قىلىش ›› ،‹‹ كۆپتۈرمىچىلىك قىلىش ››نىڭ  تەسىرىدىن  ئەزالارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەنپىئەتى چىكىنىپ، كۈچى بارلار، ھېلىگەرلەر  كۆپ تەخسىمات  ئېلىۋېلىش  ، ئىشتا ھېلىگەرلىك قىلىش،  يەرگەئۇرۇقنى شالاڭ چېچېپ  ئاشۇرۇپ ئوغۇرلاش ،خامان سۇرىغاندا چالا سۇرۇپ، توپان بىلەن ئۆيىگە ئەكىلىۋېلىش قاتارلىق قوينۇم_ قۇنچۇم  ئوغۇرلاش ھېلىگەرلىك ئىشلار كۆپۆيۈپ  ئىشلەپچىقىرىش ئارقىغا چېكىنىپ كەتتى.شۇنۇڭدەك ‹‹ چوڭ سەكرەپ ئىلگەرلەش ›› ھەركىتى
    مانا بۇ 1960 __ يىلى ئاشلىق سېتىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۇرۇقنىمۇ سېتىۋەتكەنلىك بولۇپ خەلق تۇرمۇشى زور دەرىجىدە قىيىنچىلىققا ئۇچىراپ،  ‹‹كۆپتۈرمىچىلىك ئىستىلى، تەڭ ئورتاقچىلىق ئىستىلى ، بۇيرۇقۋازلىق  ئىستىلى ، پارىخۇرلۇق ئىستىلى ، قارغۇلارچە قۇماندانلىق قىلىش ئىستىلى ›› _دىن  ئىبارەت  بەش ئىستىل ئېغىر دەرېجىدە رېۋاجلىنىپ ، خەلققە  چــــــوڭ  زىـــــيـــــانلارنى  كــــــەلـــــــتۈردى . بۇنىڭغا مەركەزى  كومۇتىتى بىر قانچە قېتىم  ئۇختۇرۇش  چۆشەرگەن بۇلسىمۇ   تۆزەلمىدى. . .  
  1962 _ يىلى يولداش لىيۇۋشاۋچى :_____ ‹‹  ئۆچ كۆتىرە بېرش ›› نى تەرغىپ قىلغان  بۇلسىمۇ بۇنى خاتا  ھالدا تەنقىت قىلىپ ‹‹ كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدار ›› دەپجۆيلىدىدە ئۆچ ئېلىش ئۇسۇللىرىنمى  قوللاندى .  شۇنداخلا يولداش ماۋزېدۇڭ قېرىپ، كېسەلچان بولۇپ قېلىشىدىن  پايدىلانى.بۇنىڭغا  بىر مىسال كەلتۈرگۈم كېلىپ قالدى  ( يولداش ماۋزېدوڭ  جاڭچىڭنى ئالماقچى بولغاندا يولداش جۇئېنلەي  باشلىقمەركېزى كوموتىت رۇخسەت قىلمىغان بولسىمۇ جاڭچىڭ يولداش ماۋزېدوڭنى ئىلكىگە ئېلىۋىلىپ جۇڭگونى مالىماتاڭ قىلىۋەتتى.
   كېيىن يولداش جۇئېنلەي ئاغرىپ قالىدۇ .  تەلىيى ئوڭدىن كەلگەن جاڭچىڭ يوخلاش بانىسى بىلەن بالنىېتسېدا  يولداش جۇئېنلەينى بىر كاچات  ئۇرغان. ھەم ئۇرۇق ئەۋلادىغىمۇ  كۆرسەتمىگەن ..
       ئـــە گـــــەر چــــىـــن  ئـــــىنسانمەن  ،  مــــــاڭــــــا  شــــــــۇ نـــــىڭ  ئــــــۆزـــــىلا  
             كـــــــــۇ پــــــا  يـــــــە
لـــــىــــــنـــــبــــيـــــاۋ  بىــــلەن  جـــاڭــــچىڭ  بىرلەشتىدە   دۆلەت ۋە خەلقلەر قالايمىقانلاشتى  ،  ئىتتىپاقلىق بۇياقتا تۇرسۇنۇ  ، خەلق بىر بىرى بىلەن  دۆشمەنلىشىدىغان ھەتتا قورال ئېلىشىپ ئۆلتۈرۈشىدىغان نەچچەخىل زۇلار ( گۇرۇپپىلار) غا بۆلۆنۆپ بىرئىدارىدىكى  ئادەملەر ، بىر ئۆيدىكى ئاتا_ بالا ۋە قېرىنداشلار  چىقىشالماي ئۇرۇش_  تالاش ئىشلىرىنى قانات يايدۇرىۋەتتى . مانا يۇقۇرقىدەك كۈنلەر مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەنلىگى ئۈچۈن  ئەسلىسەم بەكمۇ ئۆزەمنى يۇقۇتۇپ قۇيىمەن .
        بىر كۈنى يامغۇر ئوتتۇھال يېغىپ يەرلەرنى پاتقاق قىلىۋەتكەن ئىدى ، كۆزنىڭ كۈنى بولغىنى ئۆچۈن سوغاق  ھاۋا كەچتە ئادەمنىڭ  يازلىق كىيىملىرىدىن  بەدەنگە سانجىلىپ ئۆتۈپ تۇراتتى ،
      دەرىسلىرىمنى تۈگۈتۈپ  تۇرۇشۇمغا مەكتەپكە مەسئول بولغان  كادىر بىر چاقىرىش قەغىزىنى قولۇمغا تۇتقازدى مەن  نەدىن بىلەي ‹‹ دەررۇ كەنىت ئىدارىسىگە كەل ›› - دىگەن  ئۇختۇرۇش ئىكەن .
       مەن ئاچ قورساق  ھەم يالاڭلا  4كېلومېتىر كېلىدىغان دادۆي ئىدارىسىگە   كەلدىم .  مەن بىلەن سۆبەتلەشكۆچى كادىر :_  ئۇزۇندىن _  ئۇزۇن سۆزلەپ، ‹‹  داداڭنىڭ گوناھلىرىنى  بىلەمسەن؟››   دەپ سورىدى ،
      مەن قانداق گوناھلىرى بار ئىكەن ؟  دېۋېدىم  ‹‹داداڭ  60تۈتۈننى قوغلاپ سەۋېتكە چىقارماقچى بۇپتۇ ، قاچىغا ،  مىلتىق ئويناپتۇ ،  بۇغا ئېتىپتۇ  ››  - دېدى مەن جاۋاپ بېرىپ :_  بىرىنچىسى ئايۇپ ئەپەندىمنىڭ قىلمىشى ، ئىكىنچىسى يېزىلىق ھۆكۆمەت  ئوۋچىلار  گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەپ كوللۇكتېۋ ئاشخانىلارنى گۆش بىلەن تەمىنلىدى ،  ئۆچىنچىسى  بولسا ، خۇسەي، زىقان ئىۋرايىم باشلىق يېزا باشلىقلىرى ناھېيەلىك ئۇجاڭبۇدىن ئـــابدۇجىلىل  دىگەن ساخچا باشلىقى  بۇيرۇق قىلىپ بۇغا ئاتقۇزۇپ كېرەكلىك يەرلىرىنى ئىېلىۋېلىپ ،گۆشىنى ئاشخانىلارغا بېرىۋەتكەن  دېۋېدىم  ھېچ لانداق بانە تاپالماي ‹‹قايتىپ ياخشى ئويلان ، ئەگەر داداڭنىڭ ئۆستىدىن خەلق ئالدىدا شېكايەت قىلمىساڭ  ئىتتىپاقتىن ، خىزمەتتىن قوغلاندى قىلىنىسەن ››  دەپ قايتۇرغۇزدى .يامغۇر قاتتىق يېغىۋاتاتتى ، ئۇ ۋاقىتلاردا  يوللار ئاسپالىت بۇلمىغىنى ئۈچۈن ئوشۇققىچە پاتقاق كېچىپ ئۆيگە بارسام  مەكتەپ  مۇدىرى ئىسراپىل ئاكابىلەن يېزا مۇئارىپ  باشلىقى نىياز زىلام  (  ھەر ئىكىلىسى پارتىيە ئەزاسى ئىدى )  بىزنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۇشۇپتۇ ، پەقەت ئەتىراپ جىمجىت غورازلارنىڭ چىللىشى ، ئېتلارنىڭ قاۋۇشلىرى بامدات نامىزىغا ماڭغانلارنى خەۋەر  قـــــىلىپ تـــــۇراتتى  ،  
     ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا  ئــــىسراپىل ئاكا ‹‹ نېمە دېدېڭ ›› دەپ ئاۋاز چېقاردى
      مەن چاخچاق  قىلىپ  شېكايەت  قىلىمەن دېدىم ، دېۋېدىم  نىياز زىلام  :_  ‹‹نىمەدەيدۇ  مۇنۇ؟  ››  دېۋېدى ،ئىسراپۇل ئاكام  :_  ‹‹ ماڭە كىيمىڭنى يۆتكەپ چىققىنە !››_دەپ ۋاقىردى .
      مەن ئېشكەركى  ئۆيگە  كىرىپ كېيمىمنى يۆتكەپ تۇرسام دالان ئۆيدە جىمجىتلىق ئاۋاز پەقەت دەم ئېلىش ئاۋازلىرىلا ئالىنىپ تۇراتتى  .
      مەن قۇرۇق كېيىملىرىمنى كېيىپ چىقىپ _ قاراڭلارمەن ساراڭمۇ ؟  سېلەر بىلىسىلەر يۇقارقى ئونياردىكى زايىت ئارچىنىڭ گۆزەل بىر قىزى بار ئىدىغۇ ؟ئۇ  دادىسىنىڭ  ئۆستىدىن شېكايەت قىلىپ ، ئاخىرى نىمە بولدى ؟   شۇنداق بىر گۆزەل قىز ساراڭ بولۇپ  يوللاردىكى چارۋا ماللارنىڭ تېزەكلىرىنى يەپ ئۆلدى _ دېۋېدىم  _ئۆيدىكىلەر ئاۋازلىقلا  ‹‹ئۇھ... !  ››  دەۋەتتىدە : ‹‹ كىچىككىنە  كۆزيۇمۇۋېلىپ ئەتىدىكى دەرىسىڭنى ئۆت ! ›› -دەپ چىقىپ كەتتى .
      ‹‹ قايسى ئەلدە گەپ تولا  ،  بەركەت ئاز ، قايسى ئەلدە ئىش تولا بەركەت  ساز››  -  دەپ موھەممەت ئېبنى ئابدۇللا خاراباتى  سۆزلىگەندەك  ‹‹ ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمنى ››  دەپ  ھاكىمنى  تاغىسى  سەيدۇلكامنىڭ ئۆستىدىن  ،  ئايالى رازىيەمنى   تاغىسى ئەبەيدۇللامنىڭ ئۆستىدىن يالغان – ياۋداق سۆزلەرنى چاپلاپ  شېكايەت قىلدۇرۇپ ، ھاراخكەش  ،  نەشىكەش ،  ئىستىلى ياخشى بولمىغان بۇزۇقلارنى  ھەركەتلەندۇرۇپ، مۇشۇ كەنىتكە باشلىق بولغان  بىر ساۋاتسىز (  غوپۇر)  غا   بىرگۆزەل  خوتۇننى سولاپ بېرىپ ، ئىنقىلاپنى مالىماتاڭ قىلىپ  ئاخىرى ئۆزىمۇ جازالاندى .
يۈسۈپخاس ھاجىپ مۇنداق دېگەن ‹‹  ئادىل قانۇن بىلەن ئەل رۇناق تاپىدۇ ، زۇلۇم  بـــىلــــەن  ئــــە ل  خــــاراپلـــــىشـــــىدۇ ؛ دۇنـــــيـــــا  بــۇزۇلىدۇ ››
   ‹‹ پەيىت  كەلدى  ›› _ دېدى جــــاڭچــــڭ
يۇلداش ماۋزېدوڭ  قېرىپ  ئاغرىپ  يېتىپ قالىدۇ ، خەلقنىڭ تەقدىرى  ئايالى جـــاڭــــچــــىــــڭ  بىلەن  
لــــــىنـــــبىـــــياۋغا قالىدۇ   ، كىم بىلسۇن  جۇڭگودا ‹‹مەدەنىيەت ئنىقىلاۋى ›› _ دېگەن بىر نېمىنى 1965 _ يىلى كۈز ئايلرىدىن باشلاپ،  كۈزنۈڭ ئالتۇندەك رەڭىدە ياشاۋاتقان بىرئوبدان ئىتتىپاق،  ئېناق ياشاۋاتقان خەلقنى ‹‹  چېۋېخوي، خوڭزاخوي , ئۇچقون  خوي  .....››  دېگەن خۇيلارغا  ( زۇ ، گۇرۇپپا  )  بۆلۈپ  ، ئۆز  ئارا  سوقۇشتۇرۇپ   ھەتتا  ئوت قويۇشۇپ ، بالا – جاقىلىرى  بىر تەرەپ  ،ئاتا – ئانىسى  بىر تەرەپ بولۇشۇپ ، كۆمۈر  ئىسىغا  سولاش ، ئوتقا قاخلاپ ئۆلتۆرۈش  ۋە  ۋەھشې قىرغىنچىلىقلارنى  كەلتۈردى  ..بۇنىڭغا ئەمېلى  مىساللار  نۇرغۇن  مەن بىر ئازىنى  سۆزلەپ  قوياي :ـ
1-        بىر ئوبدان بىلىم  ئېلىۋاتقان  ئىلى قىزلار سىپەن داشۆيىنى  بىر مىنا ئوقى بىلەن  كۆيدۆرۈپ  تۆپتۈز  قىلىۋەتتى ..
2ـ  ئىلى ئوبلاسقا  قاراشلىق توققۇزتارا ناھېيېسېنىڭ  ئىلمى خادىملىرىدىن بولغان  موئاۋېن  شۇجىسى  رەجەپ
،  مۇئاۋېن ھاكىمى ئابدۇكېرىملارنى  ئۇرۇپ  ئۆلتۈرۋەتكەن  .  ( موئاۋېن شۇجى  رەجەپ  تۇرپان  قۇزغۇلىڭى  ۋە  مىللى ئارمىيەلەردە باشلىق  بولۇپ ، ئۆچ ۋېلايەت ئىنقىلاۋى ھەركىتىگە ھەسسە  قۇشقان زىيالى ئىدى ) .يەنە  ئىنقىلاۋى  باش  شۇجى  جاڭگۇلىننى ئېسىپ ئۇرۇپ  ئۆلتۈرۈش  ۋاختىدا  قۇتقۇزۇپ  ئالغان .
    (  شۇۋاختىدا ئۆلكىدىن  ساۋدانوپ  كېلىپ  بۇ ھەركەتنى باسقان  )
     دادىسى بالىسىنى ، بالىسى دادىسىنى ؛ ئايالى ئېرىنى تونۇمىغان  كۈنلەر  :ـــ
مەدېنىيەت ئىنقىلاۋې ھەركىتىدە  ساۋاتسىزلار  (فېڭشا لار )  زىيالىلارغا  ،  مەكتەپلەرگە ، يېزا ۋە كەنىتلەرگە  كېرىپ  باشلىق  بولېۋېلىپ ،  زىيالىلارنى رەھبەرلىك پارتىيە ئەزالىرىنى ئەمەلدىن  قالدۇرۇپ ،ئۇلارغا ئۆزى بىلگەنچە قالپاقلارنى  ( ئەكسىل ئىنقىلاپچى ، شېيۇجىڭچى  ، كاپىتالىزىم  يولىغا  ماڭغان ئۆنسۈر ، سېسىق  زىيالى ....قاتارلىق قالپاقلارنى كۈيدۈرۈپ ، ئالدىغا ئەسكى  داسلارنى  ئېسىپ ، مەيدىسىگە يۇغان تاختايلارنى سىم بىلەن ئېسىپ ؛ ھەرخىل ھەجىۋې  خەت ، رەسىملەرنى يېزىپ ، بېشىغا ئىگىز قالپاقلارنى تال بىلەن ياساپ ، ھەرخىل  جاڭگول - جۇڭگول قىلىپ ، كۆرنۈشلەرنى  ياساپ ،  بېشىغا  كۆيدۈرۈپ  بىر توپ  ئادەملەرنى كەينىگە سېلىپ  ، كوچىمۇ - كوچا ئۆزىگە  داڭ  ئۇرغۇزۇپ ،مەھەللە  ۋە  كوچىلاردا  سازايې قىلدۇرغان  ( بەزىلەر  خۇداغا  مىڭ نالە قىلسا ، بەزىلەر  شاڭخۇ  قىلاتتى  .... )   بۇنۇڭغا  بىر  قانچە قىززىق مىساللارنى    كەلتۈگۆم   كېلىۋاتدۇ  :ـ
     1ـ ھەر بىر كەنىتلەرنىڭ  ئىماملىرىنى  ناھېيە  بويىچە  يېغىۋېلىپ  ئۆگىنىش  قىلىدۇدە  ئۇلارنىڭ  ساقال  ، بۇرۇتلىرىنى قىرىپ  چۆشۈرۈپ ، بېشىغا  ھەربىلەرنىڭ  سېرىق  شەپكىسىنى كېدۆرۈپ ئۆيلىرىگە
ئەۋەتېۋېتىدۇ  ..  شۇ  قاتارىدا  بىزنىڭ  ئېمامىمىزمۇ  ئلاگۈنىشنى  تۆگۈتۈپ  ئۆيىگە كەلگەندە ئايالى  -  ئاتىكەم  ئانىمىز - ‹‹ ئۆيىمىزدە  جاس تۇغۇتلۇۋ كېسى بار  ئۆيگە كېرۈۋگە  بولمايدى  ››  -دەپ ئېرى باقى ھاجىمنى  ئۆيىگەكىرگۈزمىگەندە ـــ ‹‹ ھۆي  ئاتىكە مەن باقى  ››ــــ دىگەن   . ئاتىكەم  ئانىمىز «  ھۆي  باقى ساقال  ـــ بۇرۇت  قېنى ؟نېمە بولۇپ  كەتتىڭ ؟ » ـــ  دەپ  ئۆنلۆك  يىغلاپ  كەتكەندە باقى ھاجىم  «  ھۆي يىغلىما  بىرسى كۆرۈپ  قالمىسۇن  » ــــ  دەپ  توختاتقان .....
     2ـــ ناھېيە  بۇيىچە  ئوقۇتقۇچىلارنى  بىر  ئورۇنغا  يېغىۋىلىپ  مەدىنىيەت  ئىنقىلاۋېنىڭ  ئۆگۈنىشىنى قىلدۇرىدۇ ،   بىز كىچىك قىزىمىزنى  ئېلىۋالغا ن  ئىكەنمىز ئۆگېنىشنى قالايمىقان قىلىۋەتتى  .   شۇنىڭ بىلەن ئاكىسىنى  يوخلاپ كەلگەن  ئەخمەتجاندىن  ئەۋەتىۋەتسەك  يولدا  ۋېلېسپىتنىڭ  چاقى پۇتىنى  ئوراپ  كېتىدۇ ـــ دە  رەھمەتلىك  ئاپام  سېڭلىمىز  نۇربۈۋىگە  :ــــــ «  داداڭنى  باشلاپ كەل  قاراپپاقسۇن  » ــــ  دېگەن   ،  رەھمەتلىك  سېڭلىم نۇربۈۋى بۇغداي  ئورمىسىغا يەنى ( ئېتىزغا )   بارىدۇ .
       ئۇ  ،  مەزگىللەردە  قىز ــ ئاياللارنىڭ  چېچىنى كېسىپ    كۆك  شەپكە  كىيدۈرگەن  ؛ ياشانغان  ئەرلەرنىڭ ساقال ــــ  بۇرۇتىنى  چۆشۈرۈپ ، سېرىق شەپكە  كېيدۆرگەن  ۋاختى  ئــــــىدى .
     كومۇنىدا  ئـــــومـــــا  ئــــورۇۋاتـــــقان ۋاختىدا  ئـــــۆ ز  دادىســـــدىن  ـــ« دادامنى كـــــۆردۆڭــــلارمـــــۇ ؟»ـــ دەپ   سورىغان   دادىسى  «  كىمنىڭ قىزى  بولىسىز  ؟ » -  دەپ  ئــــــۆ ز قىزدىن سورىغاندا  «  مەن  ئـــــەبــــەي تـــــۆمـــــۈرچىنىڭ  قــــىزىمــــەن » -دېـــــگــــەندە ـــ ئابدېرىشىت  كام   خىلى ئاڭلىق  زىيالى  ئادەم  بولغىنى  ئۈچۈن  «  ئەبەي  ئاداش  بالا  ـــ ئاتىسىنى  ،  ئاتا ــــ  بالىسىنى  تونۇمايدىغان   كۈن  مۇشۇمۇ ؟  »  ــــ
دەپ  چاخچاق  قىلغاندا  70 ياشتىن  ئاشقان  سەيدۇل  بۇۋاي  ھۆڭرەپ ــ ئۆكسۆپ يېغلىغاندا  ئەبەيدۇللام  «  ھۆي توخۇ  (  لەقىمى  تـــوخـــۇ ئىدى )  قوزا گۆشىنى يەپ  ،  قېمىز ئېچكەندە كۈلىسەنۇ  ئەمدى  يېغلامسەن ؟؟» ـــ بۇكۈنلەرمۇ ئۇنتۇلۇپ كېتەردەپ چاقچاق قىلىشىدۇ ..قېنى ئۇنتۇلۇپ كەتتىغۇ؟؟؟؟
   تۆۋەندىكىلەرنى يېزىش ئۆچۈن  يۆسۈپ خاس  ھاجىپنىڭ مونۇ  بىر جۈملە ئەقىلانە سۆزىنى قىستۇرۇپ  قويغۇم  كەلدى :ــــ «  ئــــا دىــــل تــــوغرا بـــەگــــكـــــە ئـــــىــــگـــــە بـــولـــغان
خــــەلـــــق بــــەخــــىــــتــــلىكتــــۇر،خــە
لـــــقى بـــــەخــــىـــتــــلىك  بـــــولــغان
   بـــــەگــــمۇ ســـــا ئـــا دەتــــلىكدۇر ؛
  يــــا خـــــشـــــلارمـــــۇ ، يــــامــانلارمۇ
ئــــۆ لـــــســـــە تۇپراققا  ئـــــايلىنىدۇ ؛گە-
رچــــە تـــوپـــراقــــقا  ئــــايلانــــســــــمۇ
نـــــــامــــى  قـــــــالــــــىـــــــدۇ »
دېـــگەندەك  ھەممىمىز بىلىمىزكى  ئــــۇيغۇرلارنىڭ كالا سۈتى بىلەن ئەتكەن چايغا  
ئۇمراقلىقىمىزنى :ــــ    مەن ئايالىمنى  ئەگەشتۈرۈپ  قۇرۋان  مەسۈم  ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ  ئۆيىگە بارساق تېخى  ئۇ  ، ئۆگېنىشتىن كەلمەپتۇ
ئايالى  چاي قىلدى ، بىز ھۆزۈرلىنىپ چاي  ئېچىشىپ  ئولتۇرساق قۇرۋان مەسۈم  ئىشىكتىن  كىرىپلا ھۆڭرەك  ئېتىپ يېغلاپ كەتتى ..
  مەن  -  ھۆي ئاداش نىمە بولدۇڭ  ؟ كېچىك ۋاختىڭدىمۇ ئۇنداق  يېغلىمىغانغۇ ؟دېۋېدىم
ـــ  «   قارمامسەن خۇدىيار گوڭشې  ئوقۇتقۇچىسى ئابدىرىمنى  ئوقۇغۇچىلارغا  قويۇپ بېرىۋىدى ئۇنى ئېتقا  ئوخشاش  تــــۆ ت ئــــا يا
قـــلانــــدۇرۇپ  ،5ـــ4كېلومىتىر يەردىن ئۆمۆلىتىپ ، بالىلار كۆتلىرىگە تېپىپ  بەك  قىينىۋەتتى ،بۇ قانداق  جاھان بولۇپ كەتتى ؟»-
دەپ بەرگەندە مەن ــ ئاداش ماۋزېدوڭ  قېرىدى ،
لىنبىياۋ بىلەن جاڭچىڭنىڭ ئىشىدە بۇ  ؟ - دېدىمدە
ھەممىمىز جىمجىت پەقەت  چېۋىننىڭلا  ئاۋازى  ئاڭلىناتتى باشقا  ھېچقانداق تېۋىش يوق ...
تەخمىنەن  ئونۇمبەش مىنوتلاردىن كېيىن  قۇرۋان
مەسۈم ـــ «  ھەي ئاداش  بۇ ياخشى بولمىدى
ئــــۇرۇش – چىقىش كۆپىيىۋاتىدۇ ،زىيان  نۇرغۇن .»  دېگەندە  مەن بۇلدىلا  باشقا پاراڭغا
چۈشەيلى   دېدىمدە  شۇ  ھامان  قۇرۋان  يەنىلا –
« ھەي ئــــىســــراپىل  مۇدىرىغا كېيدۆرگەن قالپاقخۇددى  ئالۋاستىنىڭ ئۆزىلىغۇ ؟؟» ــ دېۋېدى
ئاياللىرىمىز -« بولا ئەمدى  ئۆزەڭلارنىڭ قالپىغىچۇ – تېخى  باشقىلارنى شاڭخۇ قىلىدۇ –تـــېـــخى»ھەممىمىز  كــــۆلــــۈ شــــتۇق .
  3ـــ «  بەگ مۇشاقەت چېكىپ ئەل باشقۇرسا
خەلق تېنىچ –ئامان بېيىيدۇ ؛ خەلق بېيىسا
بەگ تىلىكىگە يېتىدۇ .» ــ دەپ يۆسۈپ  خاس
ھاجىپ سۆزلىگەندەك ئىشلارمۇ بۇلدى
نا ھېيىلىك   موئارىپ  باشلىقىمىز ئــا سىـــم  كوجاڭنى تۆۋەنكى  ئونيار  يېزىسىغا  قىشلىق تەربېيىلەش  ئۆگۈنىشىگە مەسئول  قىلىپ  ئەۋەتىدۇ ،( بۇيىللىرى ئالغان – ئالغاننىڭ ، قوينۇم – قونچۇم ئوغرىلىق قىلىپ كامونىدا   دېخانلار نىڭ  تۇرمۇشى بەك  ناچار  ئندى ، شۇڭا  ھەر  بىر  ئېدارىلەردىن  تەلىم – تەربىيە كادىرلىرى  قىلىپ   4-5 ئاي خىزمەت  كادىرلىرىنى چۆشۈرەتتى .)
     بىر يېغىندا  دېھقانلارنى  ھەركەتلەندۈرۈش  ئۆچۈن تەشۋېقات  يېغىنىدا  قايناپ  قېلىپ  :- « ھەي  قېرىداشلىرىم ! بىر تــــو خــــۇ  چـــىلىكمۇ بولماپسىلەرغۇ ؟ ئەتىدىن كـــەچ  كــــېر گــــېچە ئېشلەپ بىر گوڭىڭلار  بـــــەش  تــــېـــيــــېـــن بولۇپتۇ   بىر تــــۇخــــۇم  ســــەككىز تــېــــيىن . بۇ ، قانداق  تىرىكچىلىك .»  ـــ  ھەقىقەتەنمۇ  بۇ ، توغرا گەپقۇ ؟ ، ئەندى بۇ ، جۆملىنى بەزى  ئۆزىنى  ئىنقىلاپچى  دەۋالغان سولچىل ئادەملەر «  كامۇنانى توخۇنىڭ پوقىغا  ئوخشاتقان ، كاپىتالىزىم  يولىغا ماڭغان  چوقۇقدار » - دەپ قۇرۇقتىن – قۇرۇق قالپاق  كۆيدۈرۈپ  ،  بوينىغا سىم  بىلەن  يوغان  ئەسكى  داسنى  ئېسىپ ، ؛  داڭ.. داڭ  ئۇرغۇزۇپ ئارقىسىغا  گۆدەكلەرنى  سېلىپ ، كوچىمۇ – كوچا  سازايى  قېلىپ  زەربە  بەرگەن .
      دېمەك مەغلۇپ بولغان  بىلەنمۇ ، مەرت ئادەمنىڭ مەرتىۋېسى  كېمەيمەيدۇكەن ،  تەشۋېش ،مۇشاقەتكــــە  گــــىرىبــــدار بــــولــــغاندىــــمــــۇ خــــار  بــــولمايـــدىكەن ...
   ئەگەر  موشۇ كۈنگىچە شۇ  كــــومـــۇنىدا ياشىغان   بولساق مەملىكەت بويېچە  ئاچلىقتىن غىرغىن  بولۇشاتتۇق .....
   ھەركىمكى دەريـــا قـــايـــنامــــلـــىـــرىنى بېشىدىن  كەچۈرۈپ  ســــال  ھــــايـــدالــــىســــا ، تۈرلۈك تـــەشــــۋېش ،مــــۇشــــاقــــەتــــلەرنــــىـــڭ  سۈيىنى  ئېچمىسە ؛ ئۇ ، ھەقىقى راھەت – پاراغەتكە مۇيەسسەر بولالمايدۇ ...
     «  ئەقىلسىز ، ئېدراكسىز كىشىلەر  بىلىمنى  بۇزىدۇ ، بىلىمسىز كىشىلەر  ىەلقنى  قاخشىتىدۇ .
   بەگ بىلىمسىزلەرگە  ئورۇن – دەرەجە  بەرسە  بەگكە زىيانلىق بولۇدۇ  ، بۇنى  بۇرۇنىراق  بىلىپ قوي  !  ئەي بەگ   بىلىمسىزگە قول  بەرمە  ! » ــ
دەپ  يۆسۈب خاس ھاجىب راس  ئىتقان  ئېكەن ....
   زىـــيـــالـــىـــلارنى  ســــاۋاتـــســــىزلار
      بـــــاشـــــقــــۇ رالا مــــــــۇ ؟؟؟
ئاخىر ى  ھۆكۆمەت  زىـــيالــىــــلارنى  بېسىش ئۆچۈن ھەر – بىر  يېزىلارغا  يېغىۋىلىپ  ، ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈش  ئۆچۈن « شېيۇجىڭجۇيچى » ، « كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدار »  لارنى فېفەن(شېكايەت ) قىلىڭلار  دەپ يەنىلا يېزا – قىشلاقلاردىكى كەلسە – كەلمەس  تولا سۆزلەيدىغان ساۋاتسىزلارنى زىيالىلارغا  باشلىق  قىلىپ ۋاقىتنى ئۆتكۆزدىدە  .. بۇلار قوساق تويغازغانغا خۇش ؛ بىز كۈن  ئۆتكەنگە—دېگەندەك  ئىشلارمۇ  بولۇپ  نادان ـ  ساۋاتسىزلارنىڭ سۆز – جۈملىرى كۈلكىمىزنى كەلتۈرۈپ ،  تـــېـــزەككە  گـــۆل ســـانــــجــــغــــاندەك   ئىشلارمۇ  بولدى ..
  بۇنداق مىساللار نۇرغۇن بۇلسىمۇ  كۆرگەنلىرىمنى سۆزلەپ   قوياي :ــ
« يەرنىڭ كۆركەملىكى  ئالىملار بىلەن ، ئاسماننىڭ زىننىتى  يۇلتۇز بىلەن »  ــ دېگەندەك ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ( ئېتىنى )  يازالمايدىغان  بىر ياماقچى مولدۇزنى زىيالىلارغا باشلىق قىلىپ قويدى ، بۇنى سۆزلەپ قالغان دېسەكمۇ بولۇدۇ . پەقەت گەپلىرى
ھەممىمىزنى كۈلدۈرۋېتدۇ  باشقىلارنى فېپەن قېلىڭلار دېسە ‹‹ بىركۈنى  تاڭ سەھەردە ھۆزۆرلىنىپ ئۇخلاۋاتسام قۇناخۇن  ئۇستام دەپ ۋارقىغان  ئاۋاز تاتلىق ئۇيقىدۇن مېنى ئۇيغۇتىۋەتتى ، يۆگرەپ چىقسام ماۋزېدوڭ  يوغان ئاق سەللىنى ئوراپ، ئاق بوزئاتقا مىنىۋاپتۇ ؛  جۇدى قاچقاجىرەن ئاتنى مىنىپتۇ  ،يېنىدا قىلىچ- تاپانچا "  قۇناخۇن ئۇستام !  ئىنقىلاپنى چىڭ تۇتۇڭلار!!  ھەرگىز بۇشاپ كەتمەڭلار !دېۋېدى  مەن   يولدا ش  داھې ماقۇل دېۋىدىم  ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ  كەتتى .›› دە سۆزلىگەندە  كۈن ئۆتكۈزگۈچى   زىيالىلار «  مانا  قۇناخۇن  باشلىق  يارايدۇ  ياخشى  سۆزلىدى  ..» - دەپ  مەسخىرە چاۋاكلارنى  چېلىشتى .
سادىقيۆزلۈك  ماخىر  دېگەن 60-65 ياشلاردىكى دېھخان  ئاكىمۇ  ششېيۇجىڭچىلارنى  فىپەن قىلىپ « خىرۇشۇپ باشلىق شىيۇجىڭچۇيچىلار  بىزنى ئېىزىپ ئاچ قويدى »، ياماننى ھاغېچە سۆزلەپ ئاخىرى  « سەۋېتتىكى تۇغقانلار ماڭا كالاش – مەسە  ئەۋەتىپتۇ مەسىنىڭ  خۇرۇمى خۇرۇم  ئەمەسمۇ جۇڭگودا  بۇنداق خۇرۇم تېپىلمايدۇ .» - دەپ سۆزلەپ كەتكەندە زىيالىلار  مېغىدا  كۈلۈشتىرۇتېشىداكۈلەلمىدى__ باتۇرغىمۇ جان  كـــىرەكتە  ...
يــــەنــــە  يېزىمىزنىڭ شېڭخۇ دېگەن بىر كەنىتى بولۇپ، بۇ، يەردىن مــــۇ ھــــەممەر دېگەن65__70ياشلاردىكى ( قارىلىغىدىن  باشقىلارقارا ئەنجىر دەپمۇ ئاتاتتى  تېخى)   پومىشچىكلارنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، "  بىزنىڭ  مەلىدىكى مۇسا شاڭيۇ  بىزكەمبەغەللەرنى بەك ئەزگەن ئەتىدىن كەچكىرگىچە شال ئوتاتقۇزاتتى  ئامما تەڭنە – تەڭنىدە ( خىمىر يۇغرۇيدىغان ياغاچتىن ياسالغان ئۆي جابدۇق .)  پولۇ( گۆرۈچ ئاش) بېرەتتى  ئامما جىق يېمىسە ئاز يېگەن ئىشلىيەلمەيدۇ  - دەپ زۇرلاپ تىللايىتتى  ، ھازىر ئۇنداق گۆرۈچ ئاش نەدە يېيىشىمىز  زاغرا ....  ___دەپ سۆزلەپلام كەتتى .
مانا بۇلار  زىيالىلارغا باشلىق ...
   ئەگەر شۇ پىتى  ماڭغان بۇلساق نەگە باراتتۇق..؟
     ئىشىك ئېچىۋېتىلدى ،دۆلەت رەھبەرلىرىمۇ خىللاندى ،دۆلەت- خەلقمۇ باي بۇلدى  شەخسى تۇرمۇشمۇ خاتىرجەم، ،دۆلىتىمىزمۇ خاتىرجەم ..1985- يىلى كومۇنا  تارقىلىپ،دېھقانلارغا يەنىلايەرلەر ئۆچ كۆتۈرەقىلىنىپ ؛
بارلىق يەرلەرنى جان سانىغا بۆلۈپ دېھقان ئائېلىرىنى يەربىلەن  تەمىنلەپ ،  ئېتىز- ئېرىقلار گويخالىنىپ،  
يوللارنى ئاسپالىت قىلىپ؛   دۆلەت پۇل بېرىپ ئۆيلەرنى  چادىر چە  قىلىپ  خەلق خاتىرجەم دۆلەت تېنىچ، ساڭلار ئاشلىق بىلەن  لىق  تولدى .
دېھقانلاردىن باجمۇ  كۆتۈرۋېتىلدى ، تۈرلۈك سېلىق – ھاشالارمۇ يوقالدى ؛
باقمىچى ، ئوقەتچىلەر ئۆزتېرىكچىلىكى بىلەن پۇل پەرەس بولۇپ بالىلىرىنى ياخشى مەكتەپلەردە ئوقۇتىدىغان بولدى ،  تەرەققى قىلغان دېڭىز بويىدىكى ئۆلكە- شەھەرلەرمۇ يېزىلارنى يۆلەپ نامىرات ئائىلە ۋەئاغرىق كىشىلەرنىمۇيۆلەپ ئېختىسادى ياردەملەرنى بېرىدىغان بولدى،
بىرئۆلكە ،بىر شەھەر ، بىريېزا قىيىنچىلىققا ئۇچۇرساياردەم قىلىپ قۇتقۇزىدىغان  ، مىللەتلەر ، ئىناق ، بولۇشۇپ، ئىشسىزلارنى ئېچكىرى ئۆلكىلەرگە
ئاپىرىپ مۇئايىشىنى ياخشى بېرىپ ؛ ھۆنەرلەرنى ئۆگۈتۈپ  ،مۇستەققىل  ئېگىلىك تىكلەشكە  ياردەملەرنى قىلدى .
   ساۋاتسىزلارنى ساۋاتلىق قىلىپ  ، تەرەققى قىلغان شەھەرلەردە يەپ- ئېچىش پۇلسىز، ياتاق مەكتەپ پۇلسىز  ياشلارنى ئوقۇتتى .
خەلقنىڭ رەڭگى رويى ياخشىلىنىپ دېھقانلارمۇ رەسمى گالۇستۇك تاقايدىغان بولۇپ، چەت دۆلەتلەرگە ساياھەتكە  چېقىپ ئويناپ كېلىدىغان  بولدى ....
  2015___6___9 -------كۈنى
   81 ياش ۋاختىم  
         ئابدىغۇپۇر  ئەبەيدۇللام .


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-6-10 11:19:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، جاپا تارتىپىسز.
ۋاقتى: 2015-6-11 12:28:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا ياخشى تىما يوللاپسىز، چوڭلار بىلەن پاراڭلاشقاندا ئانچە-مۇنچە ئاڭلىغان .تىخىمۇ ياخشى بۇلىۋالدىم.رەھمەت!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش